ئېسىت قىز (ئابدۇللا ياقۇپ) قېنى نومۇس سەندىكى ، قېنى ۋىجدان ، ئېست قىز، ئازدۇردىمۇ يولۇڭدىن پەيلى شەيتان، ئېسىت قىز. . ئۇنتۇپ ئەجداد-ئەسلىڭنى، قىلساڭ ۋەيران نەسلىڭنى، سۈكۈت قىلىپ تۇرامدۇق چەكمەي پىغان، ئېسىت قىز. . سۈيى سۈزۈك دەريانىڭ ، گۈزەللىكتە رەنانىڭ، كەتتىڭ ئەجەپ بۇلغىنىپ، بولدۇڭ خازان ،ئېسىت قىز . . چۆرۈپ ياخشى خىسلەتنى، يۇقتۇرۇپ كىر ئىللەتنى، يۈدۈپ يۈرۈپ زىللەتنى، قىلدىڭ يامان ئېسىت، قىز. . خارلاپ قەدىر-قىممەتنى،ساتتىڭ نومۇس ئىپپەتنى، پەرق قىلسۇن قانداقمۇ سەندىن ھايۋان ، ئېسىت قىز. . "ئاق"نى چەكتىڭ توختىماي، سېلىپ پەريات ئۇخلىماي، بولدى ئەشۇ چىرايىڭ خۇددى سامان ،ئېسىت قىز. . قول ئۈزمىدىڭ ھاراقتىن ، چىقالمىدىڭ قاۋاقتىن، قۇتۇلالماي توزاقتىن،تۆكتۈڭ قان-ياش ، ئېسىت قىز. . پۇرسەت گاھى كەلسە ئەپ،جاننى تىكتىڭ پۇلنى دەپ، ئوغرىلىدىڭ يانچۇقتىن تالاي ھەميان ،ئېسىت قىز. . كېلىپ كۈلپەت بېشىڭغا، توپا چۈشتى ئېشىڭغا ، زەھەرلىدى جىسمىڭنى چېقىپ چايان ، ئېسىت قىز. . سۇنۇپ شۇنداق قاناتىڭ،بولسا نابۇت ھاياتىڭ، پەرۋا قىلماي يۈرەمسەن، بولۇپ نادان ئېسىت قىز. . داغ چۈشۈرسەڭ نامىڭغا،ئېچىنمامسەن ھالىڭغا، بولساڭ دەيمەن قايتىدىن ياخشى ئىنسان ،ئېسىت قىز. . 1997-يىل 7-ئاي مەنبە : ئابدۇللا ياقۇپنىڭ "ئاچكۆزلەر" ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. |