كۆرۈش: 260|ئىنكاس: 0

ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، خىزمەت ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاش، ئامما بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت باغلاش ئۈچۈن، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىگە ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقارغان ئون تۈرلۈك بەلگىلىمە
    1.ئۆگىنىشنى ئاڭلىق كۈچەيتىش
    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كوللېكتىپ ئۆگىنىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئادەتتە ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئۆگەنگىنىنى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك؛
    2.تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشىلاش
    دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ئاساسىي قاتلامنىڭ 1 – سېپىگە ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋاقتى يىلدا 40 كۈندىن ئاز بولماسلىقى كېرەك. سەپەر تەييارلىقلىرى ئاددىي، ھەمراھلىرى ئاز بولۇشى، ئىلاج بار كوللېكتىپ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ بېرىشى كېرەك؛ ھەمراھ بولۇپ بارىدىغانلارنى ئازايتىپ، قاتلاممۇ قاتلام ھەمراھ بولۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك؛ كۈتۈۋېلىش ئاددىيلاشتۇرۇلۇشى، ھەرقانداق شەكىلدىكى قارشى ئېلىش مەزمۇنىدىكى پىلاكاتلار ئېسىلماسلىقى، ئامما قارشى ئېلىشقا، ئۇزىتىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماسلىقى، مېھمانلارنى كۈتۈش ئۈچۈن پايانداز سېلىنماسلىقى، مەقسەتلىك گۈللەر تىزىلماسلىقى، مەخسۇس ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرى تەشكىللەنمەسلىكى كېرەك. ئالدىن خەۋەردار قىلماسلىق، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك.
    3. يىغىن پائالىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش
    يىغىن ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، يىغىن قېتىم سانىنى ئازايتىپ، يىغىن سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايون خاراكتېرلىك يىغىنلارنى ئاچقاندا ئىلاج بار تېلېۋىزىيە – تېلېفون شەكلىنى ياكى ۋىدىئو شەكلىنى قوللىنىش كېرەك. ئادەتتىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلما ۋە تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان يىغىنلارنى ئاچماسلىق كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ نامىدا مەركىزىي شەھەردىن باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە ئېچىلىدىغان ئاپتونوم رايونلۇق ياكى رايون خاراكتېرلىك يىغىنلارنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك. يىغىننى قىسقا ئېچىش، سۆزنى قىسقا قىلىش، راست گەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇق گەپ، قېلىپلىشىپ قالغان سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. تۈرلۈك لېنتا كېسىش، ئۇل سېلىش پائالىيەتلىرى ۋە تەبرىكلەش يىغىنى، خاتىرىلەش يىغىنى، تەقدىرلەش يىغىنى، كۆرگەزمە، مۇھاكىمە يىغىنى ھەم تۈرلۈك مۇنبەرلەرنى، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن تۈرلۈك تەكشۈرۈش، باھالاش، سېلىشتۈرۈش، ئۆلچەمگە يېتىش پائالىيەتلىرىنى ئەستايىدىل تەرتىپكە سېلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.
    4. ھۆججەت، قىسقا خەۋەرلەرنى ئىخچاملاش
    يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ھۆججەت، قىسقا خەۋەرلەر سانىنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك، قانۇن – نىزاملاردا ئېنىق بەلگىلەنگەن، تولۇق تېكىستى ئاشكارىلىنىپ گېزىتتە بېسىلغانلىرى، ماھىيەتلىك مەزمۇنى يوقلىرىنى، ئېلان قىلسىمۇ، قىلمىسىمۇ بولىدىغانلىرىنى بىردەك ئېلان قىلماسلىق، قىسقارتىشقا بولىدىغانلىرىنى چوقۇم قىسقارتىش كېرەك، تارماقلار ھۆججەت تارقىتىپ ھەل قىلالايدىغان بولسا بىرلىشىپ ھۆججەت تارقاتماسلىق كېرەك؛ تارماقلار بىرلىشىپ ھۆججەت تارقىتىپ ھەل قىلالايدىغانلىرىنى پارتكوم، ھۆكۈمەت قايتا ھۆججەت بېسىپ تارقاتماسلىقى كېرەك.
    5. زىيارەتكە چىقىش پائالىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش
    دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ چېگرادىن چىقىپ تەكشۈرۈش، زىيارەت قىلىش پائالىيەتلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك. ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى قاراتمىلىق ھالدا ئىنچىكە تەشكىللەش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرگە بېرىپ خىزمەتلەرنى ئۇدۇللاشتۇرغاندا ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش، ئادەم سانى ۋە قېتىم سانىنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك. چەت ئەلگە زىيارەتكە چىقىش، رايون ئاتلاپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشكە بارىدىغانلارنى كۈتۈۋېلىش، ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزمەي، بىللە بارىدىغان خادىملارنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك.
    6. مۇھاپىزەت خىزمىتىنى ياخشىلاش
    مەركەزنىڭ مۇھاپىزەت خىزمىتىگە ئائىت تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ساقچى كۈچلىرى ۋە ساقچى ئاپتوموبىللىرىنى ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى سىرتقا چىققاندا قاتناشنى ئىدارە قىلماسلىق، يولنى قامال قىلماسلىق كېرەك. ھۆكۈمەت ئىشى پائالىيەتلىرىدە مۇھاپىزەت قىلىش ۋاقتىنى ئامال بار قىسقارتىش، ئادەملەرنى تارقاقلاشتۇرماسلىق، سارايلارنى تاقىماسلىق، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيەتلىرىنى توختاتماسلىق، چەكلىمەسلىك كېرەك.
    7. ئاخبارات خەۋەرلىرىنى ياخشىلاش
    خىزمەت ئېھتىياجى، ئاخبارات قىممىتى ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمىگە ئاساسەن خەۋەر قىلىشقا بولىدىغان، بولمايدىغانلىقىنى قارار قىلغاندا، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ئادەتتىكى يىغىن ۋە پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى خەۋەر قىلماسلىق كېرەك. خەۋەر يازغاندا ئىخچام، ئەمەلىي بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بەزىلىرىنى قىسقا خەۋەر قىلىپ بېرىش، بەزىلىرىنى ماۋزۇ خەۋەر قىلىپ بېرىش، ئۇنىۋېرسال خەۋەر قىلىپ بېرىشكە بولىدىغانلىرىنى ئايرىم خەۋەر قىلماسلىق كېرەك. ئاپتونوم رايون خاراكتېرلىك يىغىن خەۋەرلىرىنى ئىخچاملاش كېرەك. ئادەتتىكى خەۋەرلەرنى ئازايتىش كېرەك. مۇسىبەت پائالىيەتلىرى ۋە تۇغۇلغان كۈننى خاتىرىلەش توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئىخچاملاش كېرەك. تور قاتارلىق يېڭى ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومدىكى ئاساسلىق رەھبىرىي يولداشلارنىڭ ئامما بىلەن بولغان بىۋاسىتە ئالاقىسىنى كۈچەيتىش كېرەك.
    8.ماقالە ئورىگىنالىنى ئېلان قىلىشنى قاتتىق تۇتۇش
    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن باشقا، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى شەخسىي ئەسەرلىرىنى، نۇتۇق تېكىستلىرىنى ئاشكارا نەشر قىلدۇرماسلىقى، تەبرىك خېتى، تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتمەسلىكى، ماۋزۇ، بېغىشلىما، مۇقەددىمە يازماسلىقى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە ژۇرنال، مەتبۇئاتلارنىڭ پەخرىي خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالماسلىقى كېرەك.
    9. ئىقتىسادچان – تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش
    دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشى، ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئىش بېجىرىپ ئىگىلىك تىكلىشى، ھەشەمەتچىلىك، سۆلەتۋازلىق، كۆپ يەپ، كۆپ ئىچىش، چېكىدىن ئاشقان ئىسراپچىلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇشى كېرەك. مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش خىزمەت تامىقىنىڭ ۋاقتى 45 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. جايلار، تارماقلار ئۇيۇشتۇرغان يىغىن پائالىيەتلىرى قىسقا، ئاددىي بولۇشى، زۆرۈر بولمىغان بۇيۇملارنى تارقاتماسلىق، خاتىرە بۇيۇم تارقىتىشنى قەتئىي چەكلەش كېرەك. رەھبەرلەرنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى ۋە يىغىن پائالىيەتلىرىدىكى كۈتۈۋېلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، كۈتۈۋېلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرمەسلىك، زىياپەت ئورۇنلاشتۇرماسلىق كېرەك. ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى ھەرقايسى تارماقلار ھۆكۈمەت پۇلىغا ئۆزئارا زىياپەت بەرمەسلىكى كېرەك.
    10. پاك، تەلەپچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇش
    رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە پاك بولۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە ئۆلچەمنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بوشاڭلىق ۋە ئىسراپخورلۇق قىلىشتەك ناچار ئادەتلەرگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇش كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن ناچار ئۆرۈپ – ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش، توي – تۆكۈن، ئۆلۈم – يېتىم، تەبرىكلەش ئىشلىرىدا ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. ئۆي، ئاپتوموبىل ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە خىزمەت ۋە تۇرمۇش تەمىناتلىرىغا ئائىت بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئىسراپچىلىق قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا ئالماشتۇرۇش زۆرۈر بولغان ئاپتوموبىللارنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان داڭلىق ماركىلىق ئاپتوموبىللارغا تەدرىجىي ئالماشتۇرۇش كېرەك. تەشكىل ۋە ئاممىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ياخشى ئىستىل ۋە غەيرەتلىك، تىرىشچان بولۇش روھىي ھالىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولۇپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش