رۇبائىيلار (ئابدۇللا ياقۇپ) 1 ئوغرى "تۇت" دەر ئوغرىنى ، ئۆزى تېشىپ مورىنى. كېسەل تۇرسا پارىخور، پۇقرا يەمدۇ دورىنى؟! 2 سۆيسە سېنى دىلىدىن بىرسى، ھومىيىدۇ نېرىدىن بىرسى. ھەزەر قىلغىن قۇرىدۇ قاپقان، تۆت ئۈلپەتنىڭ ئىچىدىن بىرسى. 3 ھەقنى ھەق دېسەم قانىدى بۇرنۇم، تۆردىن پەگاھقا يۆتكەلدى ئورنۇم. تاغدا ياشىدىم " لەببەي " دېمىسەم، باغدا ياشىدىم ئېگىلسە بوينۇم. 4 پۇلۇم بولسا گۈل-گۈلىستان باغدىمەن، پۇل بولمىسا چۆل-جەزىرە، تاغدىمەن. ئىت ئادەمگە ئايلىناركەن پۇل بىلەن، بۇ قىسمەتكە تا ئەزەلدىن داغدىمەن. 5 كىرىپ تالاي مەيخۇمارنىڭ ئارىسىغا، مەيخانىدا مەينى ئىچتىم قارىسىغا. ھايۋان بولدۇم،تۇرسام ئادەم قاتارىدا، ئادەم بولدۇم، كىرسەم ھايۋان ئارىسىغا. 6 ئوتتەك يېنىپ ئۆچمىگەن بارمۇ؟ قوشنا بولۇپ كۆچمىگەن بارمۇ؟ كۆرەڭلىمە ئامەتلىرىڭدىن، ئاتقا مىنىپ چۈشمىگەن بارمۇ؟ 7 ئالدىڭىزدا ماختىدىم پۈۋلەپ سىزنى كۆككە مەن، كەينىڭىزدە تىللىدىم،جىگدە سالدىم بۆككە مەن. بىر قولۇمدا قىلتىقىم ، بىر قولۇمدا مىلتىقىم، ئالدىڭىزدا كۈلكە مەن ، كەينىڭىزدە تۈلكە مەن. 8 بۇ دۇنياغا ھارام يېيىشچۈن كەپ كېتەرسەنمۇ؟ كۈچۈڭ يەتسە تاغنى يۈدۈپ ئەپ كېتەرسەنمۇ؟ ئەگەر تىلىڭ كۆيمىگەندە ئوتنىمۇ يالماپ، چىشىڭ ئۆتسە تاشنى غاجاپ يەپ كېتەرسەنمۇ؟ 9 بېشىمغا دەسسىگەنگە گۈل ئۇزاتتىم، جان بېقىپ كۈن – ئايلارنى غول ئۇزاتتىم. ئېشەكنىڭ دۈمبىسىگە چۈشسە ئاپتاپ، شۈكۈر دەپ ئىسسىنىشقا قول ئۇزاتتىم. 10 سەن يىغلىساڭ كۈلىدۇ نامەرت، سەن كۈلگەندە ئۆلىدۇ نامەرت. سەن ئۆچكەندە يانىدۇ دەرھال، سەن يانغاندا ئۆچىدۇ نامەرت. 11 نادان دېگەن ئالتۇن دەيدۇ تېزەكنى، نادان دېگەن گۆھەر دەيدۇ كېسەكنى. نادان دېگەن كېلەر ئەخمەق،بىلىمسىز، ئەتىۋارلاپ تۆرگە ئالار ئېشەكنى. 12 بەزىلەرگە ئېشەكمەن مىنىۋالغۇدەك، بەزىلەرگە تېزەكمەن قېتىۋالغۇدەك. بەزىلەرگە بىر ئىتمەن بېقىۋالغۇدەك، بەزىلەرگە چايانمەن چېقىۋالغۇدەك. 13 ئىچەر چاغدا بولدۇق خۇش كەيپ، قېنى دوستۇم كۈلسەڭ كۈل دېدۇق. كېتەر چاغدا ھالىمىز زەئىپ ، نېمە كارىم ،ئۆلسەڭ ئۆل دېدۇق. 1996-2000-يىللار مەنبە : ئابدۇللا ياقۇپنىڭ "ئاچكۆزلەر " ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. |