خىزمەتنىڭ يان كۆرۈنۈشى
قۇلۇمدا ئاچقۇچ كەتكۈم كېلەر پارىتتىدە قېچىپ . لاياقەتلىك بىر كۈزىتىلگۈچىگە خاس تەشۋىش بىلەن كىرىش ئالدىدا ئىشىكنى ئېچىپ .
پارقىرايدۇ باچكا تۇمشۇقى ئوۋ مىلتىقى تۇرغا ئۇ جايدا . لاتا سۇراپ ئىشداشلىرىمدىن غاچ-غۇچ سۈرتۈپ ئۇرۇندۇقۇمنى قۇتۇلىمەن چىۋەر ئوغرىدەك، پايلاپ تۇرغان كۆزلەردىن مېنى. خىزمەت دېگەن بۇ ناتۇنۇش ئىسىم ئاستىدا جىجىلايمەن قۇرۇق،مەنىسىز جىجىلايمەن رەتلىك ۋە تېز-تېز. شىرە ئاستىدىن ئۇنىڭ قاردەك پاقالچەكلىرى خىيالىمغا ياغار پەم بىلەن. جىرىڭلايدۇ تېلىفۇن بىردىن ئىشىنىمەن باشقا بىرسىنىڭ. يېڭى كەلگەن ئەي يېگىت ئۆگەنمىسەڭ ئىچكۈۋازلىقنى ھېچكىم قاتماس ئارىغا سېنى، ئىشىك يەنە قالدى چېكىلىپ ئولتۇرىۋەر جايىڭدا جىمجىت ئۇ ئىزدەيدۇ باشقا بىرسىنى. ئاخىرقى ياز داۋاملاشماقتا ئۇزاق بولدى قويمىدىڭ كېلىپ. تۇلۇپ كەتتى ئىش ئۈستىلىمگە دۆۋە-دۆۋە يېشىل غېرىپلىق.
مەنبە :ئادىل تۇنىيازنىڭ « بويتاق شائىرنىڭ مەخپىيىتى»
|