ئەسسالام ئەلەيكۇم ،ھۆرمەتلىك بايقاش ئەھلى: بۇگۇن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسى، مەن بايقاش مۇنبىرىدىكى ،شۇنداقلا رايونىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىكى مىللى مائارىپىمىز ئۇچۇن جاپالىق ئىشلەۋاتقان بارلىق تۆھپىكار باغۋەنلىرىمىزنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. تىنىڭلار سالامەت، ئۆمرۇڭلار ئۇزۇن، ئائىلەڭلار بەختلىك، خىزمىتىڭلار نەتىجىلىك بولغاي. ئەمدى ئەسلى مەقسەتكە كەلسەك، بايقاش مۇنبىرىدىكى دوستىمىز مائارىپ ئەپەندى مىنىڭ بىر تىمامغا يازغان ئىنكاسىدا «قەلەم قۇۋۋىتىڭىز ياخشىكەن، بايقاش مارشى يىزىپ باقسىڭىز، ھەممەيلەننىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا بايقاش مارشى ۋۇجۇدقا چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس» دەپ سۆز قالدۇرغان ئىكەن. مائارىپ ئەپەندىمنىڭ بۇ سۆزىنى ئوقۇغاندىن كىيىن ئىچىمگە بىر ئوت كىرىۋالدى. ئۆزۇمنىڭ ئەھۋالى ئۆزۇمگە ئايان، مەن مائارىپ ئەپەندىم ئىيتقاندەك قەلەم قۇۋۋىتى كۇچلۇكلەردىن ئەمەسمەن. پەقەت ئۆزۇم ماتىماتىكىچى بولساممۇ،لىكىن ئەدەبىياتقا، شىئرغا بولغان ھەۋەسىنى تاشلىمىغان ئاددىي ھەۋەسكارمەن.مۇنبەرگە ئىككى پارچە شىئىر يىزىپ يوللىغىنىم راست. بۇنىڭ بىرسى «ئوقۇتقۇچى»، يەنە بىرسى «بايقاش ھەققىدە غەزەل» ناملىق شىئىردۇر. ئەمدى بايقاش مارشىنى يىزىشقا كەلسەك، مەن بۇھەقتە ئويلانغىلى بىر ئايدىن ئارتۇقراق بولدى. مۇنبەردىكى باشقا يولداشلارغ بۇھەقتە ئىغىز ئاچمىدىم. چۇنكى بايقاش مارشى يىزىشتىن ئىبارەت مۇنبەرگە تۆھپە بولغۇدەك بۇ خىزمەتنى باشقىلارغا بىرىۋەتكۇم كەلمىدى.لىكىن قەلەم قۇۋۋىتىم ئاجىز بولغاچقا دائىم يازغانلىرىم ئۆزۇمگە يارىماي، قەلەمنى سۇندۇرۇپ، يازغىنىمنى يىرتىپ تاشلاپ ئۆزۇمگە دوق قىلغان چاغلىرىممۇ بولدى. ھەتتا ئۆزۇمگە بىر كوپلىت شىئىر يىزىپ، « ئىككىنچى قولۇمغا قەلەم ئىلىپ شىئىر يازمايمەن» مۇ دەپ باقتىم. ئۆزۇمگە يازغان شىئىرىم تۆۋەندىكچە: شىئىرغا ،شائىرغا بولۇپ مەن ئەسرا، يازدىم پەقەت ئاران ئۇچ مىسرا. تۆتىنچى مىسراغا قالمىدى قۇۋۋەت، «بولدى قىل ،ئەي ئۇمىد، زورۇقما ،توختا». شۇنداق قىلىپ بىرەر ھەپتىگىچە بۇھەقتە بىر نەرسە يازمىدىم.لىكىن شىئىرغا بولغان ھەۋەس يەنىلا مىنى قولۇمغا قەلەم ئىلىشقا مەجبۇر قىلدى. ئاخىرى مەن تۆۋەندىكى بايقاش مارشى(سىناق نۇسخسى)نى يىزىپ چىقتىم.باشتا ئىيتقاندەك، ئۆزۇم قەلەم قۇۋۋىتى ئاجىز، تىل بايلىقىغا ناقىس «كالتە-كۆسەي» شائىرلاردىن بولغاچقا يازغانلىرىم جايىغاچۇشمىگەن، پىكىر ئىزچىللىقىنى ساقلىيالماي قالغان، بايقاش تورىمىزنىڭ تۇپ مەقسىتىنى توغرا ئەكس ئەتتۇرەلمىگەن بولۇشۇم مومكىن. لىكىن بۇ مۇنبەردە قەلەم قۇۋۋەتتە ھەممىمىزگە ئۇستاز بولغۇدەك ئالاھىدىن ئەپەندىم بار، ئۇندىن باشقا saba007،زەپەر،گۇلزار، پەرى قاتارلىقلارمۇبار. بۇلارنىڭ يول كۆرسىتىشى، تۇزىتىشى،بىر ئىككى مىسرا قوشۇشى نەتىجىسىدە بايقاشتىكى ھەممىمىسىگە يارىغۇدەك ھەقىقى بايقاش مارشى ۋۇجۇدقا چىقسا ئەجەپ ئەمەس دىگەن مەقسەتتە ئۆزۇمنىڭ يازغانلىرىمنى يوللىدىم.مەن بايا ئىيتقاندەك بۇ تىمىنى كۆرگەندىن كىيىن بارلىق مۇنبەرداشلار بايقاش مارشى ھەققىدە ئويلىنىپ باقسا، پىكىر بەرسە، ياكى بىرەر كۇپلىتتىن ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى يازسا، ئۇستاز ئالاھىدىن ئەپەندىمنىڭ يىتەكچىلىكىدە، ھەممىمىزنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۇرىدىغان بايقاش مارشىنى ۋۇجۇدقا چىقارساق.ئاندىن مۇنبەردىكى قابىل مۇزىكا ئوقۇتقۇچىلىرى بۇ مارشقا مۇزىكا ئىشلەپ،ئاۋازغا ئالسا. ھەرقانداق بىر تورداش بايقاش تورىنىڭ باش بىتىگە كىرگەندە بۇ مارش ئاپتوماتىك قويۇلىدىغان قىلىپ تەڭشەلسە، بۇ ئۆزگىرىش بىكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا تۇرتكە بولسا ئەجەپ ئەمەس. ئەمدى بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ تۆۋەندىكى مەن يازغان بايقاش مارشىنى ئوقۇپ، ئۆزىنىڭ يوللۇق پىكىر تەكلىپلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۆتۇنىمەن.
بايقاش مارشى
«ۋەتەن،مىللەت»دەپ كەلدۇق بايقاشقا، ئىلىمدىن ئەۋلاتقا گۆھەر قىزىشقا. بىرلىشىپ،ئۆملۇكتە ئىشلەيمىز ھارماي، ئەجرىمىزدىن ۋەتەنگە گۇللەر تىزىشقا.
«ۋەتەن،مىللەت»دەپ كەلدۇق بايقاشقا، ئىرادىمىز مۇستەھكەم، پولاتتەك ھامان. يۇرۇتىمىز پەن بىلەن سەبىي دىللارنى، ئەۋلات يولىدا بىزلەر پارتىزان.
«ۋەتەن،مىللەت»دەپ كەلدۇق بايقاشقا، يول كۆرسىتىش ئەۋلاتقا بىزنىڭ ئەھدىمىز. روناق تاپسا مىللەت، گۇللىسە ۋەتەن، شۇ بولغۇسى بىزنىڭ شەرەپ تەختىمىز.
تۆھپىكار باغۋەننىڭ جەمگاھى بايقاش، ئىلىم بەيگىسىنىڭ جەڭگاھى بايقاش. مەرىپەت بىغىنىڭ گۇلزارى بايقاش، مىللىي مائارىپنىڭ ھەمكارى بايقاش. |