پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3640 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈنۋىرسال ئەمىلىيەت دەرىس تەييارلىقىنىڭ تۇلۇقلىنىشىغا كۈچ چىقارساڭلار

  • ئۆزىل 5 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم قىرىنداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟خىلى كۇنلەر بوپ قاپتۇ مۇنبەرگە كىرمىگىلى ھەمىڭلار ياخشى...

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 23:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇغلۇڭغا كىيىم ئزدىگۈچە ،ئۇستاز ئىزدە .

  • ilghar تۈنۈگۈن 21:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    خۇتۇنۇڭ يىيىشلىك بولسا ئۇردى خۇدا،مېلىڭ يىيىشلىك بولسا بەردى خۇدا

  • كالۋا تۈنۈگۈن 20:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    نان يىسە قۇساق تۇيدۇ.....

  • ilghar تۈنۈگۈن 19:58 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىرنەچچە كۈن يوقاپ كەتسەم مۇنبەرئەجەپ قىزىپ كېتىپتۇ

  • زەپەر تۈنۈگۈن 10:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشلانغۇچ قوش تىل 5- يىللىق 2- ماۋسۇملۇق . خەنزۇ تىلى ۋە ئانا تىل - ئەدەبىيات دەرىس تەييارلىقى بولسا  يوللاپ .....

  • زەپەر 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇلۇقسىز ئوتتۇرا 2- ماۋسۇملۇق ئۈنۋىرسال ئەمىلىيەت دەرىس تەييارلىقى بولسا يوللاپ قويساڭلار . مۇكاپات بار

  • مەرگەن1 تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ئەڭ ياخشىسىنى تاللىيالمايمەن ، ئەڭ ياخشىسى مىنى تاللىسۇن

  • 清澈(维) تۈنۈگۈن 21:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوغلۇڭ بۇشاڭ بولسا ،كېلىنىڭ بىشەم بولۇر

  • ilghar تۈنۈگۈن 20:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    دوسلا ! كىمدە 6-يىللىق شىنجاڭ دەرس تەييارلىقى بار؟ بولسايوللاپ قويغان بولساڭلا بەكلا مىننەتدار بولغان ب.....

  • 买提库尔班 تۈنۈگۈن 20:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۈگۈن ئارقىلىق ئەتىنى يارات!

  • MUSLIMA تۈنۈگۈن 16:49 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوئال قويۇلمىسا،جاۋابمۇ بېرىلمەيدۇ.ياخشى سوئالنىڭ قىممىتى ياخشى جاۋابنىڭ قىممىتىدىن يۇقىرى بولىدۇ.

  • 阿布都艾尼江  تۈنۈگۈن 03:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ياخىشمۇسسللەر 3-ئاينىڭ 12-كۈنى كۆچەت تىكىش بايرىمڭلارغا مۇبارەك بولسۇن؟

كۆرۈش: 109|ئىنكاس: 1

مەھمۇد كاشغەرى ۋە پىرخۇيلان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

181

تېما

3

دوست

3852

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
876 سەر
تىللا
348 دانە
تۆھپە
635 سەر
شۆھرەت
774 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 22:33:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇد كاشغەرى ۋە پىرخۇيلان


ئۆمەرجان ھەسەن ( بوز قىر )


تارىخ ئاجايىپ تاسادىبلىقلار بىلەن تولغان. بۇنداق تاسادىبلىقلار كىشى تەپەككۇرنى توختاۋسىز غىدىقلاپ، ئۇلارنى يېڭىدىن يېڭى پىكىر قاينىمىغا غەرق قىلىدۇ. نېمىشقىدۇر ئەللامە بوۋىمىز مەھمۇد كاشىغەرى ھەققىدە ئويلانساملا قەشقەر دىيارىدا ئۈسۈپ يېتىلگەن يەنە بىر نۇرانە چولپان – تىلشۇناس، ئالىم پىر خۇيلان ئېسىمدىن كېچىدۇ. چۈنكى، بۇ ئىككى بۈيۈك ئالىم نۇرغۇن ئورتاقلىققا ئىگە.

پىر خۇيلان ئوتتۇرا ئەسىر (تاڭ سۇلاسى دەۋرى) دە ئۆتكەن مەشھۇر تىلشۇناس، ئالىم. «بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرھىسى» («一切经音义») ناملىق مەشھۇر ئەسەرنى يازغان.

مەھمۇد كاشىغەرى 11- ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر تىلشۇناس، ئالىم. «تۈركىي تىللار دۋانى» ناملىق مەشھۇر ئەسەرنى يازغان.  

پىر خۇيلان ئوتتۇرا ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىملىرى ئىچىدە نوپۇزلۇق ئورۇنغا ئىگە مەشھۇر تارىخىي شەخسلەر قاتارىدا ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ.

مەھمۇد كاشىغەرى تارىختىكى ئۇيغۇر ئالىملىرى قاتارىدا نامى مەشھۇر ئالىم سۈپىتىدە ئالاھىدە شۆھرەتلىنىدۇ.

پىر خۇيلان مىلادى 736- يىلى قەشقەردە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، قەشقەردە كۆپ ئەسىر سەلتەنەت سۈرگەن پىر(خەنزۇچە خاتىرىلەرگە 裴 دەپ پۈتۈلگەن) فامىلىلىك خان جەمەتىنىڭ ئەۋلادى ئىدى.

مەھمۇد كاشىغەرى مىلادى 1005- يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. ئۇمۇ ئائىلىۋى نەسەب جەھەتتىن قارخانىلا سۇلالىسىنى قۇرغان خاقانيە ئەۋلادىدۇر. پىر خۇيلان ياشىغان دەۋردە قەشقەر شەھىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سېياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەيۋەتلىك بىلىم يۈرىتلىرى ۋە ئىبادەتخانىلىرى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر ئىدى. بولۇپمۇ شۇ چاغدىكى بوددا دىننىڭ گۈللەپ ياشنىشى قەشقەرنى ھەر قايسى ئەللەردىكى مەشھۇر بۇددا دىنى مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان بولۇپ، غەربتىن شەرىققە ۋە شەرقتىن غەرىبكە توختىماي ئۆتۈپ تۇرىدىغان بۇددا مۇخلىسلىرى قەشقەردىكى بۇددا مۇتەپەككۇرى ۋە ئۇستازلىرىنى پېشۋا بىلىپ ئۇلاردىن ئىلىم تەھسىل قىلاتتى. بۇ دەۋردە يەنە سانسىرلىغان بۇددا مۇتەپەككۇرلىرى، ئالىملىرى يېتىشىپ چىقىپ قەشقەرنىڭ مەدەنىيى ھاياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرغان، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككمۇ ئۆز تەسىرنى كۆرسەتكەنىدى. ئەنە شۇنداق بىر ئەۋزەل شارائىتتا يېتىشىپ چىققان پىر خۇيلان كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا قەشقەردىكى ئالىي ئىبادەتخانىلاردا زور ئىجتىھات بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلغان. بۇددا دىنىنى تېخىمۇ سېستىمىلىق ئۆگىنىش ئۈچۈن تىل يېزىق ئۆگىنىشكىمۇ ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆز ئىقتىدارنى ھەر تەرەبلىمە ئاشۇرۇشقا تىرىشقان. ئانا تىلىدىن باشقا يەنە تابغاچ(خەنزۇ)تىلى ۋە سانسكىرىتچىنى پىششىق ئۆزلەشتۈرۈپ بۇددا نوملىرىنىڭ ئەڭ قابىل شەرھلىگۈچىسى، مەشھۇر تىلشۇناس، ئالىم بولۇپ يىتىشكەن.

مەھمۇد كاشىغەرى ياشىغان دەۋرىدىكى قەشقەرمۇ ئوخشاشلا ئەينى دەۋر ئۇيغۇرلار رايوندىكى مەشھۇر مەدەنىيەت مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن”ئىككىنچى بۇخارا “ دەپ شۆھرەتلەنگەندى. ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولغان قەشقەردە نۇرغۇن مەسچىت - جامەلەر، مەدرىسىلەر بىنا قىلىنغان بولۇپ تالاي ئىسلام ئۆلىما – ئالىملىرى، يازغۇچى، شائىر، تېۋىپ، مىمارچىلار مەيدانغا كېلىپ جاھان ئەھلىگە تۇنۇلغانىدى. مانا شۇنداق ئەۋزەل مۇھىتتا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەھمۇد كاشىغەرى كىچىكىدىن باشلاپ ئىلىم تەشنالىقىدا چاڭقىغان قەلبىنى بىلىم كەۋسەرلىرى بىلەن سۇغىرىپ، ئىسلام مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ سېتىمىلىق ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۆز ئانا تىلدىن باشقا يەنە ئەرەب، پارس تىللىرىنى پىششىق ئۆگىنىپ مەشھۇر تىلشۇناس، ئالىم بولۇپ يىتىشكەن.

پىرخۇيلان مەشھۇر ئەسىرى «بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرئىسى» ناملىق 100 تومدىن ئاشىدىغان زور ھەجىملىك ئەسەرنى قەشقەردە ئەمەس بەلكى ئوتتۇرا ئىقلىم بۇددا مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى بولغان چاڭئەندە يازغان. ئالىم بۇ ئەسەرنى 52 يېشىدا (مىلادى 788- يىلى) يېزىشقا كىرىشىپ 74 يېشىدا (801- يىلى) تاماملىغان.

مەھمۇد كاشىغەرى 8جىلد، 16قىسىم، 85 بابلىق «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسەرنى قەشقەردە ئەمەس بەلكى ئەرەب – ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى بولغان باغداتتا يازغان. ئالىم ئۆز ئەسىرنى يېزىشتىن ئىلگىرى 20 يىلچە ۋاقىت سەرپ قىلغان ھەم كۆپ ئىزدەنگەن ۋە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئوقۇغان. ئالىم ئۆز ئەسىرنى ھىجرىيىنىڭ 464- يىلى (مىلادى 1072- يىللىرى) جەمادىيەل ئەۋۋەلىنىڭ باشلىرىدا يېزىشقا كىرىشىپ تۆت قېتىم قايتا يېزىپ تۈرتۈپ ۋە تەھرىرلەپ، 466- يىلى (مىلادى 1074- يىللىرى)جامادىيەل ئاخىرىنىڭ 10- كۈنى دۈشەنبىدە تۈگەتكەن.

پىرخۇيلان «بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرئىسى» ناملىق قامۇسىنىڭ مەزمۇنىنى بۇددا دىننىڭ ئەڭ كاتتا نومى چوڭ يوللۇقلار مەزھىپىنىڭ (ماھايانا مەزھىپىنىڭ) ئەڭ تۈپ نەزەرىيىۋى ئاساسى بولغان ئەقىل – پاراسەت ئارقىلىق راھەت – پاراغەت دۇنياسىغا يېتىپ بېرىش ھەققىدىكى «ماھابخاراجانا پارامىتاسۇترا» (ماھاپراجنا پارامىتا سۇترا) دىن باشلاپ، بۇددىزمنىڭ پاك ئەخلاقى پەزىلىتىنى تەرغىب قىلىدىغان ۋە بۇددا دىنىنى جان تىكىپ قوغدىغۇچى«护命法» سۇتراسىدا ئاخىرلاشتۇرغان. بۇ ئەسەردە ئىزاھلانغان ۋە شەرھلەنگەن نوملار جەمئىي 5480 جىلد بولۇپ بۇ قامۇس خاراكتېرلىك يىرىك ئەسەرنى بۇددا ئالىملىرى، مۇتەپەككۇرلىرى ۋە تەرجىمىشۇناسلىرى قولدىن قولغا ئېلىپ دەرسلىك، لېكسىيە قىلىپ تاكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرغىچە سانسىزلىغان كىشىلەر ئەرتىۋالاپ قوللانما سۈپىتىدە ئوقۇپ كەلگەن.
مەھمۇد كاشىغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» گە تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئارىسىدا ناھايىتى قەدىمدىن تارتىپ ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ماقال – تەمسىللەر، بېيىت – قوشاق ۋە ھەرخىل سۆز ھەم ئىبارىلەردىن 7500 دىن ئارتۇقىنى كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ قامۇس ئەينى دەۋردىكى خەلق تىلى، قەدىمكى تىل ۋە باشقا تىل ئامىللىرىنى بىر مەنبە سۈپىتىدە يورۇتۇپ چۈشەندۈرگەن. شۇڭا بۇ ئەسەرمۇ ئوخشاشلا تىلشۇناس ئالىملارنىڭ ئەينى دەۋرى تۈركىي تىللىرىنى تەتقىق قىلىشتىكى دەرسلىكى سۈپىتىدە قولدىن – قولغا ئۆتۈپ دۇنياغا تارالغان ھەم ئەتىۋارلىنىپ ئوقۇلۇپ كەلگەن.  
پىرخۇيلاننىڭ «بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرئىسى» ناملىق ئەسىرى بۇددا نوملىرىنى ئوقۇش قائىدىلىرىنى تىلشۇناسلىق نۇقتا نەزىرى بىلەن چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ۋە بۇددا ئەقىدىلىرىنى شەرھلەيدىغان دىنى دەستۇر بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇنىڭغا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئېتنىگىرافيىسىگە دائىر مۇھىم مەلۇماتلار بېرىلگەن. ئۇنى تىل – ئەدەبىيات، پەلسەپە، جۇغراپىيە، ئەدەبىيات- سەنئەت قاتارلىقلارغا ئائىت مول مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور تەربىيىۋى قىممەتكە ئىگە دەرسلىك كىتاب دېيىشكە بولىدۇ. بۇ كىتابتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى زاماندىكى تۇرمۇش، ئۆرۈپ ئادەتلەر ھەققىدىمۇ قىممەتلىك مەلۇماتلار بېرىلگەن.

مەھمۇد كاشىغەرىمۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق مەشھۇر ئەسىردە ئوخشاشلا دۇنيا مەدەنىيەت ئوچاقلىرىنىڭ بىرى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تىلى جۈملىدىن تارىخى، جۇغراپىيىسى، ئەدەبىياتى، ياشاش يوللىرى، تۇرمۇش، ئۆرۈپ – ئادەتلىرى ھەققىدە تارىختا بىرىنچى بولۇپ تەكشۈرۈش تەتقىقات ئېلىپ بارغان. بۇ ئەسەرنى تۈركىي مىللەتلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئېتنوگرافىيە قامۇسى دېيىشكە بولىدۇ. ئەسەردە بۇ ھەققىدە بىرىنچى قول مەلۇماتلار بېرىلگەن.
ئۇلۇغ تىلشۇناس، ئالىم، جۇغراپىيون، ئېتنوگراف. مەھمۇد كاشىغەرى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل تارىخى ساھەلىرىدە مۇھىم مەلۇماتلارنى قالدۇرۇپ بىزنى بۇ ساھەنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەندەك پىرخۇيلانمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى تۇرمۇش ئۆرۈپ – ئادەتلىرى پولۇ، شورپىلىرىغا ئوخشاش تائاملىرىنى تەتقىق قىلىشتا بىزنى ئىنتايىن قىممەتلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەسىلەن: پىرخۇيلان« بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرئىسى» ناملىق ئەسەردە ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ دەۋردىكى دراما خاراكتېردىكى ئۇيىنى – «سۇ – مۇز ئۇيىنى» توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق يازغان:«سۇ – مۇز غەربىي يۇرت ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىزىقچىلىق تۈسىنى ئالغان ئۇيىنى بولۇپ سۇ – مۇز دەپ ئاتلاتتى. بۇ ئويۇن كۈسەن ئېلىدىن تارقالغان. ئۇنىڭ ئۆز نەغمىسى ھېلىمۇ بار. بۇ قۇنتۇز، چۈمبەل، باتۇر ئويۇنلىرىدەك يىرتقۇچ سۈرەتلىك يا بولمىسا جىن ئەرۋاھلار سۆرتىدە نىقاب تاقاپ ئوينىلىدۇ. ۋە ياكى ئۆتكەن كىشىگە لاي، سۇ چېچىپ ياكى قۇلىدا سالما ئىلمەك تۇتۇپ ئۆتكەن كىشىنى تۇتۇپ قىزىقچىلىق قىلىدۇ. ھەر يىلى 1- ئاينىڭ بېشىدا باشلىنىپ 7 كۈن داۋام قىلىدۇ. بۇ خىل ئويۇن خەلققە ئاپەت سالىدىغان جىن شاياتۇنلارنى قوغلاش ئويۇنى دەپ قارىلىدۇ.....» دەپ يازغان.  
پىرخۇيلاننىڭ « بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرئىسى» ناملىق ئەسىرىنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان كورىيىلىكلەر مەخسۇس ئەلچى ئەۋەتىپ كۈچۈرۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە كورىيىلىكلەر يەنە ئەلچى ئەۋەتىپ قايتا ئىلتىماس قىلىپ تۇرۇۋالغاندا سۇڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى كۆچۈرۈۋېلىشقا قوشۇلغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋردە ياپۇنلۇقلار كېلىپ كۆچۈرۈپ كەتكەن. مىلادى 1737- يىلى چيەنلۇڭنىڭ 2- يىلى پىرخۇيلاننىڭ بارلىق ئەسەرلىرى بېسىلىپ ئېلان قىلىنغان. 1880- يىلى دۆلىتىمىز مەزكۇر ئەسەرنىڭ ياغاچ ئويما نۇسخىسىنى ياپونىيىدىن ئالدۇرۇپ كېلىپ رەسمىي كۆپەيتىپ بېسىپ تارقاتقان.

مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ « تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ دۇنيادا ئۈچ خىل قول يازما نۇسخىسى تارقالغان. ئەسلى ئەسەر 8 جىلد، 16 قىسىملىق ئەسەر بولۇپ 200 دىن ئارتۇق قوشاق خاتىرىلەنگەن. 1916- يىلى تۈركىيىدە بۇ ئەسەرنىڭ قول يازمىسى بايقالغاندىن كېيىن ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ نېمىسچە، تۈركچە، ئۆزبېكچە، ئىنگلىزچە نۇسخىلاردا نەشر قىلىنىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كەڭ تارقالغان. يەنە بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە نۇسخىلىرىمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا مەملىكىتىمىزدە نەشر قىلىپ تارقىتىلدى.
پىرخۇيلاننىڭ قەشقەردىن ئايرىلىپ چاڭئەندە تۇرۇپ قېلىشىغا قەشقەردە بۇددىمىزنىڭ ئاجىزلاپ ئىسلام دىننىڭ ئۇمۇملىشىشى سەۋەب بولغان. پىرخۇيلان يەنە قەشقەردە تارقىلىش ئالدىدا تۇرغان ئىسلام دىننىڭ تەسىردىن قورقۇپ چاڭئەنگە بېرىۋالغان. ئۇزۇن ئۆتمەي چاڭئەندە «پېشۋا ئالىم» دېگەن شانى شەۋكەتلىك نامغا ۋە كاتتا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ۋە «بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرئىسى» ناملىق ئەسەرنى يېزىشقا 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان.

مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ قەشقەردىن ئايرىلىپ باغداتتا تۇرۇپ قېلىشىغا قەشقەردە يۈز بەرگەن ئوردا پىتنىسى سەۋەب بولغان. ھىجرىيە 450- يىللىرى يۈز بەرگەن ئوردا پىتنىسى قىرغىنچىلىقىدا مەھمۇد كاشىغەرى ئۆز ئاتا بوۋىسى ۋە قوۋم قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ تەركى ۋەتەن ئەيلەپ مۇساپىرلىق يولغا كىرىشكە مەجبۇرى بولغان. بالىلىقىدىن تارتىپ ئەلەم ئىشلىرىغا قارىغاندا قەلەم ئىشلىرىغا بەكرەك ھېرىس قىلىدىغان مەھمۇد كاشىغەرى ھېجىرى يىللىرىنى ئىلمى تەكشۈرۈش بىلەن ئۆتكۈزۈپ تۈركىي خەلقلىرىنىڭ «شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن ئاياغ كېسىپ چىققان». ئۇ«تۈركىي تىللار دىۋانى» يېزىپ چىقىش ئۈچۈن 20 نەچچە يىللىق ئەمىلى تەكشۈرۈش ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈپ نۇرغۇن ئەمىلى ماتېرىياللارنى توپلىغان ئۇ باغداتتا تۇرغان مەزگىللەردە سۇلتان ۋەزىرلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ دىۋان بەگلىكىگە تەيىنلىنىپ ئالىي شان شەرەپ ھەم ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولغان.

پىرخۇيلان ۋاپات بولغاندىن كېيىن كىندىك قېنى تۆكۈلگەن قەشقەرگە دەپنە قىلىنماستىن ئوتتۇرا ئىقلىم تۇپرىقىغا دەپنە قىلىنغان. مەھمۇد كاشىغەرى ئۆمۈرنىڭ ئاخىرىدا ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ قەشقەردە 7 يىل ياشاپ 97- يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ھەم قەشقەر ئوپالغا دەپنە قىلىنغان.

دېمەك، پىرخۇيلان بىلەن مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ ھەر ئىككىسى قەشقەردە تۇغۇلغان خان جەمەتىدىن بولۇپ كىچىكىدىن باشلاپ قېتىرقېنىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان. پىرخۇيلان ئانا تىلىدىن باشقا سانسكرىت، تابغاچ(خەنزۇ) تىلىنى ۋە باشقا تىللارنى پىششىق ئىگىلىگەن. مەھمۇد كاشىغەرى ئانا تىلىدىن باشقا ئەرەب، پارس تىللىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن. بىرى بۇددىزم ساھەسىدە يەنە بىرى ئىسلامىزم ساھەسىدە زور ئۇتۇق قازانغان. ئۇلار ياراتقان ھەر ئىككىلا ئەسەر خاراكتېر جەھەتتىن ئانچە پەرقلەنمەيدىغان قامۇس خاراكتېرلىك ئەسەر بولۇپ ئەينى دەۋرىدىكى مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتنى قىممەتلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. گەرچە ھەر ئىككىلا ئالىم ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەركى ۋەتەن ئەيلەپ بىر شەرقنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىدە يەنە بىرى غەربىڭ مەدەنىيەت مەركىزىدە ھېجىراتتە ياشاپ ئۆتكەن بولسىمۇ ئەمما ئەسەرلىرىدىن ھامان ئۆز ۋەتىنى، مىللىي مەدەنىيىتىگە بولغان كۈچلۈك مۇھەببەتنىڭ يېلىنجاپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.


مەنبەسى-كاشىغەرشۇناسلىق بلوگى
يېڭى يىلدا ھەممەيلەننىڭ يېڭى ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن .
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

87

تېما

21

دوست

6272

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1486 سەر
تىللا
365 دانە
تۆھپە
1101 سەر
شۆھرەت
1153 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 12:29:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دۇنياھەقىقەتەنمۇ ئەجرىگە چۇشلۇق مىۋە بەرگەن، كىمىكى ئىزدىنىدىكەن ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ. ياخشى تىما يوللاپسىز
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-13 05:53, Processed in 0.154558 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش