كۆرۈش: 86|ئىنكاس: 0

ئۇقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانا مۇدىرىنىڭ مەسئۇليتىى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
4.        ئۇقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانا مۇدىرىنىڭ مەسئۇليتىى
ئۇقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانا مۇدىرى بولسا مەكتەپ،تەلىم-تەربىيە تەتقىقات خىزمەتلىرىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى بۇلۇپ مەكتەپ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش،تەلىم-تەربىيە ئىسلاھاتىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئۇنىڭ كونكىىرىت مەسئۇليتى تۆۋەندىكچە:
1. ‹‹ئۇقۇتۇش تەتىقىقات ۋەزىپىسىنى يۇقىرى كۆتىرىپ ئۇقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىنى تەرەققى قىلدۈرۈش فاڭجىندا چىڭ تۇرۇپ مەكتەپلەرنىڭ سىياسەت بەلگىلەش ۋە ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش تەلىم-تەربىيە ئىسلاھاتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتىرىشكە ئەلا مۇلازىمەت قىلىش.
2. نەزىرىيە بىلەن ئەمەليەتنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىىپىدا چىڭ تۇرۇپ تەلىم-تەربىيە، پەن-تېخنىكا قانۇنيىتىگە ئەمەل قىلىپ مەكتەپنىڭ ئەمەليىتىنى چىقىش قىلىپ، پەن-تېخنىكا تەتقىقاتىنى ھەقىقى كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكا تەتقىقاتىنى پىلانلىق، سېستىملىق ۋە ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ مەكتەپلەردە ساپا مائارىپىنى ئۇمۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ھازىرقى زامان مائارىپ قۇرلۇشلىرى ئىقتىدارىنى ئالدىن جارى قىلدۇرۇش.
3. ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ تەلىم-تەربىيە تەتقىقاتى بۇيىچە ئىش ئورنىدا تەربىيلىنىشنى كۈچەيتىپ ئۇقۇتقۇچىلارنى ھازىرقى زامان مائارىپ تېخنىكىسىنى ئۆگۈنۈشكە يېتەكلەپ، پەن-تېخنىكا ئاساسى بىلملىرىنى ئۇمۇملاشتۇرۇش ۋە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش ئەمەلىيتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەلىم-تەربىيەنى كۈچەيتىش ۋە قانات يايدۇرۇش كېرەك.
4. يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ تەتقىقات ئۇرۇنلىرىنىڭ تەلىۋىگەت ئاساسەن مەكتەپنىڭ كوللىكتىپ ۋە ياكى شەخىسلەر ئۆز ئۈستىگە ئالغان ھەرقايسى تۈر تەتقىقاتىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمىللەشتۈرۈش شۇنداقلا ۋەزىپىنى ۋاقتىدا ئۇرۇنلاپ ياخشى نەتىجە قازىنىشقا مەسئۇل.
5. ‹‹ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ تەرەققىياتنى كۆزلەپ،نوقتىنى تۇتقا قىلىپ، ئۇمۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش››تىن ئىبارەت تەتقىقات تىما پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بىكىتىلگەن كۆرسەتمە ۋە مەكتەپ دەرىجىلىك پەن-تەتقىقات تۈزۈمىنى تۈزۈپ تەلىم-تەربىيە تەتقىقاتىغا قاتنىشىشنى كېڭەيتىش كېرەك. تەتقىقات تۈرىنى ئەلالاشتۇرۇش ئىلتىماسى،يەكۈن چىقىرىش،تۈر تۇرغۇزۇش، پىلانلاش،ئەمىللەشتۈرۈش،باسقۇچ خارەكتىرلىك خۇلاسىلاش ۋە تەتقىقات نەتىجىللىرىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق تەتقىقات تۈر باشقۇرۇش ھالقىللىرىنى كېڭەيتىپ، مەكتەپ ئاساسى قاتلام باشقۇرۇش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.
6.يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ تەتقىقات ئورونلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك.مەكتەپ تەتقىقاتى ۋە تەتقىقات تىمىسنىڭ تەرەقىقىيات ئەھۋالىنى ئۆز-ۋاقتىدا يۇقىرىغا يوللاش،تىما تەتقىقات پائالىيتىنى ئۆز ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇپ تەتقىقات جەريانىدا پەيدا بولغان مەسلىللەرنى ھەل قىلىپ نەزىرىيە بىلەن تەلىم-تەربىيە ئەمەلىيتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى نەزىرىيە ۋە ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش ئەمەلىيتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىما تەتقىقاتى دوكلاتىنى تەتقىق قىلىپ، مەسلىھەت سوراش ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.
7. كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق تەلىم-تەربىيە تەتقىقاتى ۋە ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش ئىسلاھاتى توغىرسىدىكى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق بۇ ئۇچۇرلارنى ئۇقۇتقۇچى قۇبۇل قىلىش ۋە دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى ئىلغار ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش ئىسلاھاتى تەجىربىللىرىنى قۇبۇل قىلىش كېرەك.
8. تۈرلۈك شەكىلدىكى ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش تەلىم-تەربىيە مۇكاپاتلىق پائالىيەتلىرىنى قەرەللىك ھالدا قانات يايدۇرۇپ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ تەلىم-تەربىيە تەتقىقاتى نەتىنجىللىرىنى ئۆز ۋاقتىد كېڭەيتىپ توپلام قىلىپ تۈزۈپ چىقىش كېرەك.
9. ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش تەلىم-تەربىيە تەجىربىللىرىنىڭ توغرا تۇنۇش ۋە ئۆز ۋاقتىدا بايقاش ئارقىلىق ئۇقۇ-ئۇقۇتۇشنىڭ مۇھىم ھالىقىسى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ نەزىرىينى ئەمەليەتكە بىرلەشتۈرۈپ، مەكتەپ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش خىزمىتىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتىرىش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.
10. تەتقىقات تىما گوروپپىسنى قۇرۇپ چىقىپ، ئۇنىڭغا مەخسۇس ۋەزىپىدىكى تەتقىقات خادىملىرىنى سەپلەپ مەكتەپنىڭ ئاممىۋى خارەكتىردىكى تەلىم-تەربىيە تەتقىقات ئورنى قۇرۇپ چىقىپ،تەلىم-تەربىيە تەتقىقات تايانچىللىرىنى تەربىيلەشنى كۈچەيتىپ، ياش ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمەلىي پائالىيتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش تەلىم-تەربىيە نەتىجىللىرىنىڭ تەتقىقاتلىشىغا يۈزلىنىش ۋەزىيتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش