پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 9 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 69|ئىنكاس: 3

كۆز بوياپ ( ئابدۇللا ياقۇپ )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

44

تېما

16

دوست

4762

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1099 سەر
تىللا
219 دانە
تۆھپە
1123 سەر
شۆھرەت
793 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 23:00:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆز بوياپ
(ئابدۇللا ياقۇپ)
باشلىقىمنىڭ كۆڭلىگە يېقىۋالدىم كۆز بوياپ،
تۆر بېشىغا پەگاھتىن چىقىۋالدىم كۆز بوياپ.
.
بىلىندۈرمەي سىرىمنى،دىلدا ئەخلەت كىرىمنى،
يۈز-كۆزۈمگە گىرىمنى ئېتىۋالدىم كۆز بوياپ.
.
تۇتۇپ ئۇستاز تۈلكىنى، نىقاپ قىلىپ كۈلكىنى ،
گۆش كۆرسىتىپ ئۆپكىنى سېتىۋالدىم كۆز بوياپ.
.
يۇندى بولۇپ ئاققانتىم،بەدبۇي پۇراق چاچقانتىم،
ئەمدى سۈزۈك بۇلاقتەك ئېقىۋالدىم كۆز بوياپ.
.
يەڭ ئىچىدە شەمشىرىم، ھېچ كۆرۈنمەس نەشتىرىم،
پەيتى كەلسە ياخشىنى چېقىۋالدىم كۆز بوياپ.
.
زىيان سېلىپ ئاۋامغا، ئايلىنىپ چوڭ قارامغا،
نەپسىم تويماي ھارامغا ، بېيىۋالدىم كۆز بوياپ.
.
ئوغرى ئىدىم ئەل ئۇققان، بۆرە بىلەن بىر تۇغقان،
پاقلان بولۇپ قوتانغا كىرىۋالدىم كۆز بوياپ.
.
گەر ئاڭلىسام شەپىنى ، تېپىپ ئىشنىڭ ئېپىنى،
قۇيرۇقۇمنى ئىچىگە تىقىۋالدىم كۆز بوياپ.
.
1997-يىل 5-ئاي
مەنبە : ئابدۇللا ياقۇپنىڭ " ئاچكۆزلەر " ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

175

تېما

19

دوست

4917

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1051 سەر
تىللا
261 دانە
تۆھپە
1589 سەر
شۆھرەت
723 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 00:53:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن سىزگە،بەك ياخشى يېزىلغان شېئىر ئىكەن،ھازىرىقى دەۋرىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلىرىمىزگە  تولىمۇ ماس كېلىدىكەن.ئېسل تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!
بەختىيار ئوبۇلقاسىم

62

تېما

28

دوست

4729

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1019 سەر
تىللا
183 دانە
تۆھپە
910 سەر
شۆھرەت
934 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 01:01:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىلغان غەزەل شەكلىدىكى ھەجۋىكەن بۇ . بۇ تىمىنى يۇلەپ قويسا مېڭىپ كەتكۇدەك جۇما ؟
بايرىمىڭلارنى تەبرىكلەيمەن

68

تېما

4

دوست

2516

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
654 سەر
تىللا
54 دانە
تۆھپە
408 سەر
شۆھرەت
679 سەر

تىرىشچان ئەزادادىل ئەزا ئوردىنىمائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 15:00:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇللا ياقۇپ ئەپەندى جەمىيەتنى بەكمۇ ئىنچىكە كۈزۈتۈپ يازغان شېئىركەن بۇ. راست ئەشۇنداق كۆز بويايدىغانلار ھازىرقى جەمىيتىمىزدە خېلى كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ.قولىدىن ھىچقانداق خەلىققە پايدىلىق ئىش كەلمەيدۇ ئۇلارنىڭ.زامان شۇلارغا باقتى.ھەي ئېسىت...............
مەرھابا يېڭى يىل
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 09:56, Processed in 0.170492 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش