ئاساس مائارىپ يېڭى دەرس ئىسلاھاتىدىكى ئىلغار شەخس-ئېلىجان ئىسلام
كېرىيە ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئاساس مائارىپ ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئېلى ئىسلام 1992-يىلى 7-ئايدا خوتەن پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئومۇمىي پەن كەسپىنى پۈتكۈزۈپ خىزمەتكە قاتناشقان 20 يىلدىن بۇيان، ئىلگىر-ئاخىر بولۇپ شەنبەبازار بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپ، شەنبە بازار بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ، جاي يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى. 2002-يىلى 3-ئايدا مائارىپ ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ كاتىپلىقىغا يۆتكەلدى. 2004-يىلى «رىقابەت ئارقىلىق ئىش ئورنىغا چىقىش» ئارقىلىق تاللىنىپ ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئاساس مائارىپ (ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش) ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى، ئۇ ئاساس مائارىپ خىزمىتىگە مەسئۇل بولغاندىن بۇيان، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ «ئىككى ئاساسەن»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش، «قوش تىل »ئوقۇتۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇش ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ۋە رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ مائارىپ خىزمىتىدە ئۇدا بىر نەچچە يىلدىن بۇيان قوشنا ناھىيەلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشتى. ئېلى ئىسلام ناھىيە تەرىپىدىن كۆپ قېتىم «مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى»، «مۇنەۋۋەر مائارىپ خىزمەتچىسى»، «مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىدىكى مۇنەۋۋەر شەخس»، «مېيىپلار خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس» دېگەندەك شەرەپلەرگە ئېرىشتى. 2006-، 2007-، 2008-يىللىرى ئۇدا ئۈچ يىل ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن «‹ئىككى ئاساسەن خىزمىتى›دىكى ئىلغار شەخس»، 2009-يىلى «ۋىلايەت بويىچە مائارىپ خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس»، 2011-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە «ئاساس مائارىپ يېڭى دەرس ئىسلاھاتىدىكى ئىلغار شەخس» بولۇپ باھالاندى. |