- تىزىملاتقان
- 2011-8-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-3
- ھوقۇقى
- 50
- جۇغلانما
- 1193
- نادىر
- 3
- تېما
- 56
- يازما
- 95

- يوقلىما
- 30
قىزغىنلىق- 296 سەر
تىللا- 297 دانە
تۆھپە- 194 سەر
شۆھرەت- 262 سەر
| يۇمۇرلار چارە
— قانداق قىلغاندا ھاراق رومكىسىدىن يىراقراق تۇرغىلى بولىدۇ؟
— ھاراقنى نەيچە بىلەن ئىچكەندە.
خىزمەت ئىزدەش
ئەمگەك تونۇشتۇرۇش ئورنىغا بىر خىزمەت ئىزدىگۈچى كەپتۇ-دە، سۆزلەپلا كېتىپتۇ:
— مەن خىزمەتكە بەكمۇ موھتاج، بىلىشىڭىز كېرەك، كېسەلچان ئېرىم بىلەن بەش بالامنى باقمىسام بولمايدۇ.
تونۇشتۇرۇش ئورنىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
— بالا تۇغۇشتىن باشقا، يەنە قانداق ئالاھىدىلىكىڭىز بار؟
يېڭى ئاپتوموبىل
بىر كىرودىيەلىك ئاپتوموبىلىنى سېتىۋەتمەكچى بوپتۇ.
— ئاپتوموبىلىڭىز يېڭىمۇ؟ — دەپ سوراپتۇ يولدىن ئۆتۈۋاتقان بىرەيلەن.
— يېڭى، ھەممە يېرى يېڭى.
— ئەمىسە نېمىشقا سېتىۋېتىسىز؟
— يېڭىسىنى سېتىۋالاي دېگەن.
سەۋەب
بىر قىز ئوقۇغۇچى يول بويىدا تاماكا چېكىپ، ھاراق ئىچىپ، قىمار ئويناۋاتقان بىر نەچچە بالىنى كۆرۈپ ئاچچىقلاپ سوراپتۇ:
— سىلەر نېمىشقا مەكتەپكە بارمايسىلەر؟
— نېمە دەيدىغانسىز قىزچاق، — دەپتۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرەيلەن تاماكىسىنىڭ ئىسىنى پۈۋلەپ تۇرۇپ، — كىم بەش يېشىدىلا مەكتەپكە بارىدىكەن؟
قانداق ئوينايمىز
تۆتەيلەن ماجاڭ ئويناۋاتاتتى تۇيۇقسىز توك كىتىپتۇ .ئامال يوق شام ياندۇرۇپ ئۇيناپتۇ. يېرىم سائەت بولا-بولماي ئۆينىڭ ئىچى ئىسىپ تەرلەپ بولالماي قاپتۇ دە بىرەيلەن <شامالدۇرغۇچنى ماڭدۇرساق بوپتىكەن > دىسە يەنە بىرەيلەن ئالدىراش < بولمايدۇ شامالدۇرغۇچنى ماڭدۇرساڭ شامنى ئۆچۈرۈپ قويسا قانداق ئوينايمىز>دىگىدەك.
چۈشىنەلمەسلىك
ئىككى دوست قاۋاقتا ئولتۇرۇپ تازا ھاراق ئىچىپتۇ. ئا يىگىت ب يىگىتكە دەردىنى تۆكۈپتۇ:_ ئايالىم مىنى پەقەتلا توغرا چۈشەنمەيدۇ، سېنىڭ ئايالىڭچۇ؟ ب يىگىت جاۋاب بېرىپتۇ: _ مەنمۇ تازا ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن، ئايالىم ئەزەلدىن سەن توغۇرلۇق ماڭا گەپ قىلىپ باقمىغان. ئوغرىغا يولۇقۇش ئاممىۋى ئاپتۇبوستا ئەر ئۆزىنىڭ پۇل قاپچۇقىغا سوغۇق قول تەگكەنلىكىنى سېزىپ قاپتۇ ۋە دەرھال ئۆرۈلۈپ سىلىق گەپ قىلىپ: _ بۇرادەر، كەچۈرۈڭ..بولدى ئاۋارە بولماڭ..مەن تېخى ئەتىگەن مۇئاشىمنى ئالغان ئىدىم، بىراق ئايالىمنىڭ قول سېلىشى سىزدىن تېز بولدى.
ئەسلىمە ئۈچۈن ئەمدىلا يولدىشىنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇزىتىپ تېخى قارىلىقى توشمىغان بىر ئايالنى بىر ئەر ئىزدەپ كەپتۇ: _ مەن يولدىشىڭىزنىڭ ھەربىيلىكتە بىرلىكتە تۇرغان سەپدىشى ھەم ھازىرغىچە ياخشى ئۆتۈپ كېلىۋاتقان دوستى. ماڭا يولدىشىڭىز ھايات ۋاقتىدا قالدۇرغان ھاقلىغۇدەك تەۋەرۈكتىن بىرەرنى بەرسىڭىز، ئەسلىمە ئۈچۈن ئوبدان ئاسراپ ساقلىسام...
_ سىزگە بەرگۈدەك باشقا تەۋەرۈك يوق. ئۇنىڭ قالدۇرغان بىردىنبىر تەۋەرۈكى مانا مەن. ئېغىر كۆرمىسىڭىز ئالغاچ كېتىپ._ دەپتۇ ئايال.. |
|