| ئۆزۈمنى سۆيىمەن
ئابدۇرېيىم ئابدۇۋەلى(ئاسۇق)
ئۆزۈمنى سۆيىمەن ئەسلى سۆيۈش سەندىن باشلانغان ئىدى يوقلۇقنىڭ ھاياجانلىرىغا باغرىمنى باسماقچى بولغىنىمدا سەنسزلىكىم مەنسىزلىكىمنى ئېسىمگە سالدى سىنى سۈيۈشنىڭ ئىستىكىدە ئۆلۈمۈمنى تېلەيتىم بەرىبىر ئۆلىمەن ئەمەسمۇ؟ دەل شۇ سەۋەپتىن ئۆلۈمۈمنى ئۆلتۈرۈپ ئۆلمەكچى ئىدىم
ئۆزۈمنى سۆيىمەن قوللۇرۇڭ ئۆلۈمۈمگە قول ئۇزاتقان شۇ دەمدە
ھاياجانلىنىپ سەن ئۈچۈنلا ياشايمەن دىگىنىڭ ئۈچۈنلا ياشىغان ئىدىم دەرىزىلىرىم مۇز تۇتۇپ كەتسىمۇ سىنى خىيال قىلىشىنى بەخىت دەپ بىلگىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى سۆيەتتىم
مىنى كۆرمەيدىغان ئاشۇ كۆزلىرىڭ مىنى سېغىنمايدىغان ئاشۇ يۈرىكىڭ مىنى سۆزلىمەيدىغان ئاشۇ تىلىڭنى سۆيگنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى سۆيىمەن
تۇيۇقسىز ئۇچىرشىپ قېلىشنى تاما قىلىپ غايىپ خىيالىرىمغا سىنى قوشۇۋالاتتىم ئوڭ قاپىقىم تارىتقان ھامان سىنى ئويلايتىم كۆكرىكىگە گۈل تاقۋالغانلار سىنى سېغىندۇراتتى سەنسىزلىكتىن زېرىكتۈرەتتى قىش ئەسلى قىشتا كىلەتتى سەن ئۇنى نەق تۇمۇزدا ماڭا سوۋغا قىلغىنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمنى سۆيىمەن
ئۆزۈمنى سۆيىمەن بەس ئۆلۈمگە قوشۇپ ئۆزۈمنى ئۆزۈمگە سۆيگىلى قوي
2015-يىلى 29-نويابىر ئاقسۇ شەھەر قۇمقۇدۇق(ساجىڭزا)يېزىلدى |
|