|
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تورىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىلى 24-سېنتەبىر مۇسۇلمان ئاممىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى ــ قۇربان ھېيت بولۇپ، 24-سېنتەبىر (پەيشەنبە) دىن 26-سېنتەبىر(شەنبە)گىچە ئۈچ كۈن دەم ئېلىنىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2015-يىللىق تاۋۇز چاغىنى 27-سېنتەبىر(يەكشەنبە) بولۇپ، بىر كۈن قويۇپ بېرىلىدىكەن، 28-سېنتەبىر(دۈشەنبە) تولۇقلاپ بىر كۈن دەم ئېلىش ۋاقتى قوشۇپ بېرىلىدىكەن. يىغىپ ئېيتقاندا، قۇربان ھېيت، تاۋۇز چاغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن 24-سېنتەبىردىن 28-سېنتەبىرگىچە جەمئىي بەش كۈن دەم ئېلىنىدىكەن.
مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى |
|