| باشتوغراق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2015-يىللىق ‹مۇنەۋەر تىنىچ-ئامان مەكتەپ› بەرپا قىلىش قۇرلىشى خىزمىتى لاھىيەسى
2015-يىلى بولسا پارتىيە 18-نۆۋەتلىك 4-ئۇمۇمى يىغىنى ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ 8-نۆۋەتلىك 7-ئۇمۇمى ھەيئەتلەر(كېڭەيتىلگەن) يىغىن روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيىلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى ئۇمۇمىيۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم بىريىل، شۇنداقلا سىياسى قانۇن ئىسلاھاتىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسى قانۇن خىزمىتىدىكى قىيىن مەسىللەرنى ھەل قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق بىريىل، 2015-يىللىق «تىنىچ ئامان مەكتەپ» بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ مۇستەھكەملەشنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر، ئەھمىيىتى چوڭقۇر. «ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ 2014-يىللىق ئۇمۇملاشتۇرۇپ تۈزەش ، مۇقۇملۇق (تىنىچ-ئامانلىق قۇرلىشى) سىناپ تەكشۈرۈشتە ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزۈتۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (خوتەن ۋىلايەتلىك جەمىيەت باشقۇرۇش ھەرتەرەپلىمە تۈزەش كومتىتى[2015]1-نۇمۇرلۇق) ، باشتوغراق يېزىلىق پارتىكوم [2015] 5- نۇمۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىغا ئاساسەن، مەكتىپىمىزنىڭ تىنىچ-ئامانلىق قۇرلۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ بىرقەدەم ئىلگىرى سۈرۈپ، تىنىچ-ئامانلىق بەرپاقىلىش قاتلىمى ۋە سەۋيىسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقۇرى كۈتۈرۈش ئۈچۈن، مەكتىپىمىزنىڭ ئەمەلىيتىگە بىرلەشتۈرۈپ، « باشتوغراق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2015-يىللىق ‹مۇنەۋەر تىنىچ-ئامان مەكتەپ› بەرپا قىلىش قۇرلىشى خىزمىتىنى يولغا قۇيۇش لاھىيەسى» تۈزۈپ چىقىلدى. 1.يىتەكچى ئىدىيە ۋە خىزمەت نىشانى دىڭشاۋپىڭ نەزىريىسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى يىتەكچى قىلىپ، ئىلمى تەرەققىيات قارشىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيىلەشتۈرۈپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتېيى روھىنى، مەملىكەتلىك سىياسى قانۇن خىزمەت يىغىنى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مۇقىملىق خىزمەت يىغىنى ۋە ۋىلايەتلىك پارتكوم، ناھىيلىك پارتكوم كېڭەيتىلگەن يىغىن روھىنى ئۇمۇمىيۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيىلەشتۈرۈپ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاققىچە ئەمىنلىكتىن ئىبارەت مەركىزى ۋەزىپە ۋە ئىقتىسادى تەرەققىيات يۈلۈنىشىنى ئۆزگەرتىشنى تىزلىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسى لىنيىنى باشتىن-ئاخىرى زىچ چۆردەپ، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۈڭۈل بۈلۈۋاتقان جامائەت بىخەتەرلىگى، ھۇقۇق كاپالىتى، جەمىئەتنىڭ باراۋار ھەققانىيەت بۇلۇشى قاتارلىق مەسىللەرنى چىڭ تۇتۇپ، «سىياسى جەھەتتە تىنىچ، جەمىئەت مۇقىم، ئىقتىسادىنىڭ ئۇبروتى بىخەتەر، مەدەنىيەت پائالىيىتى ساغلام، قانۇن –تۈزۈم قۇرۇلۇشى مۇكەممەل، ئامما رازى بۇلۇش» نى نىشان قىلىپ، ئاساسى قاتلام تىنىچ-ئامانلىق قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نوقتا قىلىپ، رىقابەت شەكىلدىكى سىناپ تەكشۈرۈش تەدبىرىنى ئۇمۇمىيۈزلۈك ئەمەلىيىلەشتۈرۈپ، تىنىچ-ئامانلىق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائى باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، جەمىئەتتىكى زىدىيەتلەرنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ، سىياسى قانۇن ئۇمۇملاشتۇرۇپ تۈزەش قۇشۇن قۇرۇلۇشىنى ھەقىقى كۈچەيتىپ، مەكتەپنىڭ جۈملىدىن باشتوغراق يېزىسىنىڭ ئىناق مۇقىم ۋەزىيتىنى يارتىپ، ئادىل ھەققانى قانۇن تۈزۈم مۇھىتى ۋە ئەلا يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت مۇھىيتى بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش. 2. تەشكىلىي رەھبەرلىك مەكتىپىمىز تىنىچ- ئامانلىق بەرپا قىلىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ تىنىچ- ئامانلىق خىزمىتىنى تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، مەسئۇليەتنى ئىنىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كىشى بېشىغىچە مەسئۇليەتنى ئەمىللەشتۈرۈپ، مەكتەپ تىنىچ- ئامانلىق خىزمىتىدە مۇنەۋەر مەكتەپ بەرپا قىلىش ئۈچۈن رەھبەرلىك گۇرۇپپا قۇرۇلدى. رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئەزالىرى ۋە ئىش تەقسىماتى تۈۋەندىكىچە : گۇرۇپپا باشلىقى : ← مەكتەپ مۇدىرى ← ئومۇمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى ← مەكتەپ پارتىيە ياچايكا شۇجىسى ← مەكتەپنىڭ ئۇمۇمى خىزمەتلىرىگە نازارەت قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بۇلىدۇ. گۇرۇپپا ئەزالىرى : ← ئەخلاق تەربىيە مۇدىرى← ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىنىچ- ئامانلىق خىزمىتى جەھەتتىكى جەھەتتىكى تەشۋىقات، ئارخىپ باشقۇرۇش تىنىچ- ئامانلىق خىزمىتىدە « تىنىچ- ئامانلىق ئۆلچەمگە يەتكەن مۇنەۋەر مەكتەپ» بەرپا قىلىشنىڭ كونكىرىت خىزمەتلىرىگە مەسئۇل ۋە ئارخىپ تۇرغۇزۇش خىزمىتىگە مەسئۇل. ← ئىلىمي مۇدىر ← ئوقۇ- ئوقۇتۇش، تەلىم- تەربىيە خىزمەتلىرىنىڭ ئىچكى قاتلىمغا تىنىچ- ئامانلىق جەھەتتىكى تەلىم- تەربىيەنىڭ سىڭدۈرۈلىشگە مەسئۇل ←بۇغالتىر ← ئارقا سەپ تەمىنات خىزمىتىگە مەسئۇل ← ئەخلاق تەربىيە ئىشخانا خادىمى← مەكتەپ ئىتتىپاق- پىئونىرلار خىزمىتىگە مەسئول ← مەكتەپ مەسئۇلى ← مەركىزى مەكتىپىنىڭ خىزمەتلىرىنى بىر قوللۇق تەشكىللەشكە مەسئول. ← مەكتەپ مەسئۇلى ← سىياۋۇشۇللا مەكتىپىنىڭ خىزمەتلىرىنى بىر قوللۇق تەشكىللەشكە مەسئول. ←مەكتەپ مەسئۇلى ← سۆگەتبوستان مەكتىپىنىڭ خىزمەتلىرىنى بىر قوللۇق تەشكىللەشكە مەسئول. ←مەكتەپ مەسئۇلى ← باشتوغراق مەكتىپىنىڭ خىزمەتلىرىنى بىر قوللۇق تەشكىللەشكە مەسئول. ← مەكتەپ مەسئۇلى ← توغراقبوستان مەكتىپىنىڭ خىزمەتلىرىنى بىر قوللۇق تەشكىللەشكە مەسئول. رەھبەرلىك گۇرۇپپا تارمىقىدا ئىشخانا تەسىس قىلندى. ئىشخانا مۇدىرلىقىنى ئەخلاق تەربىيە مۇدىرى ئىشلەيدۇ. قاتنىشىش ئوبىكتى: مەكتىپىمىزدىكى 59 نەپەر ئوقۇتقۇچى- ئىشچى- خىزمەتچى، 5 تارماق مەكتەپ، 9 ئىشخانا، 2~6- يىللىققىچە بولغان 23 سىنىپ قاتنىشىدۇ. 2. قەدەم باسقۇچ ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇشى 1-باسقۇچ: تەشۋىق قىلىش سەپەرۋەر قىلىش باسقۇچى(2015-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە) مەكتىپىمىز تىنىچ-ئامانلىق قۇرۇلۇشى تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، ئىلگىرىكى تەشۋىقات سالمىقى ئاساسىدا، تەجىربىلەرنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ، تەشۋىقات خىزمەت سەۋىيىسنى ئۈستۈرۈمىز. بىرىنچىدىن، جەمىئەت باشقۇرۇش ئۇمۇملاشتۇرۇپ تۈزەش تەشۋىقات ئېتيى پائالىيگە بىرلەشتۈرۈپ، تىنىچ-ئامانلىق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى زىچ چۆردەپ، تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى، قارا دوسكا، تەشۋىقات سەھنىسى، لوزۇنكا، تام تەشۋىقاتى، رادىئو ۋە بازار كۈنلىرى تەشىۋىقات مەسلىھەت سۇراش سەھنىسى تەسىس قىلىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن، پۇختا، چوڭقۇر، ئىنچىكە، شەكلى خىلمۇخىل، مەزمۇنى مول تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ،ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا- ئانىلارنى خەۋەردار قىلىش بىلەن بىرگە كەڭ قاتنىشىشىنى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېرىشىمىز. ئىككنچىدىن، تىنىچ-ئامان مەكتەپ، تىنىچ-ئامان ئىشخانا، تىنىچ-ئامان سىنىپ، تىنىچ ئامان ئائىلە بەرپا قىلىش ئۆلچىمى ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ جەمىئەت ئامانلىقنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ تۈزەش نىزامى»، «لوپ ناھىيسىنىڭ تىنىچ-ئامان قۇرۇلۇشى بۇيچە رىقابەت بۇيچە سىناپ تەكشۈرۈش مۇكاپاتلاش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى» قاتارلىق بىلىشكە تىگىشلىك مەزمۇنلارنى ئۈگىنىش تەشۋىق قىلىشنىڭ مۇھىم نوقتىسى قىلىپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا- ئانىلارنىڭ بىلىش نىسبىتى، قاتنىشىش نىسبىتى، رازى بۇلۇش نىسبىتىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈشنى كۈچەش نوقتىسى قىلىپ، قاتنىشىش ئاكتىپچانلىقنى قوزغۇتۇش ئۈچۈن تېرىشىمىز. ئۈچنچىدىن، تىنىچ-ئامانلىق قۇرۇلۇشى تەشۋىىقات پائالىيىتىنى سىستىمىلىق قانات يايدۇرىمىز يەنى بازار تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇش، ئاز دىگەندە 2دىن 3كىچە تام تەشۋىقاتى، بىردىن تەشۋىقات سەھنىسى بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. 2-باسقۇچ: بەرپا قىلىش، قايتا تەكشۈرۈپ تاپشۇرۋېلىش باسقۇچى (2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە) 1. رىقابەت شەكلىدىكى تىنىچ-ئامان ئائىلە بەرپا قىلىش ۋە قايتا تەكشۈرۈپ تاپشۇرۋېلىش پائالىيىتى (2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە) ھەرقايسى تارماق مەكتەپلەرنى ئاساسى گەۋدە قىلىپ، تەۋەلىكتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئائىلىسىنى بىرلىك قىلىپ، رىقابەت شەكلىدىكى تىنىچ-ئامان ئائىلە بەرپا قىلىش ۋە قايتا تەكشۈرۈپ تاپشۇرۋېلىشنى ئۇمۇمىيۈزلۈك قانات يايدۇرىمىز. بەرپا قىلىش تەرتىپى: ئائىللەر خىزمەت ئورنىغا يازمىچە بەرپا قىلىش ئىلتىماسى يازىدۇ ھەمدە «رىقابەت شەكلىدىكى تىنىچ-ئامان ئائىلە بەرپا قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش جەدىۋېلى» (1-، 2-جەدىۋەل) نى تولدۇرىدۇمەكتەپتىكى تىنىچ ئامان قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئەزالار چوڭ يىغىنى ياكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر چوڭ يىغىنى چاقىرىپ دىمگىراتىك سىناش، دەرىجە بۇيچە 10ئائىلە باشلىقى، ئالاقىلىشىدىغان كادىر، كەنت پارتىيە ياچايكىسى، ئىدارە-ئۇرۇن پارتىيە ياچايكىسى تەرتىپ بۇيىچە نۇمۇر قۇيۇپ باھالاش ئېلىپ بارىدۇ. باھالاشتا تىنىچ-ئامان ئائىلە شەرتىگە تۇشىدىغانلىرىنى 7كۈنى ئاشكارە ئېلان قىلىپ، پىكىر ساندۇقى، پاش قىلىش تېلېفۇنى تەسىس قىلىش كىرەك. ئاشكارلاش مۇددىتى تۇشۇپ، ھەممەيلەن ئىتتىراپ قىلغاندىن كىيىن «تىنىچ-ئامان ئائىلە» شەرپىنى بىرىش. قايتا تەكشۈرۈپ تاپشۇرۋېلىش تەرتىپى: تىنىچ-ئامان ئائىلە شەرىپىگە ئىگە بۇلۇپ بولغان ئائىللەر ئۆزى تۇرۇشلۇق كەنت ۋە خىزمەت ئورنىغا يازمىچە قايتا تەكشۈرۈپ تاپشۇرۋېلىش ئىلتىماسى يازىدۇ ھەمدە «رىقابەت شەكلىدىكى تىنىچ-ئامان ئائىلەرنى قايتا تەكشۈرۈپ تاپشۇرۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىش جەدىۋېلى» (3-، 4-جەدىۋەل) نى تولدۇرىدۇ، كەنتتىكى ياكى ئىدارىدىكى تىنىچ ئامان قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئەزالار چوڭ يىغىنى ياكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر چوڭ يىغىنى چاقىرىپ دىمگىراتىك سىناش، دەرىجە بۇيچە، 10ئائىلە باشلىقى، ئائىللەر بىلەن ئالاقىلىشىدىغان كادىر، كەنت پارتىيە ياچايكىسى، ئىدارە-ئۇرۇن پارتىيە ياچايكىسى تەرتىپ بۇيىچە نۇمۇر قۇيۇپ قايتا تەكشۈرۈپ تاپشۇرۋېلىش ئېلىپ بارىدۇ. قايتا تەكشۈرۈپ تاپشۇرۋېلىشتا لاياقەتسىز بولغان ئائىللەرنىڭ تىنىچ-ئامانلىق شەرىپى ئېلىپ تاشلىنىدۇ. قايتا تەكشۈرۈپ تاپشۇرۋېلىشنى ئىلتىماس قىلمىغان ئائىللەرنىڭ تىنىچ-ئامانلىق شەرىپى بىۋاستە ئېلىپ تاشلىنىدۇ. تىنىچ-ئامانلىق شەرپىنى ساقلاپ قالغان ياكى تىنىچ-ئامانلىق شەرپىدىن مەھرۇم قالغانلارنى 7كۈن ئاشكارە ئېلان قىلىپ، پىكىر ساندۇقى، پاش قىلىش تېلېفۇنى تەسىس قىلىش كىرەك. ئاشكارلاش مۇددىتى تۇشقاندىن كىيىن ئىسىملىكى چىقىرىپ ئېلان قىلىنىدۇ. 2. تىنىچ-ئامان مەكتەپ، ئىشخانا ، تىنىچ-ئامان سىنىپ قاتارلىق ئىچكى قىسىمدا تەسىس قىلىنغان ئاپراتلارنىڭ رىقابەت شەكلىدىكى تىنىچ-ئامانلىق بەرپا قىلىش، قايتا تەكشۈرۈپ تاپشۇرۋېلىش پائالىيىتى(2015-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن، 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە) مەكتىپىمىز ھەرقايسى تارماق مەكتەپلەرنى ئاساسى گەۋدە قىلىپ،مەكتەپلەردىكى ئىشخانا ، سىنىپ قاتارلىق ئىچكى ئاپراتلارنىڭ رىقابەت شەكلىدىكى بەرپا قىلىش ۋە قايتا تەكشۈرۈپ تاپشۇرۋېلىش ئېلىپ بارىمىز. بەرپا قىلىش تەرتىپى: ئىشخانا ، ياتاق ئۆزى تۇرۇشلۇق ئۇرۇنغا بەرپا قىلىش ئىلتىماسىنى سۇنىدۇ، ئۇرۇندىكى تىنىچ-ئامانلىق قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى تەرتىپ بۇيچە ئىلتىماس قىلغان ئىچكى ئاپراتلارنى سىناپ تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلىرىنى 7 كۈن ئاشكارە ئېلان قىلىدۇ، ھەمدە پىكىر ساندۇقى، پاش قىلىش تېلېفۇنى تەسىس قىلدۇ. ئاشكارلاش مۇددىتى تۇشقاندىن كىيىن ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئۇقۇغۇچىلار ئىتتىراپ قىلغان ئىچكى ئاپراتلارغا نام بىرىدۇ. قايتا تەكشۈرۈپ تاپشۇرۋېلىش تەرتىپى: نام بىرىلگەن تىنىچ-ئامان ئىشخانا، سىنىپ قاتارلىق ئىچكى قىسىمدا تەسىس قىلىنغان ئاپراتلارسىنىپقا يازمىچە ئىلتىماس يوللايدۇ،مەكتەپتىكى تىنىچ-ئامانلىق قۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تاپشۇرۋالغان قايتا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىش ئىلتىماسىغا ئاساسەن، نام بىرىلگەن ئىچكى ئاپراتلارغا قارىتا مۇناسىۋەتلىك تەرتىپلەر بۇيىچە قايتا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋېلىش ئېلىپ بارىدۇ. قايتا تەكشۈرۈپ، ئۆتكۈزىۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغان ئىچكى ئاپراتلارنىڭ تىنىچ-ئامانلىق نامى ساقلاپ قېلىنىدۇ، قايتا تەكشۈرۈپ تاپشۇرۋېلىشتا لاياقەتسىز بولغان ئورۇنلارنىڭ تىنىچ-ئامانلىق نامى ئېلىپ تاشلىنىدۇ. قايتا تەكشۈرۈپ تاپشۇرۋېلىشنى ئىلتىماس قىلمىغانلارنىڭ ، تىنىچ-ئامانلىق نامى بىۋاستە ئېلىپ تاشلىنىدۇ. تىنىچ-ئامانلىق نامى ساقلاپ قېلىنغان ياكى ئېلىپ تاشلانغان ئىچكى ئاپراتلارغا قارىتا 7كۈن ئاشكارلاش ئېلىپ بېرىش، ھەمدە پاشقىلىش ساندۇقى، پاش قىلىش تىلىفۇنى تەسىس قىلىش، ئاشكارلاش مۇددىتى توشقاندىن كىيىن، يەنە ئىسمىلىك بۇيىچە ئېلان قىلىش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 3-باسقۇچ: مۇستەھكەملەش، مۇكەممەللەشتۈرۈش باسقۇچى (2015-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن، 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە) مەكتىپىمىز قانات يايدۇرغان بىرقاتار رىقابەرلەشتۈرۈپ بەرپا قىلىش ۋە قايتا تەكشۈرۈپ تاپشۇرۋېلىش پائالىيتىنى زىچ چۆرىدەپ، «ئارقىغا قاراش» نى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ئاجىز ھالقىلارنى تېپىپ چىقىپ، يۇچۇقنى ئىتىپ تاشلاپ، يەنىمۇ بىرقەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تەشۋىقات كەيپىياتىنى يارىتىپ، كەڭ ئىشچى-خىزمەتچى، ئاممىنىڭ بىلىش نىسبىتى، قاتنىشىش نىسبىتى، رازى بۇلۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقۇرى كۈتۈرۈش ئۈچۈن تېرىشىمىز.
3.خىزمەت تەلىپى 1) تەشكىلى رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش .ھەر قايسىى مەكتەپ مەسئوللىرى ئوقۇتقۇچىلار تىنىچ-ئامانلىق قۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تۇلۇق تۇنۇپ،كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ئىڭى بىلەن تىنىچ-ئامانلىق قۇرۇش خىزمىتىنى مۇھىم خىزمەت ئورنىغا قۇيۇپ مۇھىم ئىشلار كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزۈپ ،مەسئۇليەتنى ئىنىق بىكىتىپ،خىزمەت مىخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ،بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، بىرتۇتاش ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، تىنىچ-ئامانلىق قۇرلىشىنى «بىرىنچى قول» قۇرلۇش قىلىپ، مۇھىم ئىشلار تەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، ئۈمۈمىي يۈزلۈك پىلانلاپ، ئەستايىدىل يولغا قۇيۇپ، كۈرۈنەرلىك مەسىلىلەرنى دەل ۋاقتىدا مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىش. تىنىچ-ئامانلىق قۇرلىشىدا ئۆلچەمگە يەتمىگەن ياكى قايتا تاپشۇرۋېلىشتا ۋە چەك تارتىپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز مەكتەپ، ئىشخانا، سىنىپلار بىردەك ئىلغار بۇلۇپ سايلانمايدۇ؛ خىزمەتكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك سەۋەبىدىن جەمىيەتكە ئېغىر خەۋىپ ئېلىپ كىلىدىغان مەسىلە يۈزبەرسە ، شۇ مەكتەپ، ئىشخانا، سىنىپلار بىر ئاۋاز بىلەن قەتتئىي ئىنكار قىلىنىدۇ، ھەمدە مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
باشتوغراق باشلانغۇچ مەكتەپ 2015- يىلى 3- ئاي
باشتوغراق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2015-يىللىق ‹مۇنەۋەر تىنىچ-ئامان مەكتەپ› بەرپا قىلىش قۇرلىشى خىزمىتى لاھىيەسى
باشتوغراق باشلانغۇچ مەكتەپ
2015- يىلى 3- ئاي
|
|