كۆرۈش: 720|ئىنكاس: 4

«نورۇز بايرىمىلىق مۇكاپاتلىق ئەسەر» يوللاش پائالىيىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بايقاش مۇنبىرى «نورۇز بايرىمىلىق مۇكاپاتلىق ئەسەر» يوللاش پائالىيىتى






3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەنئەنىۋى بايرىمىمىز بولغان نورۇز بايرىمى يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ بايرامنى بىزدىن باشقا نۇرغۇن مىللەتلەر، ۋە تۈركى تىل سىستىمىسىغا تەۋە دۆلەتلەر ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەر خېلى تەنتەنىلىك تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ تەبرىكلەيدۇ. شىما شىنجاڭ تەرەپتە مەكتەپلەردە مەخسۇس نورۇز بايرىمى توغرىسىدا ئەدەبى-سەنئەت قاتارلىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇدۇ، ھەتتا نورۇز ئېشى ئىتىپ ئېغىز تىگىشىدۇ.
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك مۇنبىرىمىزدىمۇ بىر قىسىم ئەھمىيەتلىك بولغان پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ئارقىلىق نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇقلىماقچىمىز.

«نورۇز بايرىمىلىق مۇكاپاتلىق ئەسەر» يوللاش پائالىيىتى


ئەسەر قاتناشتۇرۇش ئۆلچىمى:
1.  ئەدەبى-ئەسەرلەر- شىئېر، نەسىر، ھىكايە، مۇشائىرە، داستان، ماقالە... قاتارلىق ژانىردا يوللىسا بولىدۇ.
2. يازما خەۋەرلەر - ھەر قايسى ئەزالار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردا ئېلىپ بارغان نورۇز بايرىمى توغرىسىدىكى پائالىيەتلەردىن سۈرەتلىك ھالدا تەپسىلى خەۋەر يوللىسا بولىدۇ.
3. رەسىم تۈرى- فوتو سۈرەت، ئۆزى لاھىيەلىگەن سۆرەتلەرنى يوللىسا بولىدۇ.
4. فىلىم تۈرى - نورۇز مەزمۇن قىلىنغان ئەدەبى-سەنئەت پائالىيىتى، ھۆججەتلىك فىلىم، ناخشا-مۇزىكا قاتارلىقلار يوللانسا بولىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەزمۇنلار:

1. خەت ئىملا دىققەت قىلىش كىرەك.
2. ئەسەرلەر چۇقۇم ئۆزىگە ماس بولغان سەھىپىگە يوللىنىشى كىرەك.
3.چۇقۇم ئۆزىنىڭ ئەسىرى بولۇش، كۈچۈرۈلمە ئەسەرلەرنى يوللاشقا، باشقا مۇنبەرلەردىن تىرىپ كىلىشكە بولمايدۇ.
4. ئەسەر مەزمۇنىدا قانۇنغا خىلاپ بولغان مەزمۇنلار بولماسلىقى، ساغلام بولغان ئەسەر بولىشى كىرەك.
5. ئەسەر ئاخىرىغا «نورۇز بايرىمىلىق مۇكاپاتلىق ئەسەر» يوللاش پائالىيىتى دەپ ئەسكەرتىش بىرىش كىرەك. ( ئالدىنقى 5 كۈن ئىچىدە يوللاپ بولغانلار تىمىڭىزغا بۇ ئەسكەرتىشنى قىستۇرۇپ قۇيۇڭ. باھالىغاندا مۇشۇ ئەسكەرتىش بويىچە ئىزدەش بۇيرىقى ئارقىلىق بىر يەرگە يىغىپ باھالاش ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، چۈشۈپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىپ قالىدۇ.

مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى:
ئەسەرلەر تۈۋەندىكى نوقتىلار بويىچە باھالىنىدۇ.
1. مەزمۇنى ساغلام بولغان بۇلۇش، پايدىلىنىش قىممىتى بولۇش.
2. خەت-ئملا توغرا، ئەدەبى تەلەپپۇزدا بولۇش.
3. يازغان ئەسەر چوقۇم ژانىر ئلچىمىگە چۈشكەن بولۇش.
4. تىما چوقۇم ئۆزىنىڭ ماس بولغان سەھىپىسىگە يوللانغان بولۇش.
5. ئۆز ئىجادىيىتى بولغان بولۇش.
6. ئەزالارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن بولۇش.

مۇكاپات تەسىس قىلىنىشى:
تۈۋەنكىدەك مۇكاپاتلار تەسىس قىلىنىدۇ.
ئالى دەرىجىلىك مۇكاپات، 1- دەرىجىلىك مۇكاپات، 2- دەرىجىلىك مۇكاپات، 3- دەرىجىلىك مۇكاپات، قاتنىشىش مۇكاپاتى قاتارلىقلار. ھەر قايسى دەرىجە بۈلىكىدىكى مۇكاپاتلار سانى قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلار سانى بويىچە نىسپەتلەشتۈرۈلۈپ بىكىتىلىدۇ.

مۇكاپات بويۇمى:
مۇنبەر تەڭگىسى، مۇنبەر ئوردىنى، تۆھپە، قىزغىنلىق قاتارلىقلار.

پائالىيەت ۋاقتى:
3-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە

بايقاش مۇنبىرى باشقۇرغۇچىلار ئىشخانىسى
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 16- كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇستاز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-16 21:16  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2قىزغىنلىق +13تىللا +11تۆھپە +13شۆھرەت +8يىغىشسەۋەبى
火山 + 8 + 8 + 8 + 8قوللايمەن!
ئابلىمىت + 5 + 3 + 5يارايسىز

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-3-16 22:28:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ياخشى بوپتۇ قوللايمەن !
ۋاقتى: 2012-3-16 22:40:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز دىگەن  ئۇستازدە،  يارايسىز.
ۋاقتى: 2012-3-16 23:11:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پائالىيەت بەك ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلىپتۇ. بىز مۇشۇنداق  پائالىيەت ئارقىلىق مىللىتىمىزنىڭ يوقۇلۇش گىرداۋىدا تۇرۇپ قالغان مەدەنيەت مىراسلىرىنى خەلقىمىزگە تونۇتساق نىمە دىگەن ياخشى!!!!!!!
مۇشۇنداق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، تىخىمۇ مول مەدەنىي مىراسلارنى خەلقىمىزگە تونۇتۇش، تۈرلۈك مەزمۇندىكى رەڭدار تىمىلار ئارقىلىق كەڭ خەلقىمىز، مىللىتىمىزگە مەنىيۋىي زوق ، ئوزۇق ئاتا قىلىش ھەممىمىز،بولۇپمۇ بىز مارىپچىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى.
تورداشلار !!!!  قۇربىتىمزنىڭ يىتىشىچە  بۇ پائالىيەتكە قاتنىشايلى!!!!!!!!!!!!!!!!!
ۋاقتى: 2012-3-21 01:24:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى بوپتۇ گەرچە بىزنىڭ بۇ جايلاردا ئارام ئالماي ئىشلەيدىغان بولساقمۇ بۇ بىز ئۈچۈن ياخشى بىر تەسەللىي بولغۇدەك
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش