كۆرۈش: 370|ئىنكاس: 2

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 66 يىللىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 66 يىللىقى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز


جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 66 يىللىقى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز
(2015 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى)
جاڭ چۈنشيەن
    ھۆرمەتلىك رەئىس يۈ جېڭشېڭ، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى، يولداشلار، دوستلار:
    بۈگۈن بىز بۇ يەرگە داغدۇغىلىق يىغىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 66 يىللىقى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەۋاتىمىز. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يولداش يۈ جېڭشېڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىگە بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ گۈزەل تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى. مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، ھەربي رايون، بىڭتۈەن ۋە شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىگە ۋاكالىتەن، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن ! رەئىس يۈ جېڭشېڭ ئۆمەك باشلىقلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن ! ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت كادىرلىرى، ئاممىسى ۋە ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر – جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرىنىڭ، سىياسىي – قانۇن كادىر – ساقچىلىرىنىڭ، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى بارلىق كادىر ئىختىساسلىقلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن ! ئۇزاقتىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، مەدەت بېرىپ، كەلگەن يولداشلار، دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن !
    مۇشۇ پەيتتە، بىز شىنجاڭنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ۋاڭ جېن، ۋاڭ ئېنماۋ قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز ! شىنجاڭنى ئازاد قىلىش، شىنجاڭنى قوغداش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش يولىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز ! شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ بەخت – سائادىتى، خاتىرجەملىكى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان بارلىق ئاچقۇچىلار، قۇرغۇچىلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز ! شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ بەخت – سائادىتى، خاتىرجەملىكى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان بارلىق ئاچقۇچىلار، قۇرغۇچىلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز ! ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ روھى شىنجاڭ زېمىنىدا مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ !
    شىنجاڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە 1949 – يىل 9 – ئايدا تىنچ يول بىلەن ئازاد بولۇپ، شىنجاڭ تارىخىدا يېڭى دەۋر باشلاندى. 1955 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلدى.
    60 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقى توختىماي ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، سانسىز قىيىنچىلىق، مۈشكۈلاتلارنى يېڭىپ، ئۇرۇش مالىمانچىلىقىغا پېتىپ قالغان نامرات، ئاجىز، كونا شىنجاڭنى ئاۋات، باي، مۇقىم، ئىناق سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق، مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە تەرەققىياتنى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسىي ۋە ئاچقۇچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئەلنى مايىل قىلىشنى مەقسەت، ئىسلاھات، ئېچېۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا، مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، شۇ جايدىكىلەرگە نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش جەھەتلەردە نامايان قىلىشتا، بايلىق ئېچىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىن پايدىلىنىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە ئىلمىي تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتۇق.
    بىز مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا ئېغىشماي مېڭىپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدۇق ۋە راۋاجلاندۇردۇق. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداپ، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەپ، ئەسەبىيلىكنى توسۇپ، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇپ، جىنايەتكە زەربە بېرىپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، دىن خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىشلەش سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق. سوتسىيالستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، شىنجاڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر گەۋدىلىك كۆپ مەنبەلىك، يۇغۇرۇلغان، ئېچىۋېتىلگەن، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ‹‹بەشنى تونۇش›› تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق، ۋەتەننى – شىنجاڭنى سۆيۈش، ئىتتىپاق ئۆتۈش – تۆھپە قوشۇش، تىرىشىپ ئىشلەش – ئۆزئارا ياردەملىشىش، ئېچىۋېتىش – ئىلگىرىلەش شىنجاڭنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىگە ئايلاندى.
    بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى تۈپ ئالدىنقى شەرتى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىش››تە، ‹‹زەربە بېرىشتىمۇ قاتتىق بولۇش، تەربىيەلەش، يېتەكلەشتىمۇ قاتتىق بولۇش››تا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە، بولۇپمۇ زوراۋان – تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىغا كەڭ تەشۋىق قىلىپ، تەربىيە بېرىپ، ۋە ئۇلارنى قوزغاپ، ‹‹ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەرمىللەت ئاممىسىنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا يېقىندىن تايىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ۋەتىنىمىز غەربىي شىمال چېگراسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.
    بىز شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى مۇھىم كۈچ قىلىپ، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، چېگرانى قوغداشتەك ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەرلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشىنى قوللاپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۈەننى تىرىشىپ چېگرا رايوننى تىنچ مۇقىم قىلىدىغان مۇقىملاشتۇرغۇچقا، ھەرمىللەت ئاممىسىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان چوڭ پېچقا، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئۈلگە رايونىغا ئايلاندۇرۇپ، بىڭتۈەن ئىشلىرىدا زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۇق.
    بۈگۈنكى شىنجاڭدا ئىقتىساد تەرەققىي قىلدى. جەمئىيەت مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، چېگرا مۇداپىئەسى مۇستەھكەم بولۇۋاتىدۇ، ھەرمىللەت خەلقى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتىدۇ، ئىشلىرىمىز گۈللەپ ياشناۋاتىدۇ، شىنجاڭنىڭ 60 يىللىق شانلىق مۇۋەپپەقىيىتى، تېگى – تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يولداش ماۋزېدۇڭ، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن يادرلۇقىدىكى پارتىيەنىڭ ئۈچ ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى ۋە يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى، دانا تەدبىر بەلگىلىگەنلىكى، ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭدىكى ئۇلۇغ غەلىبىسى، بۇ ھەم ھەر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرمىللەت خەلقىنى يېتەكلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. شۇنداقلا مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۆلۈم، كومىتېتلىرى، دۆلەت ئورگىنىنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، قېرىنداش، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلىك زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى، ياردەم بەرگەنلىكى ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ساداقەتمەنلىك بىلەن تۆھپە قوشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، بۇنىڭغا يەنە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك قان – قېرىنداشلىق مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەن، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقى بۇنى مەڭگۈ ئېسىدىن چىقارمايدۇ !
    60 يىللىق شانلىق مۇساپىنى ئەسلەيدىغان بولساق شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىزكى: شىنجاڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىدە بولغانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ئېغىشماي ماڭغانلىقى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرغانلىقى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرگەنلىكى ئۈچۈنلا، بۈگۈنكىدەك گۈللەپ تەرەققىي قىلالىدى، ئەتىسى تېخىمۇ گۈزەل بولغۇسى.
    شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇملۇقىدا ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سىڭدۈردى، ئالاھىدە مەدەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالاھىتەن شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ، يېتەكچىلىك قىلدى. 2 – قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 2 – قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەئىس يۈ جېڭشېڭنىڭ مۇھىم سۆزىدىكى تەلەپنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بىزنىڭ ۋەزىپىمىز›› دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت نەزەردە تۇتۇش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بەرپا قىلىش پۇرسىتىنى غەنىيمەت بىلىپ، ئىقتىسادنى قەتئىي بوشاشماي تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلدۇرىمىز، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، ئىتتىپاق – ئىناق، باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىمىز.
    ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ، 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى يېڭى پەللە قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى !
    ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز گۈللەپ ياشنىسۇن !
    شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىگە بەخت – سائادەت، خاتىرجەملىك يار بولسۇن !
    شىجاڭنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ گۈزەل بولسۇن !

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-11-4 09:39:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، جاپا تارتىپىسز.
ۋاقتى: 2015-11-4 12:36:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز  ، رەھمەت سىزگە
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش