ئىچسەم (ئابدۇللا ياقۇپ) تۆكۈلدى يەرگە ئابرويۇم ھاراقنى ئۆلگىدەك ئىچسەم، يېتىپ گوداڭدا ھالىمنى خالايىق كۆرگىدەك ئىچسەم. ھىجايدىم ئايلىنىپ پەسكە ، ئۇياتسىز بىر قېلىن مەستكە، يېنىمغا ئولىشىپ بارچە مازاقلاپ كۈلگىدەك ئىچسەم. ئەجەپمۇ قىينىلىپ بۇ جان، پۇتۇمدا قالمىدى دەرمان، يېزىپ سەككىزنى دەلدەڭشىپ ، لاغايلاپ يۈرگىدەك ئىچسەم. تېرىپ نەچچە جېدەل غەۋغا، بويالدى تۇمشۇقۇم قانغا ، قاۋاقتا مۇشتلىشىپ سەكرەپ بەئەينى بۈرگىدەك ئىچسەم. يۈزۈمگە يامىشىپ پوتلا، مەرەزگە ئوخشىدىم چورتلا، قۇسۇپ يوتقانغا ياستۇققا ، ئىچىمنى سۈرگىدەك ئىچسەم. بولۇپ بەزەن سېخى نوچى، ئاتالدىم گاھىدا پوچى، قاتارغا ئالمىدى ھېچكىم ، مۇغەمبەر تۈلكىدەك ئىچسەم. خۇدۇمنى بىلمىسەم شۇئان، بولۇپتۇ قىلمىشىم ھايۋان، سىتولبا ئۇچرىسا يولدا قۇچاقلاپ سۆيگىدەك ئىچسەم. ئېلىپ ئىبرەت قاچاي مەيدىن، بولاي ياخشى يىگىت-ئەردىن، قىلاركەن مەي مېنى نابۇت، ئوتىدا كۆيگىدەك ئىچسەم. 1996يىل 8-ئاي |