كۆرۈش: 214|ئىنكاس: 0

سىقىلغان روھ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  
سىقىلغان روھ
   
  
نەسىر  
   
نەچچە كۈندىن بىرى يېغىۋاتقىنى توپا ئەمەس بەلكىم،ئادەم تۇپراقتىن يارالغان...مەن شۇ تۇپىغا قېتىلىپ بىرگە ياغدىم.   
قەلبىمدە جىلۋە قىلىدىغان ئارمان بولمىغان بولسا، جەننەتتىن قوغلانغان ئادەم ئاتىمىزدەك جەزمەن ئازاتتىم.ھېلىھەم ئازغىنىم يەتمىگەندەك...  
   ئارقامغا قاراشقا جۈرئەت يوق،كەچمىشلىرىمنىمۇ ھەم...  
   بارچە تىرىشچانلىقلىرىم ئۇنتۇش ئۈچۈنلا.  
   ئۇنتىسام دەيمەن،تۈنۈگۈننى،بۈگۈننى،ھەم ئەتىنى...ئۇنتىيالماي ئىرىشكىنىم مېنى چۇلغىۋالغان ئازاب،يېتىلەپ يۈرۈيدۇ مىنى ئارمىنىم.        
   ھەسرىتىمنى كۆمىۋەتسەم دەيمەن،يەتتە كەتمەن توپىنى تىز-تىز تاشلاپ...  
ئۇيقۇمدىمۇ ئويغاقمەن،ئوڭۇمدىمۇ ئويغاق.بىر چۈش كۆرسەم،بىر قېتىم ئۇخلاپ،بارچە قايغۇدىن خوشلاشقان كەبى.     
   
بىر قۇش ئۇچۇپ كەلسە قېشىمغا،ياكى ئۇچۇپ كەتسەم قۇش بۇلۇپ،دۇنيادىكى بارچە قەپەزلەر چېقىلغان كۈندە.   
ئارمان سۈيۈملۈك،ئازاپ كۈيۈملۈك.شۇلاردىن ئۆزگە سىردىشىممۇ يوق.   
مەن سەپەردە،ھەسرەتلىرىمنى يەلكەمدە يۈدۈپ.بەلكىم مىنى بىر ئاخىرقى قىسمەت تۇرغاندۇ كۈتۈپ...     
توۋلىغۇم بار ئەلۋىدا ئازاب دەپ،ئەپسۇس...مەندە ئۇنچىلىك جۈرئەت يوق


مەنبە: ئۈزەم

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش