كۆرۈش: 553|ئىنكاس: 2

گوۋۇيۈەننىڭ ئورگان، كەسپىي ئورۇن خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرت...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

گوۋۇيۈەننىڭ ئورگان، كەسپىي ئورۇن خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى قارارى


    ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرىغا:
    پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 –، 4 – ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھى، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى›› قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، شەھەر – يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ باراۋەر، ئىمكانىيەتلىك سىجىل كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن ئورگان، كەسپىي ئورۇن خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى قارار قىلدى.
   1. ئىسلاھاتنىڭ نىشانى ۋە ئاساسىي پىرىنسىپى. دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 –، 4 – ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، كۆپ قاتلاملىق بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، باراۋەرلىكنى كۈچەيتىش، ھەرىكەتچانلىققا ماسلىشىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىققا كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش ئاساسىدا ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ھازىرقى پېنسىيە كاپالىتى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ سىرتىدا مۇستەقىل بولغان، مەبلەغ مەنبەسى كۆپ خىل، كاپالەت ئۇسۇلى كۆپ قاتلاملىق، باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ئىجتىمائىيلاشقان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت. ئىسلاھاتتا تۆۋەندىكى ئاساسىي پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كېرەك:
    (1) باراۋەرلىك بىلەن ئۈنۈمنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش. پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى قايتا تەقسىملەشتە ھەم باراۋەرلىك تەلىپىگە تېخىمۇ ماسلىشىپ ھەم خىزمەتچىلەر ئارىسىدا تۆھپىنىڭ چوڭ – كىچىكلىك پەرقىنى نامايان قىلىپ، تەمىنات بىلەن ھەق تاپشۇرۇش بىرلەشكەن مېخانىزم بەرپا قىلىپ، كۆپ ھەق تاپشۇرغانلار بىلەن ئۇزاق يىل ھەق تاپشۇرغانلار كۆپ ئېلىشنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئورۇنلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
    (2) ھوقۇق بىلەن مەجبۇرىيەت ئۆزئارا ماس كېلىش. ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەر دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ھەق تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىدىغان، ماس كۈتۈنۈش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان، مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدىغان، بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەبلىغى ۋە تەقسىملەش مېخانىزمى بەرپا قىلىش كېرەك.
    (3) كاپالەت سەۋىيەسى بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ماس كېلىش. مەۋقەنى سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنى غەملەش ۋە تەمىنات سەۋىيەسىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
    (4) ئىسلاھاتنىڭ ئالدى – كەينىدىكى تەمىنات سەۋىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش. مەۋقەنى مىقدارنى ئاشۇرۇش ئىسلاھاتىغا قويۇپ، ئۆتكەلدىن سىلىق ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىسلاھات يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ھازىرقى سەۋىيەسىنى ساقلاش ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى تەمىناتىنى تەڭشەشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئىسلاھاتتىن كېيىن خىزمەتكە قاتناشقانلارغا يېڭى مېخانىزم بەرپا قىلىپ، تەمىناتنىڭ مۇۋاپىق ئۇدۇللىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشتىن بۇرۇن خىزمەتكە قاتنىشىپ، ئىسلاھاتتىن كېيىن پېنسىيەگە چىققانلارغا ئۆتكۈنچى تەدبىر قوللىنىپ، تەمىنات سەۋىيەسىنىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
    (5) ساقلانغان گەۋدىلىك زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش بىلەن ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىشنى ھەمتۈرتكىلىك ئىلگىرى سۈرۈش. بىر تۇتاش پىلانلاپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ رىتىمى ۋە سالمىقىنى توغرا ئىگىلەش، ھازىرقى شەھەر – بازار ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى بىرلىككە كەلمەسلىكتەك گەۋدىلىك زىددىيەتنى ئالدىن ھەل قىلىپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ يۇقىرى قاتلام لايىھەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ھېسابلاپ تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، مۇناسىۋەتلىك تۈزۈم ۋە سىياسەتنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
    2. ئىسلاھاتنىڭ دائىرىسى. بۇ قارار ‹‹مەمۇرلار قانۇنى›› بويىچە باشقۇرۇلىدىغان ئورۇنلار، ‹‹مەمۇرلار قانۇنى››دىن پايدىلىنىپ باشقۇرۇلىدىغان ئورگان(ئورۇن)، كەسپىي ئورۇنلار، شۇنىڭدەك شۇ ئورۇنلارنىڭ ئىشتاتىدىكى خىزمەتچىلەرگە تەتبىقلىنىدۇ.
    3. جەمئىيەتتىن بىر تۇتاش غەملەش بىلەن شەخسلەر ئىسچوتى ئۆزئارا بىرلەشكەن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى ئورۇن بىلەن شەخس ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ. ئورۇن تاپشۇرىدىغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى (تۆۋەندە ئورۇن تاپشۇرىدىغان ھەق، دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى)نىڭ نىسبىتى شۇ ئورۇن مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %20ىنى ئىگىلەيدۇ، شەخس تاپشۇرىدىغان ھەق مائاشنىڭ %8ىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇنى ئورۇن ۋاكالىتەن تۇتۇپ قالىدۇ. شەخسنىڭ ھەق تاپشۇرىدىغان مائاشىنىڭ %8ى بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى شەخسلەر ئىسچوتى ئېچىلىدۇ، ئۇ شەخسلەر تاپشۇرغان ھەقتىن تەركىپ تاپىدۇ. شەخسنىڭ مائاشىنىڭ شۇ جاينىڭ ئالدىنقى يىلىدىكى ئىش ئورنىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ %300ىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى ھەق ھېسابلىنىدىغان مائاش تۈپ سانىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ؛ شەخسنىڭ مائاشى شۇ جاينىڭ ئالدىنقى يىلىدىكى ئىش ئورنىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ %60ىدىن تۆۋەن بولسا، شۇ جاينىڭ ئىش ئورنىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ %60ى بويىچە ھەق ھېسابلىنىدىغان مائاش تۈپ سانى بېكىتىلىدۇ.
    شەخسىي ئىسچوتتىكى ئامانەت پۇل خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈشىگە ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنى ئالدىن ئېلىشقا بولمايدۇ، ھەر يىلى دۆلەت بىردەك ئېلان قىلغان ھېسابات ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ئۆسۈم بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتناشقانلاردىن قازا قىلغانلارنىڭ شەخسىي ئىسچوتىدىكى قالدۇققا قانۇن بويىچە ۋارىسلىق قىلىنسا بولىدۇ.
    4. ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ھېسابلاپ تارقىتىش چارىسى ئىسلاھ قىلىنىدۇ. مەزكۇر قارار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خىزمەتكە قاتناشقان، شەخسىي ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى جەمئىي 15 يىلغا توشقانلارغا پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئاي بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى بېرىلىدۇ. ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى تۈپ كۈتۈنۈش پۇلى بىلەن شەخسىي ئىسچوتتىكى كۈتۈنۈش پۇلىدىن تەركىب تاپىدۇ. پىنسىيەگە چىققاندىكى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئايلىق ئۆلچىمىدە شۇ جاينىڭ ئالدىنقى يىللىق ئىش ئورنىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق مائاشى بىلەن شەخسنىڭ كۆرسەتكۈچلەشتۈرۈلگەن ھەق تاپشۇرىدىغان ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى تۈپ سان قىلىنىپ، ھەق تاپشۇرغان ھەر بىر يىلىغا %1 بويىچە بېرىلىدۇ. شەخسىي ئىسچوتتىكى كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئايلىق ئۆلچىمى شەخسىي ئىسچوتتىكى ئامانەت پۇلنى كۈتۈنۈش پۇلى بېرىلىدىغان ئاي سانىغا بۆلگەنگە باراۋەر، كۈتۈنۈش پۇلى بېرىلىدىغان ئاي سانىنى شەخس پېنسىيەگە چىققاندىكى شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە مۆلچەرىي ئۆمرى، شەخسنىڭ پېنسىيە يېشى، ئۆسۈم قاتارلىق ئامىللار بەلگىلەيدۇ (تەپسىلاتىنى قوشۇمچە جەدۋەلدىن كۆرۈڭ).
    مەزكۇر قارار يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن خىزمەتكە قاتناشقان، يولغا قويۇلغاندىن كېيىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ھەق تاپشۇرغان مۇددىتى(ھەق تاپشۇردى دەپ قارالغان مۇددەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۆۋەندە ئوخشاش) 15 يىلغا توشقانلارغا مۇۋاپىق ئۇدۇللاشتۇرۇش، سىلىق ئۆتۈش پىرىنسىپى بويىچە تۈپ كۈتۈنۈش پۇلى بىلەن شەخسىي ئىسچوتتىكى كۈتۈنۈش پۇلى ئاساسىدا ھەق تاپشۇردى، دەپ قارالغان مۇددەتنىڭ ئۇزاق – قىسقىلىقىغا ئاساسەن ئۆتكۈنچى خاراكتېرلىك كۈتۈنۈش پۇلى بېرىلىدۇ. كونكرېت چارىسىنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ تۈزىدۇ ۋە يولغا قويۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
    مەزكۇر قارار يولغا قويۇلغاندىن كېيىن پېنسىيە يېشىغا توشقان، لېكىن شەخسىي ھەق تاپشۇرغان مۇددىتى 15 يىلغا توشمىغانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ھېسابلاپ تارقىتىش ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى>نى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمە›› (ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ 13 – نومۇرلۇق پەرمانى) بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
    مەزكۇر قارار يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىققانلارغا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەسلىدىكى تەمىنات ئۆلچىمى بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى داۋاملىق تارقىتىلىدۇ ھەم ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش چارىسى تەڭ ئىجرا قىلىنىدۇ.
    ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىن دەم ئېلىشقا چىققانلارغا دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش بەلگىلىمىسى بويىچە دەم ئېلىش پۇلى بېرىلىدۇ ھەم مۇناسىۋەتلىك تەمىناتلىرى تەڭشىلىدۇ.
    5. ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى نورمال تەڭشەش مېخانىزمى بەرپا قىلىنىدۇ. ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنىڭ ئۆسۈشى ۋە مال باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلار، كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ھەر خىل كىشىلەر تەڭ نەزەرگە ئېلىنغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى نورمال تەڭشەش مېخانىزمى تەدرىجىي بەرپا قىلىنىپ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.
    6. فوندنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش كۈچەيتىلىدۇ. ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى ئۆلكە دەرىجىلىك بىر تۇتاش غەملەش تۈزۈمى بەرپا قىلىنىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ؛ ھازىرچە شارائىت ھازىرلىمىغانلار ئالدى بىلەن ئۆلكە دەرىجىلىك فوندنى تەڭشەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئېلىش، باشقۇرۇش ۋە بېرىش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرسا بولىدۇ. ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى ئۈچۈن ئايرىم ئىسچوت ئېچىلىپ، كارخانىلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى بىلەن ئايرىپ باشقۇرۇلىدۇ ۋە ئىشلىتىلىدۇ. فوندقا قارىتا قاتتىق خامچوت باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى مالىيە مەخسۇس ھېساباتىغا كىرگۈزۈلۈپ، كىرىم – چىقىمنى ئايرىپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، مەخسۇس مەبلەغ مەخسۇس باشقۇرۇلىدۇ. فوندنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، فوند بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
    7. كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش، داۋاملاشتۇرۇش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار بىرلىككە كەلگەن بىر تۇتاش غەملەش دائىرىسىدىكى ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئارا يۆتكەلسە، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتى يۆتكىلىپ، فوند يۆتكەلمەيدۇ. سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار بىر تۇتاش غەملەش دائىرىسىدىن ھالقىپ يۆتكەلسە ياكى ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار بىلەن كارخانىلار ئارىسىدا يۆتكەلسە، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش بىلەن بىللە، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى شەخسىي ئىسچوتىدىكى ئامانەت پۇلمۇ يۆتكىلىدۇ، شۇنداقلا شەخسنىڭ ئىسلاھات يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى يىللىق ئەمەلىي ھەق تاپشۇرىدىغان مائاشى تۈپ سان قىلىنىپ، %12 نىڭ يىغىندىسى بويىچە فوند يۆتكىلىدۇ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ، ھەق تاپشۇرغان مۇددىتى بىر يىلغا توشمىغان بولسا، ئەمەلىي ھەق تاپشۇرغان ئاي سانى بويىچە ھېسابلىنىپ يۆتكىلىدۇ. يۆتكەلگەندىن كېيىن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرغان مۇددىتى (ھەق تاپشۇردى دەپ قارالغان مۇددەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، شەخسىي ئىسچوتىدىكى ئامانەت پۇل سوممىسى يىغىپ ھېسابلىنىدۇ.
    8. كەسپىي يىللىق سۇغۇرتا تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ. ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش ئاساسىدا خىزمەتچىلەر ئۈچۈن كەسپىي يىللىق سۇغۇرتا تەسىس قىلىدۇ. ئورۇنلار شۇ ئورۇن مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %8ى بويىچە، شەخسلەر ھەق تاپشۇرىدىغان مائاشنىڭ %4ى بويىچە ھەق تاپشۇرىدۇ. خىزمەتچىلەر پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ئاي بويىچە كەسپىي يىللىق سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. كەسپىي يىللىق سۇغۇرتىنىڭ كونكرېت چارىسىنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنسىتىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى تۈزىدۇ.
    9. كۈتۈنۈش پۇلىنى تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان مەبلەغ غەملەش مېخانىزمى بەرپا قىلىنىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى بەلگىلىمە بويىچە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق تاپشۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى يىغىش ئاپپاراتلىرى ھەق يىغىش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يىغىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق يىغىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت مەبلىغى سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە كەسپىي يىللىق سۇغۇرتا تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، مۇناسىپ خىراجەتكە كاپالەتلىك قىلىشى، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى سىلىق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
    10. ئىجتىمائىيلاشقان باشقۇرۇش، مۇلازىمەت تەدرىجىي يولغا قويۇلىدۇ. ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى تارقىتىلىپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇپ تارقىتىش يولغا قويۇلىدۇ. كوچا باشقارمىسى، مەھەللىلەردە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى سۇپىسى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، ياشانغانلار مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمەت تورى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، پېنسىيەگە چىققانلار قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىنىدۇ.
    11. ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى بېجىرىش، باشقۇرۇش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ. جايلار ئورگان، كەسپىي ئورۇن خىزمەتچلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، خىزمەتچىلەرنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ، زۆرۈر خىراجەت ۋە مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بېيجىڭدىكى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ھەم ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە، شۇنىڭ بىلەن بىللە كەسپىي يىللىق سۇغۇرتا فوندىنى مەركەزلىك ھاۋالىلىك باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىغا قاراشلىق بېيجىڭنىڭ سىرتىدىكى ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەۋەلىكى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ. ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى بېجىرىش ئاپپاراتلىرى ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تىزىملاش، ھەق تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش، مۇناسىۋەتنى يۆتكەش، تەمىناتنى باھالاپ بېكىتىش ۋە تارقىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. دۆلەت بىر تۇتاش بېكىتكەن كەسىپ بېجىرىش تەرتىپى ۋە ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپى بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپپاراتلار بىر تۇتاش مەركەزلىك باشقۇرۇپ، ئۆلچەملەشكەن، ئۇچۇرلاشقان، كەسىپلەشكەن باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، خىزمەت ئۈنۈمى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.
    12. تەشكىلىي رەھبەرلىك كۈچەيتىلىدۇ. ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، سىياسىيلىقى كۈچلۈك خىزمەت. جايلار ۋە تارماقلار ئىسلاھات خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇشى، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەر ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلەرگە ئىسلاھاتنىڭ نىشانى ۋە ئىسلاھاتقا دائىر سىياسەتنى توغرا چۈشەندۈرۈپ، جامائەت پىكرىنى توغرا يېتەكلەپ، ئىسلاھاتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. جايلار ۋە تارماقلار قارارغا ئاساسەن كونكرېت يولغا قويۇش پىكرى ۋە چارىسىنى تۈزۈپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنسىتىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقىغا رويخەتكە ئالدۇرۇپ يولغا قويۇشى كېرەك. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مەزكۇر قارارنى ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇش پىكرىنى تۈزۈپ، ئىسلاھاتنى ماسلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتتا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەزكۇر قارارنىڭ ئىزچىل يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
    بۇ قارار 2014 – يىلى 1 – ئۆكتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلدى، بۇ قارار بىلەن بىردەك بولمىغان بەلگىلىمىلەر مۇشۇ قارار بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنى
    2015 – يىل 1 – ئاينىڭ 3 – كۈنى


مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-1-30 14:28:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەنمۇ كاتتا خەۋەر ئىكەن ، مۇشۇنداق يېڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرغايسىز ……
ۋاقتى: 2015-1-30 17:18:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قارار بۇيىچە بولغاندا پىنسىيەگە چىقىشىمىز ئاسانلىشامۇ؟ يەنە 60 ياش دەپ تۇرۇۋالامۇ؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش