كۆرۈش: 109|ئىنكاس: 0

يېڭى دەرس ئوقۇتۇش لايىھەسىنى تۈزۈش ۋە باشقۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يېڭى دەرس ئوقۇتۇش لايىھەسىنى تۈزۈش ۋە باشقۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسەت
يېڭى دەرس ئوقۇتۇش لايىھەسىنى تۈزۈش ۋە باشقۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسەت قايسىلار؟
1.        ئوقۇتۇش لايىھىسىدە ئالدى بىلەن  لاھىيىلەيدىغىنىمىز ئوقۇغۇچىلارنى شۇ مۇھىتنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىدىغان قىلىپ ئىنچىكىلىك بىلەن لاھىيىلەشتىن ئىبارەت. بۇنداق مۇھىت مەلۇم ئەمەلىي مەسىلە توغرىسىدىكى ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەقىقىي مۇھىت بولسا بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدىغان، ھەمدە ئۇلاردىن مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان رەسىم ياكى سىن ئالغۇ سۈرەت مەنزىرىسى بولسىمۇ بولىدۇ. شۇنداقلا ئوقۇتقۇچى تەۋىرلىگەن، تەقلىد قىلغان، ھەتتا توقۇپ چىققان تىل بىلەن بايان قىلىش ئالامەت مۇھىتى بولسىمۇ بولىدۇ. ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىشدە ھەقىقىي ۋەزىپە مۇھىتىدا كاشىلا چىقسا، تۇرمۇشقا ۋە ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆگىنىدۇ؛ ئۇنىڭد ا كۆڭلىدە ئاچچىقلىنىدىغان، ئاغزىدا دېيەلمەيدىغان ھالەت پايدا بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن  بىلىمگە ئىنتىلىدىغان ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ شەكىللىنىدۇ؛ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىنىدۇ ۋە بايقايدۇ قانداق ئۆگىنىشنى ئۆگىنىۋالىدۇ شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ جۇغلانمىغا، چۈشەنچىگە ۋە تەسىراتقا ئىگە بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇشۇنداق مۇھىتتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىنىشتىن ئىگە بولغان نەرسىسى شۇلارغا سۆزلەپ بېرىلگەنلەردىن جىق كۆپ، جىق پۇختا بولىدۇ. بەلكى بۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ھەۋىسىنى قوزغاشقا، ئۇلارنىڭ ئاساسىي ساپاسىنى يېتىلدۈرۈشكە تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۆۋەن يىللىقلارنىڭ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا، مەيلى خەت تونۇش - خەت يېزىش، ئوقۇش يېزىقچىلىق ۋە ئاغزاكى ئالاقىدا بولسۇن، مۇھىت يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ ھالقىغا ھەرگىز سەل قارىماسلىق لازىم.  
2.        . قۇرۇلما ئامىلىنى سىستېمىلىق ماسلاشتۇرۇش لازىم. يېڭى دەرس دائىرىسىدىكى دەرس ۋە ئوقۇتۇش قۇرۇلما ئامىلىدا ۋە ئۇنىڭ رولىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر بولدى.  ئوقۇتقۇچى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى، يېتەكلىگۈچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى.  ئوقۇغۇچى: ئۆگىنىشنىڭ سۇبيېكتى، ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسىي ئوقى، دەرسخانىنىڭ ئىگىسى. دەرسلىك: بىرەر ئۈلگە، بىر ۋاسىتە، بىرخىل بايلىق. مۇھىت: دەرس ئامىلى، ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، ئۆگىنىشنىڭ شارائىتى. يېڭى دەرس قارىشى شۇنداق ھېسابلايدۇكى، ئوقۇتۇش بىر خىل قوللاش خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىش مۇھىتىدا ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى سۆز تېمىسى قىلىپ قانات يايدۇرغان  سۆزلىشىشتىن ئىبارەت. ئوقۇتقۇچى مۇھىت بىلەن بىللە مەۋجۇد بولغان باراۋەرلىكتىكى باش بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىش، مۇستەقىل ئىزدىنىش ۋە ھەمكارلىشىپ مەسلىھەتلىشىش پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئوقۇتقۇچى  بىلەن ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئارا كەڭ دائىرىدە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشقا، بىلىمدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا، ئىدىيە جەھەتتە سوقۇلۇش داۋامىدا ئوقۇتۇش مەزمۇنى توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ۋە چۈشەنچە ھاسىل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش لازىم. بۇ جەرياندا ئوقۇغۇچىلار  باشتىن - ئاخىر ئۆگىنىش سۇبيېكتى ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش سۇبيېكتى بولىدۇ.  دەرسلىك ئوقۇغۇچىلارنى تونۇشنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا، تۇرمۇش ئۆگىنىشكە، كىشىلىك قەدىر - قىممەت تىكلەشكە يېتەكلەيدىغان بىرخىل ئۈلگە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى شەيئىلەرنى بىلىش، تەھلىل قىلىش ۋە چۈشىنىشكە يېتەكلەيدىغان، ھەمدە ئەسلەش، تەنقىد قىلىش ۋە يارىتىش مەنىسىدىكى تېما بولۇپ،  ئوقۇغۇچىلاr ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىش داۋامىدا تەرەققىياتقا ئىگە بولىدىغان مەدەنىيەت ۋاسىتىسى ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇتۇشنىڭ قۇرۇلما ئامىلىغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلغاندىلا، ئوقۇتۇش لايىھىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ھەمدەم بولالايدۇ ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتالايدۇ..
3.         ئوقۇتۇش تەرتىپىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم. ئوقۇتۇش تەرتىپىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا بىزدە بۇرۇن ھەرخىل نەزەرىيىۋى پادىلىنىشلار بولغان. مەسىلەن: بىلىش نەزەرىيىسىنى تەھلىل قىلىش ئاساس قىلىنغان. دەرسلىكنى ھېس قىلىش — دەرسلىكنى چۈشىنىش — مەشىق قىلىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش — تەكشۈرۈش — مۇستەھكەملەش بولغان.  دەرسلەرنى تۈرگە ئايرىپ تەھلىل قىلىش ئاساس قىلىنغان. ئۇنىۋېرسال دەرسنىڭ قۇرۇلما شەكلى ئادەتتە ئوقۇتۇشنى ئۇيۇشتۇرۇش تەكرارنى تەكشۈرۈش  — يېڭى دەرس ئۆتۈش — يېڭى دەرسنى مۇستەھكەملەش — خۇلاسىلاش ۋە تاپشۇرۇشتىن ئىبارەت بولغان. ئۆگىنىش پسىخىكىسىنى تەھلىل قىلىش ئاساس قىلىنغان. مەسىلەن،  جۇڭگولۇق ئالىم يى لىينشىڭ كەڭ مەنىدىكى بىلىم ئوقۇتۇشىنىڭ ئادەتتىكى جەريان ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىلمىي ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تەھلىل قىلىش ئاساس قىلىنغان. مەسىلەن، جۇڭگونىڭ تىل - ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا تېمىنى يېيىش — مەزمۇن قارىتا كۆرۈنۈشىگە دائىر بىلىملەرنى تونۇشتۇرۇش — دەرس سۆزلەش )ئابزاس -  قاتلاملارغا ئايرىش، مەركىزى ئىدىيە، يېزىلىش ئالاھىدىلىكى — مەشىق قىلىش ۋە سۆزلەش - باھالاش قاتارلىقلار ئومۇملاشتۇرۇلغان. دۆلىتىمىزدىكى دەرس ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، كەڭ ئوقۇتۇچىلار ئوقۇتۇشتا تەرتىپلەشتۈرۈلگەن ھەرخىل ئىسكەنجىلەرنى بۇزۇۋېتىپ، ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، دەرسخانا ئوقۇتۇش قۇرۇلمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە نۇرغۇن ئەندىزىلەرنى شەكىللەندۈردى. بۇ ئەندىزىلەردە ھەممە مەزمۇنغا، ھەممە ئوقۇغۇچىغا، ھەممە مۇھىتقا ئومۇميۈزلۈك ماس كېلىدىغان بىرخىل مۇقىم رامكا ياكى تەرتىپنى تېپىش كۆزدە تۇتۇلماي،  بەزى پىرىنسىپال تەكلىپلەرنى  ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قىسقىسى، ئاۋۋال ئۆگىنىپ، كېيىن ئۆگىتىش، ئاۋۋال مەشىق قىلىپ، كېيىن سۆزلەش، قىلىش جەريانىدا ئۆگىنىش، ئىشلىتىش داۋامىدا ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلىش، گۇرۇپپىلار ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش شەكلىنى تۈپ قوللىنىش لازىم..
4.        4.دەرس بايلىقىنى ئەستايىدىل ماسلاشتۇرۇش لازىم.  بىزگە مەلۇمكى، دەرس بايلىقى — دەرسنى ھاسىل قىلىدىغان ئامىللارنىڭ مەنبەسى ۋە يولغا  قويۇش شەرتى ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇنداق بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دەرس بايلىقىنى دەسلەپكى ماتېرىيال خاراكتېرىدىكى بايىق )بىلىم - ماھارەت ۋە تەجرىبە، پائالىيەت شەكلى ۋە ئۇسۇلى، ھېسيات، پوزىتسىيە، قىممەت قارىشى، نىشان قاتارلىق ئامىللار(غا ۋە شارائىت خاراكتېرلىك بايلىق )ئادەم كۈچى،  ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچى، ۋاقىت - بوشلۇق، ۋاسىتە، ئۈسكۈنە، مۇئەسسەسە، مۇھىت ۋە تونۇش ئامىلى قاتارلىقلار(غا ئايرىشقا بولىدۇ. دەرس مەنبەسى توغرىسىدا يەنە ھەرخىل تۈرگە ئايرىش ۋە ئاتاشلار بولسىمۇ، لېكىن ئوقۇتۇش لايىھىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ يادرولۇق مەسىلە دەرس بايلىقىنىڭ سۇبيېكتى بولغان ئوقۇتقۇچىدىن ئىبارەت. ئۇلار دەرس مەنبەسى ئېڭىغا ئىگە بولۇپ، تىل - ئەدەبىيات تەلىم - تەربىيىسىنىڭ ئۇقۇم دائىرىس رېئال تۇرمۇش بىلەن ماس بولىدىغانلىقىنى تولۇق تونۇشى ھەمدە ھەرخىل تەبىئىي، ئىجتىمائىي بايلىقلارنى ئېچىشقا ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇپ،  دەرسنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۆگىنىش ۋە تەتبىقلاشنى ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم؛ دەرسلىكنى ئۈلگە قىلغان ئاساستا، كۆپ تىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ھەرخىل ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ، تىل - ئەدەبىيات پائالىيىتىنى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت، ئىجتىمائىي رايون مۇلازىمىتى ۋە ئائىلە تۇرمۇش بىلەن زىچ ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، تىل - ئەدەبىيات ئۆگىنىش بوشلۇقىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش، تىل - ئەدەبىيات ئۆگىنىش مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتىش، تىل - ئەدەبىيات ئۆگىتىش شەكلىنى تېخىمۇ جانلىق قىلىشى لازىم

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش