شائىر ئابدۇللا ياقۇپ يېڭىسار دىيارىدا ساۋۇر ئاخۇن خەلپىتىم (ناقىس) تىن قالسىلا ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسى يېڭىساردا ئالاھىدىن ئابدۇرەشىت ، ئابابەكرى ئەمەت(تۇيغۇن)، ئوبۇلھاشىم قاسىم، ئابلىز مەسۈم،مۇختەر سوپى، مۇتەللىپ مەنسۇر (ئوۋچى)، مىجىت ماڭسۇر ، مەمتىمىن ياسىن ...قاتارلىق شائىر ، يازغۇچى ۋە ھەۋەسكارلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە نىسبەتەن تۈرتكىلىك رول ئوينىغان . ئۇستاز شائىر ئابدۇللا ياقۇپنىڭ شاگىرتلارغا سىڭدۈرگەن ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىش ، شۇنداقلا ، ئۇنىڭ تىل پاساھىتىدىن مۇنبەرداشلارنى بەھىرلەندۈرۈش مەقسىتىدە ئۇنىڭ بىر بۆلۈك شېئىرلىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.
كۆزۈم كۆرمىسە ئابدۇللا ياقۇپ رەزىللىككە پاتقانلارنى كۆزۈم كۆرمىسە، يۇندى بولۇپ ئاققانلارنى كۆزۈم كۆرمىسە، قىلمىشىدىن ئەيلەپ نۇرغۇن دىللارنى بىزار، سېسىق بۇسنى چاچقانلارنى كۆزۇم كۆرمىسە. . سىگنال بەرسە قۇلاق سالماي تولغاپ بويۇننى، ھىيلە-مىكىر سەھنىسىدە ئويناپ ئويۇننى، "مۇناسىۋەت" دەپ يالىشىپ ئېغىز-بۇرۇننى، ئەلگە زىيان سالغانلارنى كۆزۈم كۆرمىسە. . مېھمان قىلىپ كاتتىلارنى ئۆيىگە باشلاپ، نېمە دېسە "خوش غوجام" دەپ بېشىنى قاشلاپ، بەرسە غاجاپ، ئاشقان قۇرۇق سۆڭەكنى تاشلاپ، ۋىجدانىنى ساتقانلارنى كۆزۈم كۆرمىسە. . ئۆز گۆشىدە ئۆز يېغىنى قورۇسا ئۇقماي، كۆزۈڭنى ئاچ دەپ ۋارقىراپ توۋلىسا ئۇقماي، ئىلىم –ھېكمەت ، پەن بىلىمدىن ھېچنەرسە يۇقماي، نادانلىقتا ياتقانلارنى كۆزۈم كۆرمىسە. . مەيخانىدا راست ئۆلگۈدەك ھاراقنى ئىچىپ، كوچا-كويدا تەتۈر دەسسەپ سەككىزنى يېزىپ، كىمنى كۆرسە غەۋغا قىلىپ شالىنى چېچىپ، دوستىغا مۇشت ئاتقانلارنى كۆزۈم كۆرمىسە. . گورۇھ بولۇپ يۈز-كۆزىنى نىقاپقا ئوراپ، مۆكۈپ تۇرۇپ تۈن يېرىمدا يوللارنى توراپ، ئۇچرىغاننى ئۇرۇپ-چەيلەپ ، پۇل-مالنى بۇلاپ، ھەر تەرەپكە قاچقانلارنى كۆزۈم كۆرمىسە. . ئاق تاماكا چېكىپ جىسمى قاقشالدەك ياداپ، پۇت-قولىدا دەرمانى يوق ، تارتىپ دەرت-ئازاپ، بولۇپ ۋەيران ، ئۆز-ئۆزىنى قىلىپ بەك خاراپ، توغراا يولدىن ئازغانلارنى كۆزۈم كۆرمىسە. . پەسكەشلىككە بولۇپ ھامىي ئاقنى دەپ قارا، ساختىپەزلىك تىغى بىلەن دىلنى قىپ يارا، ۋاپا قىلسا كىمكى ئاڭا ياندۇرۇپ جاپا، خەقكە ئورا قازغانلارنى كۆزۈم كۆرمىسە. . ئەزەلدىنلا پاك ، غۇرۇرلۇق ئىدى نەسلىمىز، پەزىلەتتىن شولا چاچقان گۈزەل ۋەسلىمىز، كىم چىدايدۇ نابۇت بولسا ئەۋلاد-نەسلىمىز؟ بۇندىن ساۋاق ئالمىغاننى كۆزۈم كۆرمىسە. 1996يىل 6-ئاي |