كۆرۈش: 206|ئىنكاس: 0

3- يىللىق ئەخلاق ۋە جەمئىيەت ماۋسۇملۇق ئىمتىھان سۇئالى 2-ماۋسۇم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
- يىللىق ئەخلاق ۋە جەمئىيەت ماۋسۇملۇق ئىمتىھان سۇئالى
1. بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ. (2دىن  نۇمۇر24)
1) بىز ئۆسمۈرلەر (               ) ۋەكىللىك قىلغۇچىلارمىز. (            )، (             )، (                 ) بىزنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن غەمخورلۇقلارنى قىلدى. بىزنى (            ) نۇرىغا چۆمدۈردى.
2) بىزنىڭ (            ) ۋە (           ) بىر سىنىپ كوللىكتىپى ئىچىدە بولغانلىقتىن، كۆپچىلىك ئەتتىگەندىن كەچكىچە بىللە بولۇپ، (               )، (                   ) تەڭ بەھرىمەن بولىمىز.
3) بەزىدە ئوخشاش بىر ئىشقا بولغان (            )، (            ) ۋە (            ) ئوخشاش بولمىغانلىقتىن تۇقۇنۇشۇپمۇ قالىمىز.
2. ھۆكۈم قىلىڭ.( 3تىن 33 نۇمۇر)  
1) ساۋاقداشلار سىنىپ كوللىكتىپىدا ياشاش جەريانىدا «تەڭ بەھرىمان بولۇش»نى ئۆگۈنۋېلىش كېرەك. (          )
2) ھەممىمىز باشقىلار بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇلارغا قارتا ئۇنداق ياكى مۇنداق قاراشتا بولىمىز. ساۋاقداشلار مانا مۇشۇنداق ئوخشىمىغان نوقتىدىن قاراش سەۋەبىدىن چىقارغان يەكۈنىمىز ئوخشاش بولىدۇ. (           )
3) بەزىدە ئوخشاش ئىشقا بولغان قارىشىمىزنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن تۇنۇقۇنۇشۇپمۇ قالىمىز. (           )
4) سىنىپىمىزدىكى ھەربىر ساۋاقداشنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكى بولغاچقا ، سىنىپىمىز تولىمۇ جانلىق ھەم پائالىيەتچان. (               )
5) بىز باشقىلارنى ئۇنداق- مۇنداق دېيىشتىن بۇرۇن ئاۋال ئۆزىمىزنى ياخشى چۈشۈنىشىمىز لازىم.(     )
6. ئاتا- ئانىلار بىلەن پەرزەنىتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئاتا- ئانىسىنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشى بىلەنلا تۈگەيدۇ. (      )
7) ئومۇمۇمەن يەتتە ياشقا توشقان بالىلارنى ئاتا- ئانىلىرى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەسسىيلەر ئوقۇشقا بېرىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قۇبۇل قىلدۇرۇشى شەرت. (          )
8) جەمئىيەتنىڭ بىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزدە ئانچە رولى يوق. (       )
9) مەكتەپ دەرۋازىسىغا 50 مېتىر كېلىدىغان جايدا يايمىچىلىق قىلىش،ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى توختىتىش مەنئىي قىلىنىدۇ. (            )
10) ئوقۇتقۇچىلار ۋە مەكتەپتىكى باشقا خىزمەتچى خادىملار بىز ئۈچۈن نۇرغۇن جاپا تارتىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى ھۆرمەتلىشىمىز ۋە ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك. (         )
11) ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. (    )
3. توغرا جاۋاپنى تاللاڭ. (3تىن 21 نۇمۇر)
1) بىزنىڭ خۇشال- خۇرام ۋە ساغلام چوڭ بولىشىمىز ئۈچۈن (      ) لار ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئەجىر سىڭدۈرگەن.
A. دۇختۇرلار          B. ئاتا- ئانىلار    C. ساقچى تاغىلار
2) (        ) بىزنىڭ تۇنجى مەكتىپىمىز.
A. مەكتەپ          B. جەمئىيەت   C.ئائىلە
3) بىز ئاتا- ئانىلىرىمىز بىلەن بىللە ياشىساقمۇ، لېكىن كۆپۈنچە چاغلاردا ئۇلارنى (           )
A. بەك چۈشۈنۈپ كەتمەيمىز      B.ئوبدانلا چۈشۈنىمىز   C. چۈشەنسەك- چۈشەنمىسەك بەرىبىر
4) ئاتا- ئانىلار بىلەن (            ) ئارقىلىق ئۆزئارا چۈشۈنىش ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.
A. يىغلاپ، قەغىشلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭكىدە چىڭ تۇرىۋېلىش     B. سۆزلىشىش   C. تىللىشىش
5) بىزنىڭ ھەربىر كۈندىكى كۆپ ۋاقتىمىز (       ) تە بىلىم ئۈگۈنۈش بىلەن ئۆتىدۇ.
A. مەكتەپ          B. جەمئىيەت   C.ئائىلە
6) بىز ئۆسۈپ چوڭ بولۇش جەريانىدا ئائىلىدىكىلەر، مەكتەپتىكىلەرنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە (            ) تىن ئىبارەت چوڭ ئائىلىنىڭمۇ غەمخولۇقىغا ئېرىشىمىز.
A. مەكتەپ          B. جەمئىيەت   C.ئائىلە
7) ساۋاقداشلار ئۆزئارا تۇقۇنۇشۇپ قالغاندا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى (         )
A. ئىككى تەرەپ دوستلىرىنى يىغىپ، كۈچ سېنىشىش         B. قارشى تەرەپنىڭ ئورنىدا ئۆزىنى قۇيۇپ ئويلاش   C.ئاتا- ئانىسىنى چاقىرتىپ كېلىپ، چوڭلارنى ئارىغا سېلىش
4. سۇئال: مۇلاھىزە قىلىڭ؟
1) ئاتا- ئانىمىز ۋە ئائىلىدىكىلەر بىزگە قايسى تەرەپلەردن غەمخولۇق قىلىدۇ؟ بىز قانداق تەسىراتلارغا ئېرىشتۇق؟ بىز بۇنىڭغا قانداق جاۋاپ قايتۇرىشىمىز كېرەك؟(3تىن 9 نۇمۇر)




2) ھەربىر ئادەمنىڭ ئوخشىميدىغان تەرەپلىرى بىزنىڭ كوللىكتىپىمىزغا نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ (تەپسلىيرەك بايان قىلىڭ 5 نۇمۇر)
  


5. تۇتاشتۇرۇڭ.(2دىن 8 نۇمۇر)
ئاتا- ئانىلار بىلەن چۈشۈنۈش ھاسىل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى               تەڭ بەھرىمەن بولۇش
تۇقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۇسۇلى                           سۆزلىشىش
كۆزقاراشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى                     ئوخشىمىغان نوقتىدىن قاراش
ئىناق بىللە ئۆتۈشنىڭ ئۇسۇلى                               قارشى تەرەپنىڭ قانداق ئويلايدىغانلىقىنى بىلىش


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش