پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3609 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 买买提艾力,吐 يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر 13 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 麦提图尔荪 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر 13 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • تۇرپان_س تۈنۈگۈن 19:28 [ئىنكاس(0)] [...]

كۆرۈش: 61|ئىنكاس: 2

مىليادىرلاردىن بولۇڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

17

تېما

6

دوست

724

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
180 سەر
تىللا
40 دانە
تۆھپە
161 سەر
شۆھرەت
122 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 11:48:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىليادىرلاردىن بولۇڭ


     مىليادېرغا ئايلىنىش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى، سىز ناۋادا مىليۇنىر بولسىڭىز چېگرىدىن ئادەم كىرىشنى توسالماي ئاۋارە بولۇۋاتقان، پىلانلىق تۇغۇت يولغا قويۇپ نوپۇس تىزگىنلەۋاتقانلاردىن تارتىپ پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەتلەر سىزنى پۇخرالىققا قوبۇل قىلىشقا ئۆچرەت بولۇپ كېتىدۇ، كىشىلەرنى سىزنى ھەتتا كورىيە ۋە ئىتالىيىدىكىدەك دۆلەتنىڭ پىرىزدېنتى بولۇشقا تەكلىپ قىلىشى، چوڭ كارخانىلار سىزنى بىزگە مەبلەغ سالسىكەن دەپ خوشامەت قىلىش، داڭلىق دۇنياۋى ئارتىسلار سىز بىلەن بىللە تاماق يىيىش ئۈچۈن كونسېرتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى مۈمكىن...
   ئەركىنلىكى بولۇپ پۇلى بولمىغان ئادەم يەنىلا خار-زارلىق ۋە مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ. پۇلى يوق ئادەم ئەركىنلىكىنى يوقاتقان ئادەمدۇر، شۇڭا پۇل ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىش بىلەن باراۋەر.
   مىليادىر بولۇش كىشىلىك ھاياتتىكى پەقەت خىيىم خەتىرى يوق، قانۇنغا خىلاپ ئەمەس بولغان بىر قېتىملىق تاللاش. شۇڭا كىشىلىك ھاياتنى قانداق تاللاش، ھاياتىمىزنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى مىلياردېرغا ئايلىنىشىمىزدىكى مۇقەررەر يول قىلىشىمىز كېرەك. بىز ھەر قېتىملىق باشقىلار بىلەن مەبلەغ سېلىش قارىشى ھەققىدە پاراڭلاشقىنىمىزدا، مەبلەغ سېلىش ئىدىيىسى مەسىلىسىنى تەكىتلەيمىز. ئۇنداقتا، بىز بۇ مەسىلىگە نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئەھمىيەت بېرىمىز؟ بۇ سۇئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن مۇنداق مىسال كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ھەممە ئادەم تېنىنىڭ ساغلام بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىز تېنىمىزنىڭ ساغلام بولىشى ئۈچۈن، بەزى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىمىز. ئۇنداقتا، بىز پەقەت بەدەن چېنىقتۇرساقلا ساغلام بولۇپ كېتىمىزمۇ؟ بۇنىسى ناتايىن. چۈنكى، بەدەن چېنىقتۇرۇپ قويۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ. پەقەت توغرا بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا ھەمدە ئۇنى سىجىل داۋاملاشتۇرغاندىلا، ئاندىن ساغلام بولۇش مەقسىتىگە ھەقىقىي يەتكىلى بولىدۇ. مەبلەغ سېلىشنىڭ قائىدىسىمۇ دەل مانا مۇشۇنداق.
   نەچچە يىللار ئىلگىرى كومپاس شىركىتى «چارىنىڭ بارىدىن يوقى ياخشى» ناملىق كىتاب تۈزگەن بولۇپ، شىركەت دېرىكتورى ۋاڭ جىجيې ئەپەندى بۇ كېتاپتا مەبلەغ سالغۇچىلارغا پاي چېكى بازىرىدا كېرىكى سەۋرچانلىق ئەمەس، بەلكى ئەقىل- پاراسەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق بايان قىلغان. مانا بۇ ئىنتايىن ئالدىن كۆرەرلىككە ۋە ئىلمىيلىككە ئىگە مەبلەغ سېلىش ئىدىيىسىدۇر. ۋېليام باففېت ئەپەندىنىڭ ئۇستازى بىن گېرۋىم ئەپەندى «ئەقىللىق مەبلەغ سالغۇچى» دېگەن كىتابىدا، «ھە دىگەندىلا ئوڭاي ياكى ھەممە ئادەم قىلىۋاتقان ئىش بىلەن شۇغۇللانساڭ پۇل تاپالمايسەن، مەبلەغ سېلىشتا روھىي ھالەت ماھارەتتىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
    نۇرغۇن كىشىلەر مىليادېرغا ئايلىنىش ئۈچۈن كۆڭۈللۈك ئائىلە بولۇش كېرەك ياكى بولمىسا كىشىلىك ھايات سەپىرىدە بىرەر چوڭ تەلەيگە ئۇچراش كېرەك، ھەتتا لاتارىيىدە كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىش كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئەمما، ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق ئاپپاراتلارنىڭ ستاتېستىكىسىغا قارىغاندا، ھازىرغا قەدەر دۇنيادىكى 80 پرسەنت مىليادېر قۇرۇق قول ئىش باشلىغان. جەمەتىنىڭ كەسپكە ۋارىسلىق قىلىپ مىليادېرغا ئايلانغانلار مىليادېرلار ئومۇمىي سانىنىڭ ئاران بەش پىرسەنتىنىلا ئىگىلىگەن. بۇنىڭدىن «مىليادېرغا ئايلىنىش بىر قېتىملىق پۇرسەت بولماستىن، بەلكى بىر خىل تاللاشتۇر» دېگەن خۇلاسە چىقىدۇ.
    ئەمدى بىز نەزىرىمىزنى بۇنىڭدىن يۈز نەچچە يىل بۇرۇنقى دەۋرگە ئاغدۇرۇپ باقايلى، ئۇ چاغلاردا مىليادېر تۇرماق، تەرەققىي قىلغان ئامېرىكىدىمۇ ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ مىليونېرغا ئايلىنىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئىدى. 1890- يىلى ئامېرىكىلىقلارنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە مائاشى 0.22 ئامېرىكا دوللىرى ئىدى. ئادەتتىكى ئىشچىلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 200 دوللاردىن 400 دوللارغىچە بولۇپ، نامراتلىق سىزىغىدىن تۆۋەن ئىدى. ئۇ چاغلاردا ئادەتتىكى ئائىلىلەرنىڭ 80 پىرسەنت كىرىمى يېمەك- ئىچمەك، تۇرالغۇ، كىيىم- كېچەك قاتارلىق ئاساسىي ئېھتىياجغا سەرپ قىلىناتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ خىل ئەھۋالدا ياخشىلىنىش بولدىمۇ- يوق؟ ئەمدى بىز شۇنىڭدىن 100 نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈنگە نەزەر سېلىپ باقايلى. 21- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئادەتتىكى ئامېرىكا ئائىلىلىرىنىڭ يىللىق كىرىمى 50 مىڭ دوللار بولۇپ، قارىماققا ئۇلارنىڭ ئىلكىدىكى كىرىمى زور دەرىجىدە كۆپەيگەندەك بىلىنىدۇ. ئەمما ئەمەلىي ئەھۋال شۇنداق ئىكەنكى، كۆپ ساندىكى ئائىلىلەرنىڭ بىردىنبىر ھاياتلىق يولى مائاشقا تايىنىشتىن ئىبارەت. ئائىلىلەرنىڭ مەبلەغ سالغان مۈلۈكى يوق دېيەرلىك. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ كىرىمى كۆپەيگەن تۇرۇقلۇق يەنىلا مالىيە كىرزىسىدىن قۇتۇلالمايدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى كۆپچىلىكنىڭ باشتىن- ئاياغ بىر خىل خاتا قاراشتا بولۇپ كەلگەنلىكىدە. كۆپ ساندىكى كىشىلەر كۆپرەك ئىشلەپ، كۆپرەك مائاش ئالغاندىلا كىرىممۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ كۆپىيىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن، كىرىمىمىزنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ تۇرمۇش ئىستېمالىمىزنىڭمۇ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، خىزمىتىمىز ۋە چىقىمىمىزنىڭمۇ كۆپىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئويلايدىغانلار بارمۇ- يوق؟ دۆلىتىمىزدە كىشىلەر ھەمىشە پۇلنى بانكىغا ئامانەت قويۇش ھەممىدىن بىخەتەر، دەپ قارايدۇ. قارىماققا ئۆسۈمنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، يانچوقىمىزدىكى پۇل ئامانەت كۆپىيىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، لېكىن پۇل پاخاللىقىدىن ئىبارەت بۇ مەرەزنىڭ كاساپىتىدىن، يانچوقتىكى پۇلنىڭ ئەمەلىي سېتىۋېلىش كۈچى ئاجىزلاپ كېتىۋاتىدۇ.
   يەنە بەزىلەر ئۇنداقتا ئۆي ياكى ئالتۇن سېتىۋېلىش ئەڭ ياخشى تاللاشمۇ؟ دەپ سورىشىدۇ. بۇنىڭغىمۇ ئوخشاشلا "ياق" دەپ جاۋاب بېرىمىز. مەيلى ئۆي بولسۇن ۋە مەيلى ئالتۇن بولسۇن، ئۇ ئارقىلىق پاي چېكى بازىرىدىكىگە ئوخشاش تەكرار پايدىنى كۆپەيتىش مەقسىتىگە يەتمەك تەس. پاي چېكى باھاسى تېز ئېشىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاچقا، يېڭى پايچىكلار كارخانىلارنىڭ كەلگۈسىدە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنىڭ ئېشىشىغا بولغان ئۈمىدىنى كارخانىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنىڭ ھېساب يۈزىدىكى ئېشىشىغا باغلايدۇ. كارخانىلار ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى تېز ئاشۇرۇش شەكلى ئارقىلىق، شىركەتنىڭ نەق پۇل ئوبوروتىنى كۆپەيتىپ، تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مۈلۈكنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنى پاي چېكى باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدە نامايەن قىلىپ، زىيادە تەكرار پايدىغا ئايلاندۇرىدۇ. بىر گرام ئالتۇن مەڭگۈ بىر گىرام ئالتۇن پېتى تۇرىۋېرىدۇ، بىر كورپۇس بىنا مەڭگۈ ئىككى كورپۇسقا ئايلىنىپ قالمايدۇ. ئەمما، تېز ئاشۇرۇش قاتارلىق شەكىللەرنىڭ تۈرتكىسىدە، پاي چېكى ئارقىلىق بىرنى ئىككىگە، ئىككىنى تۆتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ-دە، ئاخىر بېرىپ تەكرار پايدىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئۈنۈمى تېز ئاشىدىغان پاي چېكىنى بايقىغان ھامان ئۇنى سېتىۋېلىش كېرەكمۇ؟ بۇنىڭغىمۇ "شۇنداق" دەپ جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدا چوقۇم رىقابەت ئەۋزەللىكىنى باشتىن- ئاياغ ساقلىيالايدىغان ياكى تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ پاي چېكىنى تاللاش كېرەك. رىقابەت كۈچى يوق ياكى ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ئاشمايۋاتقان شىركەتلەر مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ پاي دەسمايىسى زىيادە ئېشىپ، ھەر بىر پاينىڭ ئۈنۈمى كەينىگە يېنىپ كېتىدۇ. مەبلەغ سېلىشتا مەغلۇپ بولغانلار پاي چېكى باھاسى ئۆزى مەبلەغ سالغان تەننەرختىن تۆۋەنلەپ كەتكەندە، بۇنىڭدىن قاتتىق ئازابلىنىپ قولىدىكى پاي چېكىنى سېتىۋېتىدۇ.
    بازار مۇھىتى ۋە پاي چېكى ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن مەبلەغ سېلىش ئىدىيىسى ئوخشاش بولمىغان مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، بەزىلىرى مەغلۇب بولىدۇ. مەبلەغ سالغۇچىنىڭ روھىي ھالىتى ياخشى چاغدا، ئۇ ئىجابىي پىكىر يۈرگۈزۈپلا قالماي، بەلكى يەنە دېققەت- ئېتىبارىمۇ ئىجابىي بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭ مەشغۇلاتى مۇقەررەر ھالدا توغرا بولىدۇ. يەنە كېلىپ، پەقەت ئوڭۇشسىزلىقلارلا بىزنى ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. مەبلەغ سېلىش بازىرى دەل باھانىڭ زور دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىشىدىن ئىبارەت رەھىمسىز شەكلى ئارقىلىق ئاجىز، بوشاڭ مەبلەغ سالغۇچىلارنى شاللىۋېتىدۇ. ناچار بازار مۇھىتى ئارقىلىق، كەلگۈسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمىزنىڭ قىممىتىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئەگە بازارنىڭ ئىلكىدىكىسى باھانىڭ يەككە تەرەپلىك ئۆرلىشىدىن ئىبارەت بولسا، كېلۋېم ۋە باففېتلار ئۇلۇغ پايچېكلارغا ئايلىنالمىغان بولار ئىدى.
   دۇنيادىكى مىليادىرلارنىڭ ئۈچ ئاساسى پىرىنسىپى بار...
   بىرىنچىسى :دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر ۋە پايدىسى ئەڭ يۇقىرى مەبلەغ سېلىش مائارىپقا مەبلەغ سېلىشتىن ئىبارەت.
    ئىككىنچى: ساخاۋەت قىلىش ئادىتى.   بايلىق سىزنى  ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنى سىزدىن تاما قىلىدىغان، سىز بەرمىگەن ھامان سىزنى قاغاپ غاجايدىغان قىلىۋېتىدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق خەيرى ساخاۋەت سىزنىڭ نامىڭىزنى ساقلاپلا قالماي يەنە ئەۋلادلىرىڭىزنى بىكارغا كەلگەن بايلىق ئارقىلىق چېرىكلىشىپ كېتىشتىن ساقلا يدۇ.
    ئۈچىنچىسى : مىليادىر بولۇش ئۈچۈن ئەتراپىڭىزغا سىزنىڭ بېيىش قەدىمىزگە ھەمراھ بولىدىغان، سىز مىليادىر بولغاندا مىليونىر بولىدىغان ئادەمدىن يۈزنى يىغىشىڭىز كېرەك. شۇڭا مەنلا باي بولىمەن دېسىڭىز باي بولالمايسىز.

شىنجاڭ رادىيو ئىستانسىسى خەۋىرىدىن ئۆزلەشتۈرۈلدى




مىليادىرلاردىن بولۇڭ


     مىليادېرغا ئايلىنىش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى، سىز ناۋادا مىليۇنىر بولسىڭىز چېگرىدىن ئادەم كىرىشنى توسالماي ئاۋارە بولۇۋاتقان، پىلانلىق تۇغۇت يولغا قويۇپ نوپۇس تىزگىنلەۋاتقانلاردىن تارتىپ پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەتلەر سىزنى پۇخرالىققا قوبۇل قىلىشقا ئۆچرەت بولۇپ كېتىدۇ، كىشىلەرنى سىزنى ھەتتا كورىيە ۋە ئىتالىيىدىكىدەك دۆلەتنىڭ پىرىزدېنتى بولۇشقا تەكلىپ قىلىشى، چوڭ كارخانىلار سىزنى بىزگە مەبلەغ سالسىكەن دەپ خوشامەت قىلىش، داڭلىق دۇنياۋى ئارتىسلار سىز بىلەن بىللە تاماق يىيىش ئۈچۈن كونسېرتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى مۈمكىن...
   ئەركىنلىكى بولۇپ پۇلى بولمىغان ئادەم يەنىلا خار-زارلىق ۋە مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ. پۇلى يوق ئادەم ئەركىنلىكىنى يوقاتقان ئادەمدۇر، شۇڭا پۇل ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىش بىلەن باراۋەر.
   مىليادىر بولۇش كىشىلىك ھاياتتىكى پەقەت خىيىم خەتىرى يوق، قانۇنغا خىلاپ ئەمەس بولغان بىر قېتىملىق تاللاش. شۇڭا كىشىلىك ھاياتنى قانداق تاللاش، ھاياتىمىزنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى مىلياردېرغا ئايلىنىشىمىزدىكى مۇقەررەر يول قىلىشىمىز كېرەك. بىز ھەر قېتىملىق باشقىلار بىلەمىليادىرلاردىن بولۇڭ


     مىليادېرغا ئايلىنىش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى، سىز ناۋادا مىليۇنىر بولسىڭىز چېگرىدىن ئادەم كىرىشنى توسالماي ئاۋارە بولۇۋاتقان، پىلانلىق تۇغۇت يولغا قويۇپ نوپۇس تىزگىنلەۋاتقانلاردىن تارتىپ پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەتلەر سىزنى پۇخرالىققا قوبۇل قىلىشقا ئۆچرەت بولۇپ كېتىدۇ، كىشىلەرنى سىزنى ھەتتا كورىيە ۋە ئىتالىيىدىكىدەك دۆلەتنىڭ پىرىزدېنتى بولۇشقا تەكلىپ قىلىشى، چوڭ كارخانىلار سىزنى بىزگە مەبلەغ سالسىكەن دەپ خوشامەت قىلىش، داڭلىق دۇنياۋى ئارتىسلار سىز بىلەن بىللە تاماق يىيىش ئۈچۈن كونسېرتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى مۈمكىن...
   ئەركىنلىكى بولۇپ پۇلى بولمىغان ئادەم يەنىلا خار-زارلىق ۋە مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ. پۇلى يوق ئادەم ئەركىنلىكىنى يوقاتقان ئادەمدۇر، شۇڭا پۇل ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىش بىلەن باراۋەر.
   مىليادىر بولۇش كىشىلىك ھاياتتىكى پەقەت خىيىم خەتىرى يوق، قانۇنغا خىلاپ ئەمەس بولغان بىر قېتىملىق تاللاش. شۇڭا كىشىلىك ھاياتنى قانداق تاللاش، ھاياتىمىزنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى مىلياردېرغا ئايلىنىشىمىزدىكى مۇقەررەر يول قىلىشىمىز كېرەك. بىز ھەر قېتىملىق باشقىلار بىلە
ھاياتلىقنى قەدىرلەپ ، ئىناق ياشايلى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

29

تېما

3

دوست

2653

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
666 سەر
تىللا
172 دانە
تۆھپە
477 سەر
شۆھرەت
454 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 00:52:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايچىك ئويناش، مەبلەغ سېلىش دىگەن ئۇقۇملارنى بەك چۈشۈنەلمەيمەن. ئەمىلى تۇرمۇشتىمۇ ماھىيىتىدىن چۈشۈنىدىغانلار قانچىلىكتۇ.
مېنىڭ قارىشىم، بىز مەنپەتى يوق قۇرۇق ئىشلارغا بەك كۆڭۈل بۆلگەن بىلەن مۇشۇنداق مۇھىم ئىشلارغا كۆڭۈل بولمەيدىكەنمىز.
بىزدىمۇ ئىختىساد ئېڭى تۇرغۇزۇلىشى، يىتىلىشى، تەرەققى قىلىشى كىرەك........

0

تېما

1

دوست

180

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
33 سەر
تىللا
15 دانە
تۆھپە
61 سەر
شۆھرەت
24 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 09:32:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئىقتىسادى جەھەتتە مۇستەققىل بولغاندىلا،خارەكتىر جەھەتتە مۇستەققىل بولغىلى بۇلىدۇ››دەپ ئاڭلىغان.
ھەراست،مەن بۇتاپتا ‹‹تىللادىر›› بۇلۇپ كىرەكلىك ماتىرىياللارنى چۈشۈرىۋالسام دەيمەن.
تۇلۇق ئوتتۇرا ئىدىيە-سىياسىي ئوقۇتقۇچىلىرى تەجىرىبە ئ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 13:44, Processed in 0.171529 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش