كۆرۈش: 455|ئىنكاس: 2

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزىلاردىكى پىل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزىلاردىكى پىلانلىق تۇغۇتنى ئىجرا قىلغان ئائىلىلەرنى ئالاھىدە مۇكاپاتلاش سىياسىتى


جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزىلاردىكى پىلانلىق تۇغۇتنى ئىجرا قىلغان ئائىلىلەرنى ئالاھىدە مۇكاپاتلاش سىياسىتى2007- يىلى، پارتىيە 17- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، چېگرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلارنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئىناق بولۇشى، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزىلاردىكى يېڭى تىپتىكى تۇغۇت مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى پىلانلىق تۇغۇتنى ئىجرا قىلغان ئائىلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنى كەمبەغەللىكتىن تېزرەك قۇتۇلدۇرۇپ، ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا، ئاپتونوم رايونلوق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومتتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مالىيەت نازارىتى بىرلىشىپ«جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا يېزاىلاردىكى پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان ئائىلىلەرنى ئالاھىدە مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىلانى» تارقاتتى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدا قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يېزىلاردىكى پىلانلىق تۇغۇتنى ئىجرا قىلىغان ئائىلىلەرنى ئالاھىدە مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئۇنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
1. مۇكاپاتلىنىدىغان ئوبىيكىتنىڭ ئاساسىي شەرتلىرى
(1) مەزكۇر ئادەم ۋە جورىسى بىردەك قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى مەمۇري رايونىنىڭ يېزا نوپۇسىدىكى ئادەم بولۇشى كېرەك.
(2) «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نۇپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامنامىسى» دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، يېزىلاردىكى ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان ئاز سانلىق مىللەت ئەر-خوتۇنلارغا قارىتىلغان.
(3) پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئاساسەن ئۆزلىكىدىن بىر بالىلىق ئاز پەرزەنىتلىك بولغان ھەمدە « پىلانلىق تۇغۇت شەرەپ گۇۋاھنامىسى» غا ئىرىشكەن ياكى ئۆزلۈكىدىن ئىككى بالا ئاز پەرزەنتلىك بولغان ھەمدە «پىلانلىق تۇغۇت شەرەپ گۇۋاھنامىسى» غا ئېرىشكەن ئەر-خوتۇن بولۇشى كېرەك.
(4) ئايال تەرەپنىڭ يېشى 49 ياشتىن تۆۋەن (ئايالنىڭ يېشى 49 ياشتىن ئېشىپ كەتكەن، ئەمما 2007- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن بۇرۇن «شەرەپ گۇۋاھنامىسى» غا ئېرىشكەن ئەر-خوتۇنلارنى جەنۇبي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئالاھىدە مۇكاپاتلاش تۈزۈمى بويىچە مۇكاپاتلىسا بولىدۇ) بولۇشى كېرەك.
(5) ئۅزلىكىدىن بىر تۈرلۈك ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۇغۇت چەكلەش تەدبىرىنى قوللىنىش لازىم.
(6) ھازىر نىكاھتىن ئاجراشقان، جورىسى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسا، جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئالاھىدە مۇكاپاتلاش تۈزۈمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.
2. مۇكاپاتلاش سوممىسىنى تارقىتىش ئۆلچىمى
«شەرەپ گۇۋاھنامسىى» ئالغان ھەمدە ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۇغۇت چەكلەش تەدبىرىنى قوللانغان ئەر-خوتۇنلار شۇ يىلى مۇكاپاتتىن بەھرىلىنىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تەرتىپ بويىچە ئەڭ ئاخىرىدا بېكىتىلگەن مۇكاپاتلاش ئوبيېكتلىرىغا قارىتا، ئىككىنچى يىلى ھەر بىر جۈپ ئەر-خوتۇنغا بىر قېتىمدا 3000 يۈەن مۇكاپات ئوبيېكتىلىرىدۇ. ئۈچىنچى يىلىدىن باشلاپ ئەر-ئايالنىڭ ھەر بىرىگە ھەر يىلى 600 يۈەن بېرىش ئۆلچىمىبويىچە تاكىئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە مۇكاپات بېرىلىدۇ.
6. پىلانلىق تۇغۇتنى ئىجرا قىلغان دېھقان چارۋىچىلارنى مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىلگىرىكى يىللاردىكىمۇكاپات سوممىسىنىڭ قەرز بولۇپ قېلىشمەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يەنە بىر تۈرلۈك مۇھىم ھەل قىلىش تەدىبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەنى ئاپتونوم رايونلۇننىڭ «نىزامىسى» دا بەلگىلەنگەن دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى بىلەن دۆلەتنىڭ «ئاز تۇغۇپ، تېز بېيىش» قۇرۇلۇشىدىكى مۇكاپات ئۆلچىمىنى بىرلەشتۈرۈپ بىردەك 3000 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە مۇكاپاتلاش يولغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەتنىڭ «ئاز تۇغۇپ، تېز بېيىش» قۇرۇلۇشى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدىغان ئۈچ تۈرلۈك ئائىلىلەر: ئۆزلىكىدىن ئىككى بالىلىق ئاز پەرزەنتلىك بولۇپ، «يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانا شەرەپ گۇۋاھنامىسى» غا ئېرىشكەن يېزىلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئائىلىلىكلىرى، ئايال تەرەپنىڭ يېشى 49 ياشتىن ئېشىپ كەتكەن، «پىلانلىق تۇغۇت شەرەپ گۇۋاھنامىسى» غا ئېرىشكەن يېزىلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئائىلىكلىرى ۋە بىر پەرزەنتلىك بولۇپ، «يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا ئانا شەرەپ گۇۋاھنامىسى» غا ئېرىشكەن يېزىلاردىكى خەنزۇ ئائىلىكلىرى جەمئى 103000 دىن كۆپ ئائىلە بولۇپ، ھەر بىر ئائىلىگە بېرىلىدىغان مۇكاپات سوممىسى 3000 يۈەن بويىچە ھېسابلانغان (يۇقىرىىقى ئۈچ تۈرلۈك ئائىلىلەر ئىچىدىكى قىسمەن ئائىلىلەر «نىزامنامە» بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئوخشىمىغان ساندىكى بىر قېتىملىق تولۇق سوممىلىق مۇكاپات پۇلىدىن بەھرىلەنگەن)؛ ھەم 2008- يىلى بىر قېتىمدىلا ئەمەلىيلەشتۈرۈش قارار قىلىنىپ، ئەمەلىيلىشىدىغان مۇكاپات سوممسىى 218 مىلىيون 720 مىڭ يۈەن بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايون 153 مىلىيون 100 مىڭ يۈەننى، ۋىلايەت، ناھىيە 65 مىلىيون 610 مىڭ يۈەننى چىقىرىدۇ. بۇ مۇھىم سىياسەتنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشى كەڭ يېزىلاردىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆزلۈكىدىن پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش ئاكتىپچانلىقنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، بايلىق، مۇھىتنىڭ ماس تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى بولغان نوپۇس مۇھىتىنى يارىتىدۇ.



baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-5-12 13:48:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى باشقىلارغا تەشۋىق قىلساق بولغۇدەك .كۆپ كىشىلەر بۇ سىياسەتنى بىلمەيدۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-14 23:17:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى ۋاقىتلاردا لازىم بۇلۇپ قالدىكەن شۇڭا يوللاپ قويدۇم
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش