قاتتىق دېتال تەكشۈرۈش دېتالى AIDA64(系统检测软件) 2.50 (يېڭى نەشرى)
كومپيۇتېر سېتىۋالغاندا سىز ئەڭ ئاۋۋال شۇ كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمىسىنىڭ قانداقلىقىغا قارايسىز ئەلۋەتتە، ئەمما كومپيۇتېر بازارلىرىمىزدا ھازىر «ساختا سەپلىمە»دىكى كومپيۇتېرمۇ ئاز ئەمەس. بىز قانداق كومپيۇتېرنى «ساختا سەپلىمە»دىكى كومپيۇتېر دەيمىز؟ سىز كومپيۇتېرنى ئېچىپ CPU، ئىچكى ساقلىغۇچ، قاتتىق دىسكا، سۈرەت كارتىسى قاتارلىق قاتتىق دېتالارنىڭ سەپلىمىسىگە قارىسىڭىز ناھايىتى يۇقىرى، ئەمما ئىشلەش سۈرئىتى شۇ سەپلىمىگە ماس ئەمەس بەك ئاستا. بۇ تۈۋەن سەپلىمىدىكى كومپيۇتېرنىڭ ھەرقايسى زاپچاسلىرىنى دەرىجە ئاشۇرۇش ئارقىلىق قۇراشتۇرۇلغان كومپيۇتېردۇر. كۆپ قىسىم كومپيۇتېر ئىستىماچىلىرى بۇنداق ساقتىلىقنى بىلمەيلا ئەسلى تۈۋەن سەپلىمىدىكى كومپيۇتېرنى يۇقىرى تەنەرىخ بىلەن سېتىۋالىدۇ. تورداشلارغا شۇنى تەۋىسىيە قىلىمەنكى كومپيۇتېر سېتىۋالماقچى بولسىڭىز ئاۋۋال تەپسىلى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. بۇ دېتال كومپيۇتېرنىڭ ھەقىقى سەپلىمە ئۇچۇرىنى كۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى قۇرال بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ: چۈشۈرىمەن |