مائارىپ خىزمىتىدىكى تۆھپىكار باغۋەن ئەزىزجان ھۈسىيىننىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
ئەزىزجان ھۈسەيىن 1975-يىلى قەشقەر شەھەرىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى قەشقەردە ئوقۇغان. 1998-يىلى قەشقەر پىداگۈگىكا ئىنستىتوتنى پۈتتۈرۈپ شۇ يىلى يەكەنگە خىزمەتكە چۈشكەن، ئۇ ئىزچىل يەكەن 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەۋاتىدۇ، مەزكۇر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندىن تارتىپ، بىر تەرەپتىن كەسىپكە ئوتتەك ئىشتاياق باغلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن كومپيوتېردىن ئىبارەت بۇ سىرلىق نەرسىنى ياخشى ئۆگىنىشكە بەل باغلاپ، ئۇ dosمەشغۇلات سستېمىسدىن باشلاپ ئۆگىنىشكە باشلىغان. ئۇ ھەرخىل مەشغۇلات سستېمىلىرىغا پىششىق بولۇپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش جەرياندا كومپيوتېرنى ئوقۇتۇشقا خىزمەت قىلىدۇرۇش، دەرسلىك دىتال لايھلەش، ئىمتىھان سۇئالى چىقىرىش، كومپيوتېر رىمنۇت قىلىش قاتارلىق جەھەتتە خىلى يۇقىرى سەۋىيگە يېتىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ۋە مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ مۇئەيلەنلەشتۇرۇشىگە ئىرىشپ، 2003-يىلدىن 2009-يىلغىچە 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسدا ئىشلىگەن، 2010-يىلدىن ھازىرغىچە ئىلىمى بۆلۈم ئىشخانىسىدا ئىشلەۋاتىدۇ،ئۇنىڭ جاپالىق ئىزدىنشى ئارقىسىدا ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە دەرسلىك دىتاللار توپلىمى، تولۇق ئوتتۇرا 3-يىللىق دەرسلىك دىتاللار توپلىمى تولۇق قاتارلىق دىتاللارنى ۋە بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئومۇمى تەكرارلاش ماتېرىيالى، سەۋىيە سىناش ئىمتىھان سۇئالى قاتارلىق ماتېرىياللارنى تۇزۇشكە قاتىناشقان . ئۇنىڭ يۇقىرى نەتىجىلىرى ئاساسەن ۋىلايەت،ناھىيە ۋە مەكتەپ تەرپىدىن كۆپ قىتىم ئىلغار خىزمەتچى، ئىلغار قوشتىل ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئىلغار سىنىپ مۇدىرى قاتارلىق شان–شەرەپلەرگە ئىرىشكەن. بىزنىڭ بۇ دوستىمىز بايقاش تورىغا ئەزا بۇلۇپ كىرگەندىن كىيىن بايقاش مائارىپ تورىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېرياللىرنىڭ كەمچىل بۇلۇش مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىزچىل تىرشچانلىق كۆرسىتىپ مۇنبەرنى ئېنتايىن ياخشى بولغان ماتېرياللار بىلەن تەمىن ئېتىپ كەڭ مائارىپچى دوستلارغا نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى ،ۋە مۇنبەردە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېرياللىرنىڭ كام بۇلۇش مەسلىسىگە خاتىمە بەردى . بۇنڭدىن كىينكى تىرىش نىشانى- داۋاملىق تىرىشپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيسىدىكى كام بولۋاتقان، ئۇيغۇرچە دەرسلىك دىتاللارنى تۈزۈش، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە كۆنۈكمىلەر توپلىمى، بابلىق، ماۋسۇملۇق سۇئاللار ۋە ئالىي مەكتەپ تەقلىدىي ئىمىتھان سۇئاللىرىنى چىقىرىپ ئاپتونوم رايۇنمىزدىكى ئەڭ خىمىيە ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىغا سۇنۇش ئارقلىق خىمىيە مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشلىك تۆھپە قوشۇش.
بايقاش مائارىپ تورى ئىشخانىسى 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى |