| نۇرلان ئەپەندىم، تورداش دوستلار، ياىشىمۇسىلەر؟ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزغا قارىغاندا بىر ئوچۇم قارىنىيەتلەرنىڭ بايقاش مۇنبەرگە 2-قېتىم ھۇجۇم قىلىشى مۇشۇ ئاينىڭ 17- ۋە 18-كۈنلىرىدىن باشلانغان. ئۇلار ئاۋال مۇنبەرنىڭ مەشخۇلات مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، مۇنبەرنىڭ مەشخۇلات تەرتىۋىنى، مەشخۇلات كۆزنەكلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرغان، 25-چىسلا كېچىدە مۇنبەردىكى تېما-ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۈشكە باشلىغان. 26-چىسلا سەھەرگىچە 20000 دىن ئارتۇق ماتىرىيال، تېما-ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۈۋەتكەن. بەلكىم ئۇلار بۇ سۈيىقەستلىك ھەركىتىنى قۇربان ھېيتىمىزغا توغرىلىغان بولسا كېرەك، چۈنكى ئۇلار‹‹ ھېيت كۈنى ھەممە ئادەم ھېيت ئالدىراشلىقى بىلەن بۇلۇپ كېتىپ، مۇنبەرگە ئادەم كىرمەيدۇ، بايقاش مۇنبىرىنى يوق قىلىۋەتسەكمۇ بىركىم سەزمەي قالىدۇ....›› دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك. بەختكە يارىشا تورداش دوستلار بۇ ئىشنى ۋاختىدا بايقاپ، ئاتامان ۋە باشقۇرغۇچىلارغا مەلۇم قىلغان. 26-چىسلا كەچتە ئاتامان ئادمىن ئەپەندىنىڭ جىددى تەدبىر قوللىنىشى نەتىجىسىدە قارانىيەتلەرنىڭ مۇنبەردىكى تېما-ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۈش ھەركىتى تىزگىنلەندى، قارانىيەتلەرنىڭ مۇنبەردىكى قارا قولى ئۈزۈپ تاشلاندى. 27-چىسلا ئادمىن ئەپەندىنىڭ پۈتۈن بىر كۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرىشى نەتىجىسىدە قارانىيەتلەر تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلگەن تېما-ئىنكاسلار مۇنبەر ساندانىدىن يۆتكىلىپ، بىر-بىرلەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ماتىرىياللارنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش، ئانالىز قىلىش ئارقىلىق 10-ئاينىڭ 23-كۈنى شىنجاڭ ۋاختى كەچ سائەت 10 دىن بۇرۇن يوللانغان تېما -ئىنكاسلارنىڭ پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلگەنلىكى، ئۇنىڭدىن كېيىن يوللانغان ماتىرىياللارنىڭ ئەسلىگە كەلمىگەنلىكى ئېنىقلاندى. بۇنداق بۇلۇشىدا 23-چىسلا كەچتىن كېيىن يوللانغان تېما-ئىنكاسلار مۇنبەر ساندانىدا ساقلانمىغان، چۈنكى مۇنبەر ساندانى يوللانغان تېما-ئىنكاسلارنى بىر ھەپتىدە بىر قېتىم زاپاسلاپ ساقلايدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويۇلغان. بۈگۈن بايقاش مۇنبىرى يېڭىچە قىياپەت بىلەن ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن نۇرغۇن تورداشلار ئۆزلىرىنىڭ مۇنبەرگە تېما-ئىنكاس يوللاپ ئېرىشكەن مۇنبەر جۇغلانمىلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئازلاپ قالغانلىقىنى، بۇلارنى مۇنبەر ئىشخانىسى تەرىپىدىن تولۇقلاپ بېرىلەمدىغانلىقىنى سوراپ تېما-ئىنكاس يوللاپتۇ. بۇ يەردە مەن كەڭ تورداشلارنىڭ مۇنبەرنى، مۇنبەردىكى ئاتامان ۋە باشقۇرغۇچىلارنى چۈشۈنىشىنى، 23-چىسلا كەچتىن كېيىن يوللىغان تېمىلىرىنى قايتا يوللىشىنى، قايتا يوللانغان تېمىلارغا ئىنكاس ۋە باھا يېزىشىنى، بۇ ئارقىلىق ئازلاپ كەتكەن مۇنبەر جۇغلانمىلىرىنى تولۇقلىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. مۇنبەر جۇغلانمىسى ئازلاپ كەتكەن، قايتا تېما يوللايدىغانلار ئىچىدە ئاتامان ۋە باشقۇرغۇچىلارمۇ بار. مەنمۇ 23-چىسلا شىنجاڭ ۋاختى 11:30 دا يوللىغان ‹‹بايقاش مۇنبىرىدە مۇشائىرە پائالىيىتى باشلاندى›› ناملىق تېمىنى قايتا يوللايمەن. بايقاش مۇنبىرىنىڭ مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە ئىككى قېتىم قارانىيەتلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى_ مۇنبەردىكى بارلىق تورداشلارغا بايقاش مۇنبىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز تەرەققى قىلغانلىقىنى، گۈللىنىۋاتقانلىقىنى، مۇنبەرنىڭ بۇ نەتىجىلىرى ئوچۇق-ئاشكارا، ئادىل رىقابەتكە يارىمايدىغان، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان، چىدىماس،ناكەسلەرنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرغانلىقىنى، مۇنبەردىكى تورداش دوستلارنىڭ ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىشىپ كۈچلۈك مۇداپىيە سېپى بەرپا قىلىپ، مۇنبەرنى يەنىمۇ گۈللەندۈرۈپ، رەزىل دۈشمەنلەرنى قان يىغلىتىشىمىزنىڭ زۈرۈرلىكىنى تونۇتتى. بايقاش مۇنبىرىنى قوللىغان، مۇنبەرنى، مۇنبەردىكى ئاتامان ۋە باشقۇرغۇچىلارنى توغرا چۈشەنگەن تورداش دوستلارغا كۆپ رەخمەت! |
|