كۆرۈش: 130|ئىنكاس: 0

بەش چوڭ ئىدىيەدە ئۆزگىرىش ياسايلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8–نۆۋەتلىك كومىتېتى 10–ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن)يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (3)
گېزىتىمىز ئوبزورچىسى
   ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا چوقۇم ‹‹تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسى››دىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر مەيدان چوڭقۇر ئىنقىلاب، چوقۇم چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ ئۆزلەشتۈرۈپ، بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مەنزىل يارىتىشىمىز كېرەك.
   ئىدىيە ھەرىكەتكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى دۆلەت ئىچى، سىرتىنىڭ تەرەققىياتتىكى تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەش، ئىچكى – تاشقى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ قانۇنىيىتى توغرىسىدىكى تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقى ۋە يۈكسەلگەنلىكىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈردى، ئۇ شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن. ئۇ يېڭى ۋەزىيەتتە ‹‹قانداق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، تەرەققىياتنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش›› دېگەن چوڭ مەسىلىگە ئىجادىي جاۋاب بېرىپ، پارتىيەمىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان يېڭى تونۇشىنى ئەكس ئەتتۈردى. بىز بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ ئۆز ئارا تۇتاشقان، ئۆز ئارا تۈرتكە بولىدىغان، ئىچكى باغلىنىشقا ئىگە بىر گەۋدە ئىكەنلىكىنى، ئۇنى چوقۇم بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە بىر تۇتاش ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر تونۇشىمىز كېرەك. بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى ئۆز قەرەلىدە قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
   تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشتا، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەت، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈمگە، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشنى چوقۇم تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىپ، تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە يادرولۇق ئورۇنغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلارنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتكۈل شىنجاڭدا يېڭىلىق يارىتىش دولقۇنىنى قوزغاش كېرەك.
   ماس تەرەققىي قىلىشتىكى مەقسەت تەرەققىياتتىكى ئاجىزلىقلارنى ھەل قىلىش، بۇنىڭدا تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تەرەققىياتتىكى مۇھىم مۇناسىۋەتلەرنى چوقۇم توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، تەرەققىياتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، سىغدۇرۇشچانلىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئۆستۈرۈپ، ماس تەرەققىيات داۋامىدا تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش، ئاجىز ساھەلەرنى كۈچەيتىش داۋامىدا تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى زورايتىش كېرەك.
   تەرەققىيات يېشىل بولۇشتا، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيەسى ياخشى رايون قۇرۇشتا، ‹‹ئىككىدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش›› يولىدا چىڭ تۇرۇپ، يېشىل، پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنى ئەڭ پاكىز جاي قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
   ئوچۇق تەرەققىي قىلىشتا، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى – تاشقى بىرلەشمە ھەرىكەتلىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئىقتىساد دۇنياۋىلىشىش، رايونلار بىر گەۋدىلىشىش يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىگە چوڭقۇر سىڭىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىكى ئوچۇق ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىش كېرەك.
   تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتە، ئىجتىمائىي باراۋەرلىك، ئادىللىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھەممە ئادەم قاتنىشىش، ھەممە ئادەم كۈچ چىقىرىش، ھەممە ئادەم بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، باراۋەر، ئادىل بولغان، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان يېڭى مېخانىزم ئورنىتىپ، جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ ئورتاق قۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئورتاق بەھرىلىنىش سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىش تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.
   مۇئەييەن تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە مۇئەييەن تەرەققىيات ئىدىيەسى يېتەكچىلىك قىلىدۇ. شىنجاڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان پەيتتە، بىر مەيدان يېڭى، ئۇلۇغ ئەمەلىيەتكە دۇچ كەلمەكتە، بۇ بىزدىن بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.
تەڭرىتاغ تورىدىن ئېلىندى.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش