ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى! يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئەنئەنىۋى بايرىمىمىز نەۋروزنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن مۇنبىرىمىزدە مەشرەپ ئۆتكۈزۈشنى لايىق تاپتۇق. كەمىنى گۈل چاينى قۇلۇمغا ئالغان ھامان بۇ ئىشقا تىزدىن تۇتۇش قىلىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ ئىش قىلغان بولساممۇ يىتەرلىك بولالمىغان تەرەپلىرى بولىشى ئىنىق. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ كەم جايلىرىنى تۇلۇقلاپ، تۇنجى قېتىملىق مەشرىپىمىزنى ياخشى ئۆتكۈزىشىمىزگە كۈچ چىقىرىشىنى سورايمىز. ئالدى بىلەن مەشرەپ قائىدىسىنى ئوتتۇرغا قۇيىۋېتىپ ئاندىن باشلاپ كىتەي مەشرىپىمىزگە مۇنبىرىمىىزدىكى ھەممە ئەزا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە، مەشرەپ سەھنىسى ھەممىمىزگە ئوچۇق. پۈتكۈل مەشرەپ مۇشۇ تىمىدا تاماملىنىدۇ، قايتىدىن ئۆي كۆچمەيمىز. سىز ئۆزىڭىز ياقتۇرغان نورۇز توغرىسىدىكى شىئېر، لەتىپە، چاقچاق، يۇمۇر، كۈلدۈرگە، تېپىشماق، ناخشا- مۇزىكا ۋە رەسىم دىگەندەكلەرنى كەڭ كۇشادە ئىنكاس شەكلىدە يوللىسىڭىىز بولىدۇ.، ساقلىۋالغىنىڭىزنى يازسىڭىزمۇ، ئۆزىڭىز ئىجاد قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. لىكىن مەشرىپىمىزنىڭ بىر تۈرى بولغان مۇشائىرىنى چوقۇم ئۆز ئىجادىيىتىڭىز ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇسىز، يەنى مەن بىر كوپلۇت مۇشائىرە توقۇيمەن بىر ئەزا ماسلاشتۇرۇپ داۋاملاشتۇرۇىدۇ. ئۇنىڭكىنى يەنە بىرى داۋاملاشتۇرۇدۇ. ئەمىسا قالغان جايلارنى مەشرەپ داۋامىدا مىرشاپتىن سورارسىلەر. مەشرىپىمىزنى باشلاپ كىتىلى.
بايقاش نەۋرۇز مەشرىپى ‹1›
مۇنبىرىمىزنىڭ گۈلى بولغان ئوتتۇز ئوغۇل، ئوتتۇز قىز. كەڭ مەشرەپ ئەھلى ! كەمىنە يىگىت بېشىدىن ھەممىڭىزلار بايقاش نامىدىن ئوتلۇق سالام! ھەممىڭىزلارنىڭ قۇتلۇق نورۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن! نورۇز بايرىمى ئەلمىساقتىن باشلاپ ئاتا بوۋىلىرىمىز داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بايرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ 7 ياشتىن 70 ياشقىچە بارلىق كىشىلەر بۇ كۈندە قىزغىن ھالدا نورۇز مەشرىپىگە چۈشۈپ، يېڭى يىلنى يېڭىچە خۇشاللىقتا كۈتۈۋېلىشنى ئۇدۇم قىلىپ كەلگەن. مانا بىز بۈگۈن بۇ يەرگە ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىسىل ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن جەم بولغۇلىۋاتىمىز. ئوتتۇز ئوغۇل، ئوتتۇز قىز، چوڭ-كىچىك، ئورۇق - سىمىز ھەممىڭلارنىڭ تارتىنماي مەشرەپ سەھنىسىگە چۈشۈشۈڭلارنى چاقىرىق قىلىمىز. مەشرىپىمىزنىڭ رىتىملىق بولۇشى ئۈچۈن 火山 ئەپەندىنى مىرشاپلىققا بىكىتتۇق، قىلىدىغان ئىشنى چۈشەنمىگەن ئولتۇرغىلى ئورۇن تاپالمىغان ، ئۇسساپ- ئېچىپ قالغانلار بولسا مىرشاپ بىلەن بىۋاستە دىدارلاشساڭلار بولىدۇ. تەرتىپكە بويسۇنماي ئېگىز-پەسلىك قىلغانلارنى، يۈزىگە قارا سۈركۈپ بۇقا شىڭفۇ ماركلىق موتسىكىلىتقا تەتۈر مۈندۈرۈپ مۇنبەر كوچىسىنى سازايە قىلىش، بۈشىكىدە ياتقان ۋاقتىدىكى سىيۋەتكەن رەسىمىنى ئاشكارلاش، تۆت غۇلاچ ئارلىقتىن مۇنبەر تېمىنى سۆيدۈرۈش... قاتارلىق جازالار بىرىلىدۇ.
بايقاش مۇنبىرىنىڭ 2012-يىللىق نەۋروز مەشرىپى رەسمى باشلاندى
تۈۋەندە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز مەشرىپى ھۇزۇرۇڭلاردا
نورۇزنامە
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت ئەلتۇغ
1 كېلىپ نورۇز جىمى ئالەم يېشىل بوستانغا پۈركەندى، ئېچىلدى گۈل، كۈلدى زېمىن، ۋەتەن رەيھانغا پۈركەندى.
بېشىغا چاچ سېلىپ تالدىن، قويۇشقان ئوسمىسى زەپ ئۇز ، نازاكەتلىك لېۋەن قىزدىن يۈرەك ۋولقانغا پۈركەندى.
يىگىتلەر قولىدا قامچا، تىنىمسىز چاپچىشارتۇلپار، قىلار مەيدان ئارا بەيگە، جاھان مەردانغا پۈركەندى.
مۇقاملار ياڭرىدى ھەريان، قىزىدى بۇندا شاد مەشرەپ، مۇقام يۇرتى قۇرۇپ بەزمە گۈلخان- گۈلخانغا پۈركەندى.
باھار ئىلھامىدىن دىللار سۆيۈندى، ئۇرغۇدى غەيرەت، ۋەتەننى گۈللىتىش چۈن دىل بۈيۈك ئارمانغا پۈركەندى.
تىزىپ ئۈنچە گۈزەل ھېستىن، يېزىپ ئەشئار ساڭا سۇندۇم، تەبىئەت كۆركى نورۇزدىن قەلب داستانغا پۈركەندى!
2
ئالتۇن بەتلىك تارىخنىڭ كۈمۈش قۇرى نورۇزۇم، تەگسىز ئەقىل- ھېكمەتنىڭ پارلاق نۇرى، نورۇزۇم ! ئۇلاپ كەلدىڭ ئەجداتنىڭ ئۇدۇمىغا ئەۋلادنى، ئەشۇ ئۇزاق كەچمىشنىڭ ئىز- مۆھۈرى، نورۇزۇم!
ئەزىز خەلقىم تارىخى بولدى سەندە مۇجەسسەم، ھەر قەلىبتە پارلىغان تاڭ زوھۇرى، نورۇزۇم!
باشلىنىدۇ سەن بىلەن يېڭى ھايات، يېڭى كۈي، شائىرلىقىم ئىلھامى، كۈچ- غۇرۇى، نورۇزۇم!
لەتىپە
ماۋۇ تەرەپكە كەتتى
پەقەت شەھەرگە كىرىپ باقمىغان بىر جۇپ بوۋاي -موماي بولغان ئىكەن ،موماي باشقىلاردىن، شەھەرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بوۋىيىغا
--ئەي مۇسۇمان ئومرۇڭلىنىڭ ئاخىردا بولسىمۇ شەھەر دىگەن يەرگە بىر كىرىپ چىقىڭلار ،قانداقكەن - دەپ بوۋاينىڭ تەييارلىغىنى
قىلىپ شەھەرگە يولغا ساپتۇ .بوۋاي 2كۇن يول مېڭىپ، شەھەرگە كىرىپ مۇنداق قارىسا پاھ! ئاللا كارامەت ،شەھەرلىكلەر 4بۇرجەك چاقىسى بار نەرسىلەرگە كىرىپ مېڭىۋاتقان ،2چاقىسى بار نەرسىلەرنىڭ ئۇستىدە كىتىۋاتقان ، بوۋاي بەك ھەيران بولۇپ ، بازار ئارىلاپ
كېتىۋاتسا،بىر دۇككاندا كىشىلەر مىنىپ مېڭىۋاتقان موتو شەكىللىك ئۇشلۇغۇچ ئۇچراپ بەك ھەيران قېلىپ دۇككانداردىن سوراپتۇ.
-ئۇكام بۇ نىمە ؟ _
-دۇككاندار -ئاكا بۇ ئۇشلىغۇچ _دەپتۇ،
بوۋاي شەھەردىكى ئادەملەر ئۇشلىغۇچقا مىنىپ ماڭىدىكەن دەپ ئويلاپ ،يەنە مېڭىپتۇ، بىر دۇككاننىڭ ئالدىدا ،چېقىلىپ كەتكەن شوخلا كونسرۋاسى،يولنى قىپ-قىزىل قىلىۋەتكەن ئىكەن بوۋاي بىر مال ساتقۇچىغا ،بىر يولدىكى قىزىل سۇيۇقلۇققا قاراپ تۇرۇپتۇ .
بوۋاينىڭ مەخسىدىنى چۇشەنگەن مال ساتقۇچى -بوۋا ئۇ دىگەن شوخلا گەنتۇڭى - دەپتىكەن بوۋاي شەھەرلىكلەر قاننى شوخلا گەنتۇڭى
دەيدىكەن ،توۋا دەپ تېخىمۇ ھەيران بولۇپ،مېڭىۋېرىپتۇ ،بىر دوقمۇشتىكى سەي بازىرىدا بىر ئەر بىلەن بىر ئايال يەر تالىشىپ سۇقۇشىۋاتقان ئىكەن، ئەر ئايالنى- ھەي قاشاڭ - دىسە ،ئايال ئەرنى -ئەبگا_ دەپ تىللاپتۇ ،
بوۋاي بولسا -توۋا شەھەرلىكلەر ئاجايىپكىنا ئايالنى قاشاڭ ،ئەرنى ئەبگا دەيدىكەن دەپ ئويلاپ بىر دوقمۇشتا ئولتارسا، موتسىكلىت مىنگەن بىر ئەر، بىر ئايالنى سۇقۇۋېتىپ قېچىپ كىتىپتۇ .ھېلىقى ئايالنىڭ باش كوزلىرى قانغا بويىلىپتۇ .بىر دەمدىن كېيىن قاتناش ساقچىلىرى كىلىپ ئەھۋال ئىگەلىمەكچى بوپتۇ ، بۇ چاغدا ھېلىقى بوۋاي ساخچىلارغا -مەن ماۋۇ دوقمۇشتا ئۇلتۇرغان ،ئۇشلىغۇچ مىنگەن بىر ئەبگا ئاۋۇ ياقتىن كىلىپ ،ماۋۇ قاشاڭنى بىر سۇقۇپ ،شوخلا گەنتۇڭى چىقىرۋېتىپ ئاۋۇ تەرەپكە كەتتى ، _ دىگۇدەك
يۇمۇر
دوستلارغا يۇمۇر
admin ئەپەندى نورۇز كەلدى دەپ ،تىقىپ ساقلاپ قويغان كاستۇم بورۇلكىسىنىڭ پۈرلەشكەن يىرىنى توك چەينىكىدە دەزماللاپ بازارغا چىقىپتۇ. ماڭا-ماڭا قۇرسىقى تارتىشىپ، ئاشقازىنى دۈمبىسىگە چىقىپ قېلىپ بىر ئاشخانىغا كىرىپ تاماق بۇيرۇتۇپتۇ. ئاش كەلگەندىن كىيىن قارىسا تاماق ئارىسىدا بىر تال چىۋېن تۇرغانلىقىنى كۈرۈپ. كۈتكۈچىگە دەپتۇ. - خانقىز ، بۇ تاماقنى چىۋىن بىلەن تەڭ يەمدىم؟ - سۆلىتىڭىزگە قارىسا ئات تارتالمىغۇدەك تۇرىدۇ، لىكىن بەك پىخسىق ئادەم ئىكەنسىز، كىچىككىنە چىۋىن قانچىلىك تامىقىڭىزنى يەۋالماقچىدى. دەپتۇ - كۈتكۈچى پەرۋاسىزلا.
:火山 ئەپەندى ماتىماتىكا دەرسى ئۈتىۋېتىپ بىر ئوقۇغۇچىنى تۇرغۇزۇپ سوراپتۇ. - ئەگەر قۇلۇڭنى ئوڭ يانجۇقۇڭغا سالساڭ 25 يۈەن، سول يانجۇقۇڭغا سالساڭ 25 يۈەن چىقسا، بۇ نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟ - باشقىلارنىڭ يانجۇقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. - بۇ نېمە دىگىنىڭ؟ - چۈنكى يانجۇقۇمدا بىر تىيىنمۇ يوق. دەپتۇ - ئوقۇغۇچى
بىر ساراڭ يولدا كىتىۋاتسا ئالدىدا نىجاسەتتەك بىر نەرسە كۈرۈنۈپتۇ. شۇنچە زەڭ قۇيۇپ قاراپ بىلەلمەپتۇ. ئىڭىشىپ قاراپ بېقىپتۇ بىلەلمەپتۇ. قۇلىدا تۇتۇپ پۇراپ بېقىپ يەنە بىلەلمەپتۇ. ئاخىرى ئاغزىغا سېلىپ يەپ بېقىپ، كۈلگىنىچە ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەپتۇ. - راستىنلا نىجاسەت ئىكەن، خۇدايا شۈكرى، تاس قاپتىمەن دەسسەپ سالغىلى.
ئەنقەر بىلەن ئارچا بىردىن ۋېلىسپىتقا مىنىپ سەيلىگە چىقىپتۇ. بىر يەرگە كەلگەندە ئەنقەر ۋېلىسپىتتىن چۈشۈپ چاق ئاستىغا خىش قۇيۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئارچا سوراپتۇ. - نېمە قىلىۋاتىسەن؟ - پىدالغا پۇتۇم يەتمىدى ئازراق يوقىرى كۈتۈرەي دىگەن.- ئارچا بۇنى ئاڭلاپ ۋېلىسپىتنىڭ ئېگەر بىلەن رولنى ئاجرىتىپ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئەنقەر سوراپتۇ. -سەن نېمە قىلىۋاتىسەن؟ - قۇيە سىنى سەندەك ساراڭ بىلەن بىر يەرگە بارغىلى بولامدۇ. بولدى مەن قايتىپ كىتىمەن.- دىگۈدەك
مۇشائىرە
كەلدى نورۇز، كەلدى كۆكلەم ئەركىسى، كۈلدى ئالەم كۆك ھىدىدىن زوقلۇنۇپ. جەم بولۇشتى ئوتتۇز ئوغۇل، ئوتتۇز قىز، «بايقاش مەشرەپ» نەغمىسىگە جۆر بولۇپ.
مۇشائىرىنى داۋاملاشتۇرڭلار، قېنى ئوتتۇز ئوغۇل، ئوتتۇز قىز كەڭ مەشرەپ سەيناسى سىلەرنى كۈتمەكتە، ھەي مىرشاپ ۋەزىپەڭنى ئادا قىل.
|