ساغلاملىققا ئائىت ساۋاتلار
قاشتېشىنىڭ شىپالىق رولى قاشتېشى- قىممەتلىك زىبۇ-زىننەت بويۇمى بولۇپلا قالماي، ساغلاملىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ شىپالىق دورىسى. ئۇنىڭ شىپالىق رولى تۆۋەندىكىچە: 1. يۈرەكنى سەگىتىپ، بىھۇدە قىزىققانلىقنى تۈگىتىدۇ. 2. قاشتېشىنى مارجان شەكلىدە تىزىپ بوينىغا ئېسىۋالسا، مىجەزنى تەڭشەپ، چۈشى بۇزۇلۇش، چۆچۈش، تەشۋىشلىنىشنى تۈگىتىپ، ئۇيقۇنىمۇ ياخشىلايدۇ. 3. ئاق قاشتېشى تالقىنى بىلەن قۇرۇتۇلغان شاپتۇل چېچىكىنى ئارىلاشتۇرۇپ بەدەنگە سۈركەپ بەرسە، ئاق كېسەل(بەرەس) ۋە تۈرلۈك تېرە كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 4. كۆزگە ئاق چۈشكەن، كۆز نۇرىنى يىغالمايدىغانلار، قولى تىترەيدىغان، ئاستىنقى قاپىقى لىپىلدايدىغان، ئاغزى مايماق بولۇپ قالغانلار قاشتېشىنى كېسەللىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە شىپا بولىدۇ. 5. قاشتېشىنىڭ سۇدىكى ئېرىتمىسى سۈيدۈك يوللىرىغا، بۆرەككە تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
قۇۋۋىتى گۆش بىلەن باراۋەر كېلىدىغان بەش خىل يېمەكلىك سۇلۇ يارمىسى. سۇلۇ يارمىسى تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى %3تىن سەللا تۆۋەن، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە ماگنىي، ئارسېن قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار مول بولۇپ، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ. كۆك پۇرچاق. كۆك پۇرچاقنىڭ تەركىبىدە يېمەكلىك تالالىرى، ۋىتامىن K، مىنېرال ماددىلار ۋە ۋىتامىن C مول، ئۇنىڭدىن باشقا تەركىبىدە يەنە %5 ئەتراپىدا ئاقسىل بار. يەر ياڭىقى مۇرابباسى. يەر ياڭىقى مۇرابباسىنىڭ تەركىبىدە گىلۇكوزا بىلەن ئوخشاش تەركىبلىك رېسۋېراتول ۋە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ، تەركىبىدە يەنە% 28 ئەتراپىدا ئاقسىل بار. يىرىك گۈرۈچ. كىشىلەر يىرىك گۈرۈچنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، قاندىكى قەنت مىقدارى ئاسان يۇقىرىلاپ كەتمەيدۇ، يىرىك گۈرۈچنىڭ تەركىبىدە يەنە مىنېرال ماددىلار، تالا ۋە ئاقسىل قاتارلىق ماددىلار بولۇپ، تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى %.5 .2 كوكس ياڭىقى. كوكس ياڭىقىنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل بىلەن يېمەكلىك تالالىرىنىڭ مىقدارى مول. بىراق كوكس ياڭىقى ئېتىدە يەنە تويۇنغان ياغنىڭ مىقدارىمۇ يۇقىرى بولغاچقا، كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
دۇنيادىكى تۆت چوڭ مېۋىنىڭ بىرى __ ئۈزۈم ‹‹دۇنيادىكى تۆت چوڭ مېۋە (ئالما، ئۈزۈم، ئاپېلسىن ۋە بانان)›› نىڭ بىرى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئىگە ئۈزۈمنىڭ تەبىئىيتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، رەڭگى كۆركەم ۋە يېيىشلىك بولۇپ، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان ئېسىل مېۋىدۇر. ئۇنىڭ ساغلاملىقتىكى رولى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، يېڭى پېتى ئىستېمال قىلىشقىمۇ، قۇرۇتۇپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئۈزۈم ھارىقى ۋە ئۈزۈم شىرنىسىمۇ كىشىلەر ياخشى كۆرۈپ ئىچىدىغان ئىچىملىك ھېسابلىنىدۇ. تال ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرىدۇ ئۈزۈمدىكى مول گىلۇكوزا بەدەنگە ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ، ئۈزۈمدىكى تارتىرات كىسلاتاسى ئىشتىھانى ياخشىلاپ ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇڭا ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچارراق كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۈزۈمنى كۆڭۈلدىكىدەك ئېسىل مېۋە دېيىشكە بولىدۇ. جىگەرنى ئاسراپ بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ ئۈزۈمنىڭ تەبىئىيتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق بولۇپ جىگەرنى ئاسراپ بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئۈزۈمدە ئەركىن رادىكالنى تازىلىغۇچى تەبىئىي تەركىبلەر مول، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ، ئۇنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ئاسان، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك تەڭشەپ، ئەركىن رادىكالنىڭ جىگەر ھۈجەيرىلىرىگە سالىدىغان زىيىنىنى ئازايتىدۇ. جىگەرنى قوغداپ بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ. بەدەننى قۇۋۋەتلەپ قان كۆپەيتىدۇ ئۈزۈمدە گىلۇكوزا مول بولغاچقا قان شېكىرىنى تولۇقلايدۇ، روھنى ئۇرغۇتۇپ نېرۋا ئاجىزلىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ. ئۈزۈمدە يەنە تۆمۈر مول بولغاچقا كىشىلەرنىڭ بولۇپمۇ ئاياللار، بالىلار ۋە تېنى ئاجىز كىشىلەرنىڭ قان تولۇقلاشتىكى ياخشى يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ. قان نۆكچىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ئۈزۈمدە ئاق لويلا ئىسپىرتى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل تەركىب بولۇپ، باكتېرىيەگە قارشى تەبىئىي بىرىكمە ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ياغسىمان ماددىلارنى تازىلاپ بەدەندىكى قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ توپلىنىپ قېلىشى ۋە تۆۋەن زىچلىق ياغ ئاقسىلىنىڭ ئوكسىدلىنىشىغا قارشى تۇرىدۇ، يۇقىرى زىچلىق ياغ ئاقسىلى خولېستېرىنىنى كۆپەيتىپ ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرىدۇ ئۈزۈمدىكى تەبىئىي بىرىكمە فېنول، باكتېرىيە ۋە كېسەللىك ۋىرۇسلىرىدىكى ئاقسىللار بىلەن بىرىكىپ ئۇلارنىڭ كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملاندۇرۇش ئىقتىدارىنى چەكلەيدۇ. تاجسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ئادەم ئۈزۈم ھارىقىنى ئىچكەندىن كېيىن قان پىلازمىسىدىكى يۇقىرى زىچلىق ياغ ئاقسىلى ئېشىپ تۆۋەن زىچلىق ياغ ئاقسىلى كېمىيىدۇ. شۇڭا دائىم ئۈزۈم يەپ ياكى ئۈزۈم ھارىقى ئىچىپ بەرگەندە تاجسىمان يۈرەك كېسىلى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈزۈمدىكى مول كالىي ئېلېمېنتى كالتسىينىڭ بەدەندە توپلىنىشىغا پايدىلىق بولۇپ، بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ جارى قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، يۈرەك سوقۇش رىتىمىنى تەڭشەيدۇ. راكقا قارشى تۇرىدۇ ئۈزۈم پوستىدا راكقا قارشى پايدىلىق ماددىلار بار بولۇپ ساغلام ھۈجەيرىلەرنىڭ راكقا ئۆزگىرىشىنىڭ ۋە راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئۈزۈم شىرنىسىنىڭ ئوپېراتسىيە قىلىنغان ئاغرىقلارنىڭ ساغلاملىقىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە كۆرسىتىدىغان پايدىلىق تەسىرى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدۇ ئۈزۈمدىكى سىئانىدىننىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيىتى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ، سىئانىدىن ئېلاستازانىڭ ئاكتىپلىقىغا ئىگە بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ئەركىن رادىكالنى تازىلايدۇ، قىلدام تومۇرلاردىكى توسالغۇ ۋە سىڭىشچانلىقتىكى قالايمىقانچىلىقلارنى داۋالاش ھەم ۋېنا لىمفا ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەرنى داۋالاشتىكى رولى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش رولىغا ئىگە ئۈزۈمدە ئوزۇقلۇق ماددىلار ناھايىتى مول بولۇپ تەركىبىدىكى ئۈزۈم پولىفېنولى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئىيونلانغان گېن (ئېپىزوما) نىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنى چەكلەپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ، ئۈزۈم ئۇرۇقى تېرىنى يۇمشىتىپ، تېرىنىڭ سۈزۈك ھەم پارقىراقلىقىنى ئاشۇرىدۇ. ئۈزۈمدىكى ۋىتامىن B3 ۋە مول مىنېرال ماددىلار تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلاپ، قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ، تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېڭىدىن پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئولتۇرۇپ ئۇخلاش سالامەتلىككە زىيانلىق پۇت–قوللار ئاغرىيدۇ . ئۈستەلگە بېشىنى قويۇپ ئۇخلىغاندا ، ئادەتتە نۇرغۇن كىشى قولىغا بېشىنى قويۇپ ئۇخلايدۇ . نەتىجىدە قولنىڭ مەلۇم ئورۇنلىرىنىڭ ئۇزاق ۋاقىت بېسىلىپ قېلىشى سەۋەبىدىن قان ئايلىنىش ياخشى بولمايدۇ ، كۆيۈشىدۇ ، ئاغرىيدۇ . پۇتنىڭمۇ قان ئايلىنىشى ناچارلىشىپ كۆيۈشۈپ قالىدۇ . بەل ئاغرىيدۇ . ئۈستەلگە باشنى قويۇپ ئۇخلىغاندا ، بەل ئالدىغا ئېگىلىپ بەل ئومۇرتقا بوغۇمىنىڭ ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى ئارقىسىدىكى يېرىم تالانىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇپ ، بەل ئومۇرتقا تەخسىسىنىڭ زەخمىلىنىش ۋە چۈرۈكلىشىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، بەل ئاغرىقى ، بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ . شۇڭا بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار ھەرگىز ئولتۇرۇپ ئۇخلىماسلىقى ، پۇتىنى ئۇزۇن سۇنۇپ تۈز يېتىشى كېرەك . مېڭىگە قان يېتىشمەيدۇ . ئولتۇرۇپ ئۇخلىغاندا ، مېڭە يۇقىرى ئورۇندا تۇرغانلىقتىن ، چوڭ مېڭىگە بارىدىغان قاننىڭ مىقدارى ئازىيىپ كېتىدۇ . بولۇپمۇ چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئۇخلىغاندا ، بەدەندىكى قان ھەزىم قىلىش ئەزالىرىغا يىغىلىدىغان بولغاچقا ، مېڭىگە بارىدىغان قاننىڭ مىقدارى تېخىمۇ ئازلاپ كېتىدۇ–دە ، ئۇخلاپ قوپقاندىن كېيىن باش قېيىش ، قۇلاق غۇڭۇلداش ، پۇت–قول ئۇيۇشۇش ، ماغدۇرسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . يۈرەكنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىمۇ ياخشى بولمايدۇ . ئولتۇرۇپ ئۇخلىغاندا ، پۇت–قول ھەرىكەت قىلمىغاچقا ، تۆۋەندىكى مۆچە قىسمىدىكى قاننىڭ مۇسكۇللارنىڭ قىسقىراش رولى ئارقىلىق يۈرەككە قايتىشى ئازلايدۇ . شۇڭا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بار ئاغرىقلار ئولتۇرۇپ ئۇخلىماسلىقى كېرەك.
ھەرىكەت قىلىپ تەرلەشنىڭ پايدىسى ھەرىكەت قىلىپ تەرلەش ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق. چۈنكى، ھەرىكەت بىلەن چىققان تەر ھەقىقىي تەر بولۇپ، ئادەم ئۆزىنى راھەت ھېس قىلىدۇ. ئۇنىڭ پايدىسى تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ: توكسىننى ھەيدەيدۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ھەرىكەت قىلىپ تەرلەنسە، بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ ئايلىنىشى ۋە ماددا ئالمىشىش تېزلىشىپ، بەدەنگە يىغىلىپ قالغان سۈت كىسلاتاسى، سۈيدۈك كىسلاتاسى، ئاممىياك قاتارلىق توكسىنلارنى ھەيدەيدىكەن، يەنە، بۇرۇن، تېرە، ئۆپكە ۋە چوڭ ئۈچەينىڭ راۋان بولۇشىغا پايدىلىقكەن. قان بېسىمىنى كونترول قىلىدۇ يۇقىرى قان بېسىمى قان تومۇرنىڭ ئىچكى دىيامېتىرى تارىيىپ، بىرلىك ھەجىمدىكى قان ئېقىمى چەكلىمىگە ئۇچراشتىن پەيدا بولىدىغان بىر خىل ھادىسە. مۇۋاپىق چېنىقىپ تەرلەنسە، قىل قان تومۇرلىرى كېڭىيىپ، قاننىڭ ئايلىنىشى تېزلىشىدۇ، قان تومۇر دىۋارىنىڭ ئىلاستىكىلىقى ئاشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ بەدەندىن تەر چىقمىسا، قان ئايلىنىشى ئاستا بولسا، ھەزىم قىلىشقا تەسىر يېتىپ، تاماق تېتىمايدۇ؛ نېرۋا پائالىيىتىمۇ تەسىرگە ئۇچراپ كەچتە ياخشى ئۇخلىيالمايدۇ، بۇنىڭ تەسىرىدە ھەزىم قىلىش ياخشى بولمايدۇ. سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ كۆپ ساندىكى كىشىلەر تەر چىققاندا بەدەندىكى كالتسىي ماددىسى تەر سۇيۇقلۇقى بىلەن چىقىپ كېتىدۇ، دەپ قارايدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، پەقەت سۇدا ئېرىشچان ۋىتامىنلا تەر سۇيۇقلۇقى بىلەن چىقىپ كېتىدىكەن، كالتسىي گەرچە سۇدا ئېرىسىمۇ، لېكىن، ئېرىش دەرىجىسى تۆۋەن بولغاچقا، ئاسانلىقچە تەر سۇيۇقلۇقى بىلەن چىقىپ كەتمەيدىكەن. ئەكسىچە، ھەرىكەت قىلىپ تەرلەنسە، كالتسىي ماددىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ساقلىنىپ قېلىشىغا پايدىسى بولۇپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئۆسىدۇ ئامېرىكىدا 20 مىڭ ئوقۇغۇچى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك تەجرىبىدىن، چېنىقىپ تەرلەشنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئاكتىپ، ئىجابىي ئۈنۈم ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە زېھنىي قابىلىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆسىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. تېرىنى ئاسراپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق پەقەت تەر چىقمايدىغان ئادەملەرنىڭ تېرىسىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى ئاستا بولغانلىقتىن، بەزى كېرەكسىز ماددىلار ئاسانلىقچە چىقىپ كېتەلمەيدۇ. تەر چىقسا، تەر تۆشۈكى تازىلىنىپ، تېرىنى ئاسراپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئورۇقلاشقا پايدىلىق. چېنىقىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، بەدەندىكى ماي كۆيۈپ ئىسسىقلىققا ئايلىنىدۇ ھەم تەر سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ.
چاچنى بىر يىلدا ئۈچ قېتىمدىن كۆپ بوياشقا بولمايدۇ چاچ بوياشنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئۈچۈن، باش تېرىسىدە يارا چىققان ياكى چىقمىغانلىقى، تېرىسى ياللۇغلانغان ياكى ياللۇغلانمىغانلىقىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن چاچ بوياشقا بولىدۇ؛ دۆلەت ئۆلچىمىگە يەتكەن چاچ بويىغۇچنى ئىشلىتىش، چاچ بوياشتىن ئىلگىرى تېرىنىڭ رىئاكسىيەلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زىيادە سېزىمچانلىق سىنىقىنى قىلىش كېرەك. رەڭگى قېنىق چاچ بويىغۇچنى ئازراق ئىشلىتىش كېرەك، چاچنى بويىغاندىن كېيىن چاچ ئاسراش مېي ياكى چاچ ئاسراش سوپۇنى ئىشلىتىپ، باش تېرىسىنى ئاسراش كېرەك. چاچنى ياغاچ ياكى كالا مۈڭگۈزىدىن ياسالغان تارغاق بىلەن تاراش كېرەك.
ناشتىغا نەشپۈت يېسە قەۋزىيەتكە پايدىلىق نەشپۈتنىڭ ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى جانلاندۇرۇپ ، چوڭ تەرەتنى ھەيدەش رولى بولغاچقا ، نەشپۈت يەپ بەرسە ، قەۋزىيەتكە پايدىلىق بولىدۇ . ئەگەر ئەتىگەندە ناشتا قىلىشتىن بۇرۇن بىر ، ئىككى تال نەشپۈت يەۋالسا نەشپۈتنىڭ قەۋزىيەتنى داۋالاش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ . چۈنكى كەچلىك ئۇيقۇدىن كېيىن يېمەكلىكلەر ئاساسەن ھەزىم قىلىنىپ ، ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بەدەنگە سۈمۈرۈلۈپ بولغانلىقتىن ، ئاشقازان ، ئۈچەيلەر نىسبەتەن قۇرۇق ھالەتتە بولىدۇ . ئەگەر بۇ ۋاقىتتا نەشپۈت يېسە ، نەشپۈت تەركىبىدىكى ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلايدىغان تەركىبلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىپ ، نەشپۈتنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ . شۇڭا قەۋزىيەت بولغان كىشلەر قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋە ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدىغان باشقا ئامىللاردىن ساقلىنىش بىلەن بىللە ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە نەشپۈت ئىستېمال قىلىپ بەرسە قەۋزىيەتكە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ .
بانان، تاتلىق بەرەڭگى تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە بەزى يېمەكلىكلەر يۇقۇملۇق زۇكامغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. سامساق: سامساقنىڭ تەركىبىدىكى سامساق پىگمېنتى زۇكام ۋىرۇسىنى ئۆلتۈرەلەيدىكەن. شۇڭا سوغۇق كۆك قىلغاندا سامساقنى ئۇششاق چاناپ مۇۋاپىق مىقداردا ئارىلاشتۇرسا، يېيىشلىك بولغاندىن باشقا ساغلاملىققىمۇ ياردىمى بولىدىكەن. دانلىق زىرائەت يېمەكلىكلىرى: سۇلۇ، بۇغداي ئۇنى بولكىسى قاتارلىق دانلىق زىرائەت يېمەكلىكلىرى تەركىبىدىكى سىنك ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم ئىكەن. بانان: باناننىڭ تەركىبىدە مول بولغان ۋىتامىن B6 بولۇپ، ياللۇغقا قارشى تۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن. باناننى سۇلۇ يارمىسى قاتارلىق دانلىق زىرائەت بىلەن بىرلىكتە ئىستېمال قىلسا، زۇكام ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىكەن. مۇچ: مۇچ تەركىبىدىكى ئاكتىپ ماددا مۇچ پىگمېنتىنىڭ بۇرۇن شىلىمشىق سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇش رولى بولۇپ، زۇكامدىن بولغان بۇرۇن ئېتىلىپ قېلىشنى ئېچىشقا ياردىمى بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇچنىڭ تەركىبىدە زور مىقداردىكى ۋىتامىن C بولۇپ، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇپ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. تاتلىق بەرەڭگى: تاتلىق بەرەڭگى تەركىبىدە كاروتىن ئىنتايىن مول بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇشقا ياردىمى بولىدىكەن. تاتلىق بەرەڭگىنى يېيىش ئۇسۇللىرى كۆپ خىل، ھوردا پىشۇرۇپ يېيىشكە، ئوتقا قاقلاپ يېيىشكە ياكى تاتلىق بەرەڭگى قىيامى قىلىپ يېيىشكە بولىدۇ.
دائىم پىياز يەپ تۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق پىيازنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئاڭلاش ئىقتىدارى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، يۈرەك-مېڭە قان تومۇرى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنىڭغا شىپا بولىدۇ، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان سۇلۇق ئىششىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. دائىم پىياز يەپ بەرگەندە سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلايدۇ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. پىياز ئەقلى ئەمگەكچىلەرنىڭ يېشىل قۇۋۋەت ئۇزۇقلۇقى بولۇپ، قۇلۇلە، راك، قىسقۇچپاقا قاتارلىقلارغا ئوخشاش دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىشۇرغاندا كۆپرەك پىياز سېلىۋەتسە زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ؛ ئۇماچ ئەتكەندە ئازراق سېلىۋەتسە سوغۇقتىن بولغان زۇكامغا شىپا بولىدۇ؛ پىيازنى ئۇششاق توغراپ ياستۇقنىڭ يېنىغا قويۇپ قويسا ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ؛ پىيازنى ئېزىپ، داكا خالتىغا سېلىپ باشقا سۈرتۈپ، 24 سائەتتىن كېيىن ئىلمان سۇدا يۇيۇۋەتسە باش كېپىكىنى يوقىتىدۇ. يازلىق غولپىياز، غول پىيازۋە باش پىيازلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بار. ئەڭ يېڭى تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، باش پىيازدا كالتسىي تەركىبى مول بولۇپلا قالماي، كالتسىينىڭ خورىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن . ئاياللار 30 ياشقا كىرگەندىن كېيىن سۆڭەك ماددىسى شالاڭلىشىشقا باشلايدۇ. شۇڭا كۈندە باش پىياز ئىستېمال قىلىپ، سۈت ئىچىپ بەرسە بەدەندىكى كالتسىينى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ . ئوزۇقشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، باش پىياز تەركىبىدە يەنە كۆپ مىقداردا پىروستاگلاندىن A بولۇپ، قان تومۇرىنىڭ يۇمشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىدۇ، قان بېسىمى ۋە قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، باش پىياز تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل ۋە كاربونلۇق سۇ بىرىكمىسى بار بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىگە پايدىلىق.
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەي دېسىڭىز ۋىتامىن D نى كۆپ تولۇقلاڭ كورىيە «چاۋشيەن گېزىتى»نىڭ يېقىندىكى خەۋىرىدە دېيىلىشچە، كورىيە ئىستاتىستىكا نازارىتى كورىيەلىكلەرنىڭ « 2014-يىللىق ھاياتلىق ستاتىستىكا جەدۋىلى» ۋە ساغلاملىق سۇغۇرتىسى تەكشۈرۈشىدىكى ۋىتامىن D نىڭ سېلىشتۇرمىسىدا بىر تۈرلۈك قىزىقارلىق سانلىق مەلۇماتنى بايقىغان. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، گەرچە ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 79 ياش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاياللار(85.5 ياش) بىر قەدەر ئۇزۇن بولسىمۇ، لېكىن ئەرلەرنىڭ ھاياتىدا كېسەل بولغان ۋاقىت يىغىندىسى تەخمىنەن 14.1 يىل، ئاياللار 19.6 يىل بولغان. شۇڭا كېسەل بولغان ۋاقىتنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىيەتتە ئاياللارنىڭ ئۆمۈرى پەقەت ئەرلەرنىڭكىدىن بىر يىل كۆپ بولىدىكەن. ئانالىزدا قارىلىشچە، 2014 - يىلى ۋىتامىن D كەملىك كېسىلى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان كىشىلەرنىڭ سانى 31 مىڭ 200 نەپەرگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 70ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئاياللارنىڭ نىسبىتى% 74.4 نى ئىگىلىگەن، دېمەك، ۋىتامىن D كەملىك بىمارلىرىنىڭ ھەر 4 نەپەر ئىچىدە ئۈچ نەپەر ئايال ئىكەن. ئاياللارنىڭ كېسەلگە گېرىپتار بولۇش ۋاقتى ۋىتامىن D نىڭ كەم بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ۋىتامىن D يېتىشمەسلىك سۆڭەكنىڭ غەيرىي نورماللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، راخىت كېسىلىنىڭ ھاياتقا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىشى ناھايىتى ئاز كۆرۈلسىمۇ، لېكىن قوزغىلىشى ئاستا بولغانلىقتىن ئاسان سەل قارىلىدۇ، روشەن كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئورگانىزمنىڭ قـارشـىلىق كۈچى تۆۋەنلەپ، ئاسان ئۆپكە ياللۇغى، ئىچ سۈرمەك، قان ئازلىق قاتارلىق باشقا كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ۋىتامىن D راك كېسىلى ۋە دېۋەڭلىك بىلەن مەلۇم باغلىنىشى بار، ياشانغانلار چوقۇم ۋىتامىن D تولۇقلاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك، بولۇپمۇ ئاياللار. لېكىن سىرتتا ھەرىكەت قىلغاندا، ئادەم بەدىنى يېتەرلىك كۈن نۇرى قوبۇل قىلسىلا، تېنىدە يېتەرلىك ۋىتامىن D شەكىللىنىدۇ؛ يېمەكلىكنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئادەتتە تەبىئىي يېمەكلىكلەردە ۋىتامىن D نىڭ مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
|