ج ك پ 18-نۆۋەتلىك 5-ئومۇمىي يىغىن ئاخپاراتى ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى ئومۇمىي يىغىنغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنى 2015 - يىلى 26 - ئۆكتەبىردىن 29 - ئۆكتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. شى جىنپىڭ «تەكلىپ (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى. ئومۇمىي يىغىن بارلىق پارتىيەلىك يولداشلار ۋە مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەتتە جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى بىرلىكتە قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 29 - ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى (2015 - يىل 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى) ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنى 2015 - يىلى 26 - ئۆكتەبىردىن 29 - ئۆكتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت ئەزاسىدىن 199 كىشى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسىدىن 156 كىشى قاتناشتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدىكى قىسمەن ئاساسىي قاتلامدىكى يولداشلار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملارمۇ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. يىغىنغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىندا «تەكلىپ (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى. ئومۇمىي يىغىندا ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. ئومۇمىي يىغىندا بىردەك مۇنداق قارالدى: مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپلىشىشى ۋە چوڭقۇر ئۆزگىرىشى، بولۇپمۇ ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ئېغىرلىشىشتەك خىرىس ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي رىتىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە پائال يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ماكرولۇق تەڭشەشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھەر خىل خەتەر ۋە خىرىسنى ئۈنۈملۈك تۈگەتتى، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، تېزرەك ئېشىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېمىسىدىكى تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە فاشىزمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلىدى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىشلىرىدا يېڭى، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: 2020 - يىلىغا بارغاندا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش −− پارتىيەمىز بېكىتكەن « ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى. «13 - بەش يىل» ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچى بولۇپ، « 13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان جەزمەن بۇ كۈرەش نىشانىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا تۈزۈپ چىقىلىشى كېرەك. ئومۇمىي يىغىندا «12 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئېلىمىز تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە يۈكسەك باھا بېرىلىپ مۇنداق قارالدى: مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مۈشكۈل، مۇرەككەپ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، خەلقئارا تەسىرىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى. تېخىمۇ مۇھىمى، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، دادىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ماھىرلىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، كومپارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بويىچە بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى پىكىر، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشنى ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىسى ۋە ھەرىكەت قىبلىنەماسى بىلەن تەمىنلىدى. ئومۇمىي يىغىندا «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى چوڭقۇر ئانالىز قىلدى، بۇ مەزگىلدە ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا نى - نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرىدۇ، شۇنداقلا كۆپلىگەن زىددىيەت گىرەلىشىپ كەتكەن، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەر كۆپەيگەن كەسكىن خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ. بىز ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى توغرا ئىگىلەپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، كۈچنى داۋاملىق مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ، تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىشىمىز كېرەك، دەپ قارالدى. ئومۇمىي يىغىندا «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىرىنچى ۋەزىپە دەيدىغان قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى نورمال ھالىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە، مېخانىزم ۋە تەرەققىيات شەكلىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىش، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا چوقۇم تۆۋەندىكى پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىش كېرەك: خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي يىغىندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى نىشان، تەلىپى: ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇراھال، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلاپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭلۇقى، سىغدۇرۇشچانلىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئاشۇرۇش ئاساسىدا، 2020 - يىلىغا بارغاندا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 2010 - يىلىدىكىدىن بىر قاتلاپ، كەسىپلەرنى ئوتتۇراھال، يۇقىرى سەۋىيەگە يۈزلەندۈرۈپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشىدىغان تۆھپىسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، نوپۇستىكى ئاھالىنى شەھەر - بازارلاشتۇرۇش نىسبىتىنى تېز ئۆستۈرۈش؛ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئېلىمىزدە ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، رايون خاراكتېرلىك ئۇنىۋېرسال نامراتلىقنى تۈگىتىش؛ خەلقنىڭ ساپاسى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش؛ ھەر قايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى زورايتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. بۇ ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار بۇ ئۆزگىرىشنىڭ مۇھىم رېئال ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇشى كېرەك. ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا جەزمەن يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنىڭ يادرولۇق ئورنىغا قويۇپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ھەر قايسى جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىگە سىڭدۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشنى پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئادەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئاساسىي نۇقتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى جەزمەن يېڭىلىق يارىتىشقا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈلمە قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان، ئالدىنقى ئورۇندىكى ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرىدىغان يېتەكلەش تىپىدىكى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىياتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچلەرنى يېتىشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەمگەك كۈچى، كاپىتال، يەر، تېخنىكا، باشقۇرۇش قاتارلىق ئامىللارنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، قولمۇ قول ئىگىلىك تىكلەش، قولمۇ قول يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئېھتىياجلارنى قويۇۋېتىپ، يېڭى تەمىنلەشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ، يېڭى ھالەتنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، دېڭىز بويى، دەريا بويى، يىپەك يولى بويىدىكى ئىقتىسادىي بەلباغنى ئاساس قىلغان تىك ۋە توغرا يۆنىلىشلىك ئوق بەلباغنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر قانچە نۇقتىلىق ئىقتىسادىي رايون يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، توردا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئىستراتېگىيەسى، «ئالاقە تورى» ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن بەھرلىنىپ، دۆلەت چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بىر تۈركۈم مۇھىم پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، مۇھىم يېڭىلىق يارىتىش ساھەلىرىدە بىر تۈركۈم دۆلەتلىك تەجرىبىخانىلارنى قۇرۇپ، خەلقئارالىق چوڭ ئىلمىي پىلان ۋە چوڭ ئىلمىي قۇرۇلۇشلارنى پائال ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەم باشلامچىلىق بىلەن تەشكىللەش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مەھسۇلاتى بىخەتەر بولغان، بايلىق تېجەيدىغان، مۇھىت سۆيەر يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىش كېرەك. كەسىپ يېڭى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى −− 2025»، سانائەت ئاساسىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. تەرەققىيات يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىشقا پايدىلىق بازار مۇھىتى، مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى، مەبلەغ سېلىش - يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى، تەقسىملەش تۈزۈمى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش، ئىشلىتىش مېخانىزمىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادىي كۈچىنى قوزغىتىپ، تۈرلۈك دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى مالىيە تۈزۈمى، باج تۈزۈمى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رامكىسىنى ئىسلاھ قىلىش ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ماكرولۇق تەڭشەپ تىزگىنلەش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايون ئارا تەڭشەپ تىزگىنلەش ئاساسىدا نىشانلىق تەڭشەپ تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ باھا شەكىللىنىشكە ئارىلىشىشىنى ئازايتىپ، رىقابەتلىك ساھەلەردىكى تاۋار ۋە مۇلازىمەت باھاسىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ماس تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشتا، چوقۇم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەرەققىياتتىكى مۇھىم مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، شەھەر، يېزا رايونلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائي ئىشلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەرلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ قاتتىق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، دۆلەتنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەيتىشكىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تەرەققىياتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. تەرەققىياتنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىشتە، چوقۇم ماس تەرەققىيات جەريانىدا تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئاجىز ساھەلەردە تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامىللار تەرتىپلىك، ئەركىن يۆتكىلىدىغان، سۇبيېكتىپ ئىقتىدار چەكلىشى ئۈنۈملۈك ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى تەكشى ، بايلىق مۇھىتى بەرداشلىق بېرەلەيدىغان رايونلارنىڭ ماس تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. شەھەر، يېزىلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر، يېزىلار تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى، يېزا ئۇل مۇئەسسەسە سېلىنمىسىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر - بازارلاردىكى جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ يېزىلارغا كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ، ئىدىيە، ئەخلاق قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئېڭى، قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي روھنى تەشەببۇس قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىككە تەڭ ئېتىبار بېرىش، دۆلەتنى بېيىتىش بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي - خەلق يۇغۇرۇلما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ھەربىي - خەلقنىڭ ئومۇمىي ئامىللىق، كۆپ ساھەگە چېتىلىدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، چوڭقۇر يۇغۇرۇلما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشتا، چوقۇم بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت قوغداشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشات، ئېكولوگىيەسى ياخشى مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىپ، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر شارى ئېكولوگىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك. ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان شەھەرلەشتۈرۈش ئەندىزىسى، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئەندىزىسى، تەبىئىي قىرغاق لىنىيەسى ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىيات كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونىنىڭ زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش، قوغداشتىكى ئاساسىي تۈزۈم بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك زامانىۋى ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، كاربونسىزلاشتۇرۇپ قويۇپ بېرىش ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. بايلىقنى ئومۇميۈزلۈك تېجەپ ۋە يۇقىرى ئۈنۈمدە پايدىلىنىپ، تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك، ئايلانما پايدىلىنىدىغان بايلىق قارىشى تۇرغۇزۇپ، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ھوقۇقى، سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقى، بۇلغىما قويۇپ بېرىش ھوقۇقى، كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقىنى دەسلەپ تەقسىم قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادچان - تېجەشلىك بولۇشتەك ئىجتىمائىي كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مۇھىت تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇھىت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، ئەڭ قاتتىق مۇھىت ئاسراش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكەت پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مۇھىت ئاسراش ئاپپاراتلىرىنىڭ نازارەت قىلىش، مەمۇرىي تەپتىش قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش بويىچە تىك يۆنىلىشلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسىقىنى مۇستەھكەملەپ، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تەبىئىيلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، زېمىننى كەڭ كۆلەمدە يېشىللاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەبىئىي ئورمانلارنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆك دېڭىز قولتۇقلىرىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئېچىۋېتىش، تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشتا، چوقۇم ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا چوڭقۇر سىڭىش يۆنىلىشىگە ماسلىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئوچۇق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يەر شارى ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىش ۋە جامائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە پائال قاتنىشىپ، ئېلىمىزنىڭ يەر شارى ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىشتىكى تۈزۈم خاراكتېرلىك سۆز ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ، كەڭ مەنپەئەتلىنىش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا، چوقۇم ئېچىۋېتىش مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىش، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭقۇر بىرىككەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ۋە رىقابىتىگە ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىشىنى قوللاپ، دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە ئىلغار ياسىمىچىلىق بازىسى ۋە ئىقتىسادىي رايون يېتىلدۈرۈپ، چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى، چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئېچىۋېتىش يېڭى تۈزۈلمىسى شەكىللەندۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان، خەلقئارالاشقان، قولاي سودا مۇھىتىنى، سودىغا مۇلازىمەت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجازەت بېرىلىشتىن ئىلگىرىكى پۇقرالار تەمىناتىغا پاسسىپ تىزىملىك قوشۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، مۇلازىمەت كەسپىنى ئېچىۋېتىشنى تەرتىپلىك كېڭەيتىش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى، ئالاقىدار دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن كۆپ ساھەدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە جابدۇقچىلىق ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز ئىچكى - تاشقى جەھەتتە بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىدىغان، شەرق ۋە غەربكە قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىلگەن ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. ئىچكى قۇرۇقلۇق بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن، ئىچكى قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەن رايونىنىڭ ھەمكارلىقى، تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئېچىۋېتىشتىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ۋە رولىنى كۈچەيتىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللاپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق مەنپەئەتلىنىش شەكلىدە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەيۋەننىڭ تېخىمۇ كۆپ پۇقراسى، ياش - ئۆسمۈرلىرى ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلىرىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. دۇنيا ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىشقا پائال قاتنىشىپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي تەرتىپنىڭ باراۋەر، ئادىل، ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەركىن سودا رايونى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىش كېرەك. خەلقئارا مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى پائال زىممىسىگە ئېلىپ، يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش سۆھبىتىگە پائال قاتنىشىپ، 2030 - يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىش كېرەك. ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تەرەققىياتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇشتا، چوقۇم خەلق ئۈچۈن تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىسىدىن خەلق تەڭ بەھرىمەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى قىلىپ، پۈتكۈل خەلققە ئورتاق قۇرۇش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش داۋامىدا كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئاتا قىلىپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق بېيىش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. ھەممە قاتنىشىش، ھەممە كۈچ چىقىرىش، ھەممە بەھرىمەن بولۇش تەلىپىگە ئاساسەن، تۆۋەن چەكتە چىڭ تۇرۇش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كۆزلىمە نىشانغا يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پۇرسەتنىڭ باراۋەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە ئورتاق قەدەم قويۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىپ، ئىشنى خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئەمەلىي مەنپەئەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن باشلاپ، جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ ئورتاق بەرپا قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئورتاق بەھرىمەن قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىنقىلابىي كونا رايون، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى، چېگرا رايون، نامرات رايونلارغا يۆتكەپ چىقىم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، دەل يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل قۇتۇلدۇرۇش، نامرات ئائىلىلەرنى تۈرگە ئايرىپ يۆلەشنى يولغا قويۇپ، نامرات ئاھالىگە مۈلۈك پايدىسى بويىچە يۆلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېزىلاردىكى قارىغۇچىسى يوق بالىلار ۋە ئاياللار، ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇپ، تەدرىجىي ھالدا ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپنىڭ ئوقۇش پارچە خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىشنى تۈرلەر بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالدى بىلەن ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش پارچە خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنى يۆلەش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، تېخنىك ئىشچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كىرىم پەرقىنى كىچىكلىتىپ، ئاھالە كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى قەدەمداش بولۇش، ئەمگەك ھەققىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن ئەمگەك - ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنىڭ ئۆسۈشى قەدەمداش بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي مائاش سەۋىيەسىنى بەلگىلەش مېخانىزمى، نورمال ئېشىش مېخانىزمى، چىقىم كاپالىتى مېخانىزمىنى، ئەڭ تۆۋەن مائاشنىڭ ئۆسۈش مېخانىزمىنى، بازارغا باھا بېرىش ئامىلىنىڭ تۆھپىسى ھەم تۆھپىسىگە قاراپ تەقسىم قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تېخىمۇ باراۋەر، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش فوندىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش غەملەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بىر قىسىم دۆلەت مۈلكىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى تولۇقلاشقا يۆتكەپ، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېببىي دورا، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دورا باھاسىنى تەرتىپكە سېلىپ، داۋالاش، داۋالاش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، شەھەر، يېزىلارنى قاپلىغان ئاساسىي داۋالىنىش، ساقلىق ساقلاش تۈزۈمى ۋە زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش كېرەك. نوپۇسنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پىلانلىق تۇغۇتتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، نوپۇسنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر جۈپ ئەر - خوتۇننىڭ ئىككى بالىلىق بولۇشىغا يول قويۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى پائال قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەرەققىيات پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى ۋەزىپىسى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار چوقۇم تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە، مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئاممىنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش ۋە ئاممىنى تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم مەسىلىلەر ۋە ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئىتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەننى گۈللەندۈرۈشتىكى خوجايىنلىق ئېڭىنى قوزغاش كېرەك. سىياسىي ئىدىيىۋى خىزمەتنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى خىزمەت تۈزۈلمە، مېخانىزمى ۋە شەكلى، ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئورتاق تونۇشى ۋە كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەش كېرەك. ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېزلىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە سىياسىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىختىساسلىقلار تۈزۈمى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارغا ئاساسەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزاملارغا ئاساسەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى ئورنىتىش كېرەك. بىخەتەر تەرەققىي قىلىش قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلق مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، جامائەت بىخەتەرلىكى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ئىشلار، ئۇچۇر، دۆلەت مۇداپىئەسى قاتارلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. ئومۇمىي يىغىندا ھازىرقى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەر تەھلىل قىلىنىپ، مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى مەلۇم مەزگىلگىچە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى − ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تەكلىپ» تە ئايدىڭلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك قارار، ئورۇنلاشتۇرما ۋە خىزمەت تەلەپلىرىنى ئۆز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش. پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر ئىدىيەنى ئومۇمىي يىغىن روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيەنى قائىدە - نىزام بويىچە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئىستىلنى ياخشىلاش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى خالىمايدىغان تۈزۈلمە، مېخانىزمنى تىرىشىپ ئورنىتىپ، قىسمەن كادىرلاردىكى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلماسلىق، ئىشنى قالايمىقان قىلىش مەسىلىلىرىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، ئىستىلى دۇرۇس، توغرا كەيپىياتلىق سىياسىي ئېكولوگىيەنى پائال يارىتىپ، دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان، جاسارەتلىك - ياراملىق روھىي ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، كادىرلار دىيانەتلىك، ھۆكۈمەت پاك، سىياسەت ئاشكارا بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرىدىن ليۇ شياۋكەي، چېن جېرۇڭ، جىن جېنجىنى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا تەرتىپ بويىچە تولۇقلاش قارار قىلىندى. ئومۇمىي يىغىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ لىڭ جىخۇا، جۇ بېنشۈن، ياڭ دۇڭلياڭ، جۇ مىڭگو، ۋاڭ مىن، چېن چۇەنپىڭ، چۇ خې، ياڭ ۋېيزې، پەن يىياڭ، يۈ يۇەنخۈينىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قاراپ چىقىلدى ۋە ماقۇللاندى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئىلگىرىكى لىڭ جىخۇا، جۇ بېنشۈن، ياڭ دۇڭلياڭ، جۇ مىڭگو، ۋاڭ مىن، چېن چۇەنپىڭ، چۇ خې، ياڭ ۋېيزې، پەن يىياڭ، يۈ يۇەنخۈيگە بەرگەن پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېكىتىلدى. ئومۇمىي يىغىن بارلىق پارتىيەلىك يولداشلار ۋە مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەتتە جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى بىرلىكتە قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلدى.
|