| 1 . نىكاھدىن ئاجرىشىش سوتچى بىر جۈپ ئەر-خۇتۇننىڭ نىكاھدىن ئاجرىشىش ھۆكۈمىنى چىقىرىپ بولغاندىن كىيىن . بەش ياشلىق ئوغلىدىن سوراپتۇ : _ سەن قايسى تەرەپتە تۇرۇشنى خالايسەن ؟ _ كومپىيوتېر بىلەن تېلىۋزورنى قايسى تەرەپكە بۇيرۇپ بەرگەن بولسىڭىز ،شۇ تەرەپتە تۇرۇشنى خالايمەن -دەپتۇ ئوغلى. 2 . كۆپ بالىلىق ئائىلە بىر ئايال ئالتە بالىسىنى ئېلىپ پويىزغا چىقىپتۇ ،بالىلار بولسا شوخلۇق قىلىپ ئەتراپتىكى يولۇچىلارغا زادى ئاراملىق بەرمەپتۇ.ئۇلارنىڭ قىيا-چىياسىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن بىر يولۇچى مۇنداق دەپتۇ : _يولغا چىققاندا ھېچ بولمىغاندا بالىلارنىڭ يېرىمىنى ئۆيگە قويۇپ قويسىڭىز بولمامدۇ !_ دەپ ئاغرىنىپتۇ . _بۇنى قانداق بىلىۋالدىڭىز ، ئەپەندىم مەن باشقىلارغا دەخلىسى بولارمىكىن دەپ ئەنسىرەپ ، بالىلىرىمنىڭ يېرىمىنى دادىسى بىلەن بىللە ئۆيدە قويۇپ قويغان ئىدىم ،_دەپتۇ ئايال تەئەججۈپلەنگەن ھالدا . 3 . تىنىچلىنىش يولدا ئىككى ماشىنا سوقۇشۇپ كىتىپ ،شوپۇرلار قاتناش ساقچىسىنىڭ كېلىپ بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ.. ئارىدىن بىرىسى بىر ساندۇق پىۋىنى يانا بىر شوپۇرغا سۇنۇپ : _ كەل بۇنى ئىچىپ تىنىچلىنىۋالغىن،_ دەپتۇ _ سەن ئىچمەمسەن ؟- دەپتۇ يەنە بىرسى بىر يۇتۇپ ئىچەندىن كىيىن . _ مەن ساقچى كىلىپ ، قېنىمنى تەكشۈرەپ بولغاندىن كىيىن ئىچەي ،_ دەپتۇ شوپۇر ئۇستام . 4 . جەرىمانە قاتناش ساقچىسى ۋېلىسپىت مىنىپ كېتىۋاتقان پوپنى توسۇپ مۇنداق دەپتۇ : _كەچۈرۈڭ ، ئەپەندىم ،ۋېلىسپىتىڭىزنىڭ چىرىغى ۋە تورمۇزى يوق بولغانلىقدىن 10 يۇئەن جەرىمانە قويىمەن-، دەپتۇ . بالام ، پەرۋەردىگار مىنى ئۆز پانايىدا ساقلايدۇ ،_ دەپتۇ پوپ . _ئادەم ئېلىپ ۋېلىسپىت مىنسىڭىز يەنە 10 يۇئەن جەرىمانە تۆلەيسىز ، _دەپتۇ قاتناش ساقچىسى . 5 . ئېغىر ئېلىش ناھايتى بەك سەمرىپ كەتكەن ئايال ھەر خىل ئاماللارنى قوللىنىپمۇ ، ھىچقانداق ئۈنۈمىنى كۆرەلمەپتۇ .يېقىندىن بىرى ئۇ تېىخىمۇ سەمرىپ كىتىپ ،كىيىملىرى پاتمايلا قاپتۇ .بىر كۈنى ئۇ ئىرىگە ئاغرىنىپ مۇنداق دەپتۇ : نەۋرىلىك بولۇپ قانچە سەمرىسەممۇ ، ھىچكىم ئېغىر ئالمىسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى _ ھە؟ _ئۇ چاغدىمۇ ئېغىر ئالىدىغانلار چىقىدۇ ؟_ دەپتۇ ئىرى . _ كىم چىقىدۇ ؟ _ نەۋرەڭنىڭ بوۋېسى دەپتۇ ، _ ئىرى 6 . پۇل ئەۋەتىش قىزغىن مۇھاببەتلىشىۋاتقان ئوغلى بېخىل دادىسىدىن پۇل سوراپ مۇنداق دەپ خەت يېزىپتۇ . قەدىرلىك داد :ئەگەر مىنى ياخشى كۆرسەڭ .ماڭا 20 يۇئەن ئەۋەتىپ بەر .مەن ئۇ پۇلغا بولغۇسى خۇتۇنۇم بىلەن ئىككىمىز تويلۇق سۆرەتكە چۈشۈپ ، ئەۋەتەي دىگەن ئىدىم ،_ دەپتۇ . بۇ خەتنى كۆرگەن دادىسى مۇنداق جاۋاپ خەت يېزىپتۇ : بالام : سەن ئاشۇ بولغۇسى خوتۇنۇڭنىڭ سۆرىتىنىلا ئەۋەتكىن ،سىنىڭ ئەپتىڭ ماڭا بەش قولدەك ئايان ،سۆرىتىڭنى ئەۋەتمىسەڭمۇ بولىدۇ ،: دەپتۇ دادىسى . مەنبە : تەرمىلەر ژورنىلى
|
|