كۆرۈش: 112|ئىنكاس: 0

ساغلام روھىي ھالەتنى يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن زۆرۈر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوقۇغۇچىلاردا  پىسخىكا  جەھەتتىن  ساغلام  روھىي  ھالەتنى  يېتىلدۈرۈش  ئىنتايىن  زۆرۈر



ھىمىت ئابدۇرېھىم



پىسخىكا ساغلاملىقى ئادەمدە كەم بولسا بولمايدۇ.ھەرقانداق ئادەمدە ساغلام پىسخىكا بولمايدىكەن، ئۇلار ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا نۇرغۇن خاتالىق سادىر قىلىشى، ھەتتا بىر ئۆمۈر ئېغىر پۇشايمانغا قېلىشى مۇمكىن.ساغلام پىسخىكا ئىلىم-پەن ساھەسىگە تۇنجى قەدەم باسقان ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزدە تېخىمۇ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم روھىي ئامىللارنىڭ بىرى.بىز ياش-ئۆسمۈرلەرنى كىچىكىدىن باشلاپ ساغلام پىسخىكا بىلەن تەربىيەلەپ چىقىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆگىنىش روھىغا باي، چىداملىق، ئالغا ئىنتىلىش روھى كۈچلۈك قىلىپ تەربىيەلەپ چىقالايمىز.ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن‹‹ياش-ئۆسمۈرلەرنى ھەر تەرەپتىن ئەتراپلىق تەربىيەلەپ چىقىمىز››دېگەن سۆزىمىز قۇرۇق شوئار بولۇپ قالىدۇ، خالاس.


بۈگۈنكىدەك تەرەققىي قىلىۋاتقان جەمئىيىتىمىزدە، سەبىي ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىدىيەسى ھەر خىل ئىشلارغا بۇرمىلىنىپ، ھازىرقى زامان مودىسىنىڭ ياكى كونا زاماندىكى بىدئەتچىلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، يۇمران نوتا مەزگىلىدە ئەرزىمەس ئىشلارنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ ھەم ئازغۇنلۇققا مەھكۇم بولۇۋاتىدۇ.ئۇلارنىڭ كاللىسى شۇنچە ئۆتكۈر ۋە زېرەك.ئۇلارنىڭ چوڭلارغا قارىغاندا يېڭىلىقنى قوبۇل قىلىش ئىدىيەسى بىر قەدەر كۈچلۈك.ئەمما، ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىش ئىدىيەسى ئاجىز.شۇڭا ئۇلار ھەر ۋاقىت جەمئىيەتنىڭ تەسىرىگە تېز ئۇچرايدۇ، ئۆزىمۇ بىلىپ بىلمەي خاتا يولغا كىرىپ قالىدۇ، ئۆزىنىڭ شۇ بىغۇبار، يۇمران نوتا مەزگىلىنى، سەبىي-پاك ۋاقىتلىرىنى ئەرزىمەس ئىشلارغا سەرپ قىلىۋېتىدۇ.ئۇلار ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىنى قەدىرلىمەي، كۆز ئالدىدىكى قىسقىغىنا خۇشاللىقنى دەپ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ساپ، بىغۇبارلىقنىڭ ئورنىنى يالغانچىلىق، كۆز بويامچىلىق ئىگىلىۋالىدۇ.ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسىدىكى شۇنداق يامان ئىللەتلەرنى تۈپ نېگىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن، مەيلى مائارىپ قوشۇنى بولسۇن ياكى ئاتا-ئانىلار بولسۇن، كەلگۈسىمىزنىڭ ئۈمىدى بولغان ئەۋلادلاردا بىلىم ئىگىلەشكە قارىتا پىسخىكا جەھەتتىن ساغلام روھىي ھالەت يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن زۆرۈر دەپ قارايمەن.


ئىزچىلار تورىدىن ئىلىندى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش