پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3619 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 阿布都艾尼江  يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش مائارىپ توردىكى بارلىق دوسلارنىڭ تىنىڭىگە سالامەتلىك تىلەيمەن،ھەم تۇرمۇشنىڭ كۆڭۇللۇك بولۇشنى...

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    3-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئەخلاق ۋە تۇرمۇش تەييارلىقى بار پۇلۇم يەتمىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق،تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا،شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • yadikar0998 تۈنۈگۈن 15:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق تۇزنى ئاشقا سالغىلى بولمايدۇ؟

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم

  • كەشپى تۈنۈگۈن 10:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى قېرىنداشلار ياخشىمىسىلەر.

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • 买提库尔班 تۈنۈگۈن 23:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆرگىنىڭدىن كوپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كورمىگەننى كورىسەن .

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەر تەڭگىسنى قانداق ئالىمىز . 3-يللىق ئەخلاق تەييارلىق بەك جىددى ئىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:39 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. چۈنكى توردا بىلىم  تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 买买提艾力,吐 تۈنۈگۈن 13:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:31 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:26 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • زەپەر تۈنۈگۈن 18:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىما يوللىسىڭىز تىللا قۇشۇلىدۇ. ئىجادىي تىما يوللىسىڭىز ، باھالاپ تىللا بەرسەك بۇلىدۇ

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 肉孜买买提 تۈنۈگۈن 17:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېپىشماق  : 12 دۆلەتنى 3 ساقچى باشقۇرىدۇ ؟ جاۋابى نىمە ؟  

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق تۈنۈگۈن 12:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

كۆرۈش: 222|ئىنكاس: 5

جۇڭگو مائارىپىنىڭ مەغلۇبىيتى ۋە پىغانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

72

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
18 سەر
تىللا
10 دانە
تۆھپە
12 سەر
شۆھرەت
14 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 18:08:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگو مائارىپىنىڭ مەغلۇبىيتى ۋە پىغانى(سېزىم)
مائارىپ مەغلۇبىيتى توغۇرسىدىكى ئىزتىراپلىق خىياللىرىم

(سىزىم)


      ئۆزۈم ئۇقۇتقۇچى بولغاچقىمىكىن خېلى ئۇزۇن بولدى،مىللى مائارىپىمىزنىڭ ھازىرقىى ۋە كەلگۈسى توغۇرسىدا نۇرغۇن ئېزتىراپلىق ئويلىنىشلارنى قىلدىغان بۇلۇپ قالدىم.نىمىش قىلىغىنى ھىچ ئۇقمۇدۇم،لىكىن تەۋپىق روھى،مىللى مائارىپىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى،مائارىپ باشقۇرغۇچى ئۇرۇنلىرى ۋە باشقۇرغۇچى كادىرلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئەۋىج ئېلىپ كىتىۋاتقان شەكىلۋاز قىلىقلىرى،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ نىدالىق قاخشاشلىرى،جەمىيەتتىكىلەرنىڭ خىلمۇ-خىل تەھلىللىرى ۋە روھى چىقىپ كىتىۋاتقان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھازىرقى ھالەتلىرنى كۆزئالدىمغا كەلتۈرسەملا مىللى مائارىپىمىزنىڭ كەلگۈسى ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ ئىز باسارلىرى بولغان كەلگۈسى ئەۋلاتلىرمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىدىن بۆلەكچىلائەندىشىگە چۈشۈپ،تەشۋىشلىندىغان،تەنلىرىم تىكەنلىشىدىغان بۇلۇپ قالدى.ئۇنداق بولسانەزىرىڭىز تۆۋەندىكى دىئالوگلاردا بولغاي!

ئاتا-ئانىلارنىڭ دىئالۇگلىرى

         -ھازىرقى ئۇقۇتقۇچىلار بۇرۇنقى ئۇقۇتقۇچىلىرمىزغا پەقەتلا ئوخشىمايدىكەن،ئۇلارغا ھازىر قۇياش ئىتتىكرەك ئۆز ئورنىغا پاتسىلا بۇلىدىغان بۇلۇپ كىتىپتۇ.ئۇقۇغۇچىلارغا كۈيۈنۈپ دەرس بەرمەيدىكەن،مەكتەپكەقاچانلا بارساق ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ قىسىمى سىنىپتا يوق،ھەممىسى ئارخىپ دەمدۇئىشقىلىپ شۇنداقراق بىر قەغەز دۈۋىسىگە ئىشلەيدىكەن.نىمانداق باش-ئايىقى چىقمايدىغان تۇلا ئارخىپتۇ بۇ زادى؟
     -بۈگۈن مەكتەپكە بارسام بالامنىڭ مالىمى بۈگۈن پەقەت ۋاقتىم يوق،ئارخىپلىرىمنى ئىشلىۋالمىسام ناۋادا ئەتىكى باھالاشتاتۇتۇلۇپ قالسام جېرىمانە تۈلەپ كىتىمەن،شۇڭا باللىرنىڭ گىپىنى ئەتىگىچە دىيىشەيلى دىدى،بۈگۈن بېرىۋىدىم مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرگۈزۈشمىدى،دەرۋازىۋەن بالىنىڭ دىيىشىچە بۈگۈن ۋىلايەتنىڭ بىر باھالىشى كىلەرمىش،شۇڭا ئۇقۇتقۇچىلار بىر تەرەپتىن تازلىق قىلىپ يەنە بىر تەرەپتىن ئارخىپ ئىشلەپ رەتلاۋاتقانمىش.ۋاي بۇلار كۈنلەپ كۈنلەپ ئارخىپ ئىشلەيدىكەن،بۇ مەكتەپمۇ ياكى ئارخىپخانىمۇ؟بىزنىڭ باللار مۇشۇنداق شەكىلۋاز ئارخىپلار ۋە تەكشۈرۈشلەرنىڭ قۇربانى بۇلۇپ كىتەمدا؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
    -ۋاي ئايشەمخان،مىنىڭ بالاممۇ بىر نەرسەئۇقمايدۇ،دەرسلەرنىمۇ بىلمەيدۇ،قوش تىل دەمدۇ ئىشقىلىپ  بىر خىل  ئۇقۇتۇش بارلىققا كەپتۇ،بۇ خىل ئۇقۇتۇشتائاساسەن دىگۈدەك ھەممە دەرسلەر خەنسۇ تىلىدا ئۈتۈلدىكەن،بالام كۈندە-كۈندەھەپلىشىدۇ-يۇ،يەنە بىلمەيدۇ،بىلمىگەن نەرسىلىرنى بىزدىن سۇرىسا بىز ھىچنىمىنى بىلمەيدىكەنمىز،سىنىپىدا باللار كۆپ بولغاچ مالىمى بىردىن-بىردىن يىتەكلەپ بىلدۈرۈپ بۇلالمايدىكەن.بىز بىلمىسەكمۇ ئانچە مۇنچە كىتاپلىرغا كۆز يۈگۈرتۈپ ئۇيغۇر تىلىمىزدا چۈشەندۈرۈپ قويساقمۇ چۈشەندۈرەلمىدۇق.ئەمدى بىزنىڭ باللار تۈگىشىپتۇ،مەكتەپكەبېرىپ ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۈتۈڭلار،دەرسلىك كىتاپلىرنى ئۇيغۇرچە تارقىتىپ بىرىڭلاردىسەك بۇ يۇقۇرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى دىسە بۇ قانداق جاھان بۇلۇپ كەتتى ئەمدى؟؟؟؟؟!!!!!!!!

يىغىن ،ئۇرۇنلاشتۇرۇش،تەكشۈرۈش دىئالۇگلىرى

    -يولداشلار بىز بۈگۈن يەنە قوش تىللىق ئۇقۇتۇشنى تېخىمۇ يۇقۇرى بالداققا قۇيۇپ،قوش تىل ئۇقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈش توغۇرسىدا يىغىن چاقىردۇق.مۇشۇ مەۋسۈم باشلانغاندىن بۇيان بۇنداق يىغىننى كۆپ ئېچىپ كەتتۇق.ئەمما قوش تىل ئۇقۇتۇشىمىزدا يەنىلا ياخشى ئۈنۈم قولغا كەلمىدى.سىلەرچەقوش تىل ئۇقۇتۇشى ياخشىلاندىمۇ-يوق؟ ياق،5-6-يىللىقلاردا ئۇقۇۋاتقان ئۇقۇغۇچىلىرمىزمۇ ئۈزىنىڭ ئىسمىنى خەنزۇچە يازالمىسا بۇنى قانداقمۇ قوش تىل ئۇقۇتۇش ئۈنۈمى يۇقۇرى كۈتۈرۈلدى دىگىلى بولسۇن
....ھەر قايسىڭ ئۈزەڭنى شوجاڭ دەيسەن،نىمىش قىلىشىۋاتىسەن؟؟؟؟!!!!!......تۆنۆگۈنكى باھالاشتا ھەر قايسىڭ جاۋاپكار،ئۇقۇتقۇچىلارنى ياخشى يىتەكلە،دەرسلىرنى تىڭشا،دەرسنى خەنزۇ تىلىداسۆزلىسۇن دىسە گەپ ئاڭلاشمىدىڭ،ئىشلىگەن ئارخىپلىرىڭغا قارا تېخى!!!!.....يىل ئاخىردا كۈرىشىسەن،كۈرىدىغانلىرىڭ بارغۇ سەنلەرنىڭ!!!!...........
      -كىم سىنى سائەت6:00دا قۇيۇپ بەر دىدى؟مىنىڭ ھازىرقى ئۇرۇنلاشتۇرۇشلىرىمنى يەتكۈزدىڭمۇ؟نىمىشقا يەتكۈزمەيسەن؟.....كەچلىگى ئۇقۇتقۇچىلىرىڭنى ئېلىپ قېلىپ يىغىن ئاچ،كەچلىگى سائەت10:00غىچە ئاچ،مەكتەپتەقۇنۇپ ئىشلەپ باقسۇن،مالىملىرىڭنىڭ ئىدىيسى ئايدىڭ ئەمەس،ئۈگىنىشكەسال،بىردىن-بىردىن تۇرغۇزۇپ قۇيۇپ ھىساپ ئال،گەپ ياندۇرسا تىللا،ئۇر،ئۇمۇ كارغاكەلمىسە تۇنۇما،دەرۋازىدىن قوغلاپ چىقار،نەگە بېرىپ ئىشلىسە شۇ يەرگە بېرىپ ئىشلىسۇن!لىكىن ئۇلارغا قۇپاللىق قىلىشقا بولمايدۇ.
     -(باش مۇدىر جاناپلىرى ئىككى ئۈچ چاپارمەنلىرنى باشلاپ سەھەر سائەت 6لەردە مەكتەپ ئىچىدە پەيدا بۇلۇپ،مۇدىرنى چاقىرىپ،دەرۋازىنىڭ ئىككى قاسقىنى،تاختاي،گۈللۈكلەرگە زەن سالىدۇ،ئايغاقچىلار ھەرتەرەپكە تىمىسقىلاپ ئىۋەن ئىزلەشكە باشلايدۇ)ئاۋۇ نىمە قەغەز،نىمە سۇلياۋپارچىسى؟تازلىق ياخشىلاندى دەۋاتاتتىڭ،بۇ نىمە؟؟؟!!!!!
     -××شۇجى،ئەسلىدە پاكىز ئىدى،ئەتىگەندىلا ياتاقلىق باللار پاك-پاكىز تازلىغان ئىدى،بىراق ئابىيام بۇران چىقىشى بىلەن مۇنۇبىر ئىككى تال قەغەز پارچىسى پەيدا بۇلۇپ قاپتۇ
    -بولدى بولدى!تىلىڭنى چاينىمىغىنە!قاچانلا قارىسا باھانە تەييار بۇ نىمىلەرگە!!!!!!!!دەپلا سىماسىنى دەرۋازىدىن ئېلىپ چىقىپ كىتىدۇ،مۇدىر ھەسرەت ۋە لىغىرلاپ تۇرغان ياشنى بىرگە ئېلىپ قالىدۇ.
       -شوجاڭلار ئىش ئۇرۇنلاشتۇرساڭلار شۇجى ئۇرۇنلاشتۇردى،مائارىپ ئىشخانىسى ئۇرۇنلاشتۇردى،مائارىپ ئىدارىسى ئۇرۇنلاشتۇردى دىيىشىدىكەنسەن!بۇندىن كىيىن بۇنداق دىيىشكە رۇخسەت يوق!سەنمۇ ئادەم بولغاندىكىن ئۈزەڭنىڭ گىپىگە ئايلاندۇرۇپ يەتكۈز!
     -(مۇدىر ئۇرۇندۇقتا جىنايەتچىدەك بىرنوقتىغا سىنچىلاپ قاراپ ئولتۇردۇ،××شۇجى توختىماي جولدۇرلاشقا باشلايدۇ)كىم قىلالمىسا گەپنى ئۇچۇق ئېيتسۇن،گىپىڭگە ئۇنمايدىغانلار بارمۇ،دە!!مەن قانچە قېتىملاپ دىدىم باشقۇرۇشقا بويسۇنمىغانلارنى دە دەپ،يوق بولغاندىكىن ئۈزەم قىلالمىدىم دىگەن گەپ........قىلالمىساڭ گىپىڭنى ئۇچۇق قىلىپ ئىستىپانامەڭنى ياز،لىكىن ئوبدان ئويلىشىپ يازارسەن،ئاۋۇ يىراقتىكى كەنىتتە مالىم كەملىگىنى بىلىسەن،يىراققا بېرىپ سىنىپ مۇدىرى بۇلۇپ كۈنىگە20-30سائەتتىن دەرس ئۈتۈپ قالما،باشقىلارغا رۇخسەت ئەمماساڭا رۇخسەت يوق!!
-سەندەك بىر شوجاڭ تېپىلماسنىڭ خومىسى ئەمەس،پاكەن دىگەننى قۇيۇپ،جېرىمانە دىگەننى ئېلىپ،تۇڭبۇ(ئومومى ئۇقتۇرۇش)قىلىپ تۈزۈك-مۈزۈك ئادەم قىلىپ قۇيىمەن مەن.قېنى شۇ چاغدا قول قوشتۇرمىغىنىڭنى كۆرسەن!!!


ئۇقۇتقۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى دىئالۇگلار


    -ۋاي ئۇ شوجاڭ بۇلۇپ قالسا كۈرىدىغان كۈنلىرىمىز بار بىزنىڭ،ئۇ بەك پىرىنسىپچى،ئادەمنى بەك ئىشىلتىۋاتىدۇ،ئۇنىڭ ئالدىداقۇۋلۇق،يالغانچىلىقمۇ قىلغىلى بولمايدۇ دەڭلار تېخى.
    -(ئەتىكى تەكشۈرۈش ئالدىدا)ۋاي شوجاڭ،ئەتەمىنىڭ جىددى رۇخسەت سۇرايدىغان ئىشىم بار ئىدى،نىمە ئىش دىسىلە يولدۇشۇمنىڭ نەۋرەسىڭلىسىنىڭ بالىسىنىڭ تۇيى بار ئىدى،بۇنىڭغا قول قۇيۇپ بەرگەن بولسىلا.
      -ۋاي ئۇكام،سىز تېخى قايسى كۈنىلا ئىككى كۈن سۇراپ ھامما ئاچىڭىزنىڭ تۇيىغا بېرىپ كەلمىگەنمىدىڭىز،ئەمدى بۇ نىمە تۈگمەيدىغان توي بۇ.بولمايدۇ،بولمايدۇ،سىزنىڭ قۇلىڭىزدا نۇرغۇن ئارخىپ بار ئەتە ئۈزىڭىزكۆرسەتمىسىڭىز بولمايدۇ.دىيىشى بىلەنلا چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ مەنسىتمەستىنلا چىقىپ كىتىدۇ،ئەتىسى ئىشقا كەلمەيدۇ سۈرۈشتۈرسە ئاللا بۇرۇن باش مۇدىردىن رۇخسەت سۇراپ بولىدۇ.
      -(باش مۇدىرنىڭ يىغىندا ئۇرۇنلاشتۇرغىنى بۇيىچە مۇدىر ئۇقۇتقۇچىلارغا يىغىن ئېچىپ بۈگۈنكى دۈشەنبە كەچتە ھەممەيلەننىڭ قۇنۇپ ئىشلەيدىغانلىغىنى ئۇقتۇردۇ) ۋاي شوجاڭ بىزمۇئادەم،بىزمۇ ئارامغا مۇھتاج،شەنبە يەكشەنبە ئىشلىگەننى ئاز دەپ يەنە نۇرمال خىزمەت كۈن سىرتىدىكى ۋاقىتتىمۇ قۇيۇپ بەرمىسىلە،بۇ قانداق گەپ بۇلۇپ كەتتى ئەمدى؟بىزنىڭ ئۆي-ۋاق،بالا-چاقالىرمىز يوقمۇ؟ مۇدىر:بۇنى ماڭا دەۋەرمەي ××شۇجىغا دەڭلار،مىنىڭ ئامالىم يوق.
..............................................................................................
     مىنىڭچە تورداشلارۋە مۇشۇ يازمىنى ئۇقۇپ ئولتۇرغان ئاتالمىش مائارىپ باشقۇرغۇچىلار مائارىپىمىزدا ساقلىنۋاتقان نۇرغۇن قالاقلىق ۋە قارا قۇساقلىقلارنى بىلىپ يەتتى بولغاي.بۇ يەردە ئىزىپ چۈشەندۈرۈشۈم بىھاجەت.
           مەن يۇقۇرقى ئاتا-ئانىلار،ئۇقۇتقۇچىلار ۋەئۈزىنى قالتىس چوڭ ئەمەلدار دەپ چاغلايدىغان نان ئۇۋىقى مائارىپ باشقۇرغۇچىلارنىڭ دىئالۇگلىردىكى ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ئادەمنى ئويلاندۇردىغان ۋە ئادىمىيلىكتىن ھالقىپ كەتكەن بىمەنە،ھاقارەتلىك گەپ سۆزلىردىن ئېغىر خۇرسىندىم.
        بىز چوڭ بولساق مەكتەپلەرنىڭ ئاساسلىق تۈپ خىزمىتى ئوقو-ئوقۇتۇش،تەلىم-تەربىيە ۋە قانداق ئادەم بۇلۇشنى ئۈگىتىش ئىكەنتۇق.ھازىرمۇ شۇنداق دەيمىز ۋە شۇنداق دىگەندەك تۇرىمىز،كەلگۈسىدىمۇ ھەم شۇنداق.لىكىن ھازىرقىسى ساختا،بۇ ساختىلىق تۈگمىسە كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بۇلۇپ قېلىشى تەبئى.مەن نىمىشقا شۇنداق دىدىم؟ چۈنكى كەمىنە ئۇزۇن يىللىق خىزمەت تەجىربەم ۋە كۈزىتىشىمگە ئاساسەن مەكتەپلەردىكى خىزمەتلەرنى مۇھىمدىن باشلاپ تىزىپ چىقتىم.يەنى:
   ①تىنىچلىقنى ئاساس قىلغان مۇقۇملۇق خىزمىتى②ھەممىدە ئادەمنى ئاساس قىلىشتىكى ھالقا-بىخەتەرلىك خىزمىتى③بىخەتەرلىك تۇتقىسىدىكى مۇھىم خىزمەت تازلىق،سەھيە خىزمىتى(5ۋاق تاماقنىڭ ئورنىدىكى تازلىق سەھيە خىزمەتلىرى 8سائەتلىك خىزمەت ۋاقتىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ،ھەممىلا ئادەم ئوغىرى مۈشۈكتەك تىمىسقىلاپ يۈرۈپ گازىر،مىۋە-چىۋە شۈپۈكلىرى،ئەخلەت يىمەكلىك خالتىلىرى....نى يۇقۇتۇش جېڭىگە ھەر ۋاقىت سەپەرۋەر قىلىغلىق)④باش-ئايىغى چىقمايدىغان،بىر پۇڭغىمۇئەرزىمەيدىغان ھەم بىر پۇڭچىلىك نان بىرەلمەيدىغان،شەكىلۋازلىقنىڭ تۈپ مەنبەسىيەنى قۇرۇق قەغەزۋازلىق بولغان ئارخىپلاشتۇرۇش خىزمىتى(بۇ خىزمەت مەكتەپلەرخىزمىتىنىڭ يېرىم ۋاقتىنى ئىگەللەپلا قالماي يەنە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت سىرتىدىكى نۇرمال ئارامىغا دەخلى يەتكۈزۈپ،ئۇخلىسا چۈشىگىمۇ كىرېۋېلىشتەك ۋابا تۈسىگە ئىگەبۇلۇپ جاپاكەش ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپكە بېرىلىش چۈشىنى بەربات قىلماقتا.مەكتەپلەردىكى ئارخىپ خىزمىتى ئورمانچىلىق،چارۋىچىلىق،يېزائىگىلىك،سۇچىلىق تارماقلىردىن سىرت ھەر قانداق ئىدارە ئۇرۇنغا چېتىشلىق بولغاچقا ھەمدە ئارخىپلار غايەت زور بېسىم بىلەن بىر قەدەر تۇلۇق ئىشلىندىغان بولغاچقا بىرقىسىم جايلاردا يەرلىك ھۈكۈمەتلەرنىڭ جان بېقىش تاۋىقىغا ئايلىنىپ قېلىنماقتا)⑤ھەردەرىجىلىك(يېزا،ناھىيە،ۋىلايەت،ئاپتۇنۇم دەرىجىلىك)باھالاش،تەكشۈرۈشلەرگە تاقابىل تۇرۇشتىكى تەييارلىق خىزمەتلەر(يېزا دەرىجىلىك مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ ۋەتۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ھەپتىدە كەم بولغاندا بىر قېتىم يېزا دەرىجىلىك باھالاش تەكشۈرۈشلەر،ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ناھىيە ياكى ۋىلايەت دەرىجىلىك باھالاش تەكشۈرۈشلەر،مەۋسۈمدە كەم بولغاندا بىر قېتىم ئاپتۇنۇم دەرىجىلىك باھالاپ تەكشۈرۈشلەر توغرا كىلىدۇ بۇنىڭغا يېزا مائارىپ ئىشخانىلىردىكى 6-7نەپەرتەكشۈرگۈچى خادىملارنىڭ باھالاپ تەكشۈرۈشلىرى كىرمەيدۇ تېخى)⑥ئوقۇ-ئۇقۇتۇش،تەلىم-تەربىيەخىزمىتى.
        مۇشۇنداق قارايدىغان بولساق ،ھازىرمەكتەپلەردە ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش خىزمەتلىرى مائارىپ باشقۇرغۇچى تارماقلار،ئاتا-ئانىلارۋە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئاساسلىق خىزمەت قاتارىدىن ئاللاقاچان ئۇشۇق تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقنى تاشلىۋەتكەندەكلا تاشلىنىپ قالغانلىغىنى بايقىمىغىمىز تەس ئەمەس.
       مائارىپىمىز رېلىستىن چىقىپ كەتتى.بۇ خۇددى پويىزنىڭ رېلىستىن چىقىپ كەتكىنىگە ئوخشايدۇ،ئۇنداق بولسا مائارىپىمىز(پويىزىمىز)نىمىشقا رېلىستىن چىقىپ كىتىدۇ؟بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەپ زادى نىمە؟رېلىستىن چىقىپ كىتىشىگە شوپۇر سەۋەپلىكمۇياكى يول سەۋەپلىكمۇ؟بۇنى قانداق ئىزىغا چۈشۈرۈش كېرەك؟
      بۇ ئۇلۇغ جۇڭگۇ كومنىستىك پارتىيمىزنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئىش بىجىرىش ۋەكىللىرى،مائارىپ تارماقلىرى ۋە ھەر بىر زىيالى جۈمىلدىن ئۇقۇتقۇچىلار ۋە كەڭ ئاتا-ئانىلار جىددى ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئىش بۇلۇپ قالدى.
       مىنىڭچە مائارىپ يۈزلىنىشىگە، سۈپىتىگە ،ئۈنۈمىگەتەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار بىر قەدەر كۆپ بولسىمۇ لىكىن يەنىلا تۆۋەندىكى بىرقانچە نوقتا مۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ قارىدىم.تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باقساق،تۈزىتىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

1    .مۇقۇملۇقنى تېرشىپ قوغداش يۈنۈلۈشى مائارىپنى كۈچلۈك سىياسىيلىق بىلەن تەمىن ئىتىپ،مائارىپ باشقۇرغۇچىلارنى "مۇقۇملۇقنىلا تېرشىپ ياخشى ئىشلەشنىڭ ئۈزىلا كۇپايە،ئۇقۇتۇشقا كۈچىمىسەممۇ ياخشى رەھبەر بۇلالايمەن"چۈشىگەئىگە قىلىپ قويدى.بۇ ئەھۋال ئۇقۇتۇشنىڭ كەينى سەپكە تىزىلىپ قېلىشىغا سەۋەپ بولدى.
     دۇرۇس،مۇقۇملۇق بىرىنچى،مۇقۇملۇق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ،مۇقۇملۇق،ئىتتىپاقلىق بولمىسا ھىچنىمىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولماس.تەكىتلەش كېرەك،مەڭگۇ تەكىتلەش كېرەك.مۇقۇملۇقنى جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق يارتىدۇ،بىزمۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرى قاتارىدىن ئۇرۇن ئالغىنىمىز ئۈچۈن مۇقۇملۇقنى قوغداش،تىنىچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئۇلۇغ بىرلىكنى ئەمىللەشتۈرۈش جەھەتتىكى بۇچاقىرىقنى جان-جېنىمىز بىلەن ئاداققىچە قوللايمىز،ئاۋاز قۇشىمىز.جۇڭگۇ كۇمنىستىك پارتىيمىز بىزنىڭ مەڭگۈلۈك يولباشچىمىز.لىكىن مۇقۇملۇقنى قوغداشنى ئەمىللەشتۈرمىز دەپ سىياسىنى باشلانغۇچ ۋە يەسلى مەكتەپلىرگە مەجبۇرى سۆرەپ ئەكىرىپ تەدبىقلاش،مەكتەپلەرنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش رولىغا سەل قاراش سەل بىمەنىلىكمۇقانداق؟
       بۇنداق دىسەم ھەيران قالماڭلەر!دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى قانۇندا 18ياشقا تولمىغان گىراژدانلار قورامىغا يەتمىگەن دەپ قارىلىپ،سىياسى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋەسىياسى پائاليەتلەرگە قاتنىشىش ھەمدە سايلاش سايلىنىش ھوقوق-مەجبۇريەتلىردىن خالاس قىلىنغانلىغى ئېنىق بەلگىلەنگەن.لىكىن شۇنداق تۇرۇقلۇق ئەتىراپىمىزغا قارايدىغان بولساق باشلانغۇچ ۋە يەسلى ئۇقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىمۇ سىياسى ئۈگىنىش پائاليەتلىرگە زىپلاپ سېلىندىغان،كىچىككىنە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسى پەن-مەدىنيەت بىلىملىرى بىلەن سىياسى نەزىريە بىلىمىلىرى ئارىسىدا ئېغىر قايمۇقۇش،ئۈزىنىڭ پاننى بىلىملەرنى ئۈگىنىش ۋەزىپىسىنى بىلمەي تېڭىرقاپ يۈرۈشتەك ئەھۋاللار ساقلانماقتا.
      ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىندىغان بولساق سىياسى ئۈگىنىشلەرگە تەشكىللەشنىڭ ئۈزى خاتا سىياسەت بولمىغان بىلەن ئاشۇ ئېغىر سومكىلىرنى كۈتۈرەلمەي دۈمچىيىپ قالغان،مەكتەپكە ئاران كىلىپ ئۈگىنىش ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بۇلالماي،”قاپاقباشلار”دەپ ئاتىلىپ،ئۆز ئۇقۇتقۇچىلىرنى تالاي كۈلپەتلەرگە سالىدىغان ئاشۇ سەبىلەر ئۈچۈن ئارتۇقچە ئەمەسمىدۇ؟(توغرا ئارتۇقچە ئەمەس ئەمما دائىرسى مۇۋاپىق ئەمەس ئەلۋەتتە)ئەجابا مەكتەپتىكى تۈرلۈك ئارخىپلارنىڭ دەستىدىن كۈنلەپ-كۈنلەپ ئۇقۇتقۇچىسىنى كۈرەلمەي،ئوينايدىغان ئۇيۇنلىرى تۈگەپ كىتىپ ھىچبىر كىتاۋى بىلىملەرگە كاللىسى ئىشلىمەي،مەكتەپتىن قېچىش ئىستىگى تۇغۇلۋاتقان ئاشۇ بىغۇبار قەلىپلەرنى كىچىك نوتا ۋاقتىدىلا سىياسى ئۇيۇن بىلەن چۈشەشنىڭ قانداق زۈرۈريىتى باردۇ؟ئويلىغانسىرى ھىچ تىگىگە يىتەلمەيۋاتىمەن.
       جەنوپتا سەبى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تەتىل-ئارام كۈنلىرىنى قۇربان قىلىپ سىياسى ئۈگىنىشكە تەشكىللەش ئوموملاشتى ۋە زورايتىلىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.تەتىل كۈنلىرى ھەر جۈمە كۈنى مەكتەپكە يىغىلدۇ.شۇ بۇيچەبولغاندا بىر يىلنىڭ ئىچىدە مەكتەپتىن ئايرىلماي مەكتەپنى پات-پات يوقلاپ تۇرۇش نۇرمال ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى.مۇشۇ ئىشلارنىڭ كاساپىتىدىنمىكىن تاڭ ئۇقۇغۇچىلاردامەكتەپتىن بىزار بۇلۇش،مەكتەپتىن قېچىش تۇيغۇسى يېشىنىڭ چۇڭىيشىغا ئەگىشىپ كۈنسايىن كۈچەيمەكتە.
   بىز مەكتەپكە كەلمىگەن باللارنىڭ ئائىلىسىگەسۆھبەتكە بارغىنىمىزدا ئاتا-ئانىسى بالىسنىڭ مەكتەپتە ئۇقىماسلىق ئۇيىنىڭ بارلىغىنى يىغلاپ تۇرۇپ دىگەنلىگىنى ئېيتىپ كۆز يېشى قىلغانلىغى بۇ نوقتىنى ناھايتى رۇشەن ئىسپاتلاپ بىرىدۇ ئەلۋەتتە.
       يەنە بىر قىسىم باللار ئۈيىدىن مەكتەپكەبارىمەن دەپ چىقىپ كىتىدىكەن،ئەمما مەكتەپتىن ۋە ئۈيىدىن يىراققا بېرىپ يالغۇزدىگۈدەك ئۇيۇن ئوينايدىكەن بىز بۇنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش داۋامىدا تەكشۈرۈپ بىلدۇق،بۇنداق ئەھۋال تۈۋەن يىللىق ئۇقۇغۇچىلىردا كۆپ يۈز بەردى.مانا بۇئۇقۇغۇچىلاردىكى روھى بېسىم-پىسخىكا بۇزۇلۇشتىن كىلىپ چىققان ئاقىۋەت.
        مەن بۇلاردىن سىياسى ئۈگىنىش بىلەن پەننى بىلىملەرنى ئۈگىنىش ۋەزىپىسى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ روھى كەيپىياتىغا زور بېسىم ئېلىپ كىلىپ،ئۈگىنىش يۈكىنى ئېغىرلىتىپ،پىسخىكىلىق بۇزۇلۇش ئېلىپ كەلگەن ۋەمەكتەپ،ئۇقۇتقۇچىلاردىن بىزار بۇلۇش كەيپىياتى شەكىللەنگەن دەپ قارىدىم.ئويلاپ بېقىڭچۇ؟
         مەكتەپتە خالىغانچە ئوينايدىغان ئۇيۇنچۇق ۋە ئۇيۇن يوق(بولسىمۇ بىخەتەرلىك ھادىسلىردىن قورقۇپ رۇخسەت قىلمايمىز)،دەردىگە دەۋا بۇلدىغان ئادەممۇ يوق(پەقەت ئاتا-ئانىسلا بار) پەقەت ئۈگىنىش يەنە ئۈگىنىش ۋەزىپىسىلا بار.شۇنداق بولغاندىكىن پىسخىكىسى بۇزۇلماي يەنە نىمىسى بۇزۇلسا بۇلاتتى دەيسىز؟!
        ئەلۋەتتە بىر ۋەزىپىسىنى ئېلىپ قېلىپ يەنە بىر ۋەزىپىسىنى بۇشاشتۇرۇش،دەرسلىككە سىڭدۈرۈپ ئېلىپ بېرىش كېرەك.
     ھەر دەرىجىلىك پارتىيە،ھۈكۈمەت ۋە مائارىپ تارماقلىردىن ئىلتىجايىمىز شۇكى،ۋەتىنىمىزنىڭ كېلەچىگى،سوتسىيالىزىمنىڭ كەلگۈسى ئىز باسارلىرى،ئۇلۇغ پارتىيمىزنىڭ پۈرەكلەپ ئېچىلىش ئالدىدىكى غۇنچىلىرغا تۈپكى بىلىم ئىگەللەشتىن ئىبارەت يۈكسەك ۋەزىپىسى ۋە ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىپ،بىلىم ئىگەللىشىگە ئاسانلىق يارتىپ بەرگەيسىزلەر!سىياسى ئۈگىنىش ۋە سىياسى ۋەزىپىلەرنى يۈكلەپ قويمىساڭلار چۈنكى ئۇلار كىچىك بولغاندىمۇ بەكلا كىچىك،سىياسىنىڭ نىمىلىگىنى ئەسلا چۈشەنمەيدۇ،سىياسى ئۇلارغا بالدۇرلۇق قىلىدۇ.ئۇلار تەتىل مەزگىلىدە مەكتەپ دىگەننى پەقەتلا يادىغا كەلتۈرمەي چارچاپ كەتكەن كاللىسىنى مەكتەپ ئوينىغىلى قويمىغان ئۇيۇنلارنى ئويناپ ئارام ئالدۇرسۇن(بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا ھەر قېتىم تەتىلدىن يېنىپ يىغىلغىنىمىزدا زۈرۈر ئىشىمىزنى تاشلاپ،ئاتا-ئانىمىزغا يالۋۇرۇپ،يۈگۈرۈپ باراتتۇق،مەكتەپ بىزنىڭ قەلبىمىزدە شۇنداق سۈيۈملۈك ئۇرۇن ئىدى،ئەمما ھازىر ئۇنداق بولماي قالدى-دە)،ئاتا-ئانىسى ھامىيلىق قىلىپ ئۆز مەجبۇريەتلىرنى ئادا قىلىۋېلىشىغىمۇ پۇرسەت بىرەيلى!شۇنىڭچىلاپ ئۇقۇتقۇچىلارمۇ ئارام ئېلىۋالسۇن!
          باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرغا نىسبەتەن سىياسى ئېڭىنىڭ يىتىلىشىگە يەنە خېلى ۋاقىتلار كېرەك(18ياشقا ياكى 16ياشقاتۇشىدىغىنىغا خېلى بار).سىياسى ئېڭى ھۈجەيرىسى شەكىللەنمىگەن،ئاشۇ سەبىلەرنىڭ ئېڭىغا سىياسىنى يۈكلەشنىڭ ئۈزى ئەڭ زور خاتالىق،ئەخمىقانىلىق ھەمدە ئۇلارنى بىلىم ئىگەللەش ھوقوقىدىن مەھرۇم قىلغانلىقتۇر،بۇ مايسىنى زورلاپ تارتىپ ئۆستۈرگەنگەباراۋەر.
        مىنىڭچە مىنىڭ كاللام ئاددىمۇ ياكى بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىزنىڭ بىلىش چۈشەنچىسىدە مەسلە بارمۇ بۇنى ئېنىق بىلمىدىم.لىكىن كاللامدا شۇ نەرسە ئېنىقكى رەھبەرلىرىمىزنىڭ كاللىسىدا مائارىپ قانۇنيىتىگە ھۆرمەت قىلماسلىق ھۈجەيرىسى يامراپ كەتكەندەك قىلىدۇ،بۇنى قەتئى تۈزىتىش داۋالاش كېرەك،ئۇلارغامائارىپ قانۇنىيىتىنىڭ قانداق بۇلدىغانلىغى توغۇرسىدىكى سىياسى ئۈگىنىشكەتەشكىللەش ئىنتايىن زۈرۈردەك قىلىدۇ.
بىز ئاۋام خەلىق يەنىلا كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنى ئويلايمىز چۈنكى كەلگۈسى ئەۋلاتلار ئۇلۇغ جۇڭگۇ كومپارتىيمىزنىڭ تەۋەرۈگىدۇر.

       2.بىخەتەرلىك خىزمىتى مەسىلىسى ھەممىنىڭ بېشىنى ئاغىرتىدىغان،ئەنسىرتىدىغان ئەمما ئەھمىيەت بەرمىسە قەتئى بولمايدىغان،باشتىن-ئاخىر،ئۈزۈل-كىسىل چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيدىغان مۇھىم مەسلە.بىراق بىخەتەرلىك مەسىلىسى يالغۇز ئۇقۇتقۇچىنىڭ مەسىلىسى(ھازىر شۇنداق قارىلۋاتىدۇ،مەكتەپ تەشكىلىنىڭ مەسئۇليىتى ئۇقۇتقۇچىغا قۇشۇۋېتىلۋاتىدۇ) دەپ قاراشنىڭ ئۈزى ئۇقۇتقۇچىنى بالا باققۇچىغا ئايلاندۇرۇپ قۇيۇپ،ئۇقۇتۇش خىزمىتى يەنە كەينى سەپكەئۆتكۈزۈلۈپ قۇيۇلدى.
         ھازىر ئۇقۇتقۇچىنىڭ بىخەتەرلىك مەسئۇليىتى مىسىلسىز بۇلۇپ قالدى.ئۇنىڭچىلاپ ئاتا-ئانىلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسئۇليىتىنى تۇنۇش ۋە بىخەتەرلىك مەسئۇليىتىنى ئادا قىلىشى يىتەرسىز.ئاتا-ئانىلار بىخەتەرلىك مەسئۇليىتىنى مەكتەپكە ۋە ئۇقۇتقۇچىغا ئارتىپ قۇيۇش،پەرزەنتىنىڭ ھايات-ماماتىنى مەكتەپ ۋە ئۇقۇتقۇچىغا ئاتىۋېتىش قاراش ۋە قىلمىشلىرى بەكلا ئېغىر.
        دۆلىتىمىزنىڭ مەكتەپ ۋە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسئۇليىتىنى بىكىتىش توغۇرسىدىكى قانۇن-مىزانلىرى ئاز ۋە يۇچۇقلىرى كۆپ،كۆپ قىسىمى مەكتەپ ۋە ئۇقۇتقۇچىغا پايدىسىزبۇلۇپ مەكتەپ ۋە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز-ئۈزىنى قوغداش قورالى يوق دىيەرلىك.ئاتا-ئانىلاردا ئەخلاق سۇسلىشىپ كىرزىس شەكىللەندۈرمەكتە.
        ھازىرقى بىخەتەرلىك ھادىسە نەتىجىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،ئاتا-ئانىلاردا پەرزەنتىنىڭ ھايات ماماتى مەكتەپ خىزمەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغاچقا ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەكتەپ پەرزەنتلىرنىڭ ھاياتلىق بۈشۈگى،پەقەت مەكتەپلا پەرزەنتلىرنىڭ ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ ۋەمەسئۇليەتلەرنى شەرتسىز ئۈستىگە ئالالايدۇ.ئۇقۇتقۇچىلار بولسا نامدا ئۇقۇتقۇچى بولغان بىلەن نەزىردە بىر بالا باققۇچى خالاس.
ئۇنداق بولمىسا ئۈيىدىن مەكتەپكە چىقىپ،تېخى مەكتەپكە كەلمەيلا ھادىسىگە يۇلۇققان پەرزەنتىگە نىمە دەپ ئۆيدىن مەكتەپكە چىقىپ كەتكەن،مەكتەپ بولمىغان بولمىسا مەكتەپكە ماڭمايتى،مەكتەپكە ماڭمىغان بولسا ھادىسىگە يۇلۇقمايتى،مەكتەپ ياكى ئۇقۇتقۇچىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىك تەربىيسى بىرىشى يىتەرسىز بولغان دىگەندەك ئۇرۇنسىز تەلەپلىرنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ،مەكتەپ ۋە ئۇقۇتقۇچىسىنى بىھۈددە ئاۋارە قىلالامتى؟
      مەكتەپتىن قۇيۇپ بىرىش داۋامىدا ھادىسىگە يۇلۇققان بالىسىغا مەكتەپ بۇرۇن قۇيۇپ بەرمىگەن بولسا بۇ ھادىسە كۈرۈلمەيتتى دەپ بىلجىرلاپ باقارمىدى؟قاچاندىن بۇيان مەكتەپنىڭ ئىچكى ئىشلىردا مۇدىر ئاتا-ئانىدىن سۇراپ قىلدىغان بولغىيدى دەيمەن؟
        نەچچە كۈن مەكتەپكە دەسسىمەي نەچچەكىلومىتىر يىراقلىقتىكى ئۆز مەھەللىسىدە سۇغا چۈشۈپ ئۈلۈپ قالسا مەكتەپ بالام مەكتەپكە بارمىسا سۈرۈشتۈرمىگەن،سۇغا چۈشمەڭلار دىمىگەن دەپ مەكتەپ ۋە ئۇقۇتقۇچىنى ئاۋارە قىلىش نىمىنى چۈشەندۈردۇ؟
      مەكتەپ ئىچىدە يولنى ئوڭشاپ ماڭالماي،موللاق ئېتىشىپ ياكى توپ ئويناپ پۇت-قوللىرىنى قايرىۋالغان ۋە سۇندۇرۋالغان ئاتا-ئانىلارنىڭ بالامنى مەكتەپكە ساق ماڭدۇرغان دەپ چىقىمىنى ئۇقۇتقۇچىدىن تۈلىتىۋېلىش تەرەپدارى بۇلۇشى،ئۈيىگە بارغۇچە ھادىسىگە يۇلۇققان بالىسىنى دەپ ئۇقۇتقۇچىغا تېلفۇن بىرىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىپ ياكى تەكشۈرتۈپ كىلىشىنى تەپ تارتماي تەلەپ قىلىشى،بالىسنىڭ خەتەرلىك ئېغىر كېسەل ئىكەنلىگىنى ئۇقۇتقۇچى ۋەمەكتەپتىن يۇشۇرۇپ مەكتەپكە ئەكىلىپ قۇيۇشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋېلىشى ......زادى نىمىدىن؟زادى نىمىدىن؟
       مەكتەپ ۋە ئۇقۇتقۇچىدا قىلچىلىك بىخەتەرلىك مەسئۇليىتىنىڭ يوقلۇغى ئېنىق تۇرسىمۇ ھەتتا شۇنداق نەتىجە چىقىرىلغان بولسىمۇئىشتىن بۇرۇن ئۇقۇتقۇچىنىڭ كۆزلىرىگە قوللىرنى تىقىپ،سەتلەپ،ئاتا-ئانىلاردىن مۇرەسسە تەلەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىشى ھەتتا ئۇقۇتقۇچىنى ئۇرۇنسىز جازالىغان نان ئۇۋىقى باشلىقلارنىڭ بۇنداق مائارىپ باشقۇرۇشىنى قانداق چۈشىنمىز؟زادى قانداق چۈشىنمىز؟
         مانا بۇ ئەھۋاللاردىن مائارىپنىڭ يۇقۇرى بالداققا كۈتۈرۈلۈشىنى ئەمەس بەلكى ئۇجۇقۇپ كىتىشىنى كۈرۈۋالماق ئەسلا تەس ئەمەس.مىنىڭ بىلىشىمچە مەكتەپكە مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك ھادىسلىردە تەدبىقلايدىغانغان قانۇن نىزاملار كەمچىل،چۈجىسىنى ئاسىراپ ئانىسنى ئاسىرمىغاندا چۈجىمۇ ئۆلمەي قالمايدۇ.ھازىر پەقەت مائارىپ مىنىستىرلىگىنىڭ “مەكتەپ ئىچىدىكى بىخەتەرلىك ھادىسلىرنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى”لا بار بۇلۇپ،سوت جەريانى بۇ چارىغا تەدبىقلانماي پەقەت ھەق-تەلەپ قانۇن-نىزاملىرى ۋەئالاقدار قانۇنلارلا تەدبىقلىندۇ.ھازىر كوللىكتىپنىڭ مەسئۇليىتى دىگەن نەرسەكاتتىلارنىڭ ئېڭىدا يوق،ئۇقۇتقۇچىلارلا بۇلىدىكەن مەسئۇليەتنى ئارتىدىغانغا ئادەم يەنى ئوبىكىت بار.مۇشۇنداق بۇلۇشى قانۇن-تۈزۈملەشكەن ئۇلۇغ دۆلىتىمىزگە ماس كىلەمدۇ-يوق؟پەرزەنتلەرنىڭ بىخەتەرلىك مەسئۇليىتى نىمىشقا پەيدىن-پەي ئۇقۇتقۇچىلارغا يۈكلىنىپ قالىدۇ؟مۇشۇ ۋەجىدىن ئۇقۇتقۇچىلار نىمىشقا پىنسىيگەچىقىشقا ئالدىرايدۇ؟نىمىشقا ھازىر سىتودىنىتلار ئۇقۇتقۇچى بۇلۇشنى خالىمايدۇ؟.......

        3.تۈرلۈك ھەر دەرىجىلىك تەكشۈرۈشنىڭ كۆپلىگى ئۇقۇتۇشنىڭ نۇرمال تەرتىۋىنى قالايمىقانلاشتۇرۋەتتى،خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئەمەليەتتىن يىراقلىشىپ شەكىلۋازلىق بولغان ئارخىپلاشتۇرۇش دۈۋىسىگە ئايلىنى پقالدى.ئىشەنمىسىڭىز تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بىلىسىز خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىشخاندائولتۇرۇپ ئارخىپ ئىشلەش دىسەم ئىشىنەرسىزمۇ؟
      ياق چۇقۇم ئىشىنسىز،چامداپ،ماڭداپ شەھەرئالالمىسىڭىز ئىشلىمەي تۇرۇپلا ئارخىۋىنى ئشلەپلا كۆرسەتسىڭىز ئۇ شەھەرنى ئېلىشىڭىزدا گەپ يوق.چۈنكى مەن 2000-يىللاردىن باشلاپلا مۇشۇنداق ھۈنەرنىڭ شاھىدى بۇلۇپ كىلىۋاتىمەن.
      يازمامنىڭ بېشىدىلا دىگەن مەكتەپ خىزمىتى ھەر كۈنى دىگۈدەك يۇقۇرى قاتلام كاتتىلىرىنىڭ توختماي بىر بىرلەپ ئارخىپ تەكشۈرۈشىدىن ئۈتىدۇ.ئۆجى كىلدۇ دىگەن خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان ئۇششاقۇ-چوڭ،پىششىقۇ-توڭ ھەممەيلەن قاتتىق ساراسىمگەچۈشىمىز،ئۇخلىيالمايمىز،توختىماي تىپىرلايمىز.چۈنكى تەكشۈرۈشكە كىلىدۇئەمەسمۇ!بۇنداق چاغدا قانداقمۇ ئۇقۇتۇشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن دەيسىز،ئۇقۇپلا ھېرىپ چارچاپ ماجالىڭىزدىن كىتىپ ئۈزەم بۇ دۇنيادا  بارمىدۇرمەن دىگەنلەرنى ئويلاپ قالىسىز.مەۋسۈم بېشىدىن مەۋسۈم ئاخىرغىچە100قاپتىن كۆپ ئارخىپ ئىشلىمىسىڭىز سىز ھەرگىز لاياقەتلىك ئۇقۇتقۇچى،لاياقەتلىك مۇدىر ئەمەس.
         ئەمەليەتتە ئۇنچىلىك قىلىپ كىتىش ئەرزىمەس ئىش ئىدى،نىمە ئامال باشلىق شۇنداق ئۇرۇنلاشتۇردىغان تۇرسا،قىلماسلىققا سىزنىڭ نىمە ھەددىڭىز؟! دىمىسىمۇ مەكتەپ دىگەن ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان مەرىپەت بۈشۈكى،ۋەزىپىسى ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش،تەلىم-تەربىيە ئىدى،نىمە پايدىسى نەچچە يۈز پارچىلاپ پىلان،خۇلاسە تەييارلاپ شەكىلۋازلىق قىلىشنىڭ؟
       يېڭى خىزمەتكە چىققاندا مەكتەپنىڭ بىرلا ئومومى خىزمەت پىلانى بۇيچە ئۇقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ،%60-%70 ساۋاتسىز بولغان ھالەتتىمۇ ساۋاتلىق قىلىپ چىقارغان،ئىلىم ئۈگەتكەن ۋە ئاشۇ ساۋاتسىزلارنى ئالى مەكتەپ تەربىيسىگە ئىگە قىلغان مەن ۋە باشقا ئۇقۇتقۇچىلار ئەمەسمۇ!     ئەمدىلىكتەبىزگە بىر نەرسە بولدىمۇ ياكى باللىرمىزغا بىر نەرسە بولدىمۇ؟ھىچ ساۋاتسىزلارقۇشۇنى ئاۋۇپ كىتىۋاتىدۇيا!ھۆرمەتلىك باشلىق مىنىڭچە سىز گۇناھنى يەنىلا بىزئۇقۇتقۇچىلارغا قۇيىسىز شۇنداقمۇ؟دىمىسىڭىزمۇ بىز ئەسكى،بارا-بارا سېسىق توققۇزىنچىلىق ئورنىمىزنى تاپقاندەكمۇ قىلمىز بولمىسا سىز بولغاچ.
          ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەريانى ئۇنچىاۋالا مۇرەككەپ جەريان ئەمەس بەلكى دەرسلىگى،دەرس تەييارلىغى،تاپشۇرۇقى ۋە ئەخلاقى تەربىيەخاتىرسى ھەمدە ئۇقۇتقۇچىنىڭ بەش ئەزاسى ساق بولسىلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بۇلدىغان جەريان.ئۇقۇتقۇچى زىيالىيلار قۇشۇنى،بىلىملىكلەر قۇشۇنى شۇنداق بولغاچقا ئۇقۇتقۇچىغا يىتەرلىك ۋاقىت ئاجىرتىپ بىرىلسىلا ئۆز بىلىملىرنى ئۇقۇغۇچىلارغائۈگىتىپ بىلىملىكلەردىن قىلىپ تەربىيلەپ چىقالىشى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىتتۇر.ئەمما ئۇقۇتقۇچىغا يىتەرلىك ۋاقىت ئاجىرتىپ بىرىلمەيۋاتىدۇ،كىچە-كۈندۈز ئىشلەشكە بېسىملار كۈچلۈك بۇلىۋاتىدۇ.مىنىڭچە دۆلىتىمىز ماشنا ئۇقۇتقۇچى ئىشلەپچىقىرىشى كېرەك بولمىسا مائارىپتا مەڭگۈ ئۈنۈم كۈرۈلۈشى مۇمكىن ئەمەس.
        بىر لېكتۇرلار ئۆمىكىنىڭ  مەلۇم غوللۇق ئەزاسىنىڭ لېكسىيسىدەئۇقۇغۇچىلارغا بىلىم ئۈگىتىشتىن مۇھىمراق بولغان ئادىمىيلىكنى ئۈگىتىش كېرەك،ھازىردۆلىتىمىز ئادىمىيلىك ئاڭلىقلىقىغا ئىگە بولغان بىر تۈركۈم زىيالىيلارغامۇھتاج.دىگەن ئىبارىلەرنى ئاڭلىدىم.دىمىسىمۇ ئادەم بالىسىدا ئادىمىيلىك تۇيغۇسىنى بىلدۈرۈش ئىنتايىن زۈرۈركەن،ئويلاپ باقسام مەنمۇ شۇ قاراشتا ئىكەنمەن.نىمىشقادىسىڭىز مىنىڭ ئۇقۇتۇش ئادىتىمدە ئۇقۇغۇچىلارغا باھا بىرىشتە ئۇنىڭ ئالغان نۇمۇرىغا قارىمايمەن.مىنىڭ نەزىرىمدە نۆل نۇمۇر ئالغان ئۇقۇغۇچى بىلەن يۈز نۇمۇرئالغان ئۇقۇغۇچىنى مەڭگۈ سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس بىر ئىشتۇر.
         ئەمدى مەقسەتكەكەلسەم ئۈزىنى ئادەمدەك ھىس قىلالمىغان ئۇقۇتقۇچىدا ئادىمىيلىكنى ئۈگىتەلىشى مۇمكىنمۇ؟يەنە بىر لېكسىيدە مەلۇم بىر ناھىيدە بىر ئۇقۇتقۇچىنىڭ بىر سائەتلىك دەرسنى ئۈتۈش ئۈچۈن14دەپتەرنى تولدۇرۇپ ئىشلەيدىغانلىقلىغى،ھەپتىدە 5سائەت دەرس ئۈتىدىغان بىر ئۇقۇتقۇچىنىڭ بىر سائەتلىك دەرسنى ئۈتۈش ئۈچۈن دەرس تەييارلىغى ۋەتاپشۇرۇقنى ھىساپقا ئالمىغاندا تۈرلۈك دەپتەر ئىشلەكلەرنى ئىشلەشكە كىتىدىغان ۋاقىتنى چىقىرۋەتكەندە دەرس ئۈتىدىغانغا پەقەت2سائەتلا ۋاقىت قالدىغانلىغىنى ئوتتۇرغاقۇيۇپ،قەتئى خاتا ئىكەنلىگىنى قەيت قىلدى.بۇ يەردە ۋاقىت ھىسابى قىلىنمايلا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ئىشلارنىڭ ھەتتا ئۇقۇتۇش ئۈنۈمىنىڭ قانچىلىك بۇلدىغانلىغىنى بىلىۋالماق ئۇنچىۋالا تەسمۇ ئەمەس.
         شۇڭا مەن دەيمەنكى ئۇلۇغ كومپارتىيمىزنىڭ توغرا رەھبەرلىگىدە ئۇقۇتقۇچىلارغا ئۇقۇتۇشقا يىتەرلىك ۋاقىت ئاجىرتىپ بىرىشىنى،تاپشۇرۇقنى ئۈيىگە قولتۇقلاپ ماڭماسلىغىنى،بىر پۇڭغا ئەسقاتمايدىغان ئارخىلارنى يۇقۇتۇپ،زور ھەجىمدە ئىخچاملاپ،نان ئۇۋىقى باشلىقلارنىڭ ئۈزىنى كۆز-كۆزقىلىش سورۇنىنى ئۈزىل-كىسىل تارمار قىلىپ،ئۇقۇتقۇچىنىڭ كاللىسىدا قاراپ تۇردىغان كاللا كىسەرلەرنى يۇقۇتۇپ،ئۈنۈملۈك ئۇقۇتۇش،ئۈنۈملۈك تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىلىشىغا،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭمۇ مەسئۇليەتچان ئېڭىغا،ھوقوق-مەنپەتلىرگە ئېتباربىرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.قاچانغىچە سېسىق توققۇزىنچىنى بىرگە ئېلىپ يۈرگىدەكمىز!

         4.نۇرغۇن ئاساسى قاتلاملاردا خىزمەت قىلغانلارنىڭ ھوقوق-مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس،مەكتەپ تەشكىلى قانۇنى ئىگە ئۇرۇن بولسىمۇئاساسى قاتلاملادىكى تۈۋەن دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى تارماق-مائارىپ ئىشخانىلىرى(مائارىپ پارتىيە باش ياچېيكىلىرى)نىڭ كۈزىگە كىرىۋېلىشى سەۋەپلىك مەكتەپ مۇدىرلىرى پەقەت بۇيرۇلمىلارنىلا ئىجرا قىلدىغان پاسسىپ ئۇرۇنغا ئايلىنىپ قالدى.مائارىپ تارماقلىردا ئوخشاش مەزموندىكى يىغىنلارنىڭ چاستوتىسى يۇقۇرى،مەكتەپ مۇدىرلىردا بېسىم ئېغىر،ئەمەلى ھوقوق پەقەت يوق.كۇنكىرت ئىش بىجىرىشى چەكلەنمىلىككە ئىگە.(ھوقوق بار دىيىلسە غۇجاملار تەييارلىغان تالۇنلارغا ئىمزاقۇيۇپ بىرىش،غۇجاملارنىڭ دىگىنى بۇيچە دوكلات يېزىپ بىرىشلا خالاس)،مائارىپ ئىدارىلىرنىڭ باشلىقلىرى ئاساسەن دىگۈدەك مائارىپ كەسپىدىن يىتىشىپ چىقمىغان،ئۇلارمائارىپ قانۇنيەتلىرىنىڭ تىگىگە يىتەلمىگەچ يىتىشسىزلىكلەر كۆپ.(مائارىپنى سىياسىيۇنلارغا تاپشۇرۇش كېرەك پەلسەپىسىنى ئەمىللەشتۈرگەن بۇلۇشى مۇمكىن)
         ھازىر مەكتەپلەردە(جەنوبى شىنجاڭدا) ئەمەلى ھوقوق بولماسلىق سەۋەپلىك جازالىندىغان ئۇقۇتقۇچىلارنى يوللاپ بىرىش،خىزمىتىگەئىلھام بىرىشكە تىگىشلىك نادىرلارغا ئىلھام-مۇكاپات بىرەلمەسلىك خاھىشى ناھايتى كەڭمىكىن دەيمەن.چۈنكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ گۈشى كاتتىلارنىڭ سۈڭىكى بولسا مەكتەپنىڭ شۇنداق بولغاچقا مەكتەپ باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئۇقۇتقۇچىلار ئوتتۇرسىدا زىددىيەتكەسكىنلىشىپ،رەھبەرلىكنى ئېتراپ قىلمايدىغان،كۆزگە ئىلمايدىغان،ئىككىلەنمەي مۇدىرلارغا ئالىيىپ ئۇرۇشالايدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ بولغىلى خېلى ۋاق بولدى.دىمىسىمۇ جازاسىلا بار مۇكاپىتى يوق قۇرۇق داستىخانغا كىممۇخۇشتار؟!!!
         مەكتەپلەردە ئېلىپ بېرىلدىغان تۈرلۈك باھالاشلارنى دىمەيلا قۇيايلى بولدى،ھەممىدە غۇجامنىڭ ئارزۇسى بۇيچە قىلمىسىڭىز سىزنىڭ مەڭگۇ خاتا بۇلۇپ قېلىۋېردۇ.ھازىر كۈپىنچە مەكتەپلەر پۇلسىز ھالەتتە مەكتەپ باشقۇرۇلىدۇ چۈنكى مەكتەپ ھىساۋاتى ئاللا بۇرۇن مائارىپ ئىدارىلىرگە يىغىۋېتىلگەن.مۇشۇنداق ھالەتتە مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ نەقەدەر قىيىنلىغىنى ھىس قىلالايسىز ئەلۋەتتە.ناۋادا پۇلغا جىددى ئېھتىياجىڭىز چۈشۈپ مائارىپ ئىشخانىسىغا دوكلات كۈتۈرۈپ بارسىڭىز ھەمدە چىقىم ئورنىنىڭ ھازىرنىڭ ئۈزىدە ناھايتى مۇھىملىغىنى چۈشەندۈرسىڭىز ھەيران قالىسىز. ئۇ شۇجى ئىككىلەنمەي يانچۇقىڭىزدىكى شەخسى پۇلنى خەجلەپ ياكى قەرز ئېلىپ، دوكلات تەستىقلىنىپ پۇل كەلگەندە ئېلىۋال دەپ ئىشخانىسىدىن چىقىرۋېتىدۇ،سىزخورلۇقنىڭ،بېسىمنىڭ تەمىنى يەتكۈچە تارتىپ قالىسىز دەيمەن.بىزدە يۇغان بىرمەكتەپنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلىگۈدەك پۇل نەدە تۇرۇپتۇ،بۇ مەنتىقىغە ئۇيغۇنمۇ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە مال باھاسى شىددەت بىلەن ئۈسۈۋاتقان مۇشۇ زاماندا بىزدىكى جان ساقلاش پۇلى ئاشامدۇ؟مەكتەپتە پۇل بولمىسا ئۇششاق چۈشەك ئىشلارنى قانداق قىلغۇلۇق؟ھەممىنى كاماندۇرۇپكا تولدۇرۇپلا ھەل قىلغىلى بولماس غۇجام؟!
         يەنە شۇنى دىمەي تۇرالمايمىز،بىر قىسىم ناھىيلەردە ئۇقۇتقۇچىلارغا بىرىلدىغان ئۈنۈم ئىش ھەققىنى تۇلۇقلا تارقىتىپ بىرىدىكەن،ئۇلارنىڭ دىيىشىچە تۇلۇقى بىلەن ئېلىش ئۇلارنىڭ ھوقوقىكەن.ئەمما بىزنىڭ ناھىيدە ھەر قېتىملىق ئۈنۈم ئىش ھەققىنىڭ %20قىسىمىنى تارقاتقاندا پەۋقۇلئاددەتۆھپىسى بولمىسىلا ھەممە ئادەملەردىن ئاز-ئازدىن تۇتۇپ قېلىندۇ(تۇلۇق ئىشلەپ بەرسەجەدىۋەلنى ئالغىلى ئۇنمايدۇ،مەسئۇليەتنى مەكتەپ مۇدىرىغا ئىتتىرىپ قۇيۇشىدا گەپ يوق ئەلۋەتتە)تۇتۇپ قېلىنغان پۇلنى مەكتەپ ھىساۋاتىغا قۇشۇۋىتەرمىش،لىكىن بۇنىڭ ئۈزى ئۈنۈم ئىش ھەققىنى تارقىتىش توغۇرسىدىكى بەلگىلمىلەرگە خىلاپ ئىكەنلىگىنى كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىۋاتىدۇ.بىز ئۇقۇتقۇچىلارنى ھەممە تارماقلار بۇزەك قىلىدۇ،بىزئىسمى-جىسمىغا لايىق سېغىن كاللاردىن بۇلۇپ قالدۇق.پەقەت يەۋەتمىگەنلا يىرى قالدى ھازىر.
        يەنە بىرسى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى خېلى كۆپ قىسىم رايۇنلاردا ھەر ئايلىغى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 300يۈەندىن قاتناش ياردەم پۇلى بىرىپ كىلىنىۋېتىپتۇ.ئەمما مەن تۇرغان ناھىيە نامرات ناھىيلەرگە ياردەم بىرىدىغان باي ناھىيلەردىن تۇرۇغلۇق ھازىرغىچە بۇ پۇل ئەمىللىشىپ باقمىدى.بىرجۇڭگۇدا ئىككى تۈزۈم دەپ ئاڭلىغان ئەمما بىر ۋىلايەتتە ئىككى تۈزۈمنى پەقەت ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن.
ئ        ويلىغانسىرى ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ كىتىدۇ،شۇنچىۋالا چوڭ ناھىيدە مائارىپ ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان كادىر80دىن كۆپ،ھەرقايسى يېزا بازارلاردىكى مائارىپ ئىشخانىسى(مائارىپ پارتىيە باش ياچېيكىسى)دائىشلەيدىغان كادىر ھەر بىر يېزىدا ئىشلەيدىغانلارنى 7نەپەردىن ھىساپلىساقمۇ100نەپەردىن ئۇشۇق.بۇلارنىڭ قانچە مەركىزى مەكتەپ ۋە قانچە كەنىت باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئادىمى بۇلدىغانلىغىنى ھىساپلاپ بەرمىسەممۇ ئۈزىڭىز  ھىساپلىيالايسىز.
       ئۆتكەندە بىر توردىشىمدىن كورلىدا شەرىق ۋە غەرىپ دەپ ئىككى شۆبە مائارىپ ئىدارىسى بارلىغىنى مائارىپ ئىشخانلىرنىڭ تەلتۈكۈس يۇقالغانلىغىنى ۋە نۇرغۇن ئادەملەرنى تىجەپ ئۇقۇتۇشقا ئاتلانغانلىغىدەك خەۋەرنى ئاڭلاپ ئىچىمدە ناھايتى خوش بولدۇم.مانا بۇنىڭ ئۈزىنى خەلىق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش،خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش دەيمىز،خېلى بۇرۇنلا ئاپتۇنۇم رايۇن مائارىپ ئىشخانلىرنى يۇقۇتۇش توغۇرسىدىكى ئۇختۇرۇشنى چۈشۈرگەنمىش،بۇنىڭغا ناھايتى كۆپ ئۇرۇنلار ئاۋاز قۇشۇپ يۇقۇتۇپتۇدەك.ئەمما بىر قىسىم ناھىيلەر يۇقۇرنى ئالداپ شاققىدە ۋىۋىسكىسىنىلا مائارىپ پارتىيە باش ياچېيكىسى دەپ ئۆزگەرتىۋېلىپ،يۇقۇرنى ئالداپ تۈۋەندە زورلۇق-زومبۇلۇقنى قانات يايدۇرۋاتىدۇ.بۇلار بىچارە شوجاڭ ۋەبىچارە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كۈزىگە كىرىۋېلىشنى ئۈزىنىڭ تۈپ خىزمەت مىزانى قىلغان بۇلۇشى مۇمكىن.
        مۇشۇلارنىڭ دەستىدىن يۇقۇرقى يازمىلارنى ئۇقۇسىڭىز مۇشۇ ئۇقۇتقۇچىلارمۇ خىزمەت قىلىپ يۈرۈپتۇ دەپ ھىسداشلىغىڭىزنى قوزغىيالىشىمىزدا گەپ يوق.بۇلار ئاتاقتا رەھبەر تونىغا ئۇرنىۋېلىپ مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى بۇيۇك ئارزۇ قىلغان بولسا كۈنلەپ كۈزىگە كىرىۋالغان بىلەنمۇئەسلا مۇمكىن ئەمەس.ئۇلار مائارىپنى ئۈلۈك يولغا باشلايدۇ خالاس.نىمىشقا ئۇنداق دەيمىز؟
        چۈنكى مائارىپ ئىشخانىلىرىدىكى نان ئۇۋىقى باشلىقلار ئۈزىنى زىيادەئەقىللىق چاغلايدۇ،ۋاقىرايدۇ،جاقىرايدۇ،قول ئاستىدىكى مۇدىرلارنى ئىشلەمچىلىكمۇكۈرۈپ قويمايدۇ،تۈرلۈك يىغىنلاردا مۇدىرلارغا ۋاقىراپ سۆزلەپ ئۇلارنىڭ ئادىمىيلىكىگە ھۆرمەت قىلمايدۇ،ئەڭ ئەقەللى تازلىق ئىشى،دەرس ئۈتۈش ئىشلىرنى تەكىرار ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ غورۇرىنى دەپسەندە قىلىپ،خىزمەتتىن بىزارقىلىدۇ،ئۇلار ھەرگىز مۇدىرلارنىڭمۇ ئاشنى گەجگىسىگە يىمەيدىغانلىغىنى،بىر ئەقىل ئىگىسى ئىكەنلىگىنى چەتكە قاقىدۇ،مەيلى ئۇرۇنلۇق مەيلى ئۇرۇنسىز بۇلۇشتىن قەتئى نەزەرئۆزلىرىنىڭ پىكىرىنى زورلاپ تاڭىدۇ.نەتىجىلەرنى ئۆزلىرى بولغاچقا شەكىللەنگەن دەپ قارايدۇ،يىتەرسىزلىك كۈرۈلگەندە ئاساسى قاتلامدىكىلەرگە ئارتىپ قۇيۇپ، سوت سەھنىسىگە بىچارە مۇدىرلارنى چىقىرىپ قۇيىدۇ.ئۇلار ئەقىلىدىن ھالقىپ كەتكەنلەر.شۇنداق بولغاچقا مائارىپ ئىشخانىلىرى مائارىپ ئۈنۈمىگە سەلبى تەسىركۆرسىتىدىغان ئەڭ رۇشەن سەلبى تىپ.
      يۇقۇرقى تەھلىل بۇيچە بولغاندا مائارىپ ئىشخانىلىرى(مائارىپ پارتىيە باش ياچېيكىسى)نى تەل تۈكۈس يۇقۇتۇپ،مەكتەپلەرگە ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرغا كۇنكىرت ھوقوق بىرىشى،قانۇنى ئىگە بولغان مەكتەپ مۇدىرلىرنى تاللاپ ئىشقا قۇيۇشى،مەكتەپلەرنىڭ ئاساسلىق خىزمىتىنى ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش قىلىشى كېرەك.
      يەنە ئويلايدىغان بولساق مائارىپىمىزنىڭ مائارىپ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە سەلبى تەسىر كۆرسىتىدىغان خىزمەتلەردىكى ئەمەلى يارقىن نوقتىلارنى تاپمىغىمىز تەس ئەمەس،لىكىن تاپقىنىمىزنىڭ ھەممىسى سەۋەنلىك بۇلۇشى ناتايىن.لىكىن ھازىر شۇنى ئېتراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى،مائارىپتىن زىرىككەنلەركۆپ،قانچىلىغان ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش تاشلاپ باشقا كەسىپلەرنى قىلىپ يۈرگەنلىكىگە كۆز يۇمىۋالساق بولماس.دىمەك مائارىپىمىزدا ئۇقۇتقۇچى كىرزىسى ۋە مۇدىر كىرزىسى يۈزبىرىۋاتىدۇ،كونىلىرى كەسىپتىن زىرىكىش،يېڭىلىرى خىزمەت تاشلاش،سىتودىنىتلارمائارىپ كەسپىنى ئىمكانقەدەر تاللىماسلىق خاھىشىغا دۈچ كەلدۇق.بۇلارنىڭ سەۋەپلىرىنى كۇنكىرت ئانالىز قىلىشىمىز،يۇچۇقلارنى ئىتىشىمىز،يېڭىچە يۇقۇرى ئۈنۈملۈك خىزمەت مۇھىتى يارتىپ،مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ،ئۇلۇغ كومپارتىيمىزنىڭ دانا رەھبەرلىگىدە ئۇلۇغ سوتسىيالىستىك قۇرغۇچىلارنى تەربىيلەپ،ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى،مىللىتىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ،ئۇزاق مۇددەتلىك ئەبەدى ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا دىيارىمىزنىڭ ھالقىما تەرەققىياتنى تېرشىپ ئشقا ئاشۇرۇشىمىز لازىم.
         مىنىڭچە مائارىپىمىز تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغامۇھتاج بۇلىۋاتىدۇ،چۇقۇم تەرەققىيات تەڭپۇڭلىغىدىكى ئادەم كۈچى بايلىغى مىخانىزىمى شەكىللەندۈرۈپ،مائارىپنىڭ تۈپ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تۈپ يولنى تېپىشىمىزغ اياردەم قىلىشى،بىمەنە ئارخىپ دۈۋىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشى ۋە تارماقلارنىڭ تۈپ ھەركەت مىزاننى قېلىپلاشتۇرۇپ قانۇنلاشتۇرۇشى لازىم.
    شۇندىلا مائارىپىمىز تېخىمۇ گۈللەپ ياشناپ،ۋەتىنىمىزنى ئۇلۇغ قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ چىقىشىمىزدا ئىشەنچىمىز كامىل.
مائارىپىمىز يەنە"”بىنادىن سەكىرمىسۇن
ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
گۇلزار + 5 + 5 + 5 + 5
ئامان + 5 + 5 + 5 + 5يارايسىز بۇرادەر.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 10 تىللا + 10 تۆھپە + 10 شۆھرەت + 10  باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

406

تېما

56

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5037 سەر
تىللا
2201 دانە
تۆھپە
8454 سەر
شۆھرەت
3653 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 02:19:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇسىز بۇرادەر؟ مۇنبىرىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا مارھابا!
بۇ يازمىڭىزنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم ۋە ئويلىنىش ئىچىدە بىر ھازا سۈكۈتكە پاتتىم. مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن مىللى مائارىپىمىزنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى بىر بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ۋە تەسەۋۋۇرىمدىن ئۆتتى. يەنە تېگى يوق خىياللار ئىچىگە كىرىپ كەتتىم.....
بۇ يازمىڭىزدىن سىزنىڭ رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئەھۋالىنى خېلى ئەتراپلىق تەتقىق قىلغانلىقىڭىز كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. سىز بۇ يازمىڭىزدا يېقىنقى يىللاردىن بېرى مىللى مائارىپىمىز دۇچ كەلگەن ۋە دۇچ كېلىۋاتقان كىرزىسلارنى، ئەسلى ماھىيىتى ۋە رولىدىن چەتنىگەن ئېغىشلارنى، ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئاللىبۇرۇن ھېس قىلىپ يەتكەن، ئەمما ئېغىزدىن چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالمىغان سادالارنى ناھايىتى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىپسىز. بۇلار ياش ئەۋلاتلارنىڭ، مىللەتنىڭ، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، مائارىپنى چۈشىنىدىغان ۋە سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈرەك ساداسى.
سىز بۇ يازمىدا ئوتتۇرىغا قويغان كۆپ قاتلاملىق بىر قاتار مەسىلىلەر ھەرقانداق ئادەمنى ئويغا سالىدۇ ۋە نۆۋەتتىكى مائارىپ تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ زۈرۈرلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
رەخمەت سىزگە، سىزدەك مىللى مائارىپىمىزنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئىزدىنىدىغان بىر كەسىپدىشىمىزنىڭ مۇنبىرىمىزگە قوشۇلغىنىغا خۇشالمەن، ئېسىل يازمىلىرىڭىز بىلەن بايقاش مۇنبىرىنى تېخىمۇ ئاۋاتلاشتۇرغايسىز، سىز بىلەن داۋاملىق ھەمسۆھبەت بۇلۇشنى ئۈمۈت قىلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-29 03:46  

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5096 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9307 سەر
شۆھرەت
4214 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 10:53:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇسىز ئەركەم ئەپەندى سىزنىڭ مۇنبىرىمىزگە كەلگەنلىكىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن .
سىزنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق « ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش » توغرىسىدىكى پىكرىڭىزنى ئوقۇغان بولساممۇ ئىنكاس يېزىش ئارلىقىدا جىددى ئىشىم چىقىپ قېلىپ ئىنكاس يازالمىغان ئىدىم . بۇگۇن بۇ يازمىڭىزنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم .  سىزنىڭ دىگەنلىڭىز ھەر قايسى رايونلاردىكى مەكتەپلەردە ئوموميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر بۇ مەسىلىلەرنى ھەممىمىز بىلىپ تۇرغان بولساقمۇ ئامان ئەپەندى ئېيتقاندەك ئېغىزدىن چىقىرىشقا پېتىنالمىدۇقمۇ ياكى بۇ توغرىسىدا قەلەم تەۋرىتىشكە ئىقتىدارىمىز يەتمىدىمۇ ئەيتاۋۇر بۇ ئىشلار مۇنبەرگە چىقمىغان ئىدى بۈگۈن سىز بۇ مەسىلىلەرنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويۇپسىز ، غەيرىتىڭىز ئاوپىرىن .
مەن بۇ يازمىڭىزنى باشتىن ئاخىرى ئوقۇپ چىقتىم ھەم  يازمىڭىزدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەر بىلەن رايونىمىزدا ساقلىنىۋاتقان ھەم ئۆزەم ھېس قىلىپ ئىچىمدە ئۆكۇنۈپ ئەمما ئېغىزدىن چىقىرىشقا جررئەت قىلالمايۋاتقان بىر قىسىم ئىشلارنى يېزشىقا باشلىدىم .
1 ›     بۇگۈن بىزمۇ  بازارلىق ھۆۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى قويىۋېتىپ بايراملىق تازلىققا  چىقىۋاتىمىز ئوقۇتقۇچىلار كوچا- كويلاردا  سۈپۈرگىلەرنى كۆتۈرۈپ تازلىق قىلماقتا .بۇنىڭدىن يوقۇرنىڭ تازلىققا ئەھمىيەت بېرىپ بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا سەل قارىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ .
2 › ھازىر مەكتەپلەردە يولغا قويىلىۋاتقان « قوش تىل » ئوقۇتىشنى ئېلىپ ئېيتساق  بالىلىرىمىز  ئانا تىلدا ساۋادى چىقماي تۇرۇپلا باشقا تىلنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولماقتا . بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ كىمدە ؟بىرسى يوقۇرىنىڭ يوليورۇقىدىن كۆرسەك يەنە بىر تەرەپتىن  بۇنى بىزنىڭ بىر قىسىم ئاتا - ئانىلىرىمىزنىڭ ( خەنزۇچە ئوقۇسا خىزمەت تاپالايدۇ)دىگەندەك  خاتا كۆز قاراشلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ .
3 ›  يوقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلار بولسا « قوش تىل »  سىنىپلىرىغا ئوقۇتقۇچى سەپلەشنى مەخسەت  قىلىپ بىر قىسىم خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار بىلەن خەنزۇ تىلىدا ئوقۇغان ئەمما ئانا تىلدا ساۋادى يوق يەنە كېلىپ پىداگوكىكا ئوقۇمىغان بىر تۇركۈم ياشلارنى ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلماقتا .   بۇ يېڭى كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار خەنزۇ تىلىنى بىلگەن بىلەن ئۇلار پىداگوكىكا ئوقۇمىغانلىقى ئۈچۈن   دەرس ئۆتۈش ، دەرس تەييارلاش ، ئاتا - ئانىلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ، ئوقۇغۇچىلارغا  ئادەت تەربىيىسى ،  پىسخىك تەربىيە  بېرىش  ،  جەھەتلەردە نۇرغۇنلىغان توسالغۇلارغا ئۇچرىماقتا. ئەئەقەللىسى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار  بالىلارنىمۇ باشقۇرۇشنى بىلمەي ھە دىسىلار باشلىقنىڭ ئالدىغا دەردىنى تۆكۈپ كىرىۋاتقان  . شۇنداق بولغاندىكىن  بۇ ئوقۇتقۇچىلارنى ئىش ئورنىغا قويۇش مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ بېشىنى قاتۇرماقتا .  بۇنى زادى كىمدىن كۆرۈش كېرەك ؟
4 ›  ھازىر « ئىككى ئاساسەن» خىزمەتلىرىنى تەكشۇرۇش قايتا باشلانغاندىن بۇيان مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ئاساس ئەمەس بەلكى ئارخىپ خىزمتى  مۇھىم ئورۇندا تۇرماقتا .  ئارخىپنى ئىشلىمەي دىسىڭىز يوقۇرىنىڭ تەكشۇرىشىدىن ئۆتمەيۋاتقان .  ئىشلەي دىسىڭىز ئوقۇتۇش قېلىۋاتقان . بۇ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك ؟

0

تېما

0

دوست

46

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
11 سەر
تىللا
3 دانە
تۆھپە
8 سەر
شۆھرەت
7 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 13:01:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوش تىل ئوقۇتۇش جەريانىدا ھەممىمىز  نۇرغۇن مەسەلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىمىز ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەل بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىۋاتىمىز ،   كۈنللەرنىڭ بىرىدە بۇمۇ ھەل بولۇپ قالار .

29

تېما

3

دوست

2653

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
666 سەر
تىللا
172 دانە
تۆھپە
477 سەر
شۆھرەت
454 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 18:11:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ جۇڭگۇ مائارپىنىڭ مەغلۇبىيىتى ۋە پىغانى بولماستىن شىنجاڭ مائارپنىڭ ئەمىلى كارتىنىسى ئىكەن. بۇنداق ئەھۋالنى بىزنىڭ رايۇندىلا ئوخشايدۇ دەپ ئويلىسام ھەممىمىزنىڭ بېشىدا بار ئىكەنغۇ!

17

تېما

0

دوست

530

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
121 سەر
تىللا
80 دانە
تۆھپە
98 سەر
شۆھرەت
90 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 00:03:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئېغىزلا گەپ، زامان ساڭا باقمىسا، سەن زامانغا باق.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-12 01:28, Processed in 0.423562 second(s), 40 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش