پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3609 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 买买提艾力,吐 4 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 麦提图尔荪 يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • تۇرپان_س تۈنۈگۈن 19:28 [ئىنكاس(0)] [...]

كۆرۈش: 126|ئىنكاس: 1

سىمىزلىك ۋە توغرا ئۇسۇلدا ئورۇقلاش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

84

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
24 سەر
تىللا
1 دانە
تۆھپە
18 سەر
شۆھرەت
17 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 00:11:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىمىزلىك ۋە توغرا ئۇسۇلدا ئورۇقلاش
ئورۇقلاشتىكى توغرا ئۇسۇل
    1.قىلمىش ئارقىلىق ئورۇقلاش:سىمىزلىككە بولغان تونۇشنى،سىمىزلىكنىڭ ئادەمگە بولغان زىيىنىغا بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈش.قەيسەر ئىرادە،مۇۋاپىق چىدامچانلىقنى يىتىلدۇرۇش كېرەك.«سىمىزلىك بەخت،سىمىز بولسا ئۆمرى تېخىمۇئۇزۇن بولدۇ»دىگەن خاتا كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىپ،ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈپ،ۋاقتىدا،يىتەرلىك،مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش،مايلىق يىمەكلىكنى ئاز يىيىش،گۆشسىز،تالالىق يىمەكلىكنى كۆپ يىيىش،ئاز غىزالىنىش،كۆپ ھەركەت قىلىش،تاماق يىگەندە ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش كېرەك.
      2.ھەركەت ئارقىلىق ئورۇقلاش:ھەركەت ئارتۇق مىقتاردىكى ماي ۋە قەنىتنى خورىتىدۇ.ئاز يىيىش،ئوكسىگىن يەتكۈزدىغان ھەركەتنى،ئۇزۇن مۇددەتلىك سەۋېرچانلىقنى تەلەپ قىلدىغان ھەركەتنى،ئاستا يۈگرۈش،سۇ ئۈزۈش،ۋەلىسپىت مىنىش،ئۇسۇل ئويناش،بەلدە چەمبىرەك ئايلاندۇرۇش،پەي توپ ئۇيناش،گۈزەللىك گىمناستىكىسى...قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىشلەش كېرەك.بۇلار ماينى خورىتىدۇ.ھەركەت قىلغاندا قەنت خوراشقا باشلايدۇ،20 مىنۇتتىن كىيىن،ماي خوراشقا باشلايدۇ،30-40 مىنۇت ھەركەت قىلىش كېرەك.1)ئاياللار يەنە ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش ئارقىلىق ئورۇقلاش مەقسىدىگىمۇ يەتكىلى بولدۇ.تاماقتىن كىيىن ئولتۇرۋالماي،بىرەر سائەت يەڭگىل ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىقمۇ،ئىنىرگەىيەنى خورىتالايدۇ.2) كۈندە ئەتىگەن كەچتە(خالىغان ۋاقىتنى چىقىرىپ) پىيادە يول مېڭىشنى ئادەت قىلىش كېرەك.كۈنىگە 10كىلومىتىر يول ماڭالىسا ئارتۇق كېسەلدىن خالى بولۇش بىلەن بىرگە،يەنە ئورۇقلايدۇ.  10كىلومىتىر يول مېڭىش  دىسە قۇرقۇپ كەتمەڭ،ئۇ پەقەت سىزنىڭ ئەتىگەن ئورۇندىن تۇرغاندىن تارتىپ،كەچكە ياتقىچە بولغان ئارلىقتىكى مېڭىشىڭىزنى كۆرسۈتىدۇ،كۆپ ئەھۋاللاردا 10كىلومىتىر يول ماڭالمايمىز ،شۇڭا كۈنىگە 20مىنۇتتتىن 40 مىنۇتقىچە يول مېڭىش كېرەك.بۇ ئارقىلىق يۈرەككە قان يىتىشمەسلىك، يۇقرى قان بېسىم،قاندىكى ماينىڭ مىقتارى ئېشىپ كېتىش دىگەندەك كېسەللەر ئۆزلىگىدىن ياخشىلىنىدۇ.3) كۈندە ئەتىگەن كەچتە  ئەمەلى ئەھۋالغا ئاساسەن مۇۋاپىق چېنىقىش،ئاساسلىغى گۈزەللىك گىمناستىكىسى،پەي توپ،بەلدە چەمبىرەك ئايلاندۇرۇش (呼 拉圈)،ۋاسكىتبول قاتارلىقلار ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بولۇپ،بۇلار ئادەمنى ئەڭ تىز سۇرئەتتە ئورۇقلىتىدۇ. ئەستە ساقلاشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى،ھەركەت مىقتارى ئاشقاندا،ئادەمنىڭ ئشتىھاسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ،ئورۇقلايدىغانلار ئىشتىھانى تىزگىنلەپ ،يەتتە ئۆلۈش تۇيۇشنى ئاساس قىلىش كېرەك،سەمىردىغانلار بولسا ،ھەركەتتىن كىيىن تۇلۇق تويۇنۇش كېرەك.
      3.ئوزۇقلۇق ئارقىلىق ئورۇقلاش:ئىسىقلىقنىڭ قۇبۇل قىلنىشىنى كونتۇرول قىلىش،ئاز غىزالىنىش،باشقا ئوزۇقلۇقلارغىمۇ كاپالەتلىك قىلىش ،بولۇپمۇ يىرىك ئاشلىق تۇردىكىلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.داۋاملىق ئىنچىكە ئىشلەنگەن بۇغداي،گۈرۈچلەرنى ئىستىمال قىلىۋېرىپ،بەدىنىمىزدىكى مۇرەككەپ W  b  تۇردىكىلەرنى قۇبۇل قىلالمايۋاتىمىز.بۇ تۇردىكى ۋىتامىنلار پەقەت ئاشلىقنىڭ كېپەكلىرىدە كۆپلەپ بولدۇ،بۇ ۋىتامىنلار نىڭ ھەممىسى فېرمىنتنىڭ ئالمىشىشىغا قاتنىشىپ،ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنىرگىيە ئالمىشىشقا قاتنىشىدۇ،ئارتۇق سۇ تەركىپنى چىقىرىپ تاشلايدۇ.دانلىق زىرائەت ئاساسلىغى ئىنىرگەىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ،گۆش،بېلىق،راك تۇردىكىلەر بولسا ئاقسىل بىلەن ،سۇت پۇرچاق تۇردىكىلەر بولسا مىنرالنى ماددىلار بىلەن تەمىنلەيدۇ،كۆكتات،مىۋىلەر ۋىتامىن بىلەن تەمىنلەيدۇ.1) سەھەر ئورۇندىن تۇرۇپلا بىر ئىستاكان ئىلمان قايناقسۇ ئىچىشنى ئادەت قىلىڭ .(بۇنىڭ ئورۇقلاشقا بەك پايدىسى بار)ناشتىلىقىڭىزنى بۇرۇنقى ئادىتىمىز بىلەن ياكى ئىككى تۇخۇم،بىر ئىستاكان سۈت(جەزمەن قايمىقى ئېلىۋېتىلگەن سۈت )بىلەن قىلىڭ.چۇشتە خالىغانچە 7-8 ئۆلۈش تاماق يەڭ.كەچتە پۇرچاق قاتارلىقلاردا قىلغان شوگۈرۈچ،ئالما بىلەن قېتىق(شىكەرسىز) ۋەياكى سۇ سەي(جەزمەن تالالىق سەي <سىللوزا纤维素 >بۇلىشى كېرەك،بۇ سىزنى ئورۇقلىتىپلا قالماي،يەنە ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ،ئاشقازاننى قوغدايدۇ. ئاشقازان،ئۈچەيدىكى ئارتۇق يىغىندىلارنى بىللە چىقىرىپ تاشلاپ،چىراينى گۈزەللەشتۇردۇ. قەنتنى ئوراپ ،قەنتنىڭ سۇمۇرلىشنى توسۇدۇ،) نىڭ خالىغان بىرىنى تاللاپ يىيىش.  ئاساسلىغى:يۇپۇرماقلىق سەيلەر.كۈدە،تاتلىق ياڭيۇ،ئۇسۇڭ.دۇفۇ،سەۋزە،پەمىدۇر،تەرخەمەك،ئالما،شاپتۇل،ئاپلىسىن،ئۇزۇم،كالا گۈشى،بېلىق،تۇخۇم ،كالا سۈتى قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىش كېرەك،بانان ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىڭ.2)ئەتىگەن كەچتە بىر ئىستاكان ھەسەل سۇيى ئىچىڭ(ئىلمان قايناقسۇغا تەڭشەڭ،) بۇ چىراينى گۇزەللەشتۈرۈپلا قالماستىن،قەۋزىيەتنى داۋالاپ،ئورۇقلىتىدۇ،(باشقا پايدىلىق تەرىپىنى سۆزلىمىسەممۇ تۇرداشلارغا تۇنۇشلۇققۇ)  يازدا ئالما ئاچچىقسۇسى(苹果醋) نى قۇشۇپ ئىچسە تەمى ئۆزگىچە ئىچىملىك بولۇپلا قالماستىن ،سىزنى تىز سۇرئەتتە ئورۇقلىتىدۇ.  3).ياخشى چاي ئىچىش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇش:ئىچىملىك ئىچمەسلىك،ئىچىشكە توغرا كەلسە،چاي ئىچىش كېرەك،چاينىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بولۇپلا قالماستىن، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش رولى بار.چاي سۇمۈرلىشنى تىزلىتىپ،قاندىكى قەنت ماددىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ،چاي ئىشقارلىق بولۇپ،ئاشقازان كىسلاتاسىنى نىتراللاشتۇرۇپ،كىسلاتالىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ.بۇ ئاشقازانى ئاجىز كىشلەرگە تولمۇ ماس كېلىدۇ.مىنىڭ تەۋسىيە قىلدىغان چېيىم پۇرچا چېيىدۇر،(普洱茶)،بۇ چاي،ئورۇقلارغىمۇ،سىمىزلەرگىمۇ ماس كىلدۇ،مەن بۇ چاينى ئىككى يىل ئىچىش ئارقىلىق،20 نەچچە كىلو گىرام ئورۇقلىدىم.(يۇقۇردا بايان قىلىنغان ئۇسۇللار بىلەن بىرلەشتۇرۇپ)  ئىچىش ئۇسۇلى:چاينى قېنىق دەملەپ ئىچىسىز،قايتا قايتا قايناقسۇ قۇشۇپ ئىچىشكە بولدۇ،بىر كۈندە كەم بولغاندىمۇ،5-6 ئىستاكان ئىچىش كېرەك.جەزمەن تاماق يەپ ئىككى سائەتتىىن كىيىن ئىچىش ،تاماق ۋاقتىدا ئىچىش توغرا كەلسە،ئىنتايىن ئاز ئىچىش كېرەك.تاماق بىلەن بىللە ئۇسۇزلۇق ئىچىش ئادەمنى سەمىرتىۋاتىدۇ. 4) ئاشقازاننى ئايدا بىرەر قىتىم «ئارامغا قۇيۇپ بېرىش» كېرەك.بۇ ئارقىلىق ئۈچەي ۋە ئاشقازاندىكى ئارتۇق يىغىندىلار تازلىنىپ چىقىپ كېتىدۇ.غەيرى مۇسۇلمان دۆلەتنىڭ ئالىملىرى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇش ئادىتىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان پايدىسىنى ئىسپاتلاپ چقتى.
      ئورۇقلاشتا دىققەت قىلدىغان ئىشلار:
1.ئىشتىھانى كونتۇرۇل قىلىپ ئورۇقلاۋاتقانلار ،تاماققا كىرىشكەندىن كىيىن تىزلا ئەسلىگە  قايتىدۇ،شۇڭا تاماققا كىرىشكەندە،بىراقلا جىق يەپ كەتمەسلىك كېرەك.ئاۋال تەملىك يىمەكلىكنى يەپ،ئىشتىھانى ئېچىۋالماسلىق كېرەك.تاماقنى يۇمشاق چايناپ،ئالدىرماي يىيىش،ئىشىپ قالغان يىمەكلىكنى يىۋەتمەسلىك،يەتتە ئۆلۈش تۇيۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش كېرەك.
2.ئىچىنى سۇردۇرۇش ئارقىلىق ئورۇقلاۋاتقانلار:جەزمەن كالتىسى بىلەن مىنرالنى ماددىلارنى تۇلۇقلاش كېرەك.ئادەتتە سۇرۇپ چىقىرىلغاننىڭ ھەممىسى سۇ ۋە مىنرالنى ماددا بولدۇ،بۇ ئۇسۇل مۇۋاپىق ئەمەس.
3.ماددا ئالمىشىشنى تىزلىتىش ئۇسۇلىبۇ ئاساسلىغى كۆپ ئۇخلاش ئارقىلىق ،مىتابولىزىمنى تىزلىتىش ئارقىلىق ئورۇقلاش)بۇنىڭدا يۈرەك سوقۇش تىزلىشىدۇ،ئىنىرگىيەنىڭ سەرپ قىلنىشى ئادەتتە مىنۇتۇغا 70 قىتىم بولسا،ئۇخلىغاندا 100 قېتىمغا يېتىدۇ.بۇ يۈرەك ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇردۇ.بولۇپمۇ قالقانسىمان بەز كېسىلى بارلارغا زىيانلىق.
4. ئۆت ياللۇغى بولۇشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.ئۆت سۇيۇقلۇغى ئادەم بەدىنىنى تەڭشەپ،سەمىرىشنى تۇسۇپ قالدۇ.
5.ئۈچەينى،قاننى تازلاش ئۇسۇلى: ئۈچەيگە سۇ قاچىلاپ،ئۈچەيدىكى نەرسىلەر يۇيۇپ چىقىرۋېتىلدۇ،قان ئايلىنىش ماشىندا بىر ئايلاندۇرۇپ،قەنت ماددىسى ئىلغىۋېلىندۇ،ماي يۇيۇپ چىقىرىلىدۇ،يۇيغاندا ئاسانلا باشقا كىسەللەر يۇقۇپ قالدۇ.
6.ئورۇقلاۋاتقانلار سۇنى كۆپرەك ئىچىش كېرەك.ئادەتتىكى ئەھۋالدا  8 ئىستاكان(2 لىتىر) سۇ ئىچىشىمىز كېرەك،لىكىن ئورۇقلاۋاتقاندا 10-13 كىچە ئىچىش كېرەك.ئىچىملىكنى قەتتى ئىچمەسلىك(كولا قاتارلىق كاربۇناتلىق ئىچىملىك ) ،ئىچىش توغرا كەلسىمۇ ،مىنرال سۇ ئىچىش كېرەك،سۇدا سىز ئېتىياجلىق بولغان مىنرالنى ماددىلار بار بولۇپ،ئاز پۇل خەجلەپ،يۇقرى ئۈنۈمگە ئىرىشىسىز.
7.سۇغۇق يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك كېرەك،مارۇزنا قاتارلىقلار  سىزنى سەمىرتىپلا قالماستىن يەنە كەم قانلىق كېسىلىگە گىرىپتار قىلدۇ.
8.تاماقنى قورساق رەسمى ئاچقاندا يىيىش،رەسمى تاماقتاۋە قۇشۇمچە يىمەكلىكتە پارچە پۇرات يىمەكلىكنى يىمەسلىك كېرەك.ئۇلارنىڭ تەركىۋىدە كۆپ مىقتاردا ئىسىقلىق ئىنىرگىيىسى بار.
    ئورۇقلاش مۇرەككەپ مەسىلە،ئالدىنى ئىلىش مۇھىم،داۋاملاشتۇرۇش قىممەتلىك.لىكىن بىر يىلدا 10كىلوگىرامدىن ئارتۇق ئورۇقلاش ھەم سىمىرىش يۇرەكنىڭ نورمال ئىقتىدارىغا پايدىسىز.«قىيىن .ىش يوق ئالەمدە،كۆڭۈل قويغان ئادەمگە» دەپتىكەن،قېنى ھەركەتكە كېلىپ سىناپ باقمامسىز. مەنمۇ ئىككى يىل كۆرەش قىلىش ئارقىلىق ئوڭۇشلۇق ھالدا  70كىلوگىراملىقلار قۇشۇندىن 49 كىلوگىراملىق قوشۇنىغا ئۆتتۈم.مۇۋاپىقىيەت قازنىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.(ۋاقت چىقرىپ تورداشلارنى پۇرچا چېيى توغرۇلۇق ماتىريال بىلەن تەمىنلەيمەن.)









ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5092 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9303 سەر
شۆھرەت
4210 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 10:49:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز يوقۇرقى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئورۇقدىغانمۇ ؟ ئەگەر 70 كىلوگرامدىن 49 كىلوگرامغا چۇشۇپ قالغان بولسىڭىز بەك ئورۇقلاپ كېتىپسىز . سىز دىگەندەك بىر يىلدا 10 كىلوگرامدىن ئارتۇق ئورۇقلاش ياكى سەمىرىپ كېتىش سالامەتلىككە زىيانلىق بولسا ئۇنداقتا سىز ئىككى يىل ئىچىدە 21 كىلوگرام ئورۇقلاپسىز  .دىمەك سىز يىلدا 10 كىلوگرامدىن ئارتۇق ئورۇقلاپسىز دىگەن گەپ .  
سالامەتلىكىڭىز ياخشىدۇ ؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 13:12, Processed in 0.368917 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش