پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 8 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 62|ئىنكاس: 3

تۇرمۇش تەسىراتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

97

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
18 سەر
تىللا
14 دانە
تۆھپە
17 سەر
شۆھرەت
16 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-4 12:32:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uكەچمىشىڭنى سېغىن ،بولاي دىسەڭ باشقىلارغا يېقىن
تۇرمۇش خىلمۇ-خىل كەچمىشلەر بىلەن مەناغا باي بولىدۇ ،بۈگۈن مەنمۇ ئىشخانامدا ئەنە شۇ ئۇزۇن يىللىق كەچمىشلىرىمنى سېغىنىپ ،خىيال دېڭىزىدا تەنھا كېمەمنى ھەيدەپ ئولتۇرسام ،ئىشىك يېنىك چېكىلىپ ،رۇخسەتتىن سوڭرە خىزمەتدىشىم كىرىپ كەلدى ،ئۇ گەپنى تۈزلا قىلىپ :
_ ئاكا ،ئاغىنەمنىڭ بىر ئوغلى بار ئىدى ،بۇ بالىنىڭ ئاپىسى ئۆگەي دادىسى كىراكەشلىك بىلەن ئېشىنالمىغان شۇ ئىشلار بىلەن بۇ بالا يولدىن چىققىلى تۇرۇپتۇ ،شۇڭا بۇ بالىدىن دادىسىمۇ ،ئوقۇتقۇچىسىمۇ زېرىكتى . بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بايا ئۇ مېنىڭ ئالدىمغا كەپتۇ ،قانچە ئالساڭ ئال بالامنى توغرا يولغا باشلاپ بەرسەڭ دەيدۇ ،بۇ ئىشتا مېنىڭدە سىزگە يەتكۈدەك ئەمىلىي تەجىربە يوق بولغاچقا ئالدىڭىزغا كىرىشىم بۇ بالىغا بىر يېقىنلىشىپ باقارمىكىن دىگەن ئۈمىتتىمەن دىدى.
_ مەن كېسىپلا بولىدۇ كۆرسۈتۈپ قوي مۇڭدۇشۇپ باقاي دىدىم .خىزمەتدىشىم ئىشى ئوڭايلا پۈتكەن ھاجەتمەندەك خوشال چىقىپ كېتىپ ھايالشىمايلا 10-11ياشلار چامىسىدىكى بىر بالىنى يېنىمغا ئەكىرىپ قويۇپ ئۆزى چىقىپ كەتتى ،بالا گۆشىنى بىرى شىلىۋالغاندەك ئورۇق ،ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزىنىڭ ئاستى گىرۋەكلىرى كۆكىرىپ كەتكەن ئاۋارە بىر بالا ئىدى.مەن ئۇنى ئۆز يېنىمغا تارتىپ كىرىسلۇغا ئولتۇرغۇزغىنىمدا كىيىۋالغان مەكتەپ فورمىسىنىڭ ئىچىدە كۆڭلىكىنىڭمۇ يوقلۇقىنى بايقىدىم.ئۇ مەندىن قورىنىۋاتاتتى بىلىشىمچە ئۇ مەندىن ياخشى گەپ ئاڭلىمايدىغانلىقىنىمۇ ئاللىبۇرۇن پەرەز قىلىپ بولغان ئىدى.چۈنكى ئۇنىڭ بۇخىل ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىدىن بايقۇشنىڭ بىرەر قېتىممۇ مېھرىۋانلىقنىڭ لەززىتىدىن بەھىرمان بولۇپ باقمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ بولغان ئىدىم.
_ سېنى ئۆيۈڭگە بىر ئىككى كۈن بارمىساڭمۇ ،مەكتەپكە بىر ئىككى كۈن كەلمىسەڭمۇ ھېچكىم سۈرۈشتە قىلمايدۇ شۇنداقمۇ ؟دەپ سورىدىم.
_ شۇنداق دىدى ئۇ ھەيران قالغان ھالدا بۇرۇن سۈرۈشتە قىلاتتى ،تىللايتى ،ئۇراتتى دادام ،ئاپام ،ئوقۇتقۇچۇممۇ ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلمايدۇ.مەن كۆزۈمگە  يامراشقا ئاران تۇرغان  ياشنى ئاران توختىتىۋالدىم .چۈنكى بالا مېنىڭ 35يىلنىڭ ئالدىدىكى كەچمىشىمنى ئېسىمگە سالغان ئىدى.تارىخ قايتا تەكرارلانغاندەك <<توۋا>> دەپ ئىختىيارسىز ياقامنى چىشلىدىم .ھاياتتىن بەزگەن مەندەك بىر ئۆسمۈرنى بۈگۈنكىدەك بەختىيار ھاياتقا ئېرىشتۈرگەن مەرھۇم ئۇستازىم قۇربان رەخىمنى ئىختىيارسىز ئەسكە ئالدىم .
_ بۇ ئىشخانىنى ياقتۇردۇڭمۇ ؟
_ ياقتۇردۇم بەك پەيزى ئىكەن
_ ئۆيۈم بۇنىڭدىنمۇ پەيزى ،يەنە كېلىپ سېنى ئۆز ئىنىسىدەك كۆرىدىغان ئىككى مېھرىۋان ئاكاڭ بار ،ساڭا ۋەدە بېرەي ئۇلار سېنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ ،بالىنىڭ كۆزى چاقنىغاندەك بولدى مەن ئۇنىڭ تۆمۈر ۋېلكىدەك قولىنى سىلاپ قويۇپ
_ ماڭغىن سەن ھازىرچە چىقىپ تۇرغىن ،مېنىڭ بەزى ئىشلىرىم بار پۈتتۈرىۋالاي دەپ ئۇنى ئۇزۇتۇپ قويدۇم .ئۇ مېنىڭ  ئارقىسىدىن ئىشىككىچە ئۇزۇتۇپ چىققانلىقىمدىن يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدى.بالا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مەن ئۇنى تونۇشتۇرغان خىزمەتدېشىمنى چاقىردىم . مەقسىدىم ئۇنىڭدىن بالىنىڭ دادىسىنىڭ تېلفۇن نومۇرىنى سۈرۈشتە قىلماقچى ئىدىم.تېلفۇن تېزلا ئۇلاندى ، مەن ئۇنىڭ ئوغلى ھەققىدە ئەمدىلا ئېغىزىمنى ئېچىشىمغا :
_ ئۇستاز ، خاپا بولمىسىڭىز . مەن بەك ئالدىراش ئىدىم . _ دېدى ئۇ
_ ياق مەن سىزگە بالىڭىزنىڭ جىنايىتىنى داتلىمايمەن . بالىڭىز مېنىڭ ئۆيۈمدە جىق ئەمەس بىر ئاي تۇرۇپ بەرگەن بولسا ، سىز يېتىشەلمەيدىكەنسىز . دوستىڭىزنىڭ ھاۋالىسى بىلەن مەن بىر تەربىيلەپ باقسام دېمەكچى :
_ بولىدۇ ، بولىدۇ . رەھمەت مەن ھازىرلا يېنىڭىزغا باراي . بىز توختاملىشايلى قانچە دېسىڭىز بېرەي ._ مەن كۆرمىگەن بۇ ئادەم پېلۇمېتتىن ئوق ئېتىلغاندەك سايراپلا كەتتى .
_ بولدى . سىز ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ . بىز بىر ئايدىن كېيىن كۆرۈشەيلى ، قالغان گەپنى مېنىڭ خىزمەتدېشىم ، سىزنىڭ دوستىڭىزدىن ئاڭلىسىڭىز بولىدۇ . دېدىم .
شۇ گەپلەر دېيىلىپ بولۇپ ئەتىسى ئىشخانامنىڭ ئالدىغا كەلسەم ، ھېلىقى بالا مېنى ئىشخانامنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇپتۇ . شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ مېنىڭ كەنجى ئوغلۇمغا ئايلاندى . بالا بىلەن بىرگە بولۇش جەريانىدا ، مەسئۇلىيەتسىز ئاتا – ئانا بىلەن بالا تەربىيلەش تەجىربىسى يوق ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋالىلداپ تۇرغان گۆھەرنى بايقىماي نىجاسەتكە تاشلىۋەتكىلى قىل قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم .
بىر ئايدىن كېيىن بالىنىڭ دادىسى خۇشاللىقتىن ئاغزى قۇلىقىغا يېتىپ ئۆيۈمنى تېپىپ كەپتۇ . ئۇ ئوغلىنىڭ نۇرلىنىپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ ، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئۆزىنى بەك ماختاپ كەتكەنلىكىنى دەپ :
_ سىز خىزىركەنسىز ، بالام خىزىرغا يولۇقۇپتۇ . مەن بۇ بالىدىن ئۈمىد ئۈزگەن . سىز قۇتۇلدۇرىۋالدىڭىز .
_ ياق . _ دېدىم مەن كەسكىن تەلەپپۇزدا ، _ مەن خىزىر ئەمەس ، بۇنداق ئالىي باھا ماڭا ماس كەلمەيدۇ . بىراق مەندە مېھىر – مۇھەببەت ، مەسئۇلىيەت ،كەچمشىنى ئۇنتىمايدىغان ئېسىل خىسلەت بار . ئەگەر مەندىن چىن دىلىڭىزدىن رازى بولغان بولسىڭىز ئېسىل ماشىنىڭىز بار ئىكەن . سىز ۋە مەن ، مېنىڭ ئىككى ئوغلۇم سىزنىڭ « تۈزەلگەن بالا ئالتۇندىن ئەلا » دېگەندىكىدەك ، ئالتۇندەك بالىڭىز بىلەن مېنى مۇشۇ كۈنگە ئېرىشتۈرگەن ، ماڭا مېھىر – ۋاپانىڭ ، مەسئۇلىيەتنىڭ قۇدرىتىنى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن تونۇتقان بىر مۇبارەك زاد بار . ھازىر ئۇ 80 كېۇمېتىر يىراقلىقتىكى پىنھان بىر يېزىدا قارا تۇپراق ئاستىدا ، شۇ ئادەمنىڭ روھىغا دۇئا قىلىپ كەلسەك . _ دېدىم . ئۇ باش ئۈستىگە دەپ قوشۇلدى . يولغا چىقتۇق . ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە ئۆزىمىزگىلا مەلۇم بولغان بىر تۈرلۈك ھېسىيات رادىئۇ دولقۇنلىرىدەك ئەتراپلارغا تارىماقتا ئىدى . بۇ توقۇلما قىلىنغان ھېكايە ئەمەس . بەلكى يۇز بەرگىنىگە ئانچە ئۇزاق بولمىغان ھەقىقىي ۋەقە ، شۇڭا مەن بۇ يەردە مۇھاكىمە ئېلىپ بارمىدىم . ئەمما بۇ يازمىنىڭ ئاخىرىغا شۇنداق بىر قىستۇرمىنى قوشۇپ قويۇشقا توغرا كەلدى ،چۈنكى بىز ھەممىمىز بالىلىقتىن ئىبارەت بىغۇبار ئالتۇندەك دەۋىرنى باشتىن كەچۈرگەن ،ئەمما بىز كۆپ ھاللاردا ئاشۇ بالىلىقتىكى كەچمىشلەرنى تېزلا ئۇنتۇپ قېلىپ ،بالىلار ئۆتكۈزگەن كەمچىلىكلەرگە ئىلمىي تۇرغۇدىن قاراشقا سەل قارايمىز. بالا بىۋاستە ياخشى تەسىرنى ئائىلىدىن، مەكتەپتىن قوبۇل قىلالمىغاندىن كېيىن ئاسانلا جەمىيەتتىكى ئازدۇرغۇچى يامان تەسىرلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ ،بۇ يەردىكى بىۋاستە تەسىر بەك مۇھىم بولۇپ ،بۇ خىل بىۋاستە تەسىرنىڭ رولىغا سەل قارالغاندا ئەنە شۇنداق گۆھەردەك پەرزەنىتلىرىمىزنىمۇ بىر زەمبىل پوققا ئايلاندۇرۇپ قويۇمىز ،شۇڭا سىزگە دەيدىغىنىم بىز كەچمىشىمىزنى ئۇنتۇمىغان ھالدا بالىلىرىمىز بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇپ ئۇلارنىڭمۇ تۇرمۇشىدىن بەھىر ئېلىش بىلەن بىرگە ،ئۇلارنىڭ چۈشەنمەيدىغان رەڭگا –رەڭ دۇنياغا نىسبەتەن توغرا تونۇشقا ئىگە بولىۋېلىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشنى كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمى قىلىشىمىز زۆرۈر ،ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم ھە دىسە ھەرتەرەپتىن ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭلا يېقىن ئادىمى بولۇشتىن ساقلىنىپ ،ئەنە شۇنداق نىمىنىڭ توغرا ،نىمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى پەرىقلەندۈرۈشتە گاڭگىراپ قېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى سىرداش قىلالىسا بىزنىڭ مائارىپىمىزدا كۈتمىگەن يېڭىلىقلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى شەكسىز . دۇنيادىكى ئۇلۇغ ئەرباپلار ۋە كۆزگە  كۆرۈنگەن شەخىسلەرنى كۈزەتكىنىمىزدە ،ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ بالىلىق ۋاقتىنىڭ ئىنتايىن جاپا مۇشەققەتتە ئۆتكەنلىكىنى ۋە تۇرمۇشتا ئادالەتسىز مۇئامىلىگە يولۇققانلىقىنى كېيىن ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە توغرا يول تېپىپ كىشىنى تاڭ قالدۇرىدىغان نەتىجىلەرنى ياراتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئاپتورنىڭ يېڭى تېمىلىرى

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-4 13:55:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنبە نى  ئەسكەرتىپ  قۇيىڭە  ئادەم نىمە دىيىشنى  بىلمەي قالىدىكەن.
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5084 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9295 سەر
شۆھرەت
4202 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-4 15:00:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كەچمىشلەرنى ئوقۇپ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ مۇھىم نەرسىنىڭ ئىشەنچ بىلەن مېھرى - مۇھەببەت ، ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چۈشىنىپ يەتتىم .

2

تېما

0

دوست

97

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
18 سەر
تىللا
14 دانە
تۆھپە
17 سەر
شۆھرەت
16 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-4 16:14:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنبە ئۆزۈم ،مەن كۆپ ھاللاردا ماڭا بىۋاستە تەسىر قىلغان ئىشلارنى تەسىرات خاراكتىرىدە يېزىشقا ئادەتلەنگەن ،شۇ سەۋەپتىن مەنبە ھەققىدە ئەسكەرتىش بېرىشكە سەل قاراپتىمەن .بۇندىن كېيىن دىققەت قىلىمەن ياردىمىڭىزگە رەھمەت .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 08:45, Processed in 0.439894 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش