پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 87|ئىنكاس: 4

ھاجىتىنى راۋا قىلايلى ئەمما غۇرۇرىغا تەگمەيلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 23:22:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنىڭ تۇغۇلىشى تەبىئىي جەريان، ئەمما ئۆسۈپ يېتىلىشى بولسا، ئىجتىمائىي جەرياندۇر. شۇڭىلاشقا جەمىيەتتە ياشاش جەريانىدا، بىر-بىرىمىزگە ھاجىتىمىز چۈشىشى، بىر-بىرىمىزنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىشىمىز مۇمكىن. باشقىلارغا ياردەم قىلىش، ئۇلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش پەننىي جەھەتتىن ئېيتقاندا ياخشى ئىش، دىننىي نوقتىدىن ئېيتقاندا ساۋاپ ئىش. بۇ جەمىيەتتە ياشاش جەريانىدا ھېچكىم "مەن ھېچقانداق ئادەمگە موھتاج بولمايمەن، ھەممە ئىشىمنى ئۆزۈم قىلىپ، بارلىق قىيىنچىلىقىمنى ئۆزۈم ھەل قىلالايمەن" دېيەلمەيدۇ. چۈنكى، دۇنيادا بارلىق ئىشلارنى تۇتقان ئەمىلىمىز ياكى تاپقان بايلىقىمىزغا تايىنىپ ھەل كېتەلىشىمىز ناتايىن. ھەتتا، پادىشاھ بولغان تەغدىردىمۇ ئۇنىڭ يەنىلا قول ئاستىدىكى كىشىلەرگە ھاجىتى چۈشىشى مۇمكىن. قارىماققا پادىشاھ قول ئاستىدىكى كىشىلەرگە بۇيرۇق بىلەن قىلماقچى بولغان ئىشىنى قىلدۇرماقچى بولغاندەك تۇرسىمۇ، ئەمىلىيەتتە بۇ شەكلى ئوخشىمىغان ھاجىتىنى راۋا قىلىش ئۇسۇلىدۇر.

   جەميەتتىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇرەككەپلىشىشى، ئىش تەقسىماتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، بايلىقنىڭ تەقسىم قىلىنىشىنىڭ تەكشىسىزلىكى، تاسادىبىي ھادىسلەرنىڭ كىشلەرگە ئېلىپ كەلگەن بالايى-ئاپەتلىرى قاتارلىق ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى كۆز ئالدىمىزدا ھەقىقىي ھاجەتمەن كىشىلىرىمىز دائىم چىقىپ تۇرىۋاتىدۇ. مەسىلەن ئالايلى: ياشانغان، ئىگە-چاقىسى يوق كىشىلىرىمىز؛ئۆزى ياكى بالىلىرى ئېغىر كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ داۋالىنىشقا ئىمكانىيىتى بولمايۋاتقان كىشىلىرىمىز؛كۈچلۈك ئوقۇش ئارزۇسى بولسىمۇ، ئەمما ئائىلىسىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئوقۇش شارائىتىغا ئىگە بولالمايۋاتقان سەبىيلىرىمىز؛ تەبئىي ئاپەتكە ئۇچىراپ ئىقتىسادىي جەھەتتە ۋەيران بولغان قېرىنداشلىرىمىز قاتارلىقلار ھەققىي ھاجەتمەنلەر قاتارىدىكى كىشىلىرىمىز ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردىكى ھاجەتمەنلىك ھەرگىزمۇ ئارقا ئىشىك يولى بىلەن سودا يولى ۋە باشقا غەيرىي يوللارنى ئېچىش، زۆرۈر بولمىغان ئىشلارنى شەخسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى كۆرسەتمەيدۇ. شۇڭىلاشقا، بۇ يەردىكى "ھاجەتمەنلىك"نىڭ مەنىسىنى ياخشى ئېنىقلىۋىلىش بەكمۇ زۆرۈر.

      بىز يۇقىردا ھەقىقي ھاجەتمەنلەرنىڭ شەكىللىنىشىدىكى سەۋەبلەرنى يۈزەكى كۆرسىتىپ ئۆتتۈق. ئەمدى بۇلارنىڭ ھاجەتلىرىنى توغرا ۋە ئۈنۈملۈك يول بىلەن ھەل قىلىش ئۇسۇلى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەيلى. مەيلى ھۆكۈمەت تەرەپتىن بولسۇن ۋە ياكى كوللىكتىپ، شەخىسلەر تەرپىدىن بولسۇن،  جەمىيەتتە ھاجەتمەن كىشىلەرگە ئۆزلۈكسىز ياردەم بېرىلىپ كېلىۋاتىدۇ. تېلېۋىزۇر ۋە مەتبۇئاتلاردا "پالانى كىشى پوكۇنچىغا مۇنداق نەرسە بېرىپ ھال سورىدى، پالانى ئىدارە مانچىلىك پۇل چىقىرىپ پۇستانىغا مىھىر_شەپقەت يەتكۈزدى"دېگەندەك خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرۋاتىمىز. ھەر قېتىم مۇشۇنداق خەۋەرلەردە چىقىدىغان ئاشۇ ھاجەتمەن كىشىلىرىمىزنىڭ ئوڭايسىزلانغان تۇرقىنى كۆرسەم ئىچىم سېرىلىپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ مەيۇس ۋە مىسكىن چىرايىغا، غورۇرى سۇنغانلىقىنى چاندۇرۇپ بېشىنى تۆۋەن سېلىشلىرىغا قارىغان ھەر قانداق بىر ئادەم مۇشۇنداق تۇيغۇغا كەلمەي قالمايدۇ.    ياردەم بېرىش، ساخاۋەت قىلىش، باشقىلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش ياخشى ئىش، لېكىن "سەن نامرات، مەن باي بولغاچقا، بۇ نەرسىلەرنى ساڭا مەن بەردىم"دېگەندەك بۇنى خەلقى ئالەمگە جاكارلاپ بېرىشىمىزنىڭ زۆرۈريىتى بارمۇ-يوق؟ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھاجىتى راۋا قىلىنغانلارنىغۇ ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالارغا كۆيۈنىۋاتقانلىقىنىڭ بىر خىل تەشۋىقاتى ۋە ياكى قىسمەن كىشىلەرگە ياردەم بەرگەنلىكىنى تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقىتىپ باشقىلارنى مۇشۇنداق خەير-ئېھسانلىق ئىشلارغا دەۋەت قىلدى، دەپ قاراپ توغرا چۈشەنسەك. ئەمدى ھەر خىل يوللار بىلەن قولىمىز ئازراق پۇل كۆرگەندىن كېيىن بىر نەچچە خالتا ئۇن بىلەن بىرەر قويىمىزنى تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ مۇخبىرلىرى بىلەن بىللە يەتكۈزۈپ بېرىشىمىز ھەققىي مەنىدىكى خەير-ئېھسانمۇ ئەمەسمۇ؟بۇ بىز قايتا-قايتا ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە. ئەلۋەتتە، نۇرغۇن كىشىلەر ھېچكىمگە تۇيدۇرماي خەير-ئېھسان پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. لېكىن ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، داۋراڭ يولى بىلەن بۇ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش بارغانسىرى كۆپىيىپ بارماقتا. خۇددى بۇنىڭدىن بۇرۇن ھېچكىم بۇنداق ئىش قىلىپ باقمىغاندەك، خەيىر-ئېھسان يېقىنقى ئون-يىگىرمە يىل ئىچىدە بارلىققا كەلگەن يېڭى شەيئىدەك تۇيغۇ بېرىلىشكە باشلاۋاتىدۇ. بۇ خىل قىلمىشلىرىمىزنىڭ ئالدى ئېلىنمىسا، ھاجەتمەن كىشىلەرگە نىسبەتەن ھاجىتىدىن كەلگەن بېسىمنىڭ ئۈستىگە قوشلاپ بېسىم چۈشۈرۈپ قويغاندەك بىر ئىش بولۇشى مۇمكىن.






نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق يول بىلەن ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىدىغان بولدۇق؟ "بېيىغاندا ئۆز يۇرتداشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى" دېگەن قالپاقنى كېيىشمۇ؟ زامانىۋىي ئۇسۇلدا ئۆز يۇرتداشلىرىغا كۆيۈنۈشمۇ؟ جامائەت ئارىسىدا ئابروي-ئىناۋەت قازىنىشمۇ؟ بۇنىڭدىكى مەقسەت ياكى مۇدىئانىڭ قانداقلىقىغا ھۆكۈم قىلىش بىر ئاز قىيىن. بۇنداق دېسەم بەلكىم" ئۆزۈڭ قىلالامايسەن، باشقىلار قىلسا كۆرەلمەيسەن؟" دەيدىغانلار خېلى كۆپ چىقار. بۇ ئېنىق مەسىلە. ئەلۋەتتە،بۇيەردە ئۆزۈمنى ئاقلاپ،تەشۋىق قىلىپ ئولتۇرسام، مەنمۇ داۋراڭچىلارنىڭ چاپىنىنى كۆتۈرگەن بولىمەن.          دىننى نوقتىدىن ئېيتقاندا، تاپقان بايلىقىمىزدىن يىتىم-يىسىر ۋە قولى قىسقىلارغا ھۆشىرە زاكات بېرىش بۇ بىزگە پەرھىز. مېنىڭچە، بۇ پەرھىزنى ئادا قىلىدىغانلار ئادا قىلمايدىغانلار چوقۇم كۆپ. ئەمدى ھەمىمىز ھۆشىرە-زاكاتنى باشقىلارغا كۆرسىتىپ بېرىشىمىز كېرەكمۇ؟ بۇ يەردە "مەن پالانىغا مەلۇم نەرسىنى بەردىم، مانچىلىك بەردىم، پالانچى كۈنى بەردىم"دېگەن داۋراڭلار مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى، بىزنىڭ قانچىلىك بېرىشىمىزدىن قەتئىينەزەر چىن يۈرىكىمىزدىن چىقىرىپ خالىسلىق بىلەن تەقدىم قىلىشىمىزدا. شۇنىمۇ ئويلاپ بېقىش كېرەككى، بىز بەرگەن شۇ ئازغىنە نەرسىلەر بىلەن ھاجەتمەن كىشى پۈتۈنلەي بېيىپ كېتىشى ياكى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كېتىشى ناتايىن، ئۇ نەرسىلەر پەقەت ئۇنىڭ ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقىنىلا ھەل قىلالايدۇ خالاس. ئويلىنىپ باقايلى،داۋراڭ بىلەن يەتكۈزگەن مىھىر-شەپقەتلىرىمىزنىڭ قىممىتىنى بەك يۇقىرى چاغلاپ كەتتۇقمۇ قانداق؟





2012-10-10 12:08:02 AM چىقىرىشچۈشۈرۈش (99.05 KB)

بىر ۋاقىتتا،شىنجاڭ تىلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ "كۆڭۈلدىكى سۆز "پروگراممىسىدا مىھرىبان ئانىلار كوللىكتىپىنىڭ قۇرۇغۇچىسى رەيھان ئاپپاي بىلەن ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھەسەنجان ئاكا ۋە تۇرسۇن ھەسەن ئاكىلار سۆھبەتتە بولدى. سۆھبەتتە ماڭا ئۈمىد غېنىنىڭ مۇنۇ گېپى بەك تەسىر قىلدى.ئۈمىد غېنى مۇنداق بىر سۆزنى ئوتتۇرغا قويدى:"بىز يادەمگە ئېرىشكۈچىلەرنى ئەمەس بەلكى،ياردەم بەرگۈچىلەرنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشىمىز كېرەك،قىلغان ياردىمىمىز باشقىلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە دەخلى قىلمىغان ئاساستا بولىشى كېرەك"، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەسەنجان ئاكا مۇنداق بىر مىسالنى ئوتتۇرغا قويدى" مەن بىر ئىككى يىل بۇرۇن مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ تۆت-بەش بالىنى زىيارەت قىلدىم.بۇ بالىلارنىڭ ھەقىقەتەن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار،بۇ بالىلار بىلەن پاراڭلىشىپ" بالام ساڭا بۈگۈن ياردەم قىلىمىز،سېنى تېلېۋىزۇر، گېزىت_ژورناللاردا ياردەم قىلدۇق،دەپ كۆرسەتسە خالامسەن؟دەپ سورىدۇم. قارىسام گەپ قىلماي تىرنىقىنى تاتلاپ ئولتۇرىدۇ. "راست گەپ قىل، سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاب بەر"دېدىم. ھېلىقى بالا:مەن خالىمايمەن.پۇلنى ماڭا بەرمىسەڭلارمۇ مەيلى، ياردەم قىلمىساڭلارمۇ مەيلى،مېنى تېلېۋىزۇرلارغا چىقارماڭلار،دەپ جاۋاب بەردى. مەن قايتۇرۇپ نېمىشقا؟ دەپ سورىدىم. ئۇ بالا:سىلەر ياردەم قىلىپ كېتىسىلەر، سىلەر كەتكەندىن كېيىن، بالىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالساق، بىزنى دىۋانە،يېتىم ئوغلاق، دەپ ھاقارەت قىلىدۇ" دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ بۇ مىسالنىڭ ئاخىرىدا قوشۇمچە قىلىپ "بىز ھەتتا ياردەم قىلغان بالىلارنىڭ ئىسىملىكىنىمۇ ئېلان قىلمايمىز، "مەلۇم بالا"دەپلا ئالىمىز دېدى.

مېنىڭچە،باشقىلارنىڭ ھاجىتىنى ھەقىقىي مەنىدە راۋا قىلىش مانا يۇقىرقىدەك شەكىلدە بولغىنى ئەڭ ياخشى. باشقىلارغا خالىس ياردەم قىلىش ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەخلاقىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى. ئەنىۋەر سەمەد قورغانننىڭ "ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ئەخلاقى"ناملىق كىتابىنىڭ 143-ۋە 144-بەتلىرىدە مۇنداق بايانلار ئۇچىرايدۇ: "ئۇيغۇرلار جەمىيەتتىكى باي-نامراتلىق پەرقىنىڭ زورىيىپ كېتىشىگە قارشى تۇرۇش ئاساسىدا، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز قۇدىرىتىگە يارىشائۆزىدىن كەمبەغەلرەك كىشىلەرگە ۋە ئىگە-چاقىسىز،يېتىم –يىسىرلارغا ياردەم قىلىش، مەجبۇرىيىتى بار دەپ قارايدۇ. بۇ ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ھەر بىر كىشىنىڭ يالغۇز دىننىي مەجبۇرىيىتىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتى دەپ تونىلىدۇ. ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئەزەلدىن بۇيان بايلارنىڭ ، ھال كۈنى ياخشى كىشىلەرنىڭ كەمبەغەللەرگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش، يىتىم-يىسىرلەرگە ۋە ئاجىز ،ئىگە-چاقىسىزلارغا سىلە-رەھىم قىلىشى ئەڭ چوڭ ياخشىلىق دەپ تونۇلغان. بۇنداق تونۇش ئىسلام دىننىي شارائىتىدا تېخىمۇ كۈچىيىپ دىننىي مەجبۇرىيەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. ئىسلام دىنندا كىشىلەرنىڭ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشىنىڭ ئاشكارا بولۇشتىن مەخپىي بولۇشى تېخىمۇ قۇۋۋەتلەنگەن.................."

يۇقىرقى بايانلارنى تېخىمۇ قۇۋۋەتلەيدىغان مۇنداق بىر ھەدىس بار: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە مۇنداق دېيلگەن:يەتتە تۈرلۈك كىشى بار، قىيامەتتە قاتتىق ئىسسىق بولۇپ،ئەرشنىڭ سايىسىدىن باشقا سايە يوق چاغدا ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئەرشنىڭ ئاستىدا سايىتىدۇ"1)ئىمانى كامىل ئادىل پادىشاھ؛ 2)ياش چېغىدىن تارتىپ ئىزچىل ئىبادەت قىلغان كىشى؛3) قەلبىي داۋاملىق مەسچىتكە باغلانغان كىشى؛ 4)ئاللاھ يولىدا دوست بولۇشقان كىشىلەر؛ 5)بىر گۈزەل ئايال چاقىرسا، ئاللاھتىن قورقىمەن، دەپ تەلىپىنى قۇبۇل قىلمىغان كىشى؛6)سەدىقىنى ئىنتايىن مەخپىي ھالدا قىلغان كىشى؛ 7)خالىي بىر جايدا ئاللاھنى ياد ئېتىپ ياش ئاققۇزغان كىشى" (بۇخارى توپلىغان).

دېمەك مەيلى، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ئەخلاق نوقتىدىن ئېيتايلى، مەيلى ئىسلام دىننىي شەرىئىتى نوقتىدىن ئېيتايلى. باشقىلارغا قىلغان ياردىمىمىز قانچە مەخپىي بولسا شۇنچە ياخشى. ئاخىردا دېمەكچى بولغىنىم، توغرا يول بىلەن پۇل تاپايلى! ئۇنى توغرا يوللارغا سەرپ قىلايلى!تاپقان مېلىمىزدىن تىگىشلىكنى ھاجەتمەن كىشىلەرگە خەير-ئېھسان قىلايلى!بۇ خەير-ئېھسانىمىز قەتئىي مەخپىي بولسۇن. ئۇلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلايلى،ئەمما غورۇرىغا تەگمەيلى!



ئەسكەرتىش:يۇقىرقى ماقالىدىكى كۆز قاراشلاردا يۈزەكىيلىك ۋە ئىلمىي جەھەتتىكى خاتالىقلار بولسا،دوستلارنىڭ سەمىمىي تەنقىد قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
  

مەنبەسى:لوپنۇرى
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

233

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5082 سەر
تىللا
904 دانە
تۆھپە
9294 سەر
شۆھرەت
4200 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 23:36:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر بىر كىشى بىلىپ قويۇشقا تىگىشلىك ناھايتى  ياخشى تېما يوللاپسىز .
ئەجداتلىرىمىز مۇنداق دىگەن« ئوڭ قولۇڭ بەرگەن سەدىقىنى ، سول قولۇڭ بىلمىسۇن »

29

تېما

3

دوست

2630

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
661 سەر
تىللا
170 دانە
تۆھپە
472 سەر
شۆھرەت
449 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 23:49:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەلۋەتتە ئىنتايىن توغرا ئىش ئىدى.
بىراق ھازىر جەمىيەتتە مۇنداق ئىشلارنى داۋراڭ قىلىش مودا بولىۋاتىدۇ. ياردەم قىلغۇچىلارمۇ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ، گېزىتخانىنىڭ مۇخبىرى كەلمىگىچە شۇنداق بىر پائالىيەتنى باشلىمايدۇ.
بىر قىسىم ساخاۋەتچىلىرىمىز باجدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنمۇ ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قىلغاننى دوراپ داۋراڭ سالىدۇ.

102

تېما

36

دوست

8227

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1689 سەر
تىللا
375 دانە
تۆھپە
1678 سەر
شۆھرەت
1736 سەر

مائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 02:24:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىسىز.بولۇپمۇ ھازىرقىدەك داغۋازلىق ئەۋىج ئېلىۋاتقان جەمئىيتىمىزدە بۇنداق ئىشلار ناھايىتى كۆپ بولۇۋاتىدۇ. ياردەم دېگەننى ھېچقانداق شەخسىي غەرەزنى ئارىلاشتۇرماي،باشقىلارغا بىلىندۈرمەي قىلغان ئەڭ ئەۋزەل.
قاچانمۇ تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس،خەلق ئۈچۈن،مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلارمىز؟

44

تېما

16

دوست

4762

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1099 سەر
تىللا
219 دانە
تۆھپە
1123 سەر
شۆھرەت
793 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 03:56:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى ، باشقىلارغا قىلىنغان ياردەم ساۋاپلىق ئىزدەپ قىلىنىدۇ. ئۇنى بىز داۋراڭ قىلمىساقمۇ ، قارا كېچىدە ، قارا تاشنىڭ ئۈستىدە ، قارا چۆمۈلىنىڭ ئۆمىلەۋاتقانلىقىنى كۆرگەن زات چوقۇم كۆرەلەيدۇ ئەمەسمۇ؟!
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 02:22, Processed in 0.378504 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش