كۆرۈش: 77|ئىنكاس: 0

دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنى ئەڭ ئۈنۈملۈك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ھالدا قوزغاتقىلى بۇلىدۇ
دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى قۇزغۇتۇش ئۇسۇلى نىشانلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىكى بىرخىل يېتەكچى ئىدىيە ۋە ئومۇملاشقان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن بارلىق مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە تۇنۇشلۇق بولغان ھەم دەرسخانا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى كاپالەتلەندۈردىغان ھەم  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشنى ئۈزىنىڭ بىردىنبىر مەقسىتى قىلغان يېتەكچى خاراكتىرلىك ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ھېسابلىندۇ. ئۇ دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى مۇھىم پىرىنسىپ ۋە يېتەكچى ئىدىيە بولسىمۇ ئەمما ئۇ بىردەمدىلا ئۈگۈنۋالغىلى بۇلىدىغان، بىر قېتىم قوللانسىلا زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىدىغان  ئوسۇل ئەمەس. نىشانلىق ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ئومۇملاشقان، ساپا مائارىپى ئومۇميۈزلۈك تەكىتلىنۋاتقان نۆۋەتتىكى ئوقۇتۇش خىزمتىىدە كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچىلار قوزغۇتۇش شەكلىدىكى ئوقۇتۇشنىڭ ماھىيتىنى تۇللۇق ئىگەللىيەلمىگەچكە ياكى بۇ خىل ئوسۇلدىن مۇۋاپىق پايدىلىنالمىغاچقا ئوقۇغۇچىنىڭ ئۈگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولماسلىق، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇش سەنئىتى چولتا بۇلۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆپىنچە ھالدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قوزغىتىشى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتىدۇ. تۆۋەندە مەن دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنى ئەڭ ئۈنۈملۈك قوزغۇتۇپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆترۈۈشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇللىرنى ئوتتۇغا قۇيۇپ ئۈتۈمەن:
دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ھالدا قوزغاتقىلى بۇلىدۇ؟
1. ئوقۇتقۇچى ئاۋال ئوقۇتۇش ئوسۇلى ۋە ئوقۇتۇش جەريانى توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك.
ئوقۇتۇش ئوسۇلى بولسا   ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش مەقسىتى توغرىسىدىكى ۋەزىپىلەرنى ئۇرۇنلاش ئۈچۈن قوللانغان پائالىيەت شەكلى بۇلۇپ، ئۇ ئوقۇ-ئوقۇتۇش مەقسىتىنى ئشىقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان بارلىق ئوقۇتۇش ۋاستىسى ،ئوقۇتۇش   تېخنىكىسى ،ئوقۇتۇش  قوراللىرى  ۋە ئوقۇتۇش يوللىرى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى --ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىملىرى  ۋە ئوقۇتۇشتىكى ئاساسى تەلەپلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ نەتىنجىلىك بۇلۇش-بولماسلىقىغا، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە ۋە ئوقۇغۇچىلارنى قانداق ئادەم قىلىپ تەربىيلەشكە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ . شۇنىڭ  ئۈچۈن  ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىش-بەرمەسلىك، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش-پايدىلىنالماسلىق   ئوقۇتۇش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئوقۇتۇش ۋەزىپىلىرنى ئۇرۇنداش- ئۇرۇندىيالماسلىقتىكى مۇھىم ھالقاھالقا  ھىساپلىنىدۇ . ئوقۇغۇچىلارغا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپرەك بىلىم - ماھارەت ئىگەللىتىپ، چوڭقۇر ئىدىيۋى تەربىيگە ئىگە قىلىپ، ئەتراپلىق تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك بولغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىش لازىم. شۇڭا ئوقۇتقۇچى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئوقۇتۇش جەريانى توغرىسىدا ئەتىراپلىق ئىزدىنىپ، ئەڭ ئۈنۈملۈك بولغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى، پىسخىكىلىق ساپاسى، قىزىقىشى، بىلىم قۇرۇلمىسىغا ماس كېلىدىغان ئوقۇتۇش جەريانىنى تېپىپ چىقىشى لازىم ئۇنداق قىلالمايدىكەن ئوقۇغۇچىلارنى قوزغىتىشتىن سۆز ئاچقىلى، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولمايدۇ.- p" U& a. \
\2. ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش پىروگراممىسى، دەرسلىك ۋە دەرسلىك مەزمۇنىنى ياخشى چۈشىنىپ، ئوقۇتۇش نىشانى ۋە ئوقۇتۇش جەريانىنى پۇختا لاھىيەلەش، ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم، قىيىن نۇقتىلارنى ئېنىق ئايرىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىش چارىسىنى پۇختا ئىگەللەش كېرەك .- o$ M6 S7 R! q8 bبۇ مەزمۇنلار روھلان \ئوقۇتۇش نىشانى- ئوقۇتۇشتىكى مەقسەت ياكى ئومۇمىي نىشاندىن ئىبارەت بۇلۇپ، مۇرەككەپ ئوقۇتۇش پائاليىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يالغۇزلا تومتاق ھالدىكى پىرىنسىپاللىق نىشان بۇلۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ. نىشاننى پۈتكۈل ئوقۇتۇش پائاليىتى سېستىمىسىدىكى ھەر قايسى تارماقلارغىچە ئەمىللەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئەمەلىي ئوقۇتۇش پائاليىتىگە ماسلاشتۇرۇش كېرەك. بۇ يەردە شۇنى كۆرسىتىپ ئۈتۈش كېرەككى، ئوقۇتۇش نىشانى گەرچە ئالدىن بەلگىلەنگەن كونكىرت نەتىنجە ۋە ئۆلچەم بولسىمۇ ئۇ ھامان بەلگىلىك دەرس مەزمۇنىنى ۋاستە قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئوقۇتۇش نىشانىنىڭ بىكىتىلىشى بىلەن دەر مەزمۇنلىرنىڭ تاللىنىشى ئۆز-ئارا زىچ مۇناسىۋەلتىك بۇلىدۇ. ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنىڭ ئۇرۇنلىنىشى ئوقۇتۇش نىشانىنىڭ ئىشقا ئاشقان ياكى ئىشقا ئاشمىغانلىقىنى ياكى قايسى دەرىجىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ.
ئوقۇتۇش پىروگراممىسى شۇ دەرسنىڭ ئوقۇتۇش تەلىپى، مەقسىتى، يېتەكچى ئىدىيسى قاتارلىقلارنى كونكىرت گەۋسىلەندۈردىغان يېتەكچى خاراكتىرلىك ئۆچەم بۇلۇپ، ئوقۇتقۇچى دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى لاھىيىلىگەندە ئوقۇتۇش پىروگراممىسى ۋە دەرسلىك مەزمۇنلىرىنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىپ، ئوقۇتۇش پىروگراممىسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى بۇيىچە ئوقۇتۇش نىشانىنى لاھىيەلەپ، ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم قىيىن نۇقتىلارنى ئېنىق ئايرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەڭ ئۈنۈملۈك قوزغىتىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەجىر سىڭدۈرۈشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىك مەزمۇنىغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەرسكە ئەڭ جانلىق ماسلىشىدىغان پائالىيەتچان كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
3. ئوقۇتقۇچى پىداگوگىكا، پىسخولوگىيە جەھەتتە مۇكەممەل بولغان بىلىمگە ئىگە بۇلۇشى كېرەك . 4 n! s' ^( p( C, Y0 \بۇ \دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ پىداگوگىكا، پىسخولوگىيە جەھەتتىكى بىلىم قۇرۇلمىسى ئوقۇغۇچىلارنى كۆزىتىشكە ئەڭ كەڭ دائىرلىك پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىلىق ساپاسى ۋە ئىندۇۋۇدال ئالاھىدىلىكى ئۇمۇميۈزلۈك كۈزىتىلمىسە ۋە تەھلىل قىلىمىسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىش ھەۋەسلىرى ئەتراپلىق ئىگە للەنمىسە ئوقۇغۇچىلارنى ئۈنۈملۈك قوزغاتقىلى بولمايدۇ.
4. ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسخانىدىكى كەيپىياتى قىزغىن، جانلىق، نورمال، ئىلمىي بۇلۇشى، ئوقۇغۇچىلاردىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارنى قىزىپ چىقىشقا ماھىر بۇلۇشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوي-پىكىر لىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇشىغا ئىلھام بىرىشى،دەرسنى قاچىلاپ  قۇيۇش شەكلىدە ئەمەس يېڭىلىق يارىتىش ئىجات قىلىش ئەندىزىسى بويىچە ئۈتىشى كېرەك. &      n4 x+ E, [0 \ن    \ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسخانا كەيپىياتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنداق دەپ قاراشقا بولىدۇكى، ئوقۇتقۇچى قانچە قىزغىن، جانلىق ۋە ئىلمىي بولسا ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ پائاليىتىگە ئەڭ زىچ ھەمكارلىشىپ، قىزغىن، جانلىق بولغان ،ھەممە ئوقۇغۇچىلار پىكىر-قاراشلىرىنى دادىل ئوتترۇغا قۇيالايدىغان، بارلىق ئوقۇغۇچىلار قوزغۇتۇلغان دەرسخانا كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرگىلى بۇلىدۇ.                  م 5.قۇتقۇچى    ئوقۇغۇچىلارغا سۇئال قۇيۇپ يىتەكلەشكە  ماھىر بۇلۇشى كېرەك .
سۇئاللارنىڭ تەكرار سورىلىشى، دوگما، قاتمال بۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش، دەرسكە مۇناسىۋەتسىز سۇئاللارنى دەرسخانا ئىچىگە سۆرەپ كىرمەسلىكى، قىزىقارلىق سۇئاللارنى سوراشقا ماھىر بۇلۇشى، سۇئاللارنى پارچىلاشقا ۋە پارچە سۇئاللارنى يىغىشقا ماھىر بۇلۇشى لازىم.
سۇئال سوراش ئۇسۇلى  بولسا  ئوقۇغۇچىلارنى قوزغىتىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋە بىردىنبىر شەكلى بۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە دەرس مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى چىقىش قىلىپ، ئىجادى سۇئاللارنى ئوتتۇرغا قۇيۇش، ئۇلارنى قوزغۇتۇشقا بىۋاستە يېتەكلەش ئۇسۇلىدۇر . ئەڭ مۇھىمى ئوقۇتقۇچى سۇئاللارنى پارچىلاپ پارچە سۇئاللار ئاساسىدا دەرس مەزنىنى خۇلاسە قىلالىسا ئوقۇغۇچى ئەڭ كەڭ دائىردىكى پىكىر قىلىش سۇرۇنىغا ئىگە بولالايدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنى ئەڭ ئۈنۈملۈك قوزغىتىشتا سۇئال ئوتتۇرغا قۇيۇشقا ماھىر بۇلۇش كېرەك.
6.ئوقۇتقۇچى  ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇق بەرگەندە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى چىقىش قىلىپ تاپشۇرۇق بىرىشكە ماھىر بولىشى كېرەك .'66.
يىغىپ ئېيىتقاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى، پىسخىكىلىق ساپاسى، قىزىقىشى، ھەۋىسى، ئىندۇۋدال ئالاھىدىلىكى بىلەن دەرسلىك مەزمۇنلىرىنى زىچ ماسلاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش پىروگراممىسىنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىپ، ئوقۇتۇش نىشانىنى ئەتراپلىق لاھىيەلەپ، سۇئاللارنى كونكىرتلاشتۇرۇشقا ماھىر بولغاندىلا دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنى ئەڭ ئۈنۈملۈك قوزغاتقىلى بۇلىدۇ.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش