- تىزىملاتقان
- 2011-8-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-3
- ھوقۇقى
- 50
- جۇغلانما
- 1193
- نادىر
- 3
- تېما
- 56
- يازما
- 95

- يوقلىما
- 30
قىزغىنلىق- 296 سەر
تىللا- 297 دانە
تۆھپە- 194 سەر
شۆھرەت- 262 سەر
| چىلاننىڭ شىپالىق رولى

10دانە چىلان،30گرام سۇڭپىيازنى بېشى،20گرام كەرەپشە،يىلتىزى ۋە مۇۋاپىق مىقداردىكى نومى گۈرۈچنى قوشۇپ شويلا قىلىپ ئىچىپ بەرسە قان بېسىمى ئۆرلەش كېسىلىگە شىپا بولىدۇ. 30گرام ئۇرۇقى ئېلىۋىتىلگەن چىلان،ئىككى تال قوينىڭ پاقالچاق سۆڭىكى 15گرام نىلۇپەر ئۇرۇقى مۇۋاپىق مىقداردا نومى گۈرۇچ ئېلىنىدۇ،قوينىڭ پاقالچىقىنى چېقىپ باشقا خۇرۇچلار بىلەن قوشۇپ شويلا قىلىپ ئىچسە قان ئازلىق ۋە قايتا ئىشلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراش سەۋەبىدىن بولغان قان ئازلىققا شىپا بولىدۇ. 15گرام ئالقات بىلەن 10دانە چىلاننى سوغۇق سۇغا سېلىپ يېرىم سائەتچە قاينىتىپ ئاندىن 2دانە توخۇ تۇخۇمىنى چېقىپ بىرلەشتۇرۇپ پۇشۇرۇپ كۈنىگە 2قېتىم يەپ بەرسە ئۇنۇتقاقلىق ،ئۇيقۇسىزلىق،نېرۋا ئاجىزلىق،باش قېيىش،كۆز قاراڭغۇلۇشۇش،قاتارلىق كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ. ئۇششاق چىلان مېغىدىن 3گرامنى سوقۇپ تالقان قىلىپ ئاق شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىلسە نېرۋا ئاجىزلىق ئۇيقۇسىزلىققا شىپا بولىدۇ. 20دانە كۆيدۇرۇلگەن چىلان ئىتى ۋە مۇۋاپىق مىقداردىكى ياڭاق مېغىزىنى قورۇپ سوقۇپ 200گرام قارا شىكەر 200گرام ئاق شىكەر 100گرام ھەسەل مۇمىنى قوشۇپ ئىزىپ خېمىر ھالىتىگە كەلتۇرۇپ 20گرامدىن كۈنىگە 2قېتىم يېسە ئاشقازان ياللۇغىغا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. 10دانە چىلان،200گرام سىكاس يوپۇرمىقىنى سۇدا پۇشۇرۇپ بىر ئاينى بىر داۋالاش باسقۇچى قىلىپ كۈنىگە 2قېتىمدىن يەپ بەرسە ئاشقازان راكىغا مەلۇم شىپالىق رولىنى ئوينايدۇ. 10دانە چىلان،20گرام تەسۋى قوناق ،30گرام پىچەكگۈل،ئۈچ يالپاق قۇرۇق زەنجىۋىل،15گرام قارا شىكەر،30گرام لومى گۈرۇچنى ئادەتتىكى ئۇسۇل بويىچە قاينىتىپ شويلا قىلىپ ئىچىپ بەرسە سوزۇلما خاراكتىرلىك ئىچى سۈرۇش،كونىراپ قالغان ئىچى سۇرۇش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ. چىلاننى قاينىتىپ چاي ئورنىدا دائىم ئىچىپ بەرسە،قېرىشنى ئاستىلىدۇ،تەن سالامەتلىكنى ئاشۇرىدۇ،كىشىنى خاتىرجەم قىلىپ ئۇزۇقلىنىشقا ياردەم بېرىدۇ. 50گرام خاسىڭ مېغىزىنى ئاۋۋال سۇغا سېلىپ پۇشۇرۇپ ئاندىن 50گرام چىلان بىلەن ناۋاتنى ئارىلاشتۇرۇپ ھەر 15كۇننى بىر داۋالاش باسقۇچى قىلىپ،كۇنىگە 3قېتىمدىن ئىچىپ بەرسە سوزۇلما خاراكتىرلىك جىگەر ياللۇغى،جىگەر قېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىنىڭ قان زەردابىنى ئۆزگەرتكۈچى فېرمېنتى ئېشىپ كېتىش كېسىلىگە شىپا بولىدۇ. 200گرام چوڭ چىلان بىلەن 90گرام قىل يوپۇرماقلىق ئەمەننى بىللە قاينىتىپ چىلاننى يەپ سۈيىنى ئەتتىگەن ئاخشامدا 2ۋاقتىن ئىچىپ برىلسە ياكى بىر سەر خاسىڭ قاينىتىلغاندىن كېيىن بىر سەر چوڭ چىلاننى ئاندىن بىر سەر ناۋاتنى ئارىلاشتۇرۇپ سوزۇلما جىگەر ياللۇغى ۋە جىگەر قېتىش كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ھەر كۈنى ئاخشىمى ئۇخلاشتىن ئاۋۋال بىر نوسخىدىن ئىچسە 30كۇندىن كېيىن ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.
15دانە چىلان،25گرام،خاسىڭ مېغىىنى دەملەپ چاي ئورنىدا دائىم ئىچىپ بەرسە زىيادە سىزىمچانلىق سۆسىن دېغى،قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ ئازىيشىدىن بولسان سۆسىن داغ ۋە ھەرخىل قاناشلارغا شىپا بولىدۇ. 100گرام چوڭ چىلاننى سۇدا قاينىتىپ قويۇق شەربەت قىلىپ ھەر كۇنى 2قېتىم چىلاننى يەپ شەربىتىنى ئىچىپ بەرسە قان پلاستىنكىلىرى ئازىيىش خاراكتىرلىك سۆسىن داغقا مەنپەت قىلىدۇ. 10تال چوڭ چىلان 10گرام قارا ئۈرۈك،12گرام ئۈژمە يوپۇرمىقى ۋە 15گرام بوغداينى سۇدا قاينىتىپ ئىككىگە بۆلۈپ ھەر كۇنى بىر نوسخىدىن ئىچىپ بەرسە ماغدۇرسىزلىنىپ ئۆزلىكىدىن تەرلەشكە مەنپەت قىلىدۇ. 50گرام چىلان،100گرام قارا پۇرچاق،15گرام كەتىرا،50گرام پۇچەك بوغدايلارنى سۇدا پىشۇرۇپ كۈنىگە 3قېتىمدىن يەپ بەرسە تۈرلۈك سەۋەبلەردىن پەيدا بولغان ئوغرى تەرگە شىپا بولىدۇ. 20دانە چىلان 10گرام گۈل بوغۇم 10گرام قارا شېكەرنى سۇدا قاينىتىپ كۈنىگە 2قېتىمدىن يەپ بەرسە ھەيز تەرتىپسىزلىشىشكە شىپا بولىدۇ. 50گرام چىلان،50گرام كوممىقوناق 25گرام يېسىمۇقنى شويلا قىلىپ كۈنىگە 2قېتىمدىن يەپ بەرسە ئوزۇقلىنىش ناچارلىقتىن بولغان سۇلۇق ئىششىققا شىپا بولىدۇ. 15دانە چىلان،50گرام ئاپتاپپەرەس مېغىزىنى سۇدا پىشۇرۇپ دائىم يەپ بەرسە ئاق قان كېسىلىگە شىپا بولىدۇ. 250گرام ئۇرۇقى ئېلىۋىتىلگەن چىلان 250گرام تاش پاقا سۆڭەك تالقىنى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ كۇمۇلاچ ياساپ ئەتىگەن ۋە كەچتە 12گرامدىن يەپ بەرسە سۆڭەك بوغۇم سىلىغا شىپا بولىدۇ. 500گرام چىلاننى پاكىز يۇيۇپ يېتەرلىك سۇغا بىر سوتكا چىلاپ سۈزۈۋىلىنىدۇ ،شېكەرنى 2كىلوگرام سۇغا چىلاپ 750مىللى قالغىچە قاينىتىپ قىيامىغا چىلان بىلەن 0.3گرام لىمون سېلىپ ئون مىنوت قاينىتىپ چىلان مۇرابباسى تەييارلاپ ھەر كۈنى ئەھۋالغا قاراپ ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە قاننى ساپلاشتۇرۇپ يۈرەك خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ ياللۇغ قايتۇرۇپ سۈيدۈكتىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ |
|