كۆرۈش: 155|ئىنكاس: 0

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دېموكراتىك ت...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]







ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى
بىردەك بولۇش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش››نى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك
جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى
   ياۋ تۇڭ، جاڭ زىياڭ خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدا ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى 4 – يانۋاردىن 5 – يانۋارغىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى، بولۇپمۇ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا سۆزلەنگەن مۇھىم سۆزنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ‹‹تەربىيەلىنىشكە قاتتىق ئەھمىيەت بېرىش، ھوقۇق ئىشلىتىشتە قاتتىق دىققەت قىلىش، قاتتىق تەلەپچان بولۇش، ئىش قىلغاندا، ئىگىلىك تىكلەشتە، پوزىتسىيەدە ئەمەلىي بولۇش››نى ئەمەلدە كۆرسىتىش زىچ چۆرىدىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، بەنزە ۋە شەخسلەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ مەسىلىلەر چوڭقۇر تەكشۈرۈلۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيەۋىلىك نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىنىپ، تەنقىدلەش ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىدلەش قانات يايدۇرۇلۇپ، ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەنىڭ نەتىجىلىرى مۇستەھكەملىنىپ ۋە كېڭەيتىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا كەسكىن مۇئامىلە قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى نورمال ھالەت شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى.

   ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

   بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەدىكى ئاچقۇچلۇق ھەرىكەت ۋە مۇھىم يىغىن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يىغىندىن ئىلگىرى تولۇق تەييارلىق قىلدى. بىرىنچى، مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ لايىھەسىنى ئەستايىدىل تۈزۈپ، ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› باش تېمىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا سۆزلىگەن ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش››نىڭ ياخشى ئۈلگىلىرىدىن بولۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، مەركەز بىلەن بىردەك بولۇپ، مەركەزنىڭ تەلەپلىرىنى ئۆلچەم قىلىپ، يىغىننى يەنە بىر قېتىم ياخشى ئېچىش ئۈچۈن تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. ئىككىنچى، ئۆگىنىش، تەربىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، زۆرۈر ئوقۇشلۇق كىتابلارنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، ئۆگىنىش، مۇھاكىمە نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى. ئۈچىنچى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش››نى ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدا، ئاپتونوم رايوندىكى بىر قانچە چوڭ بەنزە، جايلار، تارماقلاردىكى پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لاردىن ۋە دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان قىسمەن پېشقەدەم يولداشلاردىن پىكىر ئالدى. تۆتىنچى، ‹‹ئۈچنى جەزمەن سۆزلەش›› تەلىپىگە ئاساسەن، كۆڭلىدىكىنى سۆزلەشنى قانات يايدۇردى. بەشىنچى، 2015 – يىلىدىكى مەركەزنىڭ ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى›› ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسى››نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەرتىپكە سېلىپ، ‹‹يەتتە خاھىش››، ‹‹بەش جەزمەن››گە، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك – تەلەپچان بولۇش مىزانى›› ۋە ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى››غا ئاساسەن، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ماتېرىيالى ۋە شەخسلەر سۆز تىزىسى يازدى ھەم قايتا – قايتا ئۆزگەرتىپ مۇكەممەللەشتۈردى.

   يىغىندا ئالدى بىلەن ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2015 – يىلىدىكى مەركەزنىڭ <سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى> ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ <ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسى>نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى››، ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى ۋە بەنزە ئەزالىرىنىڭ <ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش>نى ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ، پىكىر ئېلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات›› قاراپ چىقىلدى.

   ئاندىن كېيىن، جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىگە ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر – بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ سۆز قىلدى ھەم تەنقىد قىلىش ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇردى. دائىمىي كومىتېت بەنزىسى مەۋقەنى باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەربىيەلىنىش، ھوقۇق يۈرگۈزۈشتە تەلەپچان بولۇش، ئىگىلىك تىكلەش، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا، سىياسىي قائىدىسىگە ۋە تەشكىلىي ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكىتلىق مەسئۇلىيەت ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، سەۋەبىنى چوڭقۇر ۋە ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تىرىشىش يۆنىلىشى ۋە تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى. يىغىندا، باشتىن – ئاخىر كەسكىن، ئەستايىدىل، دېموكراتىك، ئىتتىپاق بولۇپ، ‹‹تەلەپچان›› ۋە ‹‹راستچىل›› بولۇشنىڭ تەلەپلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئىدىيە ئالماشتۇرۇش، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق يۇقىرى كۆتۈرۈش نىشانىغا يېتىلدى.

   يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش جاڭ چۈنشيەن باشچىلىقىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم رەھبەرلىك بەنزىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا ئائىت تۈرلۈك تەلەپلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەركەزنىڭ ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى›› ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسى››نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئىستىلنى داۋاملىق ياخشىلاپ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ تەرىپلىشىگە ۋە چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم رەھبەرلىك بەنزىسى سىياسىيدا مۇستەھكەم، دېموكراتىك، ئىتتىپاق بولغان، دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىدىغان بەنزە؛ ئۆزگىرىش ياساپ، ئىسلاھ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەيدىغان بەنزە؛ كۆڭلىگە ئومۇمىيلىقنى پۈككەن، چوڭ ئىشلارنى تۇتۇشقا ماھىر، پاك – دىيانەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئىستىلدا ياخشى بەنزە؛ مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلالايدىغان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلۈك رەھبەرلىك كوللېكتىپى.

   يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت بەنزىسى ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەنى ياخشى ئېلىپ بېرىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ باغلاپ، مەۋقەنى سادىق، پاكىز، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قاتتىق بولۇش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرىدىكىلەر ئارقىلىق تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويدى. دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە دەرسى سۆزلەپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، مۇھاكىمە قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن تۈزەپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹ھالقىلىق ھەرىكەت››لەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىشىنى ئىلگىرى سۈردى؛ ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، پىرىنسىپنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، كىچىك ھالقىلارغىچە ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشكە يېتەكلىدى؛ دىققەتنى پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىشقا قارىتىپ، باش تېمىنى چۆرىدەپ، مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات ۋە مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىجابىي، سەلبىي تىپلارنى سېلىشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسى بىلەن جىپسىلاشتۇردى؛ شىنجاڭدىكى ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ‹‹تەلەپچان، راستچىل بولماسلىق›› مەسىلىسىدىن 24 نى، ‹‹تەلەپچان، راستچىل بولماسلىق››نىڭ كونكرېت ئىپادىسىدىن 38 نى تېپىپ چىقىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشكە ئەھمىيەت بېرىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش جەريانىنى ‹‹تەلەپچان، راستچىل بولماسلىق›› مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەريانىغا ئايلاندۇرۇپ، بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش