كۆرۈش: 134|ئىنكاس: 0

مائارىپ ۋە مائارىپ تارىخىمىزدىن بىر ئۇچۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


مائارىپ ۋە مائارىپ تارىخىمىزدىن بىر ئۇچۇر

ئابدۇشۈكۈر مۇھاممەدئىمىن

مۇقەددىمە


«مائارىپ» ئىبارىسى يېقىنقى كۈنلەرگىچە يېڭى ئەۋلاتلارغا تەلىم بېرىش خىزمىتى، دەپ قارىلىپ كەلگنىدى. بۇگۈنكى كۈندە ياشانغانلار مائارىپى، چوڭلار مائارىپى، ئىشتىن سىرتقى مائارىپ، ھەرخىل كىتاپ- ژورنال ۋە رودىئو- تېلېۋىزىيىنى ۋاستە قىلغان مائارىپ شەكىللىرى مەيدانغا چىققاندىن كېيىن، بۇ ئىبارە ئومۇمىي خەلق بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە ئەقلى ئىقتىدارى، ئاھالىنىڭ مەنىۋى قىياپىتىگە ئائىت ئۇلۇغ مەبلەغ سېلىش ۋە تارىخىي خاراكتېرلىك بىناكارلىق دېگەندەك كەڭ مەنىلەرگە ئىگە بولدى. بىز ئەمدىلەتىن «ئىككىنچى ئۇستاز» دەپ داڭق قازانغان ئۇلۇغ ئۇيغۇر- تۈرك ئالىمى فارابىنىڭ مائارىپ ئاددىي ئاۋامدىن سەلتەنەتلىك پادىشاھقىچە ھەممە شۇغۇللىنىدىغان كامالەتكە ئىنتىلىش پائالىيىتى دېگەن ئىدىيىسىنى بىر قەدەر ھەزىم قىلالايدىغان بولدۇق.
«مائارىپ» ئىبارىسى ئومۇمەن ئۈچ قاتلاملىق مەنىدە چۈشىنىلىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ بىرى، مۇئەييەن دەرىجىدە قېلىپلاشقان نوپۇزلۇق ئاڭنى، سىياسىي، ئەخلاقىي ئىدىيىنى ئۆز ئوبيېكتلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ئۇنى ئۇلارنىڭ سوبيېكتىپ قاراشلار تىزمىسىغا ئايلاندۇرۇش. بۇ خىل مەنىدە، تەلىم مەزمۇنى قىلىنغان ئاڭ- پىكىر مۇكەممەل ئۇقۇم قۇرۇلمىسى مودىلى سۈپىتىدە، تەلىم بەرگۈچىدىن تەلىم ئالغۇچىغا كۆچۈرۈلۈش مەقسەت قىلىنغان. ئۇنىڭ يەنە بىرى، تاشقى دۇنيا ھادىسلىرى ۋە قانۇنىيەتلىرىدىن ئېلىنغان بىلىش تىزمىلىرى بولغان بىلىمنى مەلۇم جۈزئىي قىسىملار بويىچە، «بىر لوقما، بىرلوقما»دىن تەربىيەلەنگۈچىلەرگە يەتكۈزۈش، ئۇنىڭ ئەقىل غەزىنىسىنى بىلىم غەزىنىسىگە ئايلاندۇرۇش. بۇ خىل تەلىم ئۆز ئوبيېكتلىرىنى نەزىريە ۋە ئەمەلىي ماھارەتتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتە يېتەكلەپ، ئۆز سەۋىيىگە دەرىجىسىگە يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان. ئۇنىڭ يەنە بىرى، ئومۇمەن ئىنساننى ئويغىتىش، ئىنساندىن ئىبارەت ئۇلۇغ بىلىش ۋە پائالىيەت ئوبيېكتىنىڭ ئۆز- ئۆزىنى، ئۆزى «بىلدىم» دېگەن ئىلىملەرنى، ھازىرى ۋە ئۆتمىشىنى، دۇنيا ۋە ماھىيەتلەرنى قايتىۋاشتىن بىلىپ، باھالاشقا يېتەكلەيدىغان «ئارىف» (ئويغاق)لىققا رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇنداق مائارىپنىڭ مەقسىدى ئىنساننى ئۆزىنىڭ ھېس- خايىشلىرى توزىقىدىن، ئىنسان تۈركىمىنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەت كۈچلىرى توزىقىدىن، زامان ئەپسانىلىرى ۋە ماكان چەكلىمىلىرى توزىقىدىن، ھادىسە –كۆرۈنۈش، ۋەقە – ھېكايىلەر توزىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىنساننى بىۋاستە ۋە روشەن ھالدا ئۆزى ئۈستىدە ئىزدىنەلەيدىغان، تاشقى ئالەم بىلەن بولغان بىلىش پائالىيىتىدە ماھىيەتلەرنى كۆرۈدىغان ۋە ئېگىلەيدىغان قىلىش. شۇ نەرسە ئايان بولسۇنكى، بۇنداق بىلىش مەدرىس پەلسەپىسى، دوگماتىزىم، سەپسەتىۋازلىق، ساختا شۆھرەتپەرەسلىك، «زاھىد»لىق بىلەن سىغىشالمايدۇ.
تەلىم- تەربىيە سېتكىلىرىنى تاماملىغان، چوڭ- كىچىك مەكتەپلەرنى كېزىپ چىققان، توم-توم كىتاپ –قامۇسلارنى ئوقۇپ چىققان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا بىردەك «ئارىف» بولۇپ كەتمەيدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەپ، مېنىڭچە ئۇلارنىڭ قانداق مەنىدە، قايسى دەرىجىدە تەلىم- تەربىيىگە ئېرىشكەنلىكىدە بولسا كېرەك. بۇلاردىن مۇنداق ئۈچ يەكۈن چىقىرىش مۇمكىن: بىرىنچى، تەربىيىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ ھەممىسى «ئارىف» بولۇپ چىقمايدۇ. ئىككىنچى، «ئارىف»لىق مائارىپنىڭ ئەڭ ئالى نىشانى ۋە مىزانى. ئۈچۈنچى، قايسى پەن ساھەسىدە بولسۇن، «ئارىف»لىق مۇتەپەككۇرانە پىكىر ئىقتىدارىنى تەلەپ قىلىدۇ. مەيلى ئۇلارنىڭ قىسمەتلىرى ئوڭۇشلۇق ياكى ئوڭۇشسىز بولسۇن، پەن تارىخى ئۇلارنىڭ ئابىدىگاھى بولۇپ قالىدۇ.



سىر


غەربى يۇرت مەدەنىيىتى ۋە يىپەك يولى مەدىنىيىتى توغرۇلۇق ئالاھىزەل 1980-يىلدىن باشلاپ ئون نەچچە يىل تىرىشاچانلىق كۆرسىتىپ، كىشىلەر ئېڭىدا ئەجداتلىرىمىز تارىختا يۈكسەك سەلتەنەت قۇرغان ۋە شەۋكەتلىك مەدەنىيەتكە ئېرىشكەن ئىكەن، دېگەن تونۇشنى تىكلىۋالدۇق. ئەمما، بۇ شەۋكەتلىك غەربى يۇرت مەدەنىيىتىنىڭ كەۋدىلىك ئىپادىسى نېمە؟ دېگەن مەسىلىسىدە قاراشلار ھەرخىل.
ـ «ناخشا ئۇسۇل!» دەيدۇ بىر قىسىم كىشىلەر. ئۇلار بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تالاي پاكىتلارنى كۆرسىتەلەيدۇ.
ـ «كېيىم- كېچەك، زىبۇ- زىننەت!» دېيىشىدۇ يەنە بىر قىسىم كىشىلەر. ئۇلار قېزىلمىلار تاش كېمىر تام رەسىملىرىدىن، 18-ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇلنەپخارنىڭ «قىياپەتنامە» ناملىق ئەسىرىدىن دەلىللەرنى كۆرسىتەلەيدۇ.
ـ «سودىگەرچىلىك!» دېيىشىدۇ يەنە بىر قىسىم كىشىلەر. ئۇلار خور- ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ خانبالىقتىن تاكى رىمغىچە بولغان ئۇزۇن لىنىيىدىكى ئىش- ئىزلىرى بىلەن غەربى يۇرت ھۈنەر- سەنئىتىنىڭ تارىخىي يالدامىلىرىدىن يېتەرلىك پاكىتلارنى تىلغا ئېلىشىپ كۆرسىتەلەيدۇ. ھەتتا تارىختا ئۇرخۇن ۋادىسىدىن مەرگىزى ئاسىياغا تۇتىشىدىغان يولنىڭ ئۇيغۇر سودىگەرلىرى سەۋەبىدىن «ئۇيغۇرىيە يولى» دەپ شۆھرەت قازانغانلىقىنى تىلغا ئېلىشىدۇ.
ـ «ۋاستىچىلىك!» دىيىشىدۇ يەنە بىر قىسىم كىشىلەر. ئۇلار غەربى يۇرتلۇقلارنىڭ غەرپ- شەرق مەدەنىيەتلىرىنى توپلاش، قوشۇش، تەجرىبە قىلىش، سۈزۈش، يەتكۈزۈشتىكى خەلقئارا مەدەنىيەتپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىدىن مىساللارنى كۆرسىتەلەيدۇ.
بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى توغرا ئېيتسىمۇ، بىران تولۇ ئېيتمىدى!
نىمە ئۈچۈن غەربى يۇرتتىن شەرققە كومراجىۋا، پى خۇيلان، سۇجۇپ قاتارلىق پەن ۋە سەنئەت ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخسلەر، يۈەن سۇلالىسى زامانىسىدىكى خەنلىن ئاكادېمىيىسىنىڭ غوللۇق ئەزالىرى ھېساپلانغان مەشھۇر ئالىملار بېرىپ بۇ جايلاردا تارىخىي ئەھمىيەتلىك ئىلمىي، بەدىئىي ئىشلارنى قىلالىدى؟
نىمە ئۈچۈن غەربى يۇرتتىن غەربكە ئەل خارەزمى، ئەلفەرغانى، ئەل فارابى، ئىبىن سىنا، مەھمۇت قاشقەرى، جالالىدىن رۇمى قاتارلىق ئالىملار بېرىپ، ئۇ جايلاردا ئىلىم مەشئەلچىلىرى بولۇپ قالالىدى؟
نىمە ئۈچۈن غەربى يۇرتتىن چىققان ئەن روشەن، ئاسىناشىر ۋە يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى كېنېرال- ئادمېراللار شەرقتە، تۇلۇنخان، ئىچشىد سۇلتان قاتارلىق سەركەردىلەر غەرپتە مىسلىسىز ھەربى ھەركەتلەرگە يېتەكچىلىق قىلالىدى؟
نىمە ئۈچۈن مەھمۇد قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»غا سىزىپ كىرگۈزگەن خەرىتىسىدە باغداتنى ياكى مەككە –مەدىنىنى ئەمەس، بەلكى بالاساغۇن ۋە قەشقەرنى زىمىن سەتھىنىڭ مەرگىزى قىلىپ سىزدى ھەم تۈركىي تىلىنى ئۆگىنىشنى موھىم ئورۇنغا قويدى؟
نېمە ئۈچۈن غەربى يۇرتتىن ئېۋروپىدىس تراگېدىيىلىرى، «ئالۇب» «ۋاكىخ قىزلىرى»، «ئاكىستىد» درامىلىرىنىڭ سەھنە كۆرۈنۈشلىرى تەسۋىرى، ئىزوپ مەسەللىرى، قەدىمكى بىراخمان يېزىقى، «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، كوڭ فۇزىنىڭ «موھاكىمە ۋە بايان» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئەڭ كونا ھېساپلانغان كۆچۈرمە نۇسخىلىرى ۋە مانى سىزمىلىرى تېپىلدى؟! ئۆز يۇرتىدا كوپىيىسى بولمىغان بۇ مەدەنىيەت ئەۋرىشكىلىرىنىڭ بۇ يەردىن تېپىلىشى تاسادىپىلىقمۇ؟
بىز بۇ بىر قاتار تارىخىي سىرلاردىن چەتنەپ ئۆتەلمەيمىز، شۇنىڭدەك بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ: غەربى يۇرت جۇغراپىيىسىنىڭ نوقۇل «تەبىئەت ئانىسى قېلىپى» غەربى يۇرتلۇقلارنى ئەقلى- نەزىريىۋى تەپەككۇردىن تۇغما خالىي (يىراق)، مەڭگۈ ھېس- روھىيەت بويىچە ئىش تۇتىدىغان ئاھالە قىلىپ ياراتقان، دېگىنىدەك بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىغا شۈبھىلىك نەزەر تاشلىماي تۇرالمايمىز.



ئۇچۇر


غەربى يۇرت مەدەنىيىتى ھەقىقەتەن ئۆز زامانىسىدا باشقا ئەللەرگە نىسبەتەن يۇقۇرى پەللىدە تۇرغانىدى. مەشھۇر ئالىم جەففار ئەل ئەھمەدنىڭ «ئۇيغۇرلاردا قانۇن ۋە مالىيە ئاتالمىلىرى» دېگەن ماقالىسىدا («شەرقى ئوكيان تارىخ تەتقىقاتى مەجمۇئەسى» 4-توم، 510-بەت) مۇنداق دېيىلگەن: «12- ۋە 14- ئەسىرلەردىكى بېشبالىق ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى مۇندىن 50 ــ 60 يىل ئىلگىرىكى، يەنى، مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدىكى شۇ جاينىڭ تۇرمۇشىدىن كۆپ ئۈستۈن ئىدى... ئۇلار شۇ ئەسىرلەردە غەربىي ياپرۇپا زىمىندارلىرى، رېتسارلىرى، ھەتتا ئىېرۇسالېمغا يۈرۈش قىلغان ئەھلى سەلىب ئارمىيىسىگە قاتناشقان خىرىستىيانلارغا سېلىشتۇرغاندا تېخنىكا ۋە تەربىيە كۆرۈشتە يەنىلا ئۈستۈن ئورۇندا تۇراتتى... ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئىقتىدارى ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئەلۋەتتە مۇئەييەنلەشتۈرۈش لازىم».
ماقالە ئاپتۇرى بېشبالىقلارنى غەربىي غەربى ياۋرۇپالىقلارغا سېلىشتۇرغان بۇ جۈملىلەرنى قۇجۇ خارابىلىرى بىلەن كۈسەن تاشكېمىرلىرىنى قىدىرغان ياۋرۇپالىق ئېكسپېدىېتسىيىچى لىكوكنىڭ ئەسەرلىرىدىن نەقىل ئالغان. بىزگە ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ مائارىپ سەۋىيىسىدىن روشەن دالالەت بېرىدىغان، تۇرپان رايونىدىن تېپىلغان رەسىمنىمۇ لىكوك ئېلان قىلغان.

لىكوكمۇ خۇددى غەربى يۇرتنىڭ بىپايان قۇچىقىنى نەچچە قېتىم كېزىپ چىققان ياۋرۇپالىق ئېكسپېدىتسىيىچى ستەيندەك دەسلىپىدە، ھە دېسىلا تارىم مەدەنىيىتى ئىزلىرىنى «كرېك- رىم مەدىنىيىتىنىڭ تەقلىدى» دەپ يۈردى. بارغانسېرى ئۆزىنىڭ ئۆزگىچىلىككە باي، مۆجىزىلىك مەدەنىيەت ۋە مائارىپ قەىرىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، بۇ يەردىكى تەڭدىشى يوق مەدەنىيەت جاۋاھىراتلىرىغا توختىماي تەسەننا ئوقۇشقا مەجبۇر بولدى.
لىكوك ئېلان قىلغان بۇ رەسىم پارچىسى پارچىسى ئالتە كىشىنىڭ يېزىق ئۈستىلىدە «تەلىم ئېلىش» ياكى ئىمتىھان بېرىشكە ۋە ياكى دىسېرتاتسىيە ياقلاشقا تەييار تۇرغان ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغان بىر پۈتۈن تەسۋىرى رەسىمنىڭ ساق قالغان يېرىمى بولۇپ، بۇ رەسىم «ناخشا- ئۇسۇل»، «زىبۇزىننەت» ياكى سودىگەرچىلىك»كە ئائىت رەسىم بولماستىن، بەلكى نوقۇل مائارىپقا ئائىت رەسىم ھېساپلىنىدۇ. رەسىمدە رەسمىي يوسۇندا يۇقۇرى تەلىم ئورنى پورمىسىدا كىيىنگەن، بۇرۇتى خەت تارتقان خەت تارتقان، كېلىشكەن ئۈچ ئەركەك داستىرخان- ياپقۇ سېلىنغان ۋە بىر كىشىگە خاس قىلىپ ياسالغان يېزىق شىرەسىدە يېزىشقا تەييار تۇرغان ھالەتتە تەسۋىرلەنگەن. بۇ كۆرۈنۈش شەرقتىكى بۇددا مۇخلىسلىرىنىڭ ھېكمەت ئاڭلىشى تەسۋىرلەنگەن ياكى غەرپتە سىزىلغان ئىبىن سىنانىڭ ھەمەدان شەھرىدە شاگىرتلىرىغا دەرس سۆزلەۋاتقان ھالىتى تەسۋىرلەنگەن رەسىملەردىن ئالاھىدە پەرقلىق ھالدا، ئۆزىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكى بىلەن سېلىشتۇرما ئۈستۈنلۈك ھاسىل قىلغان. مانا بۇ، ئەينى زاماندىكى غەربىي يۇرتنىڭ مۇنتىزىم ئالىي مائارىپىدىن بىر ئۇچۇر.
مانا مۇشۇنداق بىرلەمچى پاكىتقا ئاساسەن شۇنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەسكى، شەۋكەتلىك غەربى يۇرت مەدەنىيىتىنىڭ ئالەمشۇمۇل تەسىرىگە ئىگە بولۇشىدىكى ۋە بۈگۈنكى كۈندە ئەقلىمىزنى لال قىلىشىدىكى سىر، مېنىڭچە، دەل ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەرەققى تاپقان مائارىپىدا بولسا كېرەك. بۇ نوقتىنى بىلمەي تۇرۇپ، غەربى يۇرتنىڭ پەلسەپە، ئەخلاق، مەدەنىيەت، سەنئەت تارىخىنى ئۆز ۋاقتىدا قىياس قىلىش مۇمكىن ئەمەس. مائارىپتىن مۇستەسنا قارالغان غەربى يۇرت پەقەت «يىپەك يولى»دىكى بىر ئۆتەڭ- قونالغۇ بولۇپ قالىدۇ. شۇنداقلا بىر جۇغراپىيىلىك ماكان چۈشەنچىسى بولۇپ قالىدۇ.



خاتىمە
ئوتتۇرا ئەسىردىن بىزگە يېتىپ كەلگەن بۇ ئۇچۇرغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا ماددىي بايلىق ۋە مەنىۋى بايلىقنىڭ مائارىپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئائىت مۇھىم بىر بىزارەتكە ئىگە بولىمىز. ئۇ بولسىمۇ: «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى «ئۆگرەت ئانىڭ بىلىگىن»، «قۇت قۇلىغىن تاپىنغىل» دېگەن نەسىھەت بىلەن خەلقىمىز ئارىسىدىكى «جىن سەكرىسە سەكرىسۇن، مەن سەكرىمەي ئوقۇيمەن» دېگەن قەتئىي مائارىپ ئىدىيىسىدىن ئىبارەت.
شۇنداق، مائارىپ ئەتىۋارلىق ئورۇنغا قويۇلۇپ تېپىلغان بايلىق بىلەن مائارىپ «پەگا»غا سۈرۈپ قويۇلۇپ تېپىلغان بايلىق پەرقلىقتۇر؛ مائارىپ ئەتىۋارلىنىپ ئىستىمال قىلىنغان لەززەت بىلەن مائارىپ چەتكە قايرىپ قويۇلۇپ كۆرۈلگەن ھوزۇر- ھالاۋەت ئوخشىمايدۇ.
ئەلۋەتتە، مائارىپ بايلىق يارىتىدۇ. ئەمما، مۇنداق ئىككى خىل قاراش ئۈستۈنلىكنى ئالغان چاغدا كرزىسقا دۇچ كېلىدۇ. بىرى، يىراق كەلگۈسىدە مۇھىم ئىلمىي قىممەت يارىتىدىغان ئەمەس، بەلكى تىز ئارىدا تاۋار قىممىتى يارتىدىغان مائارىپ ئەۋجىرەپ كەتكەندە؛ يەنە بىرى، مەنىۋى بايلىق يارىتىشنى ئاساس قىلماي، ماددىي بايلىق يارىتىشنى ئاساس قىلغان مائارىپ ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىگەن چاغدا. بىلىش لازىمكى، مائارىپ – بىر ئىككى يىل كۆڭۈل بۆلىنىدىغان «سېغىن كالا» بولماي، بىرقانچە ئەسىر نىشانلىنىدىغان ئىجتىمائىي بىناكارلىق!
مائارىپ ئاھالىنىڭ رېئال مەنىۋى قىياپىتى بولۇپ ئۆزىنى، تەبىئەتنى تىزگىنلەش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئىقتىدارى تەرىپىدىن ئۆلچىنىدۇ، مائارىپنى تار كاتاڭغا، قىسقا مۇساپىلىق يۈگۈرۈشكە، خەير- ساخاۋەت تىلەش يولىغا باشلىغان مائارىپچى تەپەككۇرانە ئاڭ- پىكىرگە ئىگە بولمىغان كالتا پەم مائارىپچىدۇر، مائارىپ سېپى ئەمدارلىق نوپۇزىنىڭ قارا سايىسىدا قالمىغان، يۈزەكى دەبدەبىلەر ئۈچۈن تارىخىي بەدەل تۆلىمەيدىغان بىردىن بىر سەپ بولۇشى كېرەك. مائارىپ مۇئەككىلىنىڭ كۆزى خىرەلەشكەندە، تىبابەت دەرگاھى پاكلىق ۋە ئالىجاناپلىق خسلىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. ئېنگىلىس توغرا ئېيتىدۇ: «زىمىننى سېتىش ئىنسان بەدىنى سىرتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى سېتىشتۇر». ئىنسان ئۆز ئىپپىتىنىمۇ ساتقاندىن ياكى بۇلغىغاندىن كېيىن كۈتۈپ تۇرغان ئىككىنچى قەدەم ئوچۇق بۇلاڭ- تالاڭدىن ئىبارەت. مانا بۇ دەھشەتلىك ھادىسىلەر بايلىق بىلەن مائارىپنىڭ مۇناسىۋىتى، مائارىپسىز بايلىقنىڭ پاجىئەلىك قىسسىسىنى ئىزاھلاپ بېرىدۇ.
مائارىپ ئۇلۇغلىنىشى ۋە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشىشى كېرەك! ھەشەمەتلىك شەھەر- بىنالارغا، چىرايلىق كوچا –رەستىلەرگە مەبلەغ سالغاندا پايدا –زىيان، بەدەل- تاپاۋەت نوقتىسىدىن قاراش كېرەك. ئەمما، مائارىپقا مەبلەغ سالغاندا زىيان- بەدەل نوقتىسىدىن نوقتىسىدىن قارىماسلىق كېرەك. چۈنكى ئىجتىمائىي بەخت- سائادەت ۋە كىشىلىك كامالىتىنىڭ ھەقىقىي ئوق يىلتىزى، ئۇلى ۋە پىشىڭى مائارىپتۇر.
ماقالەمنى ئەلشىر ناۋائىنىڭ فانىي تەخەللۇسىدا پارسچە يازغان، تەپەككۇر ئۇلۇغلانغان «تەپەككۇر تۆھپىسى» دېگەن قەسىدىسىدىن بىرقانچە بېيىتنى نەقىل كەلتۈرۈش بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن:

نۇرلى پىكرى-باغى جەننەت، ھەرگىياھنىڭ بەرگىدە،
ئەكس ئېتەر رۇخسار قوياشى بەرق ئۇرۇپ گويا چېچەك.
تەبىئىي يۈكسەك چىمەن، ھەرگۈل بەئەينى كۆڭلىكى،
كۆڭلىكىنىڭ تۈگمىسى شۆھرەتتە ئاسمانۇ-پەلەك.
چەرخ تەپەككۇر ئىلمىدىن چەتكە ئۆزىن قانداق ئالۇر،
جامى ئىچرە ھەر كۆپۈك دېڭىزغا قاپقاق بولغۇدەك،
بىلكى ھېكمەت شەمئى يوقلۇق ئۆيىدە غەمگە شىپا،
تۈندە ئۆزگەن كېمىگە ئۇ، رەھناما يۇلتۇز دېمەك.



1993-يىل 8-ئاي
مەنبە: «يىپەك يولدىكى توققۇز ھېكمەت»

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش