كۆرۈش: 82|ئىنكاس: 0

مەكتەپ مەسئۇلىنىڭ مەسئۇليىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1.        مەكتەپ مەسئۇلىنىڭ مەسئۇليىتى
مەكتەپ مۇدىرى بولسا، مەكتەپنىڭ مەمۇرىي مەسئۇلى،  ئۇقۇتۇش خىزمىتى بولسا مەكتەپنىڭ مەركىزى خىزمىتى،مەكتەپنىڭ ئۇقۇتۇش خىزمىتىنى تەشكىللەش بولسا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئاساسى ۋەزىپىسى. مەكتەپ مۇدىرى مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئالاقىدار فونكىسيىلىك تارماقلارنىڭ ماسلىشى ئاستىدا، مەكتەپنىڭ ئۇمۇمي خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ خىزمەت مەسئۇليتىى تۆۋەندىكچە:
1. مائارىپ فاڭجىنلىرىنى ئۇمۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش،مەكتەپ باشقۇرۇش ئىدىيسىنى توغىرلاش.
يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ كۆرسەتمىللىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، پارتىينىڭ مائارىپ فاڭجىننى ئۇمۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، بارلىق ئۇقۇتقۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ، ئۇقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىپ،ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش،تەلىم-تەربىيە قانۇنيەتلىرى بۇيىچە مەكتەپ باشقۇرۇشقا تىرىشىش، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۇمۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتىرىش ئۇقۇغۇچىلانىڭ ئەقلى،ئەقلاقى ۋە جىسمانى جەھەتلەردىكى ئەتراپلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش.
2. ئۇقۇتۇش پىلانلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش دەرىسلىك ئۆلچىمى ۋە ئۇقۇتۇش پىراگراممىسىنى ئەستايدىل ئەمىلليەشتۈرۈش،دۆلەت مائارىپ كومتىتى بىكىتكەن، ئۇقۇتۇش پىلانىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش مەكتەپ ئەمەليىتىنى چىقىش قىلىپ ئۇقۇتۇش پىلانىدا بەلگىلەنگەن دەرىسلەر ۋە دەرىسلىك سائىتىگە تۇلۇق ئەمەل قىلىش، ئۈزى خالىغانچە دەرىسلىكلەر ۋە دەرىس سائىتىنى بەلگىلمەسلىك، مەكتەپ ئەمەلىيتىنى ئاساس قىلىپ ھەر مەۋسۈملۈك ئۇقۇتۇش خىزمەت پىلانىنى تۈزۈش،دەرىسلىك ئۆلچىمى ۋە ئۇقۇتۇش پىراگراممىسىنى ئەستايدىل ئىجرا قىلىش، ئۇقۇتقۇچىلارنى يېتەكلەپ شۇ مەۋسۈملۈك ۋە يىللىق ئۇقۇتۇش پىلانىنى ئۇرۇنلاشقا تەشكىللەش.
3. ئۇقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سىپىگە چوڭقۇر چۈكۈپ ئۇقۇتۇش خىزمىتىگە ئۈنۈملۈك يېتەكچىلىك قىلىش.
ئۇقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سىپىگە چوڭقۇر چۈكۈپ مەكتەپ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇمۇميۈزلۈك ئېگەللەش دەرىس ئۈتۈشتە مۇئەييەن نىشان بۇلۇش،دەرىسخانا ئۇقۇتۇشىدا پىلان بۇلۇش، دەرىس ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۆز-ۋاقتىدا باشقا ئۇقۇتقۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەر ئۇقۇش مەۋسۈمدە ئاڭلىغان دەرىسى 20سائەتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك. ھەر ئۇقۇش مەۋسۈمدە مەكتەپ ئەھۋالىنى ئىككى قېتىم ئانالىز قىلىپ چىقىش، ساقلانغان مەسىللەرگە ۋە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ تەتقىقات ئۇسۇللىرىنى ئۆزگەرتىش چارىللىرىگە قاراتمىلقى بولغان ھالدايېتەكلەش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق زور تەدىبر سىياسەتلەرنى بەلگىلەش.
4. مەكتەپنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش تەتقىقاتىدا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە سۈپتىنى يۇقىرى كۆتىرىش قانۇنيەتلىرى توغىرسىدا ئىزدىنىش كېرەك.
مەكتەپنىڭ ئۇقۇتۇش خىزمىتىنى باشقۇرۇش،ئۇقۇتقۇچىلارنى خۇلاسىگە تەشكىللەش ۋە ئىلغار بولغان ئۇقۇتۇش تەجىرىبىللىرىنى كېڭەيتىش،ئۇقۇتۇش تەلىم-تەربىيە تەتقىقات پائالىيتىنى تەشكىللەش، ئۇقۇتۇش تەتقىقات گوروپپىسى،دەرىس تەييارلاش گوروپپىسغا يېتەكچىلىك قىلىپ تەتقىقات تىمىسى بىكتىپ بىرىش ھەمدە تەتقىقات تىمىسىنى قانات يايدۇرۇش ئۇقۇتۇش تەتقىقات پائالىيتىدە ئاساسنى كۈچەيتىش، ئىقتىدار يىتىلدۈرۈش، زېھىنى كۈچىنى تەرەققى قىلدۈرۈش قاتارلىق ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق،ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتىرىشنىڭ ئاساسى قانۇنيتىنى تېپىپ چېقىپ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش سۈپتىنى يۇقىرى كۆتىرىشكە تىرىشىش كېرەك.
5. ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇن قۇرلۇشى خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۇمۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتىرىش كېرەك.
ياخشى مەكتەپ بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسى ئۇقۇتقۇچىدا شوڭىلاشقا ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىنى كۈچەيتىپ ئۇقۇتقۇچىلارنى مائارىپ نەزىرىيسى ئۆگۈنۈشكە تەشكىللەپ، مائارىپ قائىدە-قانۇنيەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشقا يېتەكلەپ ئۇقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ بىلىم يېڭلاش خارەكتىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىمىنى ئۆزلىكسىز يېڭلاپ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۇمۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتىرىش كېرەك.
6. ياخشى بولغان ئۆگۈنۈش ئىستىلى بەرپا قىلىپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنۈش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىتىش كېرەك.
ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم-پەن بىلملىرىىنى ئېگەللەش ئۇسۇللىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلاردا ياخشى بولغان ئۆگۈنۈش ئادىتىنى تەدىرىجى يىتلدۈرۈش ئارقىلىق، ياخشى بولغان ئۆگۈنۈش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈش، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى ۋە ئىقتىدار تەربىيسىگە كۆڭۈل بۈلۈپ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دەرىستىن سىرىتقى پەن-تېخنىكا پائالىيەتلىرىنىڭ ۋاقتى ۋە ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىپ ئۇلارنىڭ سىياسى ساپاسىنى،تەن ساپاسىنى، مەدەنيەت ساپاسىنى،پىسخىك ساپاسىنى ۋە ئىستىتىك قارىشىنى يۇقىرى كۆتىرىشكە تىرىشىش كېرەك.
7. ئۇقۇتۇش ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق مەكتەپ ئالاھىدىلگىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مەكتەپتىكى بارلىق ئۇقۇتقۇچىلارنى ئۇقۇتۇش ماتىرىياللىرى ۋە ئۇقۇتۇش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىغا ئاكتىپ قاتىنىشىشقا تەشكىللەپ، ئۇقۇتۇش ئىسلاھاتى تەجىربىللىرىنى ئۆگۈنۈش ۋە كېڭەيتىش ئارقىلىق مەكتەپنىڭ ئۈستۈنلۈك ئەۋزەنلىكىگە ئاساسەن ئۇقۇتۇش ئىسلاھاتى تىمىسنى بىكتىپ،ئۇقۇتۇش ئىسلاھاتىدىكى ئۆزگىچە مەكتەپ بەرپا قىلىش.
8. ئۇقۇتۇشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇقۇتۇشنى دائىملىق باشقۇرۇش قائىدە-تۈزۈملىرىنى تۇرغۇزۇش كېرەك.
ئۇقۇتۇش خىزمىتىنى باشقۇرۇش سېستىمىسنى بەرپا قىلىپ ئىلمى، ئۈنۈملۈك بولغان، ئۇقۇتۇشنى دائىملىق باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى تۈزۈش، باشقۇرۇش قاتلاملىرى تەرتىپلىك بۇلۇش، يېتەكچىلىك يوللىرى راۋان بۇلۇش، ئىنكاس ئۇچۇرلار ۋاقتىدا بۇلۇش كېرەك. مەكتەپلەردە بولسا سىناق تەكشۈرۈش ۋە ئۇقۇتۇشقا ئىلھام بىرىش مۇكاپاتلاش، جازالاش تۈزۈمى تۇرغۇزىلشى كېرەك.
9. تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ ئۆزىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بىرىش.
تەلىم-تەربىيە پەن-بىلىم نەزىرىيلىرىنى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش ئىلمىنى تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ ھەرقايسى پەنلەرنىڭ ئۇقۇتۇش ئۆلچىمىنى چۈشىنىش ئەڭ كەم بولغاندىمۇ بىر پەننىڭ كەسىپ ئالاھىدىلگىنى پۇختا ئېگەللەش، ئۈزىنىڭ سەۋىيسىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇش ئارقىلىق تەتقىق قىلىش ۋە باشقۇرۇش سۈپتىنى يۇقىرى كۆتىرىش كېرەك.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش