كۆرۈش: 124|ئىنكاس: 0

ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېرىپ كېلىش بىخەتەرلىكى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاپتونوم رايونىمىز يېقىندا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى لايىھەسى›› نى ئېلان قىلدى. ‹‹لايىھە››دە ئاپتونوم رايونىمىزدا مەكتەپكە ئاممىۋى ئاپتوبۇستا بېرىپ كېلەلمەيدىغان ياكى پىيادە بېرىپ – كېلىش تاق لىنىيەسىگە كېتىدىغان ۋاقتى 30 مىنۇتتىن ئېشىپ كېتىدىغان ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئوقۇش يېشىغا توشمىغان(يەسلى) بالىلار ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئوبيېكتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىغانلىقى، شەھەرلەردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇلبۇس ئىشلەتمىسىمۇ بولىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
   ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىدا دېھقانلارنىڭ ئۆيى بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئارىلىقى يىراق، قاتنىشىمۇ قولايسىز، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ – ئەكىلىشتە بەزى ئاتا – ئانىلار ئىككى – ئۈچ بالىنى بىر موتوسىكلىتتا توشۇيدىغان ئەھۋال، ھەتتا يەتتە – سەككىز ياشلىق بالىلار ۋېلىسىپىتلىك ئۆزى مەكتەپكە بېرىپ كېلىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت. شۇ سەۋەبلىك، يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بەزى جايلىرىدا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپكە بېرىش جەريانىدا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، ئاتا – ئانىلارنى ئەندىشىگە سالغانىدى. ‹‹لايىھە››نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ مەكتەپكە خاتىرجەم بېرىپ كېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.
   ئوقۇلبۇس ئىشلىتىش دائىرىسىدە، شەھەر رايونى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر ئادەتتە ئوقۇلبۇس ئىشلەتمەيدۇ، ئاممىۋى ئاپتوبۇستا مەكتەپكە بېرىپ كېلىدىغان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارغا ئاتا – ئانىلار ياكى ۋەسىيسى ھەمراھ بولىدۇ؛ قانۇنلۇق پۇقراۋى مەكتەپلەر، يېزىلاردىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئوقۇلبۇس تەسىس قىلسا بولىدۇ؛ يېزىلاردىكى ياتاقلىق تۈزۈمىدە بولمىغان مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپكە پىيادە بېرىش ۋاقتى 30 مىنۇتقا يەتمىسە، ئۇلار پىيادە مەكتەپكە بېرىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ، پىيادە مەكتەپكە بېرىش ۋاقتى 30 مىنۇتقا توشمىغان باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنى ۋە ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنى ئاتا – ئانىلار ياكى ۋەسىيلىرى ئاپىرىپ ئەكىلىشى كېرەك، ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئولتۇرۇپ مەكتەپكە بېرىپ كېلەلمەيدىغان ياكى مەكتەپكە پىيادە بېرىش ۋاقتى 30 مىنۇتتىن ئاشىدىغان ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتىنىڭ كاپالەت ئوبيېكتى قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ.
   ئوقۇغۇچىلار ئوقۇلبۇسقا ئولتۇرسىلا تامامەن بىخەتەر بولىدۇ، دېگىلى بولمايدۇ. ئوقۇلبۇسنى بىخەتەر ھەيدەشتە ئاۋۋال ئوقۇلبۇس ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسى بولۇشى، ئوقۇلبۇس دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك ئىسپاتى بولۇشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملاتقان بولۇشى كېرەك. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھاراق ئىچىپ ھەيدەش ياكى مەست ھەيدەش، يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى نورمىدىن، سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش قاتارلىق قاتناش قائىدىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق خاتىرىسى، جىنايەت خاتىرىسى بولمىغان بولۇشى، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە ساغلام، يۇقۇملۇق كېسىلى، ئاپتوموبىلنى بىخەتەر ھەيدەشكە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان تۇتقاقلىق كېسىلى، روھىي كېسەل تارىخى، زەھەر چەككەنلىك خاتىرىسى بولمىغان، ئوقۇلبۇس ھەيدەش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ھەيدىگۈچى بولۇشى كېرەك.
   ئوقۇلبۇسنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتە، ‹‹لايىھە››دە ئۆتكۈنچى مەزگىل بەش يىل قىلىنغان، يەنى ‹‹لايىھە›› ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئوقۇلبۇس سەپلەپ بولغان مەكتەپلەر ۋە ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئوقۇلبۇسى ئۆلچەمگە توشسا، قانۇن بويىچە ئىجازەتنامە ۋە ئوقۇلبۇس بەلگىسى ئىلتىماس قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىنىپ، ئۆلچەمگە توشمىغانلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئوقۇلبۇس بەلگىسى ئالمىغان ئاپتوبۇسلارنىڭ ئوقۇلبۇس مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇلبۇسنى باشقۇرۇش، ھۆكۈمەت ۋە تارماقلارنىڭ ئىش ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، مەخسۇس مۇكاپات خىراجىتى تەسىس قىلىنىپ، نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخس تەقدىرلىنىدىكەن، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلماي، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىمىگەنلەر جازالىنىپ، ھادىسە كېلىپ چىقسا، مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىكەن .
تەڭرىتاغ تورىدىن ئېلىندى.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش