| خوتۇنلار نىمە دەيدۇ؟
بىر كۇنى مەمەت قارى ئىتىزىدا ئىشلەۋاتسا ،خوتۇنى كىلىپ مەمەت قارىغا: -ھوي ئادەم، سىلىنى شودۇيجاڭ بولىدۇ دەيدۇ. -ئوھوي،بۇ گەپنى كىم دەيدۇ؟ -مەھەللىدىكى خوتۇنلار. -ئاي.... ئۇلار دەۋىرىدۇ،ماڭ بىرىپ ئىشىڭنى قىلىۋەر. راست دىگەندەك ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن، مەمەت قارى راستىنلا شودۇيجاڭ بولۇپتۇ. ئۇ خىزمەتلەرنى بىجاندىللىق بىلەن ئىشلەپ يۇرگەن كۇنلەرنىڭ بىرىدە ،خوتۇنى كىلىپ يەنە: -ھوي ئادەم،بۇياققا كەلسىلە،خوشخەۋەر ،خوشخەۋەر سىلىنى دادۇيجاڭ بولىدۇ دەيدۇ. -ئاي ....بۇ گەپنى كىم دەيدۇ؟ -مەھەللىدىكى خوتۇنلار. شۇنداق قىلىپ راست دىگەندەك يەنە بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن، مەمەت قارى راستىنلا دادۇيجاڭ بولۇپ ئۆسۇپتۇ. ئۇ دادۇيجاڭ بولغاندىن كىيىن ئومومنىڭ مەبلىغىگە خىيانەت قىلىپ قويۇپ،ساقچىلار تۇتۇپ كىتىپتۇ. خوتۇنى يوقلاپ بىرىپ يىغلىغان پىتى مەمەت قارىغا : -ھوي ئادەم،سىلىگە سوت ئاچىدۇ دەيدىغۇ؟ -نىمە، نىمە دىدىڭ؟ بۇگەپنى كىم دەيدۇ؟ -سوتچى دەيدۇ،سوتچى، -قويە ۋاي سوتچىڭنى،مەھەللىدىكى خوتۇنلار نىمە دەيدۇ؟
|
|