بايقاش مائارىپ تورى بېسىپ ئۆتكەن شانلىق بىر يىلىغا مۇبارەك بولسۇن!
«بايقاش مائارىپ تورى»نىڭ بىر يىللىق قۇتلۇق تويىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز! بايقاش مۇنبىرىدىكى بارلىق كونا-يېڭى تورداش دوستلار، ياخشىمۇسىلەر؟ بايقاش مائارىپ تورىمىز 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى رەسمى قۇرۇلغان. بۇنىڭدىن ساق بىر يىل مۇقەددەم رايۇنىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مائارىپ بايلىقىنى ئېچىش، مائارىپ ماتىرىياللىرى سورۇنى ھازىرلاش مەقسىتىدە، تورداشلارنىڭ تەرەپلىمە ئىزدىنىشى، ئىختىزادى جەھەتتىن ئايانماي مەبلەغ سېلىشى ۋە زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە «بايقاش مائارىپ تورى» تور دۇنياسىدا يېپ-يېڭى قىياپەتتە دۇنياغا كەلدى. مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە «بايقاش مائارىپ تورى» يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، كىچىكلىكتىن زورىيىش ۋە ئاددىلىقتىن مۇكەممەللىككە قاراپ مېڭىشتىن ئىبارەت بىر يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، رايونىمىزدىكى قېرىنداش مۇنبەرلەر ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنگەن، سەرخىل مۇنبەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. كەڭ تور ئەھلىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ، ئەزالىرى 2500 دىن ئاشتى، رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئىشلەۋاتقان دوستلارنىڭ ئىشەنچلىك مەسلىھەتچىسى ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئارامگاھى، ھەر دەرىجىلىك، ھەرخىل مەكتەپلەردە ئۇيغۇر مىللى مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن جاپالىق ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىرداش دوستى، قابىل ياردەمچىسى ۋە ئىللىق ئائىلىسىگە ئايلاندى. قىسقىسى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. بۇ نەتىجىلەر «بايقاش مائارىپ تورى» دىكى ئاتامان ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ جاپالىق ئەجرى، تورداشلارغا بولغان سەمىمى ۋە دوستانە يېتەكچىلىگى، شۇنداقلا مۇنبەردىكى بارلىق كونا-يېڭى تورداش دوستلارنىڭ مۇنبەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللاپ قۇۋۋەتلىشى، تورداشلارنىڭ دوستلۇق، ھەمكارلىق ۋە ئۆز ئارا كۆيۈنۈش ئاساسىدا، مۇنبەرنى ئۆزلىرىنىڭ جاپالىق قان-تەرى بەدىلىگە كەلگەن قىممەتلىك ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز «بايقاش مائارىپ تورى»نى يېقىندىن قوللاپ، ھەمنەپەس، تەقدىرداش بۇلۇپ كەلگەن بارلىق تورداش دوستلارغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمىز.
تورداش دوستلار، جاپا چەكتىڭلار، رەخمەت سىلەرگە! مۇنبىرىمىزدىن نەپ ئېلىپ، مىللى مائارىپ ئىشلىرىمىز ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقان كەڭ مائارىپچىلار سىلەرنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ!
1.بۇ بىر يىل ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر:
1) بايقاش مائارىپ تورىمىز قۇرۇلغان بۇ بىر يىل جەريانىدا كەڭ ئۇقۇتقۇچى – ئۇستازلارنىڭ ھەم زىيارەتچىلەرنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋەتلىشى بىلەن ھازىرغا قەدەر ئوتتۇرا- باشلانغۇچ ، يەسلى، تۇلۇق ئوتتۇرا ۋە كەسپى مائارىپ ئۇقۇتقۇچىللىرى ئۈچۈن بىر قەدەر تۇلۇق بولغان مائارىپ ماتىرياللىرىنى توپلاش ئارقىلىق كەڭ ئۇقۇتقۇچى- ئۇستازلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشىپ، ئۇلارنىڭ ياخشى دوستىغا ئايلاندى. 2) بايقاش مائارىپ تورىمىز ئىقتىدارلىق، ئوقۇتۇش تەجىربىسى مول بولغان ئۇستازلارنى مۇنبەرگە جەلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ باشلامچىلىق، يىتەكچىلىك رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ، مۇنبەر ماتىرياللىرىنىڭ سەرخللىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇتقۇچى، ئۇستازلارنىڭ ياخشى باھاسى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشتى. 3) بايقاش مائارىپ تورىمىز تۈزۈم-تەدبىر ئارقىلىق تور باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇپ، مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇش، تېما-ئىنكاس يېزىش جەھەتتىكى رىئايە قىلشىقا تىگىشلىك تۈزۈم-تەدبىرلەرنى بىكىتىپ چىقىپ، مۇنبەرگە ئەزا قۇبۇل قىلىشتا تەستىقلاپ بىكىتىش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلۇپ، ئەزالار قۇشۇنىنىڭ سەرخىللقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. تىما ۋە ئىنكاسلارنى كۈرۈپ چىقىپ تەستىقلاش، تەھرىرلەش خىزمىتى چىڭ ئىشلەندى. يېڭى ئەزالارغا نىسبەتەن ئەزا بۇلۇش، تېما-ئىنكاس يوللاش جەھەتلەردە يىتەكچىلىك قىلىش تۇلۇق ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ جەھەتتە پارتىينىڭ قانۇن-تۈزۈمگە ۋە مۇناسىۋەتلىك سىياسەت-نىزاملىرىغا زىت كىلىدىغان تېما-ئىكاس يوللاشنىڭ ئۈنۈملۇك ئالدى ئېلىندى. شۇنىڭ بىلەن مۇنبىرىمىزدە ساغلام بولغان تور مۇھىتى ھازىرلاندى. 4) بايقاش مائارىپ تورىمىز تور دۇنياسىدىكى بالىلار كۈيلىرى بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، مەخسۇس بالىلار مىلودىيەسى تورى قۇرۇپ چىقىپ، كەڭ تورداشلارنىڭ ۋە ياش ئۆسمۈر دوستلارنىڭ قوللىشى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئىرىشتى. 5) تورداشلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى تېخىمۇ ئۆزگىچە بۇلغان رەڭدارلىققا، مۇكەممەل كۈڭۈل ئېچىش سورىنىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن «بايقاش ئۇيۇن تورى» تەسسىس قىلىندى. بۇ جەھەتتە زىيارەتچىلەر مۇنبەر كۆرۈپ مۇنبەردىن زىرىككەندە دەرھاللا بايقاش ئويۇن تورىغا كىرىپ ھاردۇقىنى چىقىرىش ئىمكانىيىتى يارىتىلدى. 6) بايقاش مائارىپ تورىمىز تور دۇنياسىدىكى ھەمكارلىققا ئەھمىيەت بىرىپ، رايۇنىمىزدىكى داڭلىق تور بېكەتلەردىن «نۇرقۇت تورى ، ئىنتىل تورى ،كومپىيوتۇر ھەۋەسكارلىرى تورى ،ئىزدە تورى ،بىلىملەر تورى ،كىرورەن تورى» قاتارلىق داڭلىق بىكەتلەر بىلەن ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق بىكىتىمىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى. 7) ئېلان تەشۋىقات ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بىرىلدى. رايۇنىمىزدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئېلان ھەمكارلىق تورى بولغان ئىلانىم تورى بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېلان تەشۋىقات توختامى ئىمزالاپ، بىكىتىمىزنىڭ كۈرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. 8) سەھىپە جەھەتتە مائارىپ ئۇچۇرى، دەرس تەييارلىقى، دەرىسلىك دىتاللار، دەرىسلىك كىتاپ، ئىككى ئاساسەن، ئەخلاقى تەربىيە، ئەدەبىي ئەسەرلەر قاتارلىق مائارىپ تور بىكەتلىرىدە بۇلۇشقا تىگىشلىك بارلىق سەھىپىلەرنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، ماتىرىياللارنىڭ رەتلىك، سېستىمىلىق، شۇنداقلا كۆپ خىل بۇلىشى تۇلۇق ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 9) بايقاشتىكى تۆھپىكار ئەزالارنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجىرىگە ئاساسەن ياخشى بولغان تېمىلار، تۈرلۈك دەرس تەييارلىق، دەرسلىك دېتال قاتارلىقلارغا نىسبەتەن كۆرۈپ باھالاش ئارقىلىق يوللانغان دەرس تەييارلىقى ئىچىدىن ياخشى بولغانلىرىغا قارىتا مۇۋاپىق مىقداردا مۇنبەر تىللاسى مۇكاپات قىلىپ بېرىلىپ، نادىرلاش، چوققىلاش، باھالاش، يورۇتۇش قاتارلىق تەرەپلەرنى چىڭ تۇتۇشقا ئەھمىيەت بىرىلىپ، تورداشلارنىڭ تېما يوللاش قىزغىنلىقىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلدى.
2. بايقاش مۇنبىرىدە بۇ بىر يىل ئىچىدە تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەر ساقلاندى.
1) بۇ بىر يىل جەريانىدا كۆپ قېتىم مۇلازىمېتىردىن مەسىلە كۆرۈلۈش سەۋەبى بىلەن مۇنبەر تولۇق ئېچىلمايدىغان ، قېتىۋالىدىغان ئىشلار كۆرۈلدى . بۇ جەھەتتە تورداشلارغا قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى . 2) بايقاش مائارىپ مۇنبىرىمىز قۇرۇلغاندىن تارتىپ مۇنبەرگە يوللانغان تېما-ئىنكاسلارنىڭ خەت-ئىملاسىنىڭ %100 توغرا بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن بولساقمۇ لېكىن يوللانغان تېما-ئىنكاسلاردا ئىملا خاتالىقىدىن يەنىلا خالى بولالمىدى . 3) بايقاش مائارىپ مۇنبىرىمىز باشتىن-ئاخىر مۇنبەرگە ئىجادى ئەسەرلەرنى، مائارىپچىلار ئۈچۈن پايدىلنىش قىممىتى بار بولغان ماتىرىياللارنى يوللاشنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بىر قىسىم تورداشلار ئارىسىدا بۇرۇنقى كىتاب، گېزىت-ژورناللاردا، قېرىنداش مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم ئەسەرلەرنى ئۆز نامىدا مۇنبەرگە يوللاشتەك مەسىلىلەر ساقلىنىپ، مۇنبىرىمىزنىڭ ساپلىقىغا نوقسان يەتكۈزدى.
3-بايقاش مائارىپ تورىمىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىيات نىشانى:
1) بايقاش مائارىپ تورىمىزنىڭ بوشلۇق، سۈرئەت جەھەتتىكى تەلەپلىرىنى تۇلۇق كاپالەتلكە ئىگە قىلىپ، تورىمىزنىڭ مۇنتىزىم، نورمال ئېچىلىشىنى تېرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز. بۇ ئارقىلىق مۇنبەر سۈرئىتىنىڭ ئاستا بۇلۇش، قېتىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ كۈرۈلمەسلىكىگە تۇلۇق كاپالەتلىك قىلىمىز. 2) ھازىرقى بار بولغان سەھىپىلەرگە قاراپ چىقىپ، مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن زۆزۈر بولغان سەھىپلەرنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ، مۇنبىرىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرىمىز. 3) بايقاش مائارىپ تورىمىزدا «بايقاش ژۇرنىلى» تەسس قىلىپ بايقاشتىكى يىڭى ئۇچۇر، ئۆلگىلىك ماتىرىيال، ئوقۇتۇش تەتىقىقات ماقاللىرى مۇجەسسەملەنگەن كىتابچە شەكىللەندۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار زۆرۈز پايدىلىنىش قۇرالىغا ئايلاندۇرۇشقا، بايقاش مۇنبىرىنىڭ مەزمۇنىنىڭ رەڭدار بۇلىشغا كاپالەتلىك قىلىمىز . 4) بايقاش مائارىپ تورىمىز تورداشلارنىڭ، ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ھۆججەت-ئوقتۇرۇش، ئىمتىھان ئۇچۇرى قاتارلىق ۋاقىت خاراكتىرلىك تېمىلارنى ئۆز ۋاقتىدا يوللاپ، مائارىپ تورىمىزنىڭ باشلامچىلىق رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرىمىز. 5) مۇنبەردە بۇنىڭدىن كېيىن قەرەللىك ھالدا « مۇنبەرگە نىسبەتەن قانداق يۈرەك سۆزلىرىڭىز بار؟» تېمىسىدا تېما يوللىنىپ تورداشلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرى قۇبۇل قىلىنىپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا تۈزۈتىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز ۋە بۇنىڭ ئىچىدە مەزمۇنى مول ، قاراتمىلىقى بار بولغانلىرىغا قارىتا مۇكاپاتلاش ئېلىپ بارىمىز. 6) بايقاش مائارىپ تورىمىز تورداشلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، «بايقاش ساخاۋەت فوندى» تەسىس قىلىپ، جەمئىيىتىمىزدىكى ئوقۇشسىز قالغان، ئېغىر كىسەللەرگە گىرىپتار بولغان نامرات ئائىلە پەرزەتنلىرى ۋە ياش ئۆسمۈرلەرگە مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، مۇنبىرىمىزنى مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش سورۇنىغا ئايلاندۇرىمىز.
بىز ئاخىرىدا بايقاش مائارىپ تورىمىزنى قوللاپ قۇۋەتلەپ كىلىۋاتقان رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مىللىي مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى، ياش-ئەۋلاتلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن ئۈن-تۈنسىز تۆھپە قۇشىۋاتقان بارلىق مائارىپچىلار ۋە باشقا ساھەلەردە رايۇنىمىزنىڭ ئىجتىمائي تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قۇشىۋاتقان كەڭ تورداش دوستلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە خۇشاللىق، خىزمىتگە ئۇتۇق تىلەيمىز.
بايقاش مۇنبىرىمىزنىڭ بۇ بىر يىللىق تارىخى ــ نەتىجىلەرگە تولغان شانلىق تارىخ بولدى! ئەتىسى تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى!!!
تۆھپىكار باشقۇرغۇچى ۋە ئەزالارغا نامزات كۆرسىتىشكە قاتنىشىڭ!
بايقاش مائارىپ تورى 2012-يىلى 7-ئاينىڭ12-كۈنى |