| «8» بولسا جۇڭگو مەدەنىيىتىدە بايلىققا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، تارىختا «8» دىن تۈزۈلگەن يانفون نومۇرى ياكى ماشىنىنىڭ نومۇرى نۇرغۇن كىشىلەر نىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە ئېرىشكەن. ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دوكلات قىلىشىچە، نۆۋەتتە بۇلغارىيىدە بىر 9دانە 8 دىن تۈزۈلگەن تېلېفون نومۇرى «ئەرۋاھ نومۇر»غا ئايلانغان بولۇپ، ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدە بۇ نومۇرنى ئىشلەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى ۋاقىتسىز ھاياتىدىن ئايرىلغان، شۇڭا بۇلغارىيە تېلېگراف شىركىتى بۇ غەلىتە نومۇرنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن. “0888 888 888”بۇ يانفون نومۇرىنى تۇنجى ئىشلەتكەن ئادەم بولسا بۇلغارىيە تېلېگراف شىركىتىنىڭ باش ئىجراچىسى لادىمىر گىلاشىنوف بولۇپ، 2001- يىلى راك كېسىلى بىلەن ئۆلگەن، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئەمدىلا 48 ياشتا ئىدى. گىلاشىنوفنىڭ كەسىپ ئىستىلى ناھايىتى دۇرۇس بولۇپ ھېچقانداق داغ يوق ئىكەن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ راك كېسىلى سودىدىكى رىقابەتچىسى ياسىغان رادىئوئاكتىپلىق زەھەردىن كېلىپ چىققان ئىكەن. گىلاشىنوف ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن بۇ نومۇر بۇلغارىيە قارا جەمئىيەت كاتتىۋېشىنىڭ قۇلىغا چۈشكەن بولۇپ، 2003- يىلى گوللاندىيىلىك تېررورچى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن،ئەينى ۋاقىتتا ئۇ 31 ياشتا ئىكەن. كىيىن بۇ نومۇرنى سودىگەر كاڭسىتەندىڭ دىشېلىفۇ سېتىۋالغان. 2005- يىلى دىشېلىفۇ بۇلغارىيە پايتەختى سوفىيەدىكى بىر ھىندىستانچە رېستوراندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ساقچى تەرەپلەر دىشېلىفۇنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا بۇ “0888 888 888” نومۇرنى ۋاقتىنچە ئىشلىتىشتىن توختاتقان، بۇلغارىيە تېلېگراف شىركىتى بۇ نومۇرنى ئىشلىتىشنى قەتئىي چەكلىگەن. ئەگەر ھازىرنىڭ ئۆزىدە بۇ نومۇرنى چاقىرسىڭىز، «ئابونت مۇلازىمەت رايونىدا ئەمەس» دېگەن گەپنى ئاڭلايسىز. يىغىنچاقلىغاندا، قارىغۇلارچە سان قوغلىشىش ئانچە ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس. تارىختىكى 8 دىن تۈزۈلگەن نومۇرنى ئىشلىتىش باي بولۇشنىڭ بەلگىسى دېگەن خاتا قاراشقا خاتىمە بېرەيلى. مەنبە :http://www.nur.cn/html/news/28234.shtml |
باھالاشباھا خاتىرىسى
|