كۆرۈش: 177|ئىنكاس: 0

ئىككى بۆرىنىڭ ئېلىشىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىككى بۆرىنىڭ ئېلىشىشى
   



بىر كىروكىي { شىمالىي ئامرىكىدا ياشايدىغان ئىندىيانلارغا تەۋە مىللەت} بوۋاي بالىلارغا ھايات ھەقىقەتلىرىدىن تەلىم بىرىپ مۇنداق ددېدى :   
-قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ئىزچىل بىر مەيدان جەڭ بولىۋاتىدۇ. بۇ جەڭ ئىككى بۆرىنىڭ ئېلىشىشى.بىرى ،يامان بۆرە.ئۇ قورقۇنچاقلىق،تىرىككەكلىك،قايغۇرۇش،ئۆچمەنلىك،نەپسانىيەتچىلىك،ھاكاۋۇرلۇق،چۈشكۈنلۈك،ئاداۋەت،ئۆزىنى كەمسىتىش،يالغانچىلىق،مەنمەنچىلىك،تەكەببۇرلۇق،شەخسىيەتچىلىك ۋە ساداقەتسىزلىككە ۋەكىللىك قىلىدۇ.  
يەنە بىرى،ياخشى بۆرە. ئۇ خۇشاللىق،تىنىچلىق،مۇھەببەت،ئۈمىدۋارلىق،مەسئۇلىيەتچانلىق،تەمكىنلىك،كەمتەرلىك،رەھىمدىللىك،كەڭ قۇرساقلىق،دوسىتلۇق،مىھرىبانلىق،مەرىدلىك،ھەققانىيلىق ۋە ساداقەتمەنلىككە ۋەكىللىك قىلىدۇ.   
بۇ ئىككى بۆرە ئارىسىدىكى جەڭ سىلەرنىڭ، شۇنداقلا بارلىق ئادەملەرنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىمۇ يۈز بىرىۋاتىدۇ،-دېدى.  
بوۋاينىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بالىلار بىر ھازاغىچە ئۈندىمىدى،ئاخىرى بىر بالا ئۇنىڭدىن :  
-ئۇنداقتا قايسى بۆرە غالىپ كىلەر؟-دەپ سورىدى.  
بېشىدىن كۆپ ئىسسىق -سۇغۇقلارنى ئۆتكۈزگەن بۇ بوۋاي بالىغا مۇنداق دېدى
:
-سەن قايسى بۆرىگە يېمەكلىك بېرىپ باقساڭ ،شۇ بۆرە غەلىبە قىلىدۇ.   



مەنبە :2011-يىل1-سان تەرمىلەر ژورنىلىدىن

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش