مەكتەپ ھويلا-ئاراملىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش، قوغداش تۈزۈمى 1. مەكتەپتە مەكتەپ ھويلا-ئاراملىرىنى قوغداش، چارلاش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىلىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتى بىكىتىلىدۇ. 2.مەكتەپ ھويلا-ئاراملىرىنى قوغداش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 24سائەت تېلىفۇنىنى ئوچۇق قويىشى، چوقۇم تېلىفۇن ئۇرغان ھامان تېلىفۇننى دەرھال ئېلىشى كىرەك. 3.مەكتەپ ھويلا-ئاراملىرىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش، چارلاش ئەترىتى ئەزالىرى 24سائەت ھۇشيار ھالەتتە بولىدۇ. چاقىرغا ھامان 5مىنۇت ئىچىدە چاقىرغا ئۇرۇنغا بېرىپ بۇلىدۇ. ئەگەر كىچىكىپ قالغۇچىلار كۆرۈلسە بىر مىنۇتى ئۈچۈن 5يۇەندىن مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ. 3.ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ جىبەر خادىملىرى ھەر قانداق ۋاقىتتا، ھەر قانداق ئەھۋال يۈز بەرسە، مەكتەپ ھويلا-ئاراملىرىنى قوغداش، چارلاش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى خادىملارغا تېلىفۇن ئۇرۇپ خەۋەرلەندۈرىشى كىرەك. 4. مەكتەپ ھويلا-ئاراملىرىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش، چارلاش ئەترىتى مەكتەپ ۋە مەكتەپ ئەتراپى مۇھىتى ۋە نوقتىلىق كىشىلەرگە نىسبەتەن كۆزىتىش ئېلىپ بارىدۇ. گۇمانلىق كىشىلەرنى بايقىغان ھامان دەرھال مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارغا ياكى گۇرۇپپا باشلىقىغا ئەھۋال مەلۇم قىلىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا asrar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-16 19:22
|