ئوقۇتقۇچى توغرىسىدا
ئابدۇشۈكۈر مۇھاممەدئىمىن
مائارىپتا مۇۋەپپەقيەت قازىنىشنىڭ سىرى ــ ئوقۇتقۇچىغا ھۆرمەت تۇرغۇزۇشتۇر. ــ ئېمىرسون (ئامېرىكا)
مۇقەددىمە
ئوقۇتقۇچى - ھۆرمەتلىك نام. شۇڭىمۇ بۇ نام توغرىسىدا مەدھىيە يازمىغان، ھېكمەت پۈتمىگەن مۇتەپەككۇرلار بولمىسا كېرەك. چۈنكى ئوقۇتقۇچى ئىنسان قەلبىگە تۈنجى مەرىپەت نۇرىنى ئېلىپ كىرگۈچى مەشئەل! ئۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئاسمىنىنى يورۇتقۇچى قوياش! مىللەتنىڭ باغۋىنى، دۆلەتنىڭ مۇرەببى، «ئىنسانىيەت روھىنىڭ ئىجېنېرى!» ئوقۇتقۇچى ــ ياش ئەۋلادلارنىڭ ئىلىم-پەن دۇنياسىدىكى تۇنجى ھامىيسى! ئۇ، بىلىم خەزىنىسىنىڭ ئالتۇن ئىشىكىنى ئاچقۇچى، ئەقىل دۇردانىلىرىنى چاچقۇچى. ھېكمەت قامۇسىنىڭ مەنىلىرىنى يەشكۈچى، تارىخ بىلەن ماكان، تىلسىم بىلەن زامان ئارىسىدا پەرۋاز قىلىپ، مۇتەپەككۇرلار بىلەن سۆھبەتلەشكۈچى، ھەقىقەت مەرۋايىتلىرىنى تەشكۈچى زەكى ئۇستاز - پىداركار جەڭچى، مېھرىبان، ساپ قەلب ئىگىسى. ئۇلۇغ ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلارسىز ئۇلۇغ مەرىپەت ئەزىمەتلىرى ۋايىغا يەتمىگە بولاتتى. ئەپلاتوننىڭ ئوقۇتقۇچىسى سوقرات، ئارىستوتىلنىڭ ئۇستازى ئەپلاتون، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ ئۇستازى ئارىستوتىل بولغىنىدەك، ئابدۇراخمان جامىي ئەلشىر ناۋائىنىڭ يېتەكچىسى، سەددىدىن قەشقەرى جامىنىڭ ئۇستازى ئىدى. ئىنسانىيەت تارخىدىكى بەزى مەشھۇر مۇتەپەككۇرلار ھەتتا ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. مەسىلەن: ھىپوگرات، قارابى، ئىبىن سىنا، تاتۇڭا، شۇەن زاڭ، گېگىل، كۇڭزى، قېدىرخان، ھۇۋەيدا، ئابدۇقادىر دامۇللا، مەمتىلى ئەپەندى قاتارلىقلار شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىككى مۇھەببەت رىشتىسى يەنى كەسپكە بېغىشلانغان مۇھەببەت بىلەن ئىلىمگە بولغان مۇھەببەت گىرەلەشكەن بولىدۇ. ئۇ، ئوشېنىسكىي ئېيتقاندەك «مەنسەپدار تۆرە ئەمەس، مەنسەپدار تۆرە ــ ئوقۇتقۇچى ئەمەس». ئەمما، تا ھازىرغىچە نېمە ئۈچۈندۇر ئوقۇتقۇچى، جەمئىيەت يېتەكچىلىرى، ئەھلى –جامائەت، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى، تۇغقان –دوستلىرى ئوقۇتقۇچىدىن ئىبارەت بۇ ھۆرمەتلىك نامنى، ئوقۇتقۇچىدەك بۇ تارىخىي كۈچنى، ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ مەنىۋى شەرتلىرىنى بىردەك ھېس قىلغان، چۈشەنگەن، قەدىرلىگەن ئەمەس. نەتىجىدە مائارىپتا بىر قاتار كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان مەسىلىلەر ساقلانماقتا.
ئىككى ئۇلۇغ ھامىي ۋە بىر مۇقەددەس قەلب
ئىككى ئۇلۇغ ھامىينىڭ بىرى ئانا، يەنە بىرى ئوقۇتقۇچىدىن ئىبارەت. ئۇلارنى بىلمەك ھەرقانداق بىلىشنىڭ مۇقەددىمىسى ۋە شەرتى، ئۇلارنى قەدىرلىمەك ھەرقانداق مۇھەببەت ۋە كامالەتنىڭ بوسۇغىسى! ئوخشاشلا، ئۇلارنى خارلاش بارلىق خارلىنىشنىڭ سەۋەبى ۋە باشلىنىشى! ئانا ــ بارلىق خىسلەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن پوئېزىيىلىك ئىبارە. ئەنگىلىيىلىك يازغۇچى تېككىرىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا «پەرزەنت دىلى ۋە تىلىدىكى تەڭرى». شۇڭا ئۇ ھەممەيلەن باش ئېگىدىغان ئۇلۇغ مېھىر- مۇھەببەت مۇئەككىلى، تۇنجى تەلىم- تەربىيە مۇرەببى. بالزاك ئېيتقاندەك «مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئانىلار قولىدا». ئوقۇتقۇچى بولسا ئىنساننى شەكىللەندۈرگۈچى يەنە بىر ئۇلۇغ سىما. ئۇ ئىستەك ئويغاتقۇچى، تەپەككۇرغا يېتەكلىگۈچى، ئەقىل ئىزلىگۈچى ۋە كامالەت يولىغا باشلىغۇچى، ئوقۇتقۇچىنىڭ پىداكار قەلبى، تەپەككۇر خەزىنىسى ئانىنىڭ ئۆز پەرزەنتىگە بەخش قىلغان ئانىلىق پەرۋىشى ۋە ئانىلىق تەربىيىسىنىڭ يېڭى قاتلامدىكى داۋامى بولۇپ، بۇ ئىككى ئۇلۇغ تەربىيىچىنىڭ يۈرىگى بىر. ئەمما نېمە ئۈچۈندۇر ھەممە پەرزەنت، ھەممە شاگىرت، ھەممە جامائەت بۇ ئىككى زاتنىڭ بىر- بىرىگە تەققاس قەدىر- قىممىتىنى ۋە ھۆرمىتىنى دېگەندەك چۈشەنمەيدۇ. ئوخشاشلا ھەممە ئانىلار ۋە ئانا بولغۇسى قىزلار، ھەممە ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى بولغۇچى ئوقۇغۇچىلار مىللەتنىڭ مەنىۋى ساپاسىنى بەلگىلەيدىغان ئىككى ھالقا ــ ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزى قانداق ئاڭ ۋە قانداق سۈپەتكە ئىگە بولۇشى لازىملىقىنى دېگەندەك چۈشەنمەيدۇ. بىلىش كېرەككى بۇ بىر پاجىئەلىك ھادىسە! بىزدە «زېھىن سىناس» دەپ ئاتىلىدىغان ئەنئەنە بويىچە «تاپقىرلىق» دىيىلىدىغان مۇسابىقىلەردە مەشھۇر كىنو چولپانلىرى ۋە ناخشا- ئۇسسۇل چولپانلىرىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ- يۇ، مەشھۇر مۇئەللىملەر، ئالىملار، كەشپىياتچىلار، ئەدىبلەرنىڭ ناملىرى كەمدىن- كەم تىلغا ئېلىنىدۇ، ھەتتا ئېلىنمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى ۋە قازانغان ئۇتۇقلىرىدىن ناايىتى كۆپ كىشىلەر خەۋەرسىز. بۇنىڭ سەۋەبى ئوقۇتقۇچى ئوبرازىنىڭ ئۇلۇغ بۇرەببە دەرىجىگە كۆتۈرۈلۈپ تەشۋىق قىلىنمىغانلىقىدىن بولغان. بۇ ناھايىتى نازۇك «بوش قالغان» ئۇللۇق خىزمەتتۇر. ئەجىرلىك، ئەمما جاپاكەش كىشىلەر ئوقۇتقۇچىلار تارىختىن بېرى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ كېلىشتى. ئۇلار خۇددى قىزىل قان دانچىلىرىدەك ئىنسانىيەت گەۋدىسىنىڭ ھەممە قىسمىغا تارقالغان، ئۇلار كۆتۈرگەن مەرىپەت مەشئىلى يىراق چۆل- جەزىرە، تاغ- جىلغىلاردىن تارتىپ ئاۋات شەھەرلەرگىچە ھەممىلا يەرنى يورۇتماقتا. ئۇزاق يىللىق تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا كۆرگەنلىرىمىز بويىچە ئېيتقاندا ئومۇمەن ئوقۇتقۇچىلار بىرقانچە قۇلا كېيىمنى يۇيۇپ، تازىلاپ كېيىپ، كىچىككىنە ئائىلىسىنى قاتتىق تەجەشلىك بىلەن باشقۇرۇپ كىشىلەرگە يول بېرىپ يول تالاشماي، قول بېرىپ قول تالاشماي ياشاپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرگەندە كۆرۈدىغىنىمىز تامدىكى گىلەم ئەمەس دۇنيا خەرىتىسى، مەرەپكە تىزىلغان قېلىن يوتقانلار ئەمەس، دېرىزە تۈۋىدىكى شىرەگە قويۇلغان كىتاپ- دەپتەرلەر بولدى، ھەرخىل نامراتلىق كېسەللىكلىرى بولۇپمۇ سىل كېسىلى ئۇلارنى تېخىمۇ ياداڭغۇ، ئاۋاق قىلىپ قويدى. يېقىندا بىر باجگىرنىڭ بىر پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى توغرۇلۇق تولىمۇ مەڭسىتمەسلىك بىلەن مەغرۇر ئاھاڭدا «كىمكى دەپتىمەن، ئۇ بىر ئەپەندىكەنغۇ!» دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدىم. بۇ سۆز ئادەتتىكى بىر باجگىرنىڭ ئېغىزىدىن چىققان سۆز بولسىمۇ، ئۇ پۈتۈن جەمئىيەتتە، سىياسىي، مەمۇرى، مالىيە- سودا، كىنو- تىياتىر، ھەربىي –ساقچى خادىملارغا سېلىشتۇرغاندا ئوقۇتقۇچىنىڭ جامائەتچىلىق نەزىرىدە قانچىلىك ئورۇنغا قويۇلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر روشەن مىسالى. راست! ئۇلارنىڭ قوللىرىدا سىياھ، ئۈستىدە بور توزانلىرى بار. ئۇلارنىڭ يانچۇقىدا ياكى رېزىنكە تامغا ياكى پۇل چېكى يوق. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى خۇددى ئەختەم ئۆمەرنىڭ «قارا جاڭگال» ھېكايىسىدىكى «جاڭگال پەرىشتىسىدەك» بىكارغا دېگۈدەكلا خىزمەت قىلماقتا. مۇشۇنداق ئەپەندىچىلىك، مۇشۇنداق خانىملىق بىلەن ۋىجىك قېرىغان، كېسەل ئازابىغا چۆكۈپ قالغان، كىشىلەر نەزىرىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن مويسىپىت ئۇستازلار ئازمۇ؟ ئۇلار «ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى»نىڭ داغىدۇغىسىدىن باشقا ھېچقانداق ئەمەلىي نەپكە ئېرىشەلمەيدىغۇ؟! ئۇلار پىنسىيىگە چىققان پېتىچە بۇلۇڭ- پۇشقاقلاردا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. ئۇلار قاتلاملارنىڭ ئەڭ تېگىدە، ھالقىلارنىڭ ئەڭ كەينىدە تۇرىدۇ. مەسىلە شۇ يەردىكى، دەل مۇشۇ ئوقۇتقۇچىلار ئەڭ يۇقۇرى ۋە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تارىخىي بىناكارلىق - ئىنسان قەلبىنى يارىتىدىغان ئىنجېنىرلاردۇر. شۇنى بىلىش كېرەككى ئوقۇتقۇچى ئەزىزلەنگەن جاي دەل بەخت قۇشى بولغان ئەنقانىڭ تۇخۇم باسقان ماكانىدىن ئىبارەت. ئوقۇتقۇچى ئەزىزلەنمىگەن جاي- ئالتۇن كۆمۈلگەن خارابە ئۈستىدە ھۇۋقۇش ھۇۋلايدىغان كاماندىن ئىبارەت. تۆلەپ بولمايدىغان قەرز، كۆچۈرۈپ بولمايدىغان ۋاپاسىزلىق
«ئەجدادلارغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك ئەخلاقسىزلىقىنىڭ بىرىنچى بەلگىسى» (پۇشكىن)، ئۇستازلارغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك بارلىق ھۆرمەتسىزلىكنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قاباھەتلىك شەكلى. ئۆز ئاتا- ئانىسىدىن، ئۆز ئۇستازلىرىدىن، ئۆزى تەربىيە ئالغان مۇئەللىپتىن پەرزەنتلەر، ياش ئەۋلادلار تۆلەپ بولغۇسىز قەرزدار. ۋەھالەنكى، بىزدە ئۆز ئۇستازىنى ھاقارەتلەشكە، ئۆز مۇئەللىپىگە خىيانەتكاررانە ھەركەتتە بولۇشقا، ئۆز ئوقۇتقۇچىسى- يېتەكلىگۈچىسىنىڭ ئىلمىي مۇۋەپپەقيەتلىرىگە چاڭگال سېلىشقا، ئۇلارنىڭ جىسمانىي، مەنىۋى ۋە ئىلمىي جەھەتتىكى خاتىرجەملىكىگە زىيان- زەخمەت قىلىشقا پېتىنىدىغان تۇزكور شاگىرتلارمۇ بار. مېنىڭچە، ئۆزى سۆيۈپ، پەرۋىش قىلغان ئوقۇغۇچىسىدىن كۆرگەن ۋاپاسىزلىقتىنمۇ ئارتۇق ئازاپ بولمىسا كېرەك. ھەر دەرجىلىك مائارىپ تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ بىرەر كان، بىرەر كارخانا ياكى بىرەر مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئەمەس، بەلكى ئوقۇتقۇچىلار توپلانغان، مائارىپ كىناكارلىقى ئادا قىلىنىۋاتقان ئورۇننىڭ تەشكىلاتچىسى، پاسىبانى، مۇلازىمى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك. مائارىپ ئۆز ماھايىتىنى بىلەن تۆرىلەردىن خالىي ماكان بولىشى كېرەك. ئۇنىڭدا كىبىر كۈلكىلىك، كۈچ كۆرسىتىش ئەخمەقلىق، ھەممە ئىشتا، ھەردائىم ئوقۇتقۇچىلارنى قىممەتلىك ئورۇنغا قويۇپ قەدىرلەش ئارقىلىقلا خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئاسمىنى يورۇيدۇ. پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار تېخىمۇ قەدىرلەشكە، دائىم ئەسلەپ تۇرىشىمىزغا تېگىشلىك ئىنسانلاردۇر. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئەجداتلارغا، ئىلىم مائارىپ پىشىۋالىرىغا ھۆرمەت قىلىش ئېڭى، ئەنئەنىسى ۋە ئەخلاقى، بۇنداق ئاڭ، ئەنئەنە ۋە ئەخلاق بولمىغاندا ھەرقانداق «ئەقىل»، «قابىلىيەت»، تەدبىر» تېگى تۆشۈك كورىدەك ئەسقاتماس بولۇپ قالىدۇ. ئۆز ئوقۇتقۇچىلىرىغا رەھبەر بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ «چۆجە خوراز» ئەلپازى ئوقۇتقۇچىلارغا بەكمۇ ھار كېلىدۇ. ياش پەرقىگە كەلگەندە «ياشلىق بىلەن قېرىلىق ئارىسىدىكى مۇساپىنىڭ بەكمۇ قىسقا» (مونتىسكىيۇ) ئىكەنلىكىنى، بۇ ئارىدا زامانداش بولۇشقا كاشىلا قىلىدىغان مىڭ يىللارنىڭ يوقلىقىنى ئەقىل بىلەن ئويلاش كېرەك. ئوقۇتقۇچىنى ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى، تۇغقانلىرى، دوستلىرى قوللىشى، ھۆرمەتلىشى ناھايىتى مۇھىم. دەرۋەقە، بىرقانچە قېرىنداش ئىچىدە «ئەپەندى» بولغىنىنىڭ كىرىمى تۆۋەن، ئۆسۈشى ئاستا، قوشۇمچە تاپاۋىتى يوق بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ ئەجرى كەم، تۆھپىسى يوق دېگەنلىك ئەمەس. باشقا بايلىق ۋە كىرىملەر ئىستىمال بولۇپ تۈگىسىمۇ، لېكىن ئىلىم پۈتمەس- تۈگىمەس بايلىق. ئوقۇتقۇچىنى كەسپ ئالماستۇرۇشقا، مەنسەپ تۇتۇشقا دەۋەت قىلغان ئايال ئەسلىدە ئۆز ئېرىگە ئىختىيارلىق بىلەن ئەمەس نائىلاچ تەككەن ئايال. ئۇنداق ئايال ئۆز ئېرىنى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتى بىلەن قوشۇپ تۇرۇپ سۆيگەن ئايال ئەمەس. مېنىڭچە بۇنداق ئاياللار پات- پاتلا ئېرىنى پەسلەشتۈرىدىغان كوتۇلداشلارنى قىلماي تۇرالمايدۇ. مەن ئويلايمەن، ئائىلىدە ئوقۇتقۇچىغا ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغانلىقى تۈپەيلى ئىپادىلەنگەن ھۆرمەتسىزلىك پۈتۈن ئىجتىمائىي ھۆرمەت - ئىتىبارسىزلىكلەرنىڭ ئىخچام كۆرۈنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. تەربىيىلىگۈچى چوقۇم تەربىيىلەنگەن بولۇشى لازىم بىز يۇقىرىدا «ئوقۇتقۇچى» دېگەن سۆزنى ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتى بويىچە تەرىپلىدۇق ۋە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئومۇمىيۈزلۈك ھۆرمەت تىكلەشنى تەكىتلىدۇق. ھەممىگە مەلۇم، ئوقۇتقۇچى كونكىرت ئىنسان. ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچى دېگەن شەرەپلىك نامىغا لايىق ياكى ئەمەسلىكى كونكرېت ئوقۇتقۇچى مەسىلىسىدۇر. گىيۇتى توغرا ئېيتقانىدى: «تەربىيىدە پۈتۈن مەسىلە ئوقۇتقۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىگە باغلىق». تەربىيە بىرىنچىدىن «ئۇلۇغ ئىش»، «ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى تەربىيە بىلەن ھەل قىلىنىدۇ» (بىلىنىسكى)؛ ئىككىنچىدىن تەربىيە «ۋىجدان ئىشى» (كىيۇتى)؛ شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئۆز كەسپىنى ئەقلى، قەلبى ۋە ۋىجدانى بىلەن سۆيىشى، ئۇنى ئۇلۇغ تارىخىي تەرەققىياتقا ئاڭلىق بىرلەشتۈرىشى لازىم. ئۇ جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ، ئۇنۋان ئالغاندىمۇ ئۆزىنى تۈپ چىجدانى ئۆلچەمدىن يىراقلاشتۇرۇپ قويماسلىقى لازىم. ئوقۇتقۇچىلىق تەربىيىچىدىن دائىم ئۆز- ئۆزىنى تەربىيىلەپ تۇرۇشنى شەرت قىلىدۇ. «ئوقۇتۇش ئىككى ھەسسە ئوقۇش دېمەكتۇر.» بولۇپمۇ ھازىرقى دەۋردە ئوقۇتقۇچى ھەركۈنى ئۆزىنىڭ بىلىم قوندىنى بېيىتىپ ۋە يېڭىلاپ تۇرماي ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. بىلىمسىز، بىلىمى تۆۋەن ياكى بىلىمى كونىرىغان كىشىلەرنى يۇقۇرى سىنىپ (مەكتەپ) ئوقۇغۇچىلىرى ئاسانلا بايقاپ ئالالايدۇ. مۇھىمى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى نامىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان «غەيرى ئوقۇتقۇچى»لارنى ياكى مەخسۇس تەربىيىلەپ ياكى خىزمىتىنى يۆتكەپ ئاساس مائارىپ سىنىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى مائارىپ فرونتىنىڭ زەربىدار ئەترىتىگە ئايلاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭسىز ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. ئوقۇتقۇچى يەنە ئوقۇغۇچىغا بىلىم بېرىش ئاساسىدا پىكىر قىلىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرىدىغان بولۇشى لازىم. چۈنكى مەدەنىيەتنىڭ بۈيۈك ۋەزىپىسى ئىنساننى پىكىر قىلىشقا ئۆگىتىشتۇر» (ئېدىسون). بىلىم – ئىگىلەنگەن ھەقىقەتنى بىلىۋېلىش بولۇپ، پەقەت پىكىر قىلىش قابىلىيىتى ئارقىلىقلا بىلىمنى راۋاجلاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش مۇمكىن. تەربىيە يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۆلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش دېمەكتۇر. ئوقۇتقۇچى دەرس ئارقىلىق، تەجىربە ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق ئۆلگىلىك ئىنساننى نامايەن قىلىدۇ. بۇ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنى ئۆزلۈكسىز كامالەت يولىغا قويۇپ توختىماي ئىلگىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇ چاغدىلا ئوقۇتقۇچى ھەقىقىي تەلىم- تەربىيە ساھىبى بولۇپ يېتىشىدۇ. خۇلاسە رېئال دۇنيا ئىچىدە تۇرۇپ كەلگۈسىگە نەزەر تاشلىغاندا ئائىلە بىلەن ئانا، مائارىپ بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ مىللەتنىڭ مەنىۋى ساپاسىنى بەلگىلەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جەمئىيەتتىكى ئومۇمىي كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىپ، ئومۇمىي ئاڭ دەرىجىسىگە، ئەقىدە دەرىجىسىگە كۆتۈرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلەش بىلەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ ساپاسىنى بىللە چىڭ تۇتۇش ئۇنىڭ مەركىزىي ھالقىسى.
1993-يىل 2-ئاي مەنبە: «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى» |