بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەمىمى. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-6 23:07
ئۆزۈڭلارنى ئاسراڭلار قېرىنداشلار...!!! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بايقاش مۇنبىرىدىكى بارلىق قېرىنداشلار، دوستلار مەن سەمىمىدىن سىلەرگە ئەڭ، ئەڭ،ئەڭ ئوتلۇق سالام، ئالى ئىھتىرام!!! سىلەر جاپالىق خىزمەت قىلىش بىلەن بىرگە شۇ جاپالىق خىزمەت ۋاختىڭلاردىن، قىممەتلىق ئارام ۋاقتىڭلار دىن ۋاقىت چىقىرىپ، مۇنبەردىكى تىمىلارنى ئوقۇپ، چۈشۈرۈپ بولالماي ئىنتايىن جاپا چىكىۋاتىسىلەر. كۈندۈزى مەكتەپتە سىنىپلاردا ئاشۇ سەبىلەرگە بىلىم بىرىمەن دەپ توختىماي سۆزلەپ ئېغىزىڭلارنى مىدىرلاتقۇدەك، دوسكىلارغا خەت يېزىپ بولالماي قوللىرىڭلارنى مىدىرلاتقۇدەك جان قالمىسىمۇ، يەنىلا غايەت زور غەيرەت بىلەن تورغا چىقىپ تىمىلارنى كۆرۈپ، چۈشۈرۈپ پايدىلىنىۋاتىسىلەر. سىلەردىكى بۇنداق زور غەيرەت، شىجائەت كەم تېپىلىدۇ. لېكىن شۇ غەيرەت، شىجائېتىڭلار ئىنكاس يېزىشقا كەلگەندە يىتىشمەي قالىدىغان ئوخشايدۇ. بىراق ئۇنى توغرا چۈشۈنىشكە بۇلىدۇ. چۈنكى ھەممە نەرسىنىڭ چېكى بۇلىدۇدە. شۇڭا سىلەرگە دەيدىغىنىم، مۇنبىرىمىزدىكى شۇ تىمىلارنى كۆرۇپ، چۈشۈرۈشكە ۋاقىت چىقىرىپ بەرگىنىڭلارغا كۆپ تەشەككۈر. ھەم سىلەرگە دەيدىغىنىم، ھېلىمۇ كۆپ جاپا چېكىۋاتىسىلەر، ئىنكاس يازىمەن دەپ سالامەتلىكىڭلارغا تەسىر يەتمىسۈن، ئۆزۈڭلارنى ئاسىراڭلار قېرىنداشلار...!!! ھەم مۇشۇ سەۋەپتىن ئىلگىرى تەنھا(نۇرخاج) نامىدا ئۆزۈم يازغان كۆڭۈل سۆزۈمنى قايتا سىلەرگە سۈندۇم.
بايقاش ئەزالىرىغا ئېيتىدىغان سۆزۈم بار...
‹‹بايقاش››تىكى دوستلارغا ئىھتىرام! ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ‹‹بايقاش›› مۇنبىرىدىكى ئەپەندى، خانىملار،يىگىت،قىزلار ياخشىمۇ سىلەر؟ مەن نۇرخاجتىن سىلەرگە ئالى ئىھتىرام!!! سىلەر خىزمەت ئورنۇڭلار مۇستەھكەم،بايرىغىڭلار رۇشەن ھالدا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھاردىم، تالدىم دىمەي، مىللى مائارىپمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن جاپالىق ئىشلەۋاتىسىلەر. ۋەتەن، خەلق سىلەرنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئەمدى نەخ گەپنىڭ ئۆزىگە كىلەي. سىلەر كەلگۈسىنىڭ ياراملىق ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن، كۇندۇزى ئۆز خىزمەت ئورنىڭلاردا چىڭ تۇرۇپ، بىر تەرەپتىن دەرىس ئۆتسەڭلار، بىر تەرەپتىن تاپشۇرۇق تەكشۈرۈپ ھەم خۇلاسە، پىلان، دوكلاتلارنى يازساڭلار، يەنە بىر تەرەپتىن تۈگىمەس ئارخىپ ئىشلەش، ئائىلە سوھبەت، ئوقوتقۇچىلار سوھبىتى، مەدىنىيەت ئۈگىنىش، كەسپى ئۈگىنىش، سىياسى ئۈگىنىشلەرنى قىلساڭلار، ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن ئائىلىدە بولسا ئارام ئېلىشنى ئۇنتۇپ، ئۆز كەسپىڭلار بۇيىچە دەرىسلىك دىتال تۈزۈپ، ‹‹بايقاش››مۇنبىرى ئارقىلىق ھەرقايسى جايلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنىۋاتىسىلەر ھەم بىر تەرەپتىن ئۆز كەسپىڭلارغا ماس كىلىدىغان ماتىرياللارنى ‹‹بايقاش››نىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ئاختۇرۇپ تېپىپ، چۇشۇرۇپ پايدىلىنىۋاتىسىلەر. لېكىن پايدىلىنىشنى بىلىسىلەر، پايدىلانغان شۇ ماتىرياللىرىڭلارنى بىرە ئېغىز بولسىمۇ يا ياخشىكەن، يا يامانكەن دەپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىسىلەر. ھېرىپ-چارچاپ كەلگەندە مۈنبەردىكى ئىسىل تىمىلاردىن ھوزۇر ئېلىشنى بىلىسىلەر، بىرە ئېغىز بولسىمۇ رەخمەت دىگەننى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىسىلەر. بەلكىم شۇنچە جىق ئىشلارنى قىلىپ چارچىماي، ماتىرياللاردىن پايدىلنىپ، تىمىلاردىن ھوزۇر ئېلىپ بۇلۇپلا چار-چاپ، قولۇڭلادا جان قالمايدىغان ئوخشايدۇ.بۇنى توغرا چۈشىنىشكە بۇلىدۇ. چۈنكى سىلەرنىڭ ئۆزئەمگەك مىۋەڭلارنى مۈنبەرگە سۈنغىنىڭلار ‹‹بايقاش››نى قوللىغىنىڭلار، چۈشۈرۈپ پايدىلانغىنىڭلار ‹‹بايقاش››نى ئۇنتۇپ قالمىغىنىڭلار ئەمەسمۇ؟. سىلەر مۈنبەرگە تىما يوللاش ۋە تىما چۈشۈرۈش جەريانىدا ھاردىم-تالدىم دىمەي ئىشلەۋاتىسىلەر، كۆزۈڭلارنىڭ تالغىنىغا قارىماي تىما ئىزدەۋاتىسىلەر. لېكىن تىمىلارغا ئىنكاس يېزىشقا كەلگەندە قولۇڭلار توختاپ قېلىۋاتىدۇ. قارىغاندا ئىنكاس يېزىش سىلەر ئۈچۈن ‹‹يۇگۇڭنىڭ تاغنى يوتكىشى››دىنمۇ قىيىن ئوخشايدۇ. بەزى دوسلارنىڭ يوللىغان تىمىلىرىدىن، چۇشۇرگەن تىمىلرى كوپمىكىن دەيمەن، بەلكىم كومپيوتىرىدىكى چۈشۈرگەن تىمىلار، كومپىيوتىرىغا توشۇپ كىتىپ، كومپىيوتىرلىرىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىپ بارامدىكى شۈڭا تور سۈرئىتى ئاستىلاپ قېلىپ، ئىنكاس يېزىشتا قىينىلىپ قالغان چېغى. بۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك جاپا چەككەنسىلەر؟ ‹‹بايقاش››مۇنبىرىدىكى قەدىرلىك دوستلار، مۇنبەردىكى تىمىلارغا ئىنكاس يازساڭلار تىمىلارنى چۈشۈرۈش، پايدىلىنىشقا ماغدۇرۇڭلار يەتمەي قالمىسۇن. ھېلىمۇ سىلەر ھەرقايسى ساھلەردىكىلەردىن بەك جاپا تارتىۋاتىسىلەر. سىلەر دىگەن ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى. سىلەردەك مۇشۇنداق ئۇلۇغ كىشىلەر نى ئىنكاس يېزشقا ئاۋارە قىلساق قانداق بۇلىدۇ؟ سىلەرنىڭ ‹‹بايقاش›› مۇنبىرىدىكى ئەرزىمەس تىمىلىرىمىزنى ئوقۇپ، ئاز-تولا چۈشۇرۈپ پايدىلىنىشىڭلار مۇ بىز ئۈچۈن شەرەپ. مۇشۇنداق ئەرزىمەس تىمىلارغا ئىنكاس يازىمەن دەپ كۆزۈڭلار كادىن چىقسا، قولۇڭلار ئىشلىمەس بۇلۇپ قالسا بىز سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا خىجىل بۇلۇپ قالمايمىزمۇ؟ ئاخىرىدا سىلەرنىڭ تۇرمۇشىڭلارغا بەخىت، خىزمىتىڭلارغا ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە، سىلەرگە ئالى ئىھتىرام بۇلدۇرىمەن!!! |