كۆرۈش: 357|ئىنكاس: 0

باشلانغۇچ مەكتەپ 5-، 6-يىللىقلار ئۈچۈن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دەرس تەييارلىقى
(باشلانغۇچ مەكتەپ 5-، 6-يىللىقلار ئۈچۈن)
دەرس تەييارلىغۇچى: ئاينىساخان ئەيسا 2015- يىل 3- ئاي
سائەتلىك ئوقۇتۇش پىلانى                1- ھەپتە
دەرس تىمىسى        7- دەرس شانلىق ئەدەبىيەت- سەنئەت
ئوقۇتۇش نىشانى        بىلىم، ھىسيات، پۇزۇتسىيە، قىممەت قاراش نوقتىلىرى        ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ شانلىق ئەدەبىيات- سەنئەتلىرى بىلەن يۈزەكى بولسىمۇ بىر قۇر تۇنۇشۇپ چىقىش ھەمدە ئۆز مىللىتىنىڭ ئەدەبىيات سەنئەت جەۋھەرلىرىنى بىلىش، چۈشۈنۈش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرگە مىللىي مەدەنىيەتنى جانلاندۇرش، شۇنداقلا باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ مىللىي ئەدەبىيات سەنئەتلىرىنى ھۆرمەت قىلىش ئېڭىنى يىتىلدۈرۈش، ئۆزئارا ئىتتىپاقلىقىنى، چۈشۈنۈشنى يىتىلدۈرۈش.
مۇھىم نوقتا        باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ مىللىي ئەدەبىيات سەنئەتلىرىنى ھۆرمەت قىلىش ئېڭىنى يىتىلدۈرۈش، ئۆزئارا ئىتتىپاقلىقىنى، چۈشۈنۈشنى يىتىلدۈرۈش.
قىيىن نوقتا        ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ شانلىق ئەدەبىيات- سەنئەتلىرى بىلەن يۈزەكى بولسىمۇ بىر قۇر تۇنۇشۇپ چىقىش
قىيىن نوقتىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى        ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدىنىشكە، مۇلاھىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۈگۈنۈش شەكلى        مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ناخشا- مۇزىكا تەييارلاش، بەزى مىللەتلەرنىڭ ئۇسۇل ھەركىتىنى دوراشقا ئۇيۇشتۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنى تەپەككۇر قىلىش، مۇلاھىزىگە يىتەكلەش
ئوقۇتۇش ۋاستىسى        مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ناخشا- مۇزىكا پىلاستىكىسى، بارماق دىسكا، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش كومپىيوتىرى
ئوقۇتۇش جەريانى
ساۋاقداشلار بىز نىڭ دۆلىتىمىز 5000 يىللىق شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە قەدەمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت. ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات ئېقىنىدا ھەرمىللەت قېرىنداشلار ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ئارقىلىق كۆپلىگەن مۇنەۋەر ئەدەبىي ئەسەر ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجات قىلىپ، مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە بېيىتتى. ئەدەبىيەت سەنئەتنىڭ دائىىرىسى ناھايتى كەڭ بولۇپ، ئەپسانە، رىۋايەت، شىئېر، ھېكايە، دارامما، مۇزىكا، ئۇسۇل، ھۈنەر- سەنئەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ كاتتوگورىيەگە كىرىدۇ.
ساۋاقداشلار سىلەر جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مول رەڭگارەڭ ئەدەبىيات- سەنئىتىنى قانچىلىك چۈشۈنىسىلەر؟ بىز بىرلىكتە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات- سەنئىتىنىڭ سىھرىىي كۈچىنى ھىس قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شانلىق مەدەنىيىتى ۋە ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ئەقىل- پاراسىتىدىن پەخىرلىنەيلى.
بۇ دەرسىمىز 3 سائەتكە پىلانلانغان.
1- سائەتتە: مىللەتلەر گۈلزارى»، «ئوقۇش- ئويلىنىش» مەزمۇنىنى بىر قۇر ئوقۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات- سەنئىتى (شېئىر، ھېكايە، رېۋايەت، تىياتىرۋە ناخشا- ئۇسۇللىرى) بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز.
2- سائەتتە: «ئوقۇش- ئويلىنىش» مەزمۇنىنى بىر قۇر ئوقۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات- سەنئىتى (ھۈنەر سەنئەت) بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز.  ئويلاپ بېقىڭلار، تۇتاشتۇرۇپ بېقىڭلار، ياساپ بېقىڭلار تىمىسىكى مەزمۇنلار ئاساسىدا دەرس مەزمۇنىنى مۇستەھكەملەيمىز.
3- سائەتتە: ئېيتىپ بېقىڭلار، ئويناپ  بېقىڭلار، ھېكايە ئېيتىڭلار سەھىپىسى بۇيىچە ئەمىللىي مەشغۇلات ئارقىلىق بولۇپمۇ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۇسۇلىنى ئويناش ئارقىلىق دەرس مەزمۇنىنى تېخىمۇ ئەمىلياتچانلىققا ئىگە قىلىمىز.
1-        سائەت
مىللەتلەر گۈلزارى
ساۋشۆچىن ۋە قىزىل راۋاقتىكى چۈش
1985- يىللاردا تېلۋىزىيە فىلىمى قىلىپ، ئىشلىنىپ، تەرجىمە قىلىنىپ تارقالغان تېلۋىزىيە فىلىمى «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» ساۋاقداشلارغا ناتۇنۇش بولمىسا كېرەك.
«قىزىل راۋاقتىكى چۈش» ئىلىمىزنىڭ قەدىمكى زامانىدىكى ئۇلۇغ رومانلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا جۇڭگۇ ئەدەبىياتىدىكى تۆت چوڭ ئەسەرنىڭ بىرى. بۇ ئەسەرنى ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىسى ساۋشۆچىن 10 يىل يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ يېزىلغان.
سااقداشلار ئەگەر بۇ فىلىمىنى كۆرگەن بولساڭلار مەزمۇنى، پىرسۇناژلىرى ھەققىدە پىكىرلىشىپ باقايلى دەپ، سۆھبەتكە ئۇيۇشتۇرىمەن.
ئۇنىڭدىن كېيىن دەرسلىكتىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ شانلىق ئەدەبىيات- سەنئەتلىرى بىلەن تۇنۇشۇش ئېلىپ بارىمەن.
شېئىر، ھىكايە، رىۋايەت
ئىلىمىزدىكى ھەرقايسى  ھەرقايسى مىللەتلەر شانلىق ئەدەبىياتىنى بارپا قىلدى. مەسىلەن: خەنزۇلارنىڭ «جۇدالىق زارى»، «شەرقى جەنۇپقا ئۇچقان نۇر»، «مۇلەن ھەققىدە باللادا» يەنە كۆپلىگەن تاڭ دەۋرى شېئرىلىرى، سۇڭ دەۋرى نەزىم ھىكايىلىرى قاتارلىقلار كىشىلەنى زوقلاندۇرغۇدەك بەدئىي مۇۋاپىيەتلەرگە ئېرىشكەن.
مەن يۇقارقىلاردىن «جۇدالىق زارى»، «مۇلەن ھەققىدە باللادا»غا ئۆزۈمنىڭ بىلگىنى بۇيىچە ئاساىي مەزمۇنىنى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزىمەن. بولۇپمۇ مۇلەننىڭ ۋاپاردار، باتۇۇر جەسۇرلىقىنى ئۆلگە قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ياراملىق كىشىلەردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇرىمەن.
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىي مىراسلىرى ئىچىدە شېئىريەت ئەڭ جۇلالىنىپ تۇرىدۇ. بۇ شېئىرى ئەسەرلەر تىما دائىرىسى كەڭ، تەسەۋۇرغا باي، ۋەقەلىكى رومانتىك، تىلى پىششىق، ۋە ئاممىباپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. مەسىلەن زاڭزۇلارنىڭ ئىپوسى «گېسار»، مۇڭغۇللارنىڭ ئېپۇسى «جاڭغىر»، قىرغىزلارنىڭ ئېپوسى ماناس»- ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۈچ چوڭ قەھرىمانلىق ئېپوسى دەپ تەرىپلىنىدۇ، ئۇلاردا قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلىش روھى، ئىپادىلەنگەن.
مۇڭغۇللارنىڭ داستانى «گادامېرىن»، ناشىلارنىڭ ئىپوسى «دۇنيانىڭ يارىتىلىشى»، يىزۇلارنىڭ داستانى «ئاسىما» قاتارلىقلار ئاز سانلىق مللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يەنە نۇرغۇن گۈزەل رىۋايەتلىرى بار. مەسىلەن «بەيزۇلارنىڭ بۇلۇتقا ئايلانغان مەلىكە»، يىشەندىكى مېيخۇا گۈلى»، جۇاڭزۇلارنىڭ «قۇش پېيىدا تۇقۇلغان كىيىم»، گاۋشەنزۇلارنىڭ «رىيۆتەن» ناملىق رىۋايەتلىرىمۇ كەڭ تارقالغان.
دەپ ئوقۇغۇچىلارغا بۇنىڭ ئىچىدىكى بەيزۇلارنىڭ «بۇلۇقا ئايلانغان مەلىكە» توغرىسىدا يەنى «غەرپكە ساياھەت» فىلىمىدىكى چاڭئې پەرىزاتنىڭ ئايغا چىقىپ كىتىش رىۋايىتىنى قىسقىچە سۆزلەپ بېرىمەن.
تىياتىر ۋە ناخشا- ئۇسسۇل
خەنزۇلارنىڭ تىياتىرلىرى جىڭجۈي تىياتىرى، گۇاڭدۇڭ تىياتىرى، چىنچىياڭ تىياتىرى، سىچۈەن تىياتىرى، خۇاڭمېي تىياتىرى قاتارلىق 200دىن ئاشۇدۇ. ئاز سانلىق مىللەت تىياتىرلىرىدىن زاڭزۇ، بەۇزۇ، جۇاڭزۇ، مىياۋزۇ تىياتىرلىرى، ماۋنەن تىياتىرى قاتارلىقلار بار. ئاز سانلىق مىللەت تىياتىرلىرىنىڭ ھەر قايسىسى ئەنئەنىۋى ئۇسلۇپقا ئىگە. مەسىلەن زاڭزۇ تىياتىردا نەزىم- مەسىرلىك ناخشا ئاساس قىلىنىدۇ. بەۇزۇ تىياتىردا نەزىم بىلەن مەسىرلىك ناخشا بىرلەشتۈرۈلىدۇ ھەمدە ئۇسۇل ھەركەتلىرى كىرىشتۈرۈلىدۇ. يۇجىيا تىياتىرى قول ئۇسۇلى بىلەن بىرلەشتۈرۈلىدۇ.
جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئىچىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ناخشا- ئۇسۇلغا ماھىر، شىمالى رايۇنلاردا مودا بولغان «شىنتىيەنيۈ»، جەنۇبى رايۇنلاردا مودا بولغان «كېجىياڭ تاغ ناخشىسى» خەنزۇلارنىڭ تىپىك ناخشىلىرىدۇر.
غەربى شىمال رايۇنلاردا مۇدا بولغان «گۈل ناخشىسى»- خۇيزۇ، تۇزۇ، سالار، دۇڭشىياڭ، باۋئەن خەلقلىرى ياقتۇرىدىغان سەنئەت شەكلى: بۇلاردىن باشقا مۇڭغۇللارنىڭ «ئۇرتىئىندۇ»سى، قازاقلارنىڭ «پادىچى ناخشىلىرى» جۇاڭزۇلارنىڭ «قاتار ناخشىسى»، ياۋزۇلارنىڭ شىياڭلى ناخشىسى» قاتارلىقلار.
ئوقۇغۇچىلارنى يقارقى ناخشىلاردىن گۈل ناىشىسى يەنى گۈل نىمىشقا شۇنچە قىزىل دېگەن ناخشىنى بىرلىكتە ئاڭلاشقا، ئېيتىشقا ئۇيۇشتۇرىمەن.
ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۇسۇللىرىمۇ ئۆزگىچە قىياپەتكە ئىگە. خەنزۇ خەلقى داقا- دۇمباق چېلىپ ياڭگې ئويناشنى ياخشى كۆرۈدۇ. شىنجاڭ «ناخشا ئۇسۇل ماكانى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئىجات قىلغان «12 مۇقام» ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق مۇزىكىسى بىلەن ئۇسسۇلى مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈلگەن قىممەتلىك سەنئەت مىراسى، غەرىپ، جەنۇپ رايۇنىدىكى دۇڭزۇ، جۇاڭزۇ، شۇيزۇ، يىزۇ قاتارلىق مىللەتلەر ئارىسىدا «قۇمۇش شىڭ ئۇسسۇلى» ئويناش ئومۇملاشقان. چاۋشىيەتنزۇلارنىڭ ئۇزۇن دۇمباق ئۇسۇلى، دەيزيلارنىڭ توز ئۇسۇلى، جۇاڭزۇلارنىڭ ئەپكەش ئۇسۇلى، مۇڭغۇللارنىڭ چوكا ئۇسۇلى، زاڭزۇلارنىڭ شىيەنزى ئۇسسۇلى، مىياۋۇلارنىڭ دۇمباق ئۇسۇلى، لىزۇلارنىڭ بامبۇك بادرا ئۇسسۇلى (ساۋاقداشلار بۇئۇسسۇل سىلەرنىڭ رىنزىنكە ئاتلاپ ئوينىغىنىڭلارغا ئوخشايدۇ) ۋازۇلارنىڭ ياغاچ دۇمباق ئۇسسۇلى قۇيۇق مىللىي مىللىي  تۈس ۋە يەتلىك ئالاھىدىلىكە ئىگە شۇنداقلار ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ھېيت- بايراملاردا ئوينايدىغان ئاسالىق ئۇسۇلىدۇ.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر مىللتىمىزنىڭ ئۇسسۇلىدىن بىر پەدە ئويناشقا تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق دەرىسنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.     
دوسكا لاھىيەسى        دەرىس تىمىسى 7- دەرس شانلىق ئەدەبىيات- سەنئەت
شېئىر---- ھېكايە--- رېۋايەت ----- تىياتىر----- ناخشا-----
ئۇسسۇل-----لار
تاپشۇرۇق        تېلىۋوردىن ئۆزىڭلار ياقتۇرغان بىر مىللەتنىڭ ئۇسۇل ھەركىتىدىن بىر قانچىنى ئورۇنداپ كىلىڭ
دەرسىتىن كىيىنكى ئويلىنىش       
تەستىق پىكىرى        

سائەتلىك ئوقۇتۇش پىلانى                2- ھەپتە
دەرس تىمىسى        7- دەرس شانلىق ئەدەبىيەت- سەنئەت
ئوقۇتۇش نىشانى        بىلىم، ھىسيات، پۇزۇتسىيە، قىممەت قاراش نوقتىلىرى        ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ شانلىق ئەدەبىيات- سەنئەتلىرى بىلەن يۈزەكى بولسىمۇ بىر قۇر تۇنۇشۇپ چىقىش ھەمدە ئۆز مىللىتىنىڭ ئەدەبىيات سەنئەت جەۋھەرلىرىنى بىلىش، چۈشۈنۈش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرگە مىللىي مەدەنىيەتنى جانلاندۇرش، شۇنداقلا باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ مىللىي ئەدەبىيات سەنئەتلىرىنى ھۆرمەت قىلىش ئېڭىنى يىتىلدۈرۈش، ئۆزئارا ئىتتىپاقلىقىنى، چۈشۈنۈشنى يىتىلدۈرۈش.
مۇھىم نوقتا        باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ مىللىي ئەدەبىيات سەنئەتلىرىنى ھۆرمەت قىلىش ئېڭىنى يىتىلدۈرۈش، ئۆزئارا ئىتتىپاقلىقىنى، چۈشۈنۈشنى يىتىلدۈرۈش.
قىيىن نوقتا        ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ شانلىق ئەدەبىيات- سەنئەتلىرى بىلەن يۈزەكى بولسىمۇ بىر قۇر تۇنۇشۇپ چىقىش
قىيىن نوقتىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى        ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدىنىشكە، مۇلاھىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۈگۈنۈش شەكلى        مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ناخشا- مۇزىكا تەييارلاش، بەزى مىللەتلەرنىڭ ئۇسۇل ھەركىتىنى دوراشقا ئۇيۇشتۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنى تەپەككۇر قىلىش، مۇلاھىزىگە يىتەكلەش
ئوقۇتۇش ۋاستىسى        مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان نا كەشتە بۇيۇمى، جانان چىنە- قاچىلىرى، ۋە باشقا تۈرلۈك قول- ھۈنەر بۇيۇملىرى ، بارماق دىسكا، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش كومپىيوتىرى،
ئوقۇتۇش جەريانى
ساۋاقداشلار بىز نىڭ دۆلىتىمىز 5000 يىللىق شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە قەدەمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت. ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات ئېقىنىدا ھەرمىللەت قېرىنداشلار ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ئارقىلىق كۆپلىگەن مۇنەۋەر ئەدەبىي ئەسەر ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجات قىلىپ، مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە بېيىتتى. ئەدەبىيەت سەنئەتنىڭ دائىىرىسى ناھايتى كەڭ بولۇپ، ئەپسانە، رىۋايەت، شىئېر، ھېكايە، دارامما، مۇزىكا، ئۇسۇل، ھۈنەر- سەنئەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ كاتتوگورىيەگە كىرىدۇ.
ساۋاقداشلار سىلەر جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مول رەڭگارەڭ ئەدەبىيات- سەنئىتىنى قانچىلىك چۈشۈنىسىلەر؟ بىز بىرلىكتە ئالدىنقى سائەتتە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات- سەنئىتىدىن شېئىر، ھېكايە، رىۋايەت، تىياتىر، ناخشا- ئۇسسۇل قاتارلىقلار بىلەن بىر قۇر تۇنۇشۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەر ئەدەبىيات سەنئىتىنىڭ سىھرىىي كۈچىنى ھىس قىلغان ئىدۇق. بىز بۇ سائەتتە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ھۈنەر سەنئىتى بىلەن بىرلىكتە تۇنۇشۇپ، بىرلىكتە ، ۋەتىنىمىزنىڭ شانلىق مەدەنىيىتى ۋە ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ئەقىل- پاراسىتىدىن پەخىرلىنەيلى.
بۇ دەرسىمىز 3 سائەتكە پىلانلانغان.
1- سائەتتە: مىللەتلەر گۈلزارى»، «ئوقۇش- ئويلىنىش» مەزمۇنىنى بىر قۇر ئوقۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات- سەنئىتى (شېئىر، ھېكايە، رېۋايەت، تىياتىرۋە ناخشا- ئۇسۇللىرى) بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز.
2- سائەتتە: «ئوقۇش- ئويلىنىش» مەزمۇنىنى بىر قۇر ئوقۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات- سەنئىتى (ھۈنەر سەنئەت) بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز.  ئويلاپ بېقىڭلار، تۇتاشتۇرۇپ بېقىڭلار، ياساپ بېقىڭلار تىمىسىكى مەزمۇنلار ئاساسىدا دەرس مەزمۇنىنى مۇستەھكەملەيمىز.
3- سائەتتە: ئېيتىپ بېقىڭلار، ئويناپ  بېقىڭلار، ھېكايە ئېيتىڭلار سەھىپىسى بۇيىچە ئەمىللىي مەشغۇلات ئارقىلىق بولۇپمۇ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۇسۇلىنى ئويناش ئارقىلىق دەرس مەزمۇنىنى تېخىمۇ ئەمىلياتچانلىققا ئىگە قىلىمىز.
2-        سائەت ھۈنەر- سەنئەت
خەنزۇلارنىڭ بىرۇنزا قۇراللىرى، ساپال- فرفۇر بۇيۇملىرى ۋە رەسىملىرى دۇنياغا مەشھۇر بولۇپ، تەسىرى ھازىرغا قەدەر ساقلانماقتا. گۈل چىكىش، كەشتە تىكىش، تۇقۇلمىلارنى تۇقۇش كۆپلىگەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر- سەنئىتىدۇر.( ئۇيغۇر مىللىتىمىزنى ئېلىپ ئېيتساق تۈرلۈك يوتقان-ياستۇق، داستىخان، ياپقۇچ كەشتىلىرى، گىلەم، ئەتلەس، دوپپا قاتارلىقلار، تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىن ساپال قاچا- قۇچا، يېڭسار پىچىقى، ئات ئىگىرى.....قاتارلىقلار بار)
ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كەشتە بۇيۇملىرىنىڭ يىگى ئادەتتە قارا رەڭدە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە رەڭلىك گۈل غۇنچىلار كەشتىلىنىدۇ. بۇنداق كەشتە بۇيۇملىرى كىشىگە كۆركەم ۋە ئارەم بەخىش تۇيغۇ بېرىدۇ. جەنۇپتىكى ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلار چەككەن گۈل ۋە تىككەن كەشتىلەرنىڭ گۈل ۋە نەقىشلىرى تېخىمۇ ئۆزگىچە، رەڭلىرى ئىنتايىن ماسلاشقان.
موم بىلەن گۈل بېسىش- جەنۇپتىكى كۆپلىگەن ئازسانلىق مىللەتلەر ئىگىلىگەن قەدىمكى ئەلئارا گۈل بېسىش سەنئىتى، ئۇ ئىنتايىن كۈچلۈك بىزەكچىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاچقا كىشلەر ئۇنى بەكلا ياقتۇرىدۇ. جەنۇپتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر توقۇغان يۈدۈمە سىۋەت جۇڭگۇ ۋە چەتئەتللەرگە داڭلىق. بامبۇك، شۇڭ (پىلەك) دىن تۇقۇلغان قالپاق، بورا، تۆشەك، يەلپۈگۈچ، ساندۇق، سىۋەت قاتارلىقلار ھەم ئەرزان ھەم ئىشلىتىشكە قۇلايلىق، نەپىس ھەم كۆركەم. بۇ تۇقۇلما بۇيۇملارنىڭ ئۈستىدە ئۇچار قۇشلار، جانجانىۋارلار، گۈل- غۇنچىلار، بېلىق، قۇرت- قوڭغۇز لار تەسۋىرلەنگەن گۈل- نەقىشلەر بار، ئۇلار ھەم ئەمەلىيەتتە ئىشلەتكىلى ولىدىغان تۇرمۇش بۇيۇمى ھەم كۆركەم سەنئەت بۇيۇمى. ئىلىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئىجات قىلغان شانلىق ئەدەبىيات سەنئەت كىشىلەرنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشىنى بېيىتى ھەمدە چەتئەللەردە داڭ چىقىرىپ، دۇنيا خەلقىنىڭ ياقتۇرۇشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ساۋاقداشلار بىز ئالدىنقى سائەت ۋە بۇ سائەتلىك دەرسىمىزدە ئىگەللىگەن مەزمۇنلارنى ئەسلەپ تۈۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىپ باقايلى.
        خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەشھۇر شېئىرى ئەسەرلىرى بىلەن رىۋايەتلىرى قايسىلار؟
        خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانداق تىياتىر تۈرلىرى بار؟
        خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانداق ناخشا- ئۇسۇللىرى بار؟
        خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانداق ئەنئەنىۋى ھۈنەر سەنئىتى بار؟
        يۇقىردا ئىلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىجات قىلغان شانلىق ئەدەبىيات- سەنئەتتىن خەۋەردار بولدۇڭلار. بۇنىڭدىن قانداق تەسىراتقا ئىگە بولدۇڭلار؟
دېگەن سۇئاللار ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلارغا دەرس مەزمۇنىنى ئەسلىتىش ئارقىلىق دەرس مەزمۇننى مۇستەھكەملەپ، ئىگەللىتىمەن.ئۇنىڭدىن كېيىن تۇتاشتۇرۇپ بېقىش سەھىپىسىدىكى مەشىقنى ئىشلەشكە ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق دەرس مەزمۇنىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگەللەش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىمەن.  
جۇدالىق زارى----------خەنزۇ                 جاڭغىر----مۇڭغۇل
گېسار ------------مۇڭغۇل                  جىڭجۈي تىياتىرى-----خەنزۇ
گادامېرىن------   مۇڭغۇل                        پادىچى ناخشىلىرى---قازاق
دۇنيانىڭ يارتىلىشى----ناشى                       شىياڭلى ناخشىسى----ياۋزۇ
ئاسىما--------يىزۇ                           توز ئۇسسۇلى------دەيزۇ
ماناس------قىرغىز                             بامبۇك بادرا ئۇسسۇلى---لىزۇ
يىشەندىكى مېيخۇا گۈلى----بەيزۇ                ياغاچ دۇمباق ئۇسسۇلى----ۋازۇ
قۇش پېيىدا تۇقۇلغان كىيىم ----جۇاڭزۇ          ئۇزۇن دۇمباق ئۇسسۇلى----چاۋشىيەنزۇ
رىيۆتەن----گاۋشەن
    ساۋاقداشلار ئەمدى بىز ئۆزمىللىتىمىزنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ باقايلى. دەپ قىز ئوقۇغۇچىلارنى كەشتە، ەۈل ئويمىچىلىقىغا، ئوغۇللارنى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساسشقا ئۇيۇشتۇرىمەن ھەم چالا قالغىنىنى كىلەر سائەتكىچە بولغان بىر ھەپتە ئىچىدە تۈگۈتۈپ بولۇشنى تاپشۇرۇق بېرىمەن
دوسكا لاھىيەسى        دەرىس تىمىسى 7- دەرس شانلىق ئەدەبىيات- سەنئەت
ھۈنەر- سەنئەت                     مۇھتەھكەملەش سۇئاللىرى
تۇتاشتۇرۇش مەزمۇنى
تاپشۇرۇق        قىزلار بىردىن قول ياغلىق كەشتىلەپ بېقىڭلار، كەشتىلەشنى ئۈگۈنەلمىگەنلەر قەغەز ئوما ياساپ كەلسەڭلارمۇ بولىدۇ.
ئوغۇللار ئۆزۇڭلار ياقتۇرغان بىرەر تۇرمۇش  بۇيىمى ياسىساڭلارمۇ، نەقىش ئيمىچىلىقى قىلساڭلارمۇ بولىدۇ. ياساپ كېلىڭلار.
       
سائەتلىك ئوقۇتۇش پىلانى                3- ھەپتە
دەرس تىمىسى        7- دەرس شانلىق ئەدەبىيەت- سەنئەت
ئوقۇتۇش نىشانى        بىلىم، ھىسيات، پۇزۇتسىيە، قىممەت قاراش نوقتىلىرى        ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ شانلىق ئەدەبىيات- سەنئەتلىرى بىلەن يۈزەكى بولسىمۇ بىر قۇر تۇنۇشۇپ چىقىش ھەمدە ئۆز مىللىتىنىڭ ئەدەبىيات سەنئەت جەۋھەرلىرىنى بىلىش، چۈشۈنۈش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرگە مىللىي مەدەنىيەتنى جانلاندۇرش، شۇنداقلا باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ مىللىي ئەدەبىيات سەنئەتلىرىنى ھۆرمەت قىلىش ئېڭىنى يىتىلدۈرۈش، ئۆزئارا ئىتتىپاقلىقىنى، چۈشۈنۈشنى يىتىلدۈرۈش.
مۇھىم نوقتا        باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ مىللىي ئەدەبىيات سەنئەتلىرىنى ھۆرمەت قىلىش ئېڭىنى يىتىلدۈرۈش، ئۆزئارا ئىتتىپاقلىقىنى، چۈشۈنۈشنى يىتىلدۈرۈش.
قىيىن نوقتا        ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ شانلىق ئەدەبىيات- سەنئەتلىرى بىلەن يۈزەكى بولسىمۇ بىر قۇر تۇنۇشۇپ چىقىش
قىيىن نوقتىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى        ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدىنىشكە، مۇلاھىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۈگۈنۈش شەكلى        مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ناخشا- مۇزىكا تەييارلاش، بەزى مىللەتلەرنىڭ ئۇسۇل ھەركىتىنى دوراشقا ئۇيۇشتۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنى تەپەككۇر قىلىش، مۇلاھىزىگە يىتەكلەش
ئوقۇتۇش ۋاستىسى        مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان نا كەشتە بۇيۇمى، جانان چىنە- قاچىلىرى، ۋە باشقا تۈرلۈك قول- ھۈنەر بۇيۇملىرى ، بارماق دىسكا، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش كومپىيوتىرى،
ئوقۇتۇش جەريانى
ساۋاقداشلار بىز نىڭ دۆلىتىمىز 5000 يىللىق شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە قەدەمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت. ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات ئېقىنىدا ھەرمىللەت قېرىنداشلار ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ئارقىلىق كۆپلىگەن مۇنەۋەر ئەدەبىي ئەسەر ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجات قىلىپ، مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە بېيىتتى. ئەدەبىيەت سەنئەتنىڭ دائىىرىسى ناھايتى كەڭ بولۇپ، ئەپسانە، رىۋايەت، شىئېر، ھېكايە، دارامما، مۇزىكا، ئۇسۇل، ھۈنەر- سەنئەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ كاتتوگورىيەگە كىرىدۇ.
ساۋاقداشلار سىلەر جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مول رەڭگارەڭ ئەدەبىيات- سەنئىتىنى قانچىلىك چۈشۈنىسىلەر؟ بىز بىرلىكتە ئالدىنقى سائەتتە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات- سەنئىتىدىن شېئىر، ھېكايە، رىۋايەت، تىياتىر، ناخشا- ئۇسسۇل،ھۈنەر- سەنئىتى  قاتارلىقلار بىلەن نەزىريە جەھتتىن بىر قۇر تۇنۇشۇپ ھەر قايسى مىللەتلەر ئەدەبىيات سەنئىتىنىڭ سىھرىىي كۈچىنى ھىس قىلغان ئىدۇق. بىز بۇ سائەتتە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئۇسۇللىرىنى ئويناپ، ھېكايىسىنى ئېيتىش، ئۈگۈنۈش بىلەن بىرلىكتە ، ۋەتىنىمىزنىڭ شانلىق مەدەنىيىتى ۋە ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ئەقىل- پاراسىتىدىن پەخىرلىنەيلى، ھۇزۇرلىنايلى.
بۇ دەرسىمىز 3 سائەتكە پىلانلانغان.
1- سائەتتە: مىللەتلەر گۈلزارى»، «ئوقۇش- ئويلىنىش» مەزمۇنىنى بىر قۇر ئوقۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات- سەنئىتى (شېئىر، ھېكايە، رېۋايەت، تىياتىرۋە ناخشا- ئۇسۇللىرى) بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز.
2- سائەتتە: «ئوقۇش- ئويلىنىش» مەزمۇنىنى بىر قۇر ئوقۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات- سەنئىتى (ھۈنەر سەنئەت) بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز.  ئويلاپ بېقىڭلار، تۇتاشتۇرۇپ بېقىڭلار، ياساپ بېقىڭلار تىمىسىكى مەزمۇنلار ئاساسىدا دەرس مەزمۇنىنى مۇستەھكەملەيمىز.
3- سائەتتە: ئېيتىپ بېقىڭلار، ئويناپ  بېقىڭلار، ھېكايە ئېيتىڭلار سەھىپىسى بۇيىچە ئەمىللىي مەشغۇلات ئارقىلىق بولۇپمۇ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۇسۇلىنى ئويناش ئارقىلىق دەرس مەزمۇنىنى تېخىمۇ ئەمىلياتچانلىققا ئىگە قىلىمىز.
3.سائەت ئېيتىپ بېقىڭلار
بىز بۇ سائەتتە يانفۇنلاردىكى قوڭغىراق ناخشىسى قۇتلۇق ئۈچ گۈھەرنى ئاڭلاپ ھۇزۇرلىنىشقا ئۇيۇشتۇرىمەن.
ئۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلىرى بىلىدىغان نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىنى سۆزلەشكە ئۇيۇشتۇرىمەن ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغا باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن ھېكايە سۆزلەپ بېرىمەن.
ئۇنىڭدىن ككېيىن تەييارلىۋالغان مۇزىكا پىلاستىكىسىنى قۇيۇپ، ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، تاجىك، تاتار قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۇسۇل ھەركەتلەرنى ئويناشقا تەشكىللەيمەن، ئەگەر ئۇقۇغۇچىلار دوراپ ئوينىيالمىسا ئۆزۈم يىتەكچىلىك قىلىپ ئۈگۈتۈپ قۇيۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات سەنئەتلىرىدىن ھۇزۇرلاندۇرىمەن.
ئاخىزدا مەشرەپ ئۇيۇشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر سەنەملىرى مەسىلەن قەشقەر سەنىمى، خۇتەن سەنىمى، قۇمۇل سەنىمى، كۇچا سەنىمى قاتارلىق سەنەملەرنىڭ ئاساسلىق ھەركەتلىرىنى ئوينىتىپ بېقىش، ئوينىيالمىسا كۆرسىتىپ قۇيۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز مللتىمىزنىڭ ئەدەبىيات سەنئىتىگە ۋارسلىق قىلىش ئىدىيسىنى شەكىللەندۈرىمەن.
دوسكا لاھىيەسى        دەرىس تىمىسى 7- دەرس شانلىق ئەدەبىيات- سەنئەت
ئېيتىپ بېقىڭلار         ئويناپ  بېقىڭلار                ھېكايە ئېيتىڭلار سەھىپىسى
تاپشۇرۇق        قىزلار بىردىن قول ياغلىق كەشتىلەپ بېقىڭلار، كەشتىلەشنى ئۈگۈنەلمىگەنلەر قەغەز ئوما ياساپ كەلسەڭلارمۇ بولىدۇ.
ئوغۇللار ئۆزۇڭلار ياقتۇرغان بىرەر تۇرمۇش  بۇيىمى ياسىساڭلارمۇ، نەقىش ئيمىچىلىقى قىلساڭلارمۇ بولىدۇ. ياساپ كېلىڭلار.
       






سائەتلىك ئوقۇتۇش پىلانى                4- ھەپتە
دەرس تىمىسى        8- دەرس ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى تەنھەركەت
ئوقۇتۇش نىشانى        بىلىم، ھىسيات، پۇزۇتسىيە، قىممەت قاراش نوقتىلىرى        ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەركەتلىرى بىلەن يۈزەكى بولسىمۇ بىر قۇر تۇنۇشۇپ چىقىش ھەمدە ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەركەت تۈرلىرىنى بىلىش، چۈشۈنۈش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرگەئەنئەنىۋى تەنھەركەتلەرگە ۋارسلىق قىلىش، باشقا مىللەتلەرنىڭ تەنھەركەت تۈرلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ۋارسلىق قىلىش بىلەن بىرگە ساغلام ئۆسۈپ يىتلىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈد توغرىسىدا تەربىيەگە ئىگە قىلىش.
مۇھىم نوقتا        باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىە تۈرلىرىنى چۈشۈنۈش ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرى بىلەن تۇنۇشۇش.
قىيىن نوقتا        ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلۈرىنىڭ ئالاھىدىكىنى يۈزەكى بولسىمۇ چۈشۈنۈۋېلىش.
قىيىن نوقتىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى        ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدىنىشكە، مۇلاھىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۈگۈنۈش شەكلى        ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار غا يىتەكچىلىك قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى ئەمىلىي مەشىققە، مۇلاھىزە قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.
ئوقۇتۇش ۋاستىسى        مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەرنھەركەت مۇسابىقە پائەلىيەتلىرىدىن كۈرۈنۈش ئېلىنغان پىلاستىنكا ، بارماق دىسكا، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش كومپىيوتىرى
ئوقۇتۇش جەريانى
ساۋاقداشلار  تەنھەركەت كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان قىسمى، ھەر مىللەت خەلقى ئۇنى بەكلا ياخشى كۈرىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەركەت تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇزاق زامانلاردىن بىرى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلدى. بۇ تەنھەركەت تۈرلىرىنڭ بەزىلىرىدە جەنۇبى رايۇنلاردىكى سۇ يۇرتلىرىدا ياشايدىغان خەلقنىڭ چىۋەرلىكى ئەكىس ئەتسە بەزىلىرىدە شىمالىي رايۇنلاردىكە يايلاق خەلقىنىڭ مەردانىلىكى گەۋدىلىنىدۇ. يەنە بەزىلىرىدە تەسرلىك رىۋايەتلەر بايان قىلىنىدۇ. بۇ تەنھەركەت تۈرلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھېيت- بايراملىرى ۋە ناخشا- ئۇسسۇل قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بىلەن بىرگەۋدىلىشىپ، رەڭدار، جەلىپكار مىللەتلەر كۆرەك سەھنىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
ساۋاقداشلار سىلەر بىزنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەركەت تۈرلىرىمىزدىن قايسىلارنى بىلىسىلەر؟
بىز بۇ دەرسىمىزدە ئەنە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى- تەنھەركەت تۈرلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز.
بۇ دەرسىمىز 2 سائەتكە پىلانلانغان.
1-        سائەتتە: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆپ خىل ۋە مول مەزمۇنلۇق تەنھەركەت تۈرلىرىدىن چېلىشى ۋە بەيگە   بىلەن تۇنۇشىمىز.
2-         سائەتتە گۈللۈك توپ ئېتىش ۋە باشقا تەنھەركەت تۈرلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز.
1-        سائەت
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆپ خىل، مول مەزمۇنلۇق ئەنئەنىۋى تەنھەركەتلىرى
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەركەت پائالىيەتلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، مەزمۇنى مول بولۇپ، ئۇنىڭ چېلىشىش، بەيگە، ئەجدىھا قولۋاق ھەيدەش، گۈللۈك توپ ئېتىش قاتارلىق نۇرغۇن تۈرى بار. بىز ئۇلارنى بىرلىكتە چۈشۈنۈپ باقايلى.
چېلىشىش- مۇڭغۇل، مانجۇ، يىزۇ، دۇڭزۇ، خانى، قازاق قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ياخشى كۈرۈدىغان تەنھەركەت تۈرى. مۇڭغۇل قېرىنداشلار ھەريىلى نادام بايرىمىدا بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، ئات ئۇلاغلىرىغا مىنىپ، يايلاققا جەم بولۇپ، كەڭ كۈلەملىك چېلىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ. يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ شىلىن يىزۇ ئاپتۇنۇم ناھىيسىنىڭ «چېلىشچىلار ماكانى» دېگەن چىرايلىق نامى بار. يىزۇ قېرىنداشلار ھەر يىلقى مەشئەل بايرىمى مەزگىلدە كەڭ كۈلەملىك چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ. بەزى جايلاردىكى ئامما ياشانغانلارنى يىتلەپ، تاغ داۋانلاردىن ئېشىپ مۇسابىقە كۆرگىلى بارىدۇ. مۇسابىقە مەيدانىنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن داغدۇغىلىق بولىدۇ.
ساۋاقداشلار چېلىشى بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭمۇ ئەنئەنىۋى   تەنھەركەت تۈرى شۇنداقلا چېلىشىشنىڭ يەنە نۇرغۇن تۇرلىرى بار، ياچۇنچە چېلىشىش، ئەركىن چېلىشىش دېگەندەك، چېلىشىش بىلەن بوكسى، چامباشچىلىق قاتارلىقلار يەنە ئوخشىمايدىغان تەنھەركەت تۈرى ئۇنداقتا بىز ئەمىللىي مەشىق ئارقىلىق بۇ ئىككى تۈرنىڭ پەرقىنى چۈشۈنۈپ باقايلى دەپ، ئوقۇغۇچىلارنى گۇرۇپپىلار بۇيىچە مۇسابىقە ئەمىلىي پائالىيىتىگە تەشكىللەش ئارقىلىق بۇ جەھەتتىكى پەرقنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە تۈۋەندىكى مەزمۇنلار ئاساسىدا دەرس مەزمۇنىنى خۇلاسىلەيمەن  
*چېلىشىش قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەركەت پائالىيىتى؟
*قايسى مىللەتلەر بەيگە پائالىيىتى ئۆتۈكۈزۈشنى ياخشى كۆرىدۇ؟
سىلەر قايسى خىلدىكى تەنھەركەت پائالىيەتلىرىنى ياخشى كۆرۈسىلەر؟   
دوسكا لاھىيەسى        دەرىس تىمىسى 8- دەرس ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆپ خىل ۋە مول مەزمۇنلۇق ئەنئەنىۋى تەنھەركەتلىرى
چېلىشىش         بەيگە (ئات بەيگىسى)
تاپشۇرۇق        مىللىتىمىزنىڭ يەنە قانداق ئەنئەنىۋى تەنھەركەت تۈرلىرى بار ئىكەن؟ ماتىريال توپلاپ كىلىڭلار
دەرسىتىن كىيىنكى ئويلىنىش       
تەستىق پىكىرى        

سائەتلىك ئوقۇتۇش پىلانى                5- ھەپتە
دەرس تىمىسى        8- دەرس ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى تەنھەركەت
ئوقۇتۇش نىشانى        بىلىم، ھىسيات، پۇزۇتسىيە، قىممەت قاراش نوقتىلىرى        ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەركەتلىرى بىلەن يۈزەكى بولسىمۇ بىر قۇر تۇنۇشۇپ چىقىش ھەمدە ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەركەت تۈرلىرىنى بىلىش، چۈشۈنۈش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرگەئەنئەنىۋى تەنھەركەتلەرگە ۋارسلىق قىلىش، باشقا مىللەتلەرنىڭ تەنھەركەت تۈرلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ۋارسلىق قىلىش بىلەن بىرگە ساغلام ئۆسۈپ يىتلىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈد توغرىسىدا تەربىيەگە ئىگە قىلىش.
مۇھىم نوقتا        باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىە تۈرلىرىنى چۈشۈنۈش ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرى بىلەن تۇنۇشۇش.
قىيىن نوقتا        ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلۈرىنىڭ ئالاھىدىكىنى يۈزەكى بولسىمۇ چۈشۈنۈۋېلىش.
قىيىن نوقتىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى        ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدىنىشكە، مۇلاھىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۈگۈنۈش شەكلى        ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار غا يىتەكچىلىك قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى ئەمىلىي مەشىققە، مۇلاھىزە قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.
ئوقۇتۇش ۋاستىسى        مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەرنھەركەت مۇسابىقە پائەلىيەتلىرىدىن كۈرۈنۈش ئېلىنغان پىلاستىنكا ، بارماق دىسكا، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش كومپىيوتىرى
ئوقۇتۇش جەريانى
ساۋاقداشلار  تەنھەركەت كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان قىسمى، ھەر مىللەت خەلقى ئۇنى بەكلا ياخشى كۈرىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەركەت تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇزاق زامانلاردىن بىرى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلدى. بۇ تەنھەركەت تۈرلىرىنڭ بەزىلىرىدە جەنۇبى رايۇنلاردىكى سۇ يۇرتلىرىدا ياشايدىغان خەلقنىڭ چىۋەرلىكى ئەكىس ئەتسە بەزىلىرىدە شىمالىي رايۇنلاردىكە يايلاق خەلقىنىڭ مەردانىلىكى گەۋدىلىنىدۇ. يەنە بەزىلىرىدە تەسرلىك رىۋايەتلەر بايان قىلىنىدۇ. بۇ تەنھەركەت تۈرلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھېيت- بايراملىرى ۋە ناخشا- ئۇسسۇل قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بىلەن بىرگەۋدىلىشىپ، رەڭدار، جەلىپكار مىللەتلەر كۆرەك سەھنىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
ساۋاقداشلار سىلەر بىزنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەركەت تۈرلىرىمىزدىن قايسىلارنى بىلىسىلەر؟
بىز ئالدىنقى سائەتلىك دەرسىمىزدە مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەركەت تۈرلىرىدىن چېلىشىش، بەيگە قاتارلىقلار بىلەن تۇنۇشۇپ ئۆتكەنئىدۇق. بىز بۇ سائەتتە مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى- تەنھەركەت تۈرلىرىدىن گۈللۈك توپ ئېتىش ۋە باشقا تەنھەركەت تۈرلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ باقايلى.
گۈللۈك توپ ئېتىش
ھاۋا ئىللىپ، گۈل- گىياھلار ئېچىلغان باھار ياكى مول- ھۇسۇل ئېلىنغان كۈز پەسلىدە جۇاڭزۇ قېرىنداشلار گۈللۈك توپ ئېتىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزىدۇ. گۈللۈك توپ ئېتىش جۇاڭزۇ قىز- يىگىتلىرىنىڭ ھىس- تۇيغۇسىنى ئۆز- ئارا ئىپادىلەيدىغان بىر خىل ئۇسسۇلى. ياشلار چىملىق ياكى بوش يەرلەرگە 10 مېتىر ئىگىزلىكتە خادا تىكلەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر تاختاينى مىخلاپ، تاختاينىڭ ئوتتۇرىسىدن تۆشۈك ئېچىپ قۇيىدۇ. قىز- يىگىتلەر ئايرىم- ئايرىم گۇرۇپپا بولۇپ، گۈللۈك توپ ئاتىدۇ، گۈللۈك توپنى تاختايدىكى تۈشۈكتىن ئۆتكۈزەلىگەنلەر ئۇتقان بولىدۇ. بەزى مەيدانلارغا ناخشا ئېيتىش لاپىسى تىكىلىدۇ. گۈللۈك توپنى قاملاشتۇرۇپ ئاتالمىغان ياكى بەلگىلەنگەن دائىردىن چىقىرۋەتكەن ياكى قارشى تەرەپنىڭ توپىنى تۇتالمىغانلار جازا ئورنىدا ناخشا ئېيتىپ بىرىدۇ. بۇ  مۇسابىقە ئىنتايىن قىزىقارلىق بولىدۇ.
باشقا تەنھەركەت پائالىيەتلىرى :
خۇيزۇ، مانجۇ، مىياۋزۇ، دەيزۇ، تۇجىيا، شىزۇ قاتارلىق مىللەتلەر ئىچىدە چامباشچىلىق ھەركىتى خېلى ئومۇملاشقان ئۇلارنىڭ بۇ ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرىدۇ ۋە ئۆزىنى قوغدايدۇ. مۇڭغۇلزاڭزۇ، داغۇر، ئورونچۈن، سالار، لىزۇ،قاتارلىق مىللەتلەر ئوقيا ئېتىشنى تۇلىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. ئەل ئىچىدە «بەيگە ئوقيا ئېتىش مۇسابىقىسىنىڭ كەيپىياتى بايرامنىمۇ بېسىپ چۈشىدۇ» دەيدىغان قاراش بار، چاۋشىيەنزۇ، ياۋزۇ، ناشى، ئاچاڭزۇ قاتارلىق مىللەتلەر بايرام ياكى دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال مەزگىلىدە ئىلەڭگۈچ ئۇچۇشنى، ياۋزۇ، لاخۇ قاتارلىق مىللەتلەر نۇر(پىقىرغۇچ) ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ.
خۇيزۇلارنىڭ ياغاچ توپ، ئۇيغۇرلارنىڭ داۋازلىق، مانجۇلارنىڭ مەرۋايىت توپ، لىزۇلارنىڭ بامبۇك بادرىدىن سەكرەش، ئۇيۇنى، زاڭزۇلارنىڭ قۇتاز بەيگىسى، تۇجىيالارنىڭ تەپكۈچ تېپىش، چاۋشىيەنزۇ ئاياللىرىنىڭ تەپكە تاختا قاتارلىق تەنھەركەت پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى قۇيۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەركەت تۈرلىرى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالدى.
ساۋاقداشلار بىز ئەمدى دەرس مەزمۇنىنى تۈۋەندىكى سۇئاللار ئاساسىدا مۇلاھىزىگە ئۇيۇشتۇرىمەن.
*قايسى مىللەتلەر چامباشچىلىق ھەركىتىنى ياخشى كۆرىدۇ؟
*سىلەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتنىڭ تەنھەركەت پائالىيىتىنى ياخشى كۆرۈسىز؟نىمە ئۈچۈن؟
دىمەك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەركەت پائالىيەتلىرى ۋەتەن ئانىمىزنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى، دۆلىتىمىز كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەركەت پائالىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. بىزنىڭ يېزىمىزدىمۇ 2013- يىلى 12- ئايدا تۇنجى قېتىملىق تەنھەركەت يىغىنى ئۆتكۈزى، بۇ جەرياندا ئەنئەنىۋى تەنھەركەت تۈرلىرىدىن نۇرغۇن تۈرلەدە مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇلدى.
ساۋاقداشلار بىز ئەمدى يۇقارقى تۈرلەردىن تەپكۈچ تېپىش، بامبۇك بادرىدىن سەكرەش ئۇيۇنى قاتارلىق ئۇيۇنلارنى ئويناپ باقايلى دەپ ئەمىللىي مەشىققە تەشكىللەش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسىق قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىگە بولغان تۇنۇشىنى يۇقىرى كۈتۈرىمەن.  
بۇ دەرسىمىز 2 سائەتكە پىلانلانغان.
1-سائەتتە: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆپ خىل ۋە مول مەزمۇنلۇق تەنھەركەت تۈرلىرىدىن چېلىشى ۋە بەيگە   بىلەن تۇنۇشىمىز.
2- سائەتتە گۈللۈك توپ ئېتىش ۋە باشقا تەنھەركەت تۈرلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز.
2-        سائەت
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆپ خىل، مول مەزمۇنلۇق ئەنئەنىۋى تەنھەركەتلىرى
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەركەت پائالىيەتلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، مەزمۇنى مول بولۇپ، ئۇنىڭ چېلىشىش، بەيگە، ئەجدىھا قولۋاق ھەيدەش، گۈللۈك توپ ئېتىش قاتارلىق نۇرغۇن تۈرى بار. بىز ئۇلارنى بىرلىكتە چۈشۈنۈپ باقايلى.
چېلىشىش- مۇڭغۇل، مانجۇ، يىزۇ، دۇڭزۇ، خانى، قازاق قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ياخشى كۈرۈدىغان تەنھەركەت تۈرى. مۇڭغۇل قېرىنداشلار ھەريىلى نادام بايرىمىدا بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، ئات ئۇلاغلىرىغا مىنىپ، يايلاققا جەم بولۇپ، كەڭ كۈلەملىك چېلىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ. يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ شىلىن يىزۇ ئاپتۇنۇم ناھىيسىنىڭ «چېلىشچىلار ماكانى» دېگەن چىرايلىق نامى بار. يىزۇ قېرىنداشلار ھەر يىلقى مەشئەل بايرىمى مەزگىلدە كەڭ كۈلەملىك چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ. بەزى جايلاردىكى ئامما ياشانغانلارنى يىتلەپ، تاغ داۋانلاردىن ئېشىپ مۇسابىقە كۆرگىلى بارىدۇ. مۇسابىقە مەيدانىنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن داغدۇغىلىق بولىدۇ.
ساۋاقداشلار چېلىشى بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭمۇ ئەنئەنىۋى   تەنھەركەت تۈرى شۇنداقلا چېلىشىشنىڭ يەنە نۇرغۇن تۇرلىرى بار، ياچۇنچە چېلىشىش، ئەركىن چېلىشىش دېگەندەك، چېلىشىش بىلەن بوكسى، چامباشچىلىق قاتارلىقلار يەنە ئوخشىمايدىغان تەنھەركەت تۈرى ئۇنداقتا بىز ئەمىللىي مەشىق ئارقىلىق بۇ ئىككى تۈرنىڭ پەرقىنى چۈشۈنۈپ باقايلى دەپ، ئوقۇغۇچىلارنى گۇرۇپپىلار بۇيىچە مۇسابىقە ئەمىلىي پائالىيىتىگە تەشكىللەش ئارقىلىق بۇ جەھەتتىكى پەرقنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە تۈۋەندىكى مەزمۇنلار ئاساسىدا دەرس مەزمۇنىنى خۇلاسىلەيمەن  
*چېلىشىش قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەركەت پائالىيىتى؟
*قايسى مىللەتلەر بەيگە پائالىيىتى ئۆتۈكۈزۈشنى ياخشى كۆرىدۇ؟
سىلەر قايسى خىلدىكى تەنھەركەت پائالىيەتلىرىنى ياخشى كۆرۈسىلەر؟   
دوسكا لاھىيەسى        دەرىس تىمىسى 8- دەرس ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆپ خىل ۋە مول مەزمۇنلۇق ئەنئەنىۋى تەنھەركەتلىرى
چېلىشىش         بەيگە (ئات بەيگىسى)
تاپشۇرۇق        مىللىتىمىزنىڭ يەنە قانداق ئەنئەنىۋى تەنھەركەت تۈرلىرى بار ئىكەن؟ ماتىريال توپلاپ كىلىڭلار
دەرسىتىن كىيىنكى ئويلىنىش       
تەستىق پىكىرى        











سائەتلىك ئوقۇتۇش پىلانى                6- ھەپتە
دەرس تىمىسى        9- دەرس مول مەزمۇنلۇق مىللىي بايراملار
ئوقۇتۇش نىشانى        بىلىم، ھىسيات، پۇزۇتسىيە، قىممەت قاراش نوقتىلىرى        ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرى بىلەن يۈزەكى بولسىمۇ بىر قۇر تۇنۇشۇپ چىقىش ھەمدە ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئىەنىۋى بايراملىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلىش، چۈشۈنۈش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرگە ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆز ئارا بىر- بىرىنىڭ مىللىي ئەنئەنىىسگە ھۆرمەت قىلىشتىن ئىبارەت نوقتىنەزەررنى چۈشۈنۈ، مىللەتلەر ئۆز ئارا چۈشۈنۈش، ھۆرمەت قىلىشنى ئۈگۈنۋېلىش.
مۇھىم نوقتا        باشقا مىللەتلەرنىڭ مىللىي بايراملىرىنى چۈشۈنۈش، ئۆزئارا ئىتتىپاقلىقىنى، چۈشۈنۈشنى يىتىلدۈرۈش.
قىيىن نوقتا        ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مىللىي بايراملىرى بىلەن يۈزەكى بولسىمۇ بىر قۇر تۇنۇشۇپ چىقىش
قىيىن نوقتىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى        ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدىنىشكە، مۇلاھىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۈگۈنۈش شەكلى        ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىپ سۆزلەش، ئوقۇغۇچىلارنى تەپەككۇر قىلىش، مۇلاھىزىگە يىتەكلەش
ئوقۇتۇش ۋاستىسى        مىللەتلەرنىڭ مىللىي بايراملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان پىلاستىكىسى، بارماق دىسكا، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش كومپىيوتىرى
ئوقۇتۇش جەريانى
ساۋاقداشلار  خەنزۇلار ئىلىمىز بۇيىچە نۇپۇسى ئەڭ كۆپ مىللەت، ئۇلارنىڭ چاغان (باھار بايرىمى)، پانۇس بايرىمى (يۈەنشىياۋ بايرىمى)، چوكانتال بايرىمى، تاڭزۇڭزا بايرىمى، تاۋۇز چاغىنى (كۈزلۈك بايرام) ۋە چۇڭياڭ بايرىمى دېگەندەك نۇرغۇن ئەنئەنىۋى بايرىمى بار. ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭمۇ كۆپلىگەن ئۆزگىچە بايراملىرى، شۇبداقلا بايراملىرىنىىڭ كىلىپ چىقىشىغا ئائىت تەسىرلىك رىۋايەتلىرى بار.
ساۋاقداشلار تۈۋەندە بىز ھەرقايسى  ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارنىڭ يۇرتلىرىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن بۇ بايراملارنى خۇشا- خۇرام ئۆتكۈزۈپ كىلەيلى.
بۇ دەرسىمىز 3 سائەتكە پىلانلانغان.
1- سائەتتە: مەشئەل بايرىمى، سۇ چېچىش بايرىمى،نادام بايرىمى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز، ھەمدە تولدۇرۇپ بېقىڭلار مەشىقىدىكى چوكانتال بايرىمى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز.
2- سائەتتە: رۇزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت، لوسا بايرىمى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز، شۇنداقلا بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ھېيتىمىزنى ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارغا رۇزا ھېيت ۋە قۇربان ھېتنىڭ ئالاھىدىكى، دىققەت قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدا تەربىيىگە ئىگە قىلىمەن.  
3- سائەتتە: تۇتاشتۇرۇڭلار، ياردەم قىلىڭلار، تەكشۈرۈپ بېقىڭلار مەشىقىدىكى مەزمۇنلارنى ئىگەللىتىمەن.
1-        سائەت
ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى بايراملار
* مەشئەل بايرىمى
مەشئەل بايرىمى يىزۇ، شۇنداقلا بەيزۇ، ۋازۇ، ناشى، پۇمى، لاخۇ، لىسۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەڭ داغدۇغىلىق بايرىمى بولۇپ، ئادەتتە قەمەرىيە كالىندارى بۇيىچە ھەر يىلى 6- ئاينىڭ 24- كۈنىنىڭ ئالدى- كەينىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بايرام مەزگىلىدە، ھەممە ئائىلە دەرۋازىسى ئالدىدا مەشئەل يېقىپ، كەنتىنى يۇپيۇرۇق قىلىۋېتىدۇ. مەشئەل، شاراپ، ىيمەكلىك كۆتۈرۋالغان ئەر- ئايال، قېرى- ياش مەيدانغا يىغىلىدۇ، قىز- يىگىتلەر ساز چېلىپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايدۇ، ياشانغانلاربىر يەرگە يىغىلىپ، ئېچىلىپ- يېيىلىپ مۇڭدىشىدۇ، مەشئەل بايرىمى مەزگىلىدە جايلاردا يەنە بەيگە، كالا سۇقۇشتۇرۇش، چېلىشىش، ئارغامچا تارتىشىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، بايرام كەيپىياتى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ.
ساۋاقداشلار ئەمدى بىز مەشئەل بايرىمىنىىڭ كىلىپ چىقىش تارىخىغا قاراپ باقايلى.
رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، ئاسمان تەڭرىسى ئىككى كۈچتۈڭگۈر پالۋاننى كىشىلەر ئارىسىغا مال- دۇنيا ۋە ئاشلىق يىغىپ كىلىشكە چۈشۈرۈپتۇ. بۇ ئىككى كۈچتۈڭگۈر پالۋان پۇل ۋە ئاشلىق تاپشۇرۇشنى خالىمىغانلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئۆرۈپ، قوي- كالىلىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋېتىدىكەن.
بۇ دىشۋارچىلىققا چىدىمىغان يىزۇ خەلقى ئەقىل- پاراسەت ۋە باتۇرلۇقتا كامالەتكە يەتكەن قەھرىمان ئاتىلابانى سەركەردىلىككە سايلاپتۇ، ئاتىلابا كۆپچىلىكىنى باشلەپ،ئىككى كۈچتۈڭگۈر پالۋان بىلەن ئېلىشىپتۇ. ئەقىللىق ئاتىلابا بىر كۈچتۈڭگۈر پالۋاننى ھارغۇزۇپ، ھالىدىن كەتكۈزۋېتىپتۇ دە، ئۇنى تاغدىن غۇلتىپ ئۆلتۈرۈپتۇ، بۇ ھالدىن قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەن يەنە بىر پالۋان تەڭرى ئوردىسىغا مەلۇم قىلغىلى كتىپتۇ.
دەرغەزەپكە كەلگەن ئاسمان تەڭرىسى كىشىلەر ئارىسىغا بىر قۇتا تاشلاپتۇ. ئەسلىدە بۇ قۇتىغا چىكەتكە قاچىلانغانىكەن. قۇتا ئېچىلىشى بىلەن سان- ساناقسىز چىكەتكىلەر ئۇچۇپ، چىقىپ، زىرائەتلەرگە ئېتىلىپتۇ. ئاتىلابا قارىغاي شېخى ۋە بامبۇكتىن مەشئەل ياساپتۇ، پۇقرالارمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش مەشئەل ياساپتۇ، ھەش- پەش دېگۈچە تاغلار، جىلغىلار ۋە تۈزلەڭلىكنى شىددەتلىك ئوت يالقۇنى قاپلاپتۇ، چىكەتكىلەر كۆيۈپ تۈگەپتۇ.
كىشىلەر ئاسمان تەڭرىسى ئۈستىدىن غالىپ كىلىپ، زىرائەتلەرنى ساقلاپ قاپتۇ ۋە مول- ھۇسۇل ئاپتۇ. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، شۇ كۈنى دەل قەمەرىيە كالىندارى بۇيىچە 6- ئاينىڭ 24- كۈنى ئىكەن، شۇنىڭدىن باشلاپ، يىزۇ خەلقى ھەر يىلى مۇش كۈن كەلگەندە مەشئەل يېقىپ غەلبىسىنى تەبرىكلەيدىغان بولۇپتۇ.
ساۋاقداشلار، بىز ئەمدى باشقا بىر بايرام سۇ چېچىش بايرىمى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى.
*سۇ چېچىش بايرىمى
سۇ چېچىش بايرىمى دەيزۇ، بۇلاڭزۇ، دېئاڭ، ئاچاڭزۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى، ھەر يىلى 4- ئاينىڭ ئوتىرلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتى ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە بولىدۇ. بايرام مەزگىلىدە، كىشىلەر بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، بىر- بىرىگە سۇ چېچىپ، ئۆز ئارا بەخىت تىلەيدۇ، يەنە ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزىلىدۇ. كەچتە چىراغ نۇرى ئەتراپىنى يۇرۇتىۋېتىدۇ، كىشىلەر گۈللۈك پانۇس كۈتۈرۈپ، پوجاڭزا ئېتىپ، خۇشال ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ، بايراملىق كەيپىياتنى ئەۋجىگە كۆتۈرىدۇ.
ساۋاقداشلار سىلەر ئىلگىرى دەيزيلارنىڭ سۇ چېچىش بايرىمىنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى رىۋايەتنى ئوقۇپ باققانمۇ؟ ئەگەر ئوقۇپ باققانلار بولساڭلار ماڭا سۆزلەپ بېرىڭلار دەپ ئوقۇغۇچىلارنى  ھېكاايە سۆزلەشكە ئۇيۇشتۇرىمەن. ئەگەر بىلىدىغانلار چىقماي قالسا، ئۆزۈم سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق سۇ چېچىش بايرىمىنىڭ تارىخى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى خەۋەردار قىلىمەن.
* نادام بايرىمى
«نادام»- مۇڭغۇل تىلىدا «كۆڭۈل ئچىش» ياكى«تاماشا قىلىش» دېگەن مەنى بىلدۈرۈدۇ. نادام بايرىمى مۇڭغۇللارنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان كاتتا بايرىمى. ھەر يىلى 7-، 8- ئايلاردا مال- چارۋىلار تازا سەمرىگەن مەزگىلدە، چارۋىچىلار بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، ماشىنىلارغا ئولتۇرۇپ، ئات- ئۇلاغلارغا مىنىپ، بايرام ئۆكۈزۈلىدىغان جفيغا بارىدۇ. بايرامدا بەيگە، چېلىشىش، ئوقيا ئېتىش، ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش قاتارلىق مۇسابىقىلەر ۋە سودا پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. كىشىلەر بىر- بىرىنى مىھمان قىلىپ، ئۆز- ئارا مەي- شاراپ تۇتۇشۇپ، بەخىت تىلىشىدۇ.
  ساۋاقداشلار يۇقاردا بىز بىر قانچە مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرى بىلەن تۇنۇشۇپ ئۆتتۇق. ئويلىنىپ باقايلى.
خەنزۇلارنىڭ ئاساسلىق ئەنئەنىۋى بايراملىرى قايسىلار؟
مەشئەل بايرىمى قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى؟ ئادەتتە قانداق ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ؟ كىشىلەر بۇ بايرامىنى قانداق تەبرىكلەيدۇ؟
سۇ چېچىش بايرىمى قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى ھەر يىلى قانداق ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ؟ كىشىلەر سۇ چېچىش بايرىمىنى قانداق تەبرىكلەيدۇ؟
نادام دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىى نمە؟ ئۇ قايسى مىللەتنىڭ كاتتا ئەنئەنىۋى بايرىمى؟
ئوقۇغۇچىلارنى يۇقارقى سۇئاللار ئاساسىدا ئۈگەنگەنلەرنى سۆزلەشكە ئۇيۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارغا ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆز- ئارا بىرنىڭ ئەنئەنىىگە ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىرگە ئەنئەنىگە ۋارسلىق قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ دەرسنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.     
دوسكا لاھىيەسى        دەرىس تىمىسى 9- دەرس مول- مەزمۇنلۇق مىللىي بايراملار
مەشئەل بايرىمى
سۇ چېچىش بايرىمى
نادام بايرىمى
تاپشۇرۇق        بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ قانداق  ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار؟ ماتىريال توپلاپ كېلىڭلار؟
دەرسىتىن كىيىنكى ئويلىنىش       
تەستىق پىكىرى        







سائەتلىك ئوقۇتۇش پىلانى                7- ھەپتە
دەرس تىمىسى        9- دەرس مول مەزمۇنلۇق مىللىي بايراملار
ئوقۇتۇش نىشانى        بىلىم، ھىسيات، پۇزۇتسىيە، قىممەت قاراش نوقتىلىرى        ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرى بىلەن يۈزەكى بولسىمۇ بىر قۇر تۇنۇشۇپ چىقىش ھەمدە ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئىەنىۋى بايراملىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلىش، چۈشۈنۈش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرگە ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆز ئارا بىر- بىرىنىڭ مىللىي ئەنئەنىىسگە ھۆرمەت قىلىشتىن ئىبارەت نوقتىنەزەررنى چۈشۈنۈ، مىللەتلەر ئۆز ئارا چۈشۈنۈش، ھۆرمەت قىلىشنى ئۈگۈنۋېلىش.
مۇھىم نوقتا        باشقا مىللەتلەرنىڭ مىللىي بايراملىرىنى چۈشۈنۈش، ئۆزئارا ئىتتىپاقلىقىنى، چۈشۈنۈشنى يىتىلدۈرۈش.
قىيىن نوقتا        ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مىللىي بايراملىرى بىلەن يۈزەكى بولسىمۇ بىر قۇر تۇنۇشۇپ چىقىش
قىيىن نوقتىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى        ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدىنىشكە، مۇلاھىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۈگۈنۈش شەكلى        ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىپ سۆزلەش، ئوقۇغۇچىلارنى تەپەككۇر قىلىش، مۇلاھىزىگە يىتەكلەش
ئوقۇتۇش ۋاستىسى        مىللەتلەرنىڭ مىللىي بايراملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان پىلاستىكىسى، بارماق دىسكا، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش كومپىيوتىرى
ئوقۇتۇش جەريانى
ساۋاقداشلار  خەنزۇلار ئىلىمىز بۇيىچە نۇپۇسى ئەڭ كۆپ مىللەت، ئۇلارنىڭ چاغان (باھار بايرىمى)، پانۇس بايرىمى (يۈەنشىياۋ بايرىمى)، چوكانتال بايرىمى، تاڭزۇڭزا بايرىمى، تاۋۇز چاغىنى (كۈزلۈك بايرام) ۋە چۇڭياڭ بايرىمى دېگەندەك نۇرغۇن ئەنئەنىۋى بايرىمى بار. ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭمۇ كۆپلىگەن ئۆزگىچە بايراملىرى، شۇبداقلا بايراملىرىنىىڭ كىلىپ چىقىشىغا ئائىت تەسىرلىك رىۋايەتلىرى بار.
ساۋاقداشلار تۈۋەندە بىز ھەرقايسى  ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارنىڭ يۇرتلىرىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن بۇ بايراملارنى خۇشا- خۇرام ئۆتكۈزۈپ كىلەيلى.
بۇ دەرسىمىز 3 سائەتكە پىلانلانغان.
1- سائەتتە: مەشئەل بايرىمى، سۇ چېچىش بايرىمى،نادام بايرىمى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز، ھەمدە تولدۇرۇپ بېقىڭلار مەشىقىدىكى چوكانتال بايرىمى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز.
2- سائەتتە: رۇزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت، لوسا بايرىمى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز، شۇنداقلا بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ھېيتىمىزنى ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارغا رۇزا ھېيت ۋە قۇربان ھېتنىڭ ئالاھىدىكى، دىققەت قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدا تەربىيىگە ئىگە قىلىمەن.  
3- سائەتتە: تۇتاشتۇرۇڭلار، ياردەم قىلىڭلار، تەكشۈرۈپ بېقىڭلار مەشىقىدىكى مەزمۇنلارنى ئىگەللىتىمەن.
2-        سائەت
ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى بايراملار
* رۇزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت
ئىلىمىزدىكى خۇزۇ، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق 10 مىللەت رۇزا ھېيت بىلەن قۇربان ھېيت ئۆتكۈزىدۇ. رۇزا ھېيت مەزگىلىدە، كىشىلەر بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى ھېيتىلايدۇ، تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈدۇ. رۇزا ھىېيتتىن كېيىكى 70- كۈنى قۇربان ھېيت ئۆتكۈزۈلىدۇ. قۇربان ھېيت مەزگىلىدە كاتتا مۇراسىم ۋە تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھەممە ئائىلە قوي ياكى كالا قۇربانلىق قىلىپ، مىھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ، بەزى جايلاردا يەنە بەيگە، ئوقيا ئېتىش، چېلىشىش ۋە مەشرەپ پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنى دەرس مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ، بىزنىڭ ھېيت تەييارلىقىمىز ھەم ئۆز ئارا ھيتلىشىش جەريانىدا دىققەت قىلىدىغان مەزمۇنلار ھەققىدە مۇزاكىرگە تەشكىللەيمەن. ھەم بالىلارنى ئۆز ئارا مىھماندارچىلىق ئۇيۇنى ئويناشقا تەشكىللەش ئارقىلىق نىمىلەرگە دىققەت قىلش كىرەكلىكى توغرىسىدا تەربىيەگە ئىگە قىلىش ئارقىلىق ئەنئەنە تەربىيىسىگە ئىگە قىلىمەن.
ئوقۇغۇچىلارنى ئۈگەنگەنلەرنى سۆزلەشكە ئۇيۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارغا ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆز- ئارا بىرنىڭ ئەنئەنىىگە ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىرگە ئەنئەنىگە ۋارسلىق قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ دەرسنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.     
دوسكا لاھىيەسى        دەرىس تىمىسى 9- دەرس مول- مەزمۇنلۇق مىللىي بايراملار
رۇزا ھېت ۋە قۇربان ھېيت
تاپشۇرۇق        بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ قانداق  ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار؟ ماتىريال توپلاپ كېلىڭلار؟
دەرسىتىن كىيىنكى ئويلىنىش       
تەستىق پىكىرى        




سائەتلىك ئوقۇتۇش پىلانى                8- ھەپتە
دەرس تىمىسى        9- دەرس مول مەزمۇنلۇق مىللىي بايراملار
ئوقۇتۇش نىشانى        بىلىم، ھىسيات، پۇزۇتسىيە، قىممەت قاراش نوقتىلىرى        ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرى بىلەن يۈزەكى بولسىمۇ بىر قۇر تۇنۇشۇپ چىقىش ھەمدە ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئىەنىۋى بايراملىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلىش، چۈشۈنۈش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرگە ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆز ئارا بىر- بىرىنىڭ مىللىي ئەنئەنىىسگە ھۆرمەت قىلىشتىن ئىبارەت نوقتىنەزەررنى چۈشۈنۈ، مىللەتلەر ئۆز ئارا چۈشۈنۈش، ھۆرمەت قىلىشنى ئۈگۈنۋېلىش.
مۇھىم نوقتا        باشقا مىللەتلەرنىڭ مىللىي بايراملىرىنى چۈشۈنۈش، ئۆزئارا ئىتتىپاقلىقىنى، چۈشۈنۈشنى يىتىلدۈرۈش.
قىيىن نوقتا        ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مىللىي بايراملىرى بىلەن يۈزەكى بولسىمۇ بىر قۇر تۇنۇشۇپ چىقىش
قىيىن نوقتىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى        ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدىنىشكە، مۇلاھىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۈگۈنۈش شەكلى        ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىپ سۆزلەش، ئوقۇغۇچىلارنى تەپەككۇر قىلىش، مۇلاھىزىگە يىتەكلەش
ئوقۇتۇش ۋاستىسى        مىللەتلەرنىڭ مىللىي بايراملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان پىلاستىكىسى، بارماق دىسكا، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش كومپىيوتىرى
ئوقۇتۇش جەريانى
ساۋاقداشلار  خەنزۇلار ئىلىمىز بۇيىچە نۇپۇسى ئەڭ كۆپ مىللەت، ئۇلارنىڭ چاغان (باھار بايرىمى)، پانۇس بايرىمى (يۈەنشىياۋ بايرىمى)، چوكانتال بايرىمى، تاڭزۇڭزا بايرىمى، تاۋۇز چاغىنى (كۈزلۈك بايرام) ۋە چۇڭياڭ بايرىمى دېگەندەك نۇرغۇن ئەنئەنىۋى بايرىمى بار. ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭمۇ كۆپلىگەن ئۆزگىچە بايراملىرى، شۇبداقلا بايراملىرىنىىڭ كىلىپ چىقىشىغا ئائىت تەسىرلىك رىۋايەتلىرى بار.
ساۋاقداشلار تۈۋەندە بىز ھەرقايسى  ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارنىڭ يۇرتلىرىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن بۇ بايراملارنى خۇشا- خۇرام ئۆتكۈزۈپ كىلەيلى.
بۇ دەرسىمىز 3 سائەتكە پىلانلانغان.
1- سائەتتە: مەشئەل بايرىمى، سۇ چېچىش بايرىمى،نادام بايرىمى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز، ھەمدە تولدۇرۇپ بېقىڭلار مەشىقىدىكى چوكانتال بايرىمى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز.
2- سائەتتە: رۇزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت، لوسا بايرىمى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز، شۇنداقلا بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ھېيتىمىزنى ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارغا رۇزا ھېيت ۋە قۇربان ھېتنىڭ ئالاھىدىكى، دىققەت قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدا تەربىيىگە ئىگە قىلىمەن.  
3- سائەتتە: تۇتاشتۇرۇڭلار، ياردەم قىلىڭلار، تەكشۈرۈپ بېقىڭلار مەشىقىدىكى مەزمۇنلارنى ئىگەللىتىمەن.
3-        سائەت
ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى بايراملار
* لوسا بايرىمى  
«لوسا»- زاڭزۇ تىلىدا يېڭى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. لوسا بايرىمى خەنزۇلارنىڭ چاغىنىغا ئوخشايدۇ. ئۇ زاڭزۇ قېرىنداشلارنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىدىغان ئەڭ داغدۇغىلىق بايرىمىدۇر. بۇ بايرام ھەر يىلى زاڭزۇ كالىندارى بۇيىچە 1- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىپ بەش كۈندىن 7 كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ. يېڭى يىل كۈنى تاڭ يۇرىماستا، ئاياللار دەريادىن «خەيىرلىك سۇ» ئېلىپ كىلىدۇ، ھەر بىر ئائىلە مىھمانلارنى سېرىق ماي، كەمپۈت ۋە تۈرلۈك ئۇن تائاملىرى (زاڭزۇ تىلىدا«شېسەي» دېيىلىدۇ) بىلەن كۈتىۋالىدۇ، ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلەرئۆز ئارا يوقلىشىپ، خادا تەقدىم قىلىشىدۇ ھەمدە بەزى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بايرامنى تەبرىكلەيدۇ.
جۇاڭزۇلارنىڭ 3- ئاينىڭ 3- كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ناخشا مەرىكىسى، ياۋزۇلارنىڭ دانۇ بايرىمى، مىياۋزۇلارنىڭ نەزىر دۇمبىقى بايرىمى، بەيزۇلارنىڭ «3- ئاي بازىرى»، چاۋشىيەنزۇلارنىڭ ئاشلىق نەزىرى، مانجۇلارنىڭ 5- بايرىمى، شىبەرلەرنىڭ «قىزلار مەركىسى» قاتارلىق كۆپلىگەن ئەنئەنىۋى بايراملار ئۇزاقتىن بىرى بىرى داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان بولۇپ

ئۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنى دەرس مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ، بىزنىڭ ھېيت تەييارلىقىمىز ھەم ئۆز ئارا ھيتلىشىش جەريانىدا دىققەت قىلىدىغان مەزمۇنلار ھەققىدە مۇزاكىرگە تەشكىللەيمەن. ھەم بالىلارنى ئۆز ئارا مىھماندارچىلىق ئۇيۇنى ئويناشقا تەشكىللەش ئارقىلىق نىمىلەرگە دىققەت قىلش كىرەكلىكى توغرىسىدا تەربىيەگە ئىگە قىلىش ئارقىلىق ئەنئەنە تەربىيىسىگە ئىگە قىلىمەن.
ئوقۇغۇچىلارنى ئۈگەنگەنلەرنى سۆزلەشكە ئۇيۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارغا ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆز- ئارا بىرنىڭ ئەنئەنىىگە ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىرگە ئەنئەنىگە ۋارسلىق قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ دەرسنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.     
دوسكا لاھىيەسى        دەرىس تىمىسى 9- دەرس مول- مەزمۇنلۇق مىللىي بايراملار
رۇزا ھېت ۋە قۇربان ھېيت
تاپشۇرۇق        بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ قانداق  ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار؟ ماتىريال توپلاپ كېلىڭلار؟
دەرسىتىن كىيىنكى ئويلىنىش       
تەستىق پىكىرى        













سائەتلىك ئوقۇتۇش پىلانى                9- ھەپتە باسقۇچلۇق سىناق 10- ھەپتە
دەرس تىمىسى        10- دەرس ئىشچان ۋە باتۇر ھەر مىللەت خەلقى
ئوقۇتۇش نىشانى        بىلىم، ھىسيات، پۇزۇتسىيە، قىممەت قاراش نوقتىلىرى        ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ  ئۇلۇغ ۋەتەن تۇپرىقىدا ئىتتىپاقلىشىپ، مۆرىنى- مۆرىگە تىرەپ تىرىشىپ كۈرۈش قىلىپ، جاپالىق ئىزدىنىپ ۋە تىرىشىپ ئىشلەپ بگۈنكىدەك بەختيار تۇرمۇشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى چڭقۇر تۇنۇپ يىتىش ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل كەلگۈسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىش توغرىسىدا تەربىيىگە ئىگە قىلىش  
مۇھىم نوقتا         ۋەتىنىمىزنىڭ بۈگۈنىنىڭ ھەر قايسى مىللىلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدىن كەلگەنلىكىنى تۇنۇپ يىتىش
قىيىن نوقتا         بۈگۈنكى گۈزەل تۇرمۇشنى قولغا كەلتوتۈرۈشكە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلارنى ھىس قىلىش، چۈشۈنۈش
قىيىن نوقتىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى        ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدىنىشكە، مۇلاھىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۈگۈنۈش شەكلى        ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىپ سۆزلەش، ئوقۇغۇچىلارنى تەپەككۇر قىلىش، مۇلاھىزىگە يىتەكلەش
ئوقۇتۇش ۋاستىسى        
ئوقۇتۇش جەريانى
ساۋاقداشلار  ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تەخمىنەن 9 مىليۇن 600 مىڭ كۋادىرات كىلومىتىرلىق كىڭ زىمىنى، تەخمىنەن 3 مىليۇن كۋادىرات كىلومىتىرلىق پايانسىز دېىزى بار. يىراق قەدىمقى زاماندىن بۇيان، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەجدادلىرى مۇشۇ مۇنبەت زىمىندا ھايات كەچۈرگەن ۋە كۆپەيگەن. ۋەتىنىمىزنىڭ چىگرا رايۇنىنى ئېچىش ئۇزاق مۇساپىسىدە، ھەر مىلللەت خەلقى دۆلىتىمىزنى ئورتاق قوغدىدى ۋە گۈللەندۈردى. ئۇلار ئىشچانلىقى، باتۇرلىقى ۋە سەمىمىيلىكى بىلەن مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىش تارىخىنى ئورتاق يېزىپ چىقتى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ شانلىق مەدەنىيىتىنى ياراتتى.
بۇ دەرسىمىز2 سائەتكە پىلانلانغان.
1- سائەتتە: ئوقۇش ۋە ئويلىنىش قىسمىدىكى مەزمۇنلاردىن ئىلىمىزنىڭ ھەر قاييسى قىسىملىرىدىكى مىللەتلەرنىڭ باتۇر، ئىشچانلىقى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز.
2- سائەتتە: ئىزدىنىش ۋە ھىس قىلىش قىسمى، شۇنداقلا يېقىنقى زامان تارىخىغا ئائىت مەزمۇنلار بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز. ئەمەلىيەت باغچىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىش بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىش توغرىسىدا تېخىمۇ ئەتراپلىق تەربىيە ئىشلەيمەن.  
1-        سائەت
ئوقۇش ۋە ئويلىنىش
ساۋاقداشلار تۈۋەندە مەن سىلەرگە زاڭزۇلار بىللەن خەنزۇلارنىڭ قۇدىلىشىشغا دائىر بىر ھېكايە سۆزلەپ بېرىمەن.
مىلادىيە 7- ئەسىردە، تۈبۈتلەر (ھازىرقى زاڭزۇلارنىڭ ئەجدادى) نىڭ سەردارى سۇڭزەنگنبۇ ئەلەمدىمۇ، قەلەمدىمۇ يىتىشكەن ئىقتىساس ئىگىسى ئىدى. ئۇ ياش ۋاقتىدا تۈبۈتلەرنىڭ ئاقسۆڭەكلەرچە تۇرمۇشىدىن بەھىرلىنىش بىلەنلا قانائەتلەنمىدى. ئۇ تاڭ سۇلالىسنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۈگۈنۈش ئۈچۈن، تاڭ سۇلالىسى بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئويلىدى. ئۇنىڭ ئەلچىلىرى ئىسىل سوۋغاتلارنى ئېلىپ، ئۇزاق يول يۈرۈپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەنگە كىلىپ، قۇدىلىشىش تەكلىپىنى ئوتتۇرغا قويدى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى تاڭ تايزۇڭ ئۇنىڭ چىن دوسلىقىدىن تەسىرلىنىپ، چىرايلىق، ئەقىللىق ۋە ئەدەپ- قائىدىلىك مەلىكە ۋېنچىڭنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىشنى قارار قىلدى.
مىلادىيە 641- يىلى، تاڭ تەيزۇڭ مەلىكە ۋېنچىڭنى ۋەزىرنىڭ ھىمايىسىدە تۈبۈتلەر يۇتىغا يولغا سالدى، سۇڭزەنگەنبۇ لۇشىيى (ھازىرقى لاسا)دىن بوخەيگە بېرىپ كۈتۈۋالدى. ئۇلار ئۇيەردە كاتتا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مەلىكە ۋېىنچىڭ ناھايتى كۆپ قىز مېلى بىلەن كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتۇن- كۈش، ئۈنچە- مەرۋايىت، شايى، تاۋار-دۇردۇن، يەنە تىببەتتە يوق كۆپلىگەن زىرائەت، مىۋە- چىۋە، كۆكتاتلارنىڭ ئۇرۇقى، شۇنىڭدەك دورا، پىلە غۇزىكى ۋە تىبابەتچىلىك، باغۋەنچىلىك، قۇلۇش تېخىنىكىسى، ئاستورونومىيە، كالىندارچىلىققا ئائىت كۆپلىگەن كىتاپلار بار ئىدى. ئۇلار تۈبۈتلەر خەلقىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەردى.
مەلىكە ۋېنچىڭ تىببەتتە 40 يىل ياشىدى، ئۇ خەنزۇ- زاڭزۇ خەلقىنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنى قۇيۇقلاشتۇرۇش، زاڭزۇلارنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيىتىنى تەرەققىقى قىلدۇرۇشقا تۆھپە قوشتى، كىشىلەر سۇڭزەنگەنبۇ بىلەن مەلىكە ۋېنچىڭنىڭ شىزاڭدىكى زۇگلاكاڭ (داجاۋسى) ئىبادەتخانىسى بىلەن بودالا ئوردىسىدىكى ھەيكىلىگە تا ھازىرغىچە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.
ساۋاقداشلار بۇنداق قۇدىلىشى ئىلىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەتلەردە، جۈملدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى ئارىسدىمۇ بولغان بولۇپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇپ، ئىقتىسادنى تەرەققىقى قىلدۇرۇشتى رولى كۆرۈنەرلىك بولغان.
ئىشچان ۋە باتۇر خەلىق
ئەمدى بىز ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىشچان، باتۇرلىقى توغرىسدىكى مەزمۇنلار بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى.
خەنزۇلار دۇنيادىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە خەلقلەرنىڭ بىرى، ئۇلار ۋەتىنىمىزنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىنى ئەڭ بالدۇر ئاچقان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەت خەلقىمۇ جۇڭگۇنىڭ باشقا كەڭ رايۇنلىرىنى جاپالىق ئېچىش كۆرىشىنى باشلىغان.
  شەرقى شىمال رايۇنىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر
شەرقى شىمال رايۇنىدىكى خېيلۇڭجىياڭ، سۇڭخۇاجىياڭ، ئۇسسۇرى دەريا ۋادىلىرى شۇنىڭدەك چوڭ- كىچىڭ ھېڭگان، چاڭبەيشەن تاغلىرىدىكى ئىپتىدايى ئورمانلىقلاردا مانجۇ، داغۇر، چاۋشىيەنزۇ، ئېۋىنكى، ئورونچۈن، خېجې قاتارلىق مىللەتلەر ياشايدۇ، ئۇلار جاپا- مۇشاقەتتىن قورقماي، زىمىستان سۇغۇق بىلەن ئېلىشىپ، شەرقى شىمال رايۇننى ئېچىشقا قالتىس تۆھپە قوشتى.
شىمالىي رايۇندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر
شىمالدىكى يايلاقلاردا مۇڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەجداتلىرى ناھايتى بۇرۇنلا كۆچمەن چارۋېچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ، چارۋېچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانغان.
غەربى شىمالدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر
ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ قاتارلىق جايلار تارىختا «غەربىي يۇرت» دەپ ئاتىلاتتى، بۇ يەرلەرگە ئۇيغۇر، خۇيزۇ، قازاق، قىرغىز، تاجىك قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار ئقزچىل كۆچمەن چارۋېچىلىق ياكى دېھقانچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئۇلار «كارىز»نى كەشىپ قىلىپپ ئېتىزلارنى سۇغۇرۇپ، قاقاسلىقلاردا كۆپلىگەن بوستانلىقلارنى بەرپا قىلىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى چۆلدەرەپ قالغان زىمىننى ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلغان.
خەن سۇلاسى دەۋرىدە، جاڭچىيەن غەربى يۇرتقا ئىككى قېتىم ئەلچىلىككە بارغاندىن كېيىن، گەنسۇ، شىنجاڭ قاتارلىق جايلار مەشھۇر «يىپەك يۇلى» غا ئايلىنىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن غەربىي يۇرت رايۇنىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان.
غەربى جەنۇپ ۋە شەرقى جەنۇپ رايۇنىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر
غەربى جەنۇپ ۋە شەرقى جەنۇپ رايۇنلىرىدىكى مىياۋزۇ، جۇۋاڭزۇ، يىزۇ، بۇيى، ياۋزۇ، دۇڭزۇ، بەيزۇ، دەيزۇ، گاۋشەن قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ناھايتى بۇرۇنلا يۈننەن ئىگىزلىكى، چوڭ- كىچىك لىياڭشەن يېغى، جۇجىياڭ دەرياسى ۋادىسى ۋە شەرقى جەنۇپ دېڭىز ياقىسى رايۇنلىرىدا ياشاپ، بۇ رايۇنلارنى ئېچىشقا ئۆچمەس تۆھپە قوشقان.
چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكى دۇنيا بۇيىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېڭىز ئىگىزلىك بولۇپ، «دۇنيانىڭ ئۆەىزىسى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. زاڭزۇ خەلقى ناھايتى بۇرۇنلا ئۇ يەردە ئەمگەك قىلغان ۋە ياشىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، تۈبۈتلەر سەردارى سۇڭزەنگەنبۇ خەنزۇلارنىڭ جەمەتىدىن مەلىكە ۋېنچىڭنى ئەمرىگە ئېلىپ، زاڭزۇ- خەنزۇ خەلقىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتكەن.
ساۋاقداشلار يۇقاردا بىز ھەر مىللەت خەلقىنىڭ باتۇر، ئىشچانلىقى توغرىسىدىكى مىساللار بىلەن تۇنۇشۇپ ئۆتتۇق. ئەمدى مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى.
قەدىمقى زاماندىكى غەربى يۇرت ھازىر قايسى جايلارنى كۆرسىتىدۇ؟ «كارىز» نېمىگە ئىشلىتىلىدۇ؟
تىكىستە تىلغا ئېلىنغان «مەشھۇر يىپەك يولى» ھازىر قايسى جايلارنى كۆرسىتىدۇ؟
جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ چەتئەل تاجاۋۇزىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرغانلىقىغا ئائىت ئىش- ئىزلىرى قايسىلار؟
يۇقارقى مەزمۇنلاردىن قانداق تەسىراتقا كەلدىڭلار؟ دېگەن  مەزمۇنلاردا مۇلاھىزىگە تەشكىللەش ئارقىلىق دەرس مەزمۇنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە ئىگەللىتىش ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلىكى، ۋەتىنىمىزنىڭ بۈگۈنىنى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا قولغا كەلگەنلىكىنى، شۇڭا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق تېرىشقاندىلا ئاندىن گۈزەل كەلگۈسى ياراتقىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تەربىيە ئىشلەيمەن.
ساۋاقداشلار ئالدىنقى سائەت ئۈگەنگەن بىلىملىرىمىزگە ئاساسەن تۈۋەندىكى مىللەتلەر بىلەن ئۇلار ئاساسلىق ئولتۇراقلاشقان رايۇنلارنى تۇتاشتۇرۇڭلار.
ئۇيغۇر، خۇيزۇ، قازاق، قىرغىز، تاجىك--- غەربى شىمال رايۇنى
مىياۋزۇ، جۇاڭزۇ، يىزۇ، بۇيى، ياۋزۇ، دۇڭزۇ، بەيزۇ، دەيزۇ، گاۋشەن، زاڭزۇ—غەربى جەنۇپ، شەرقى جەنۇپ رايۇنى
مانجۇ، داغۇر، چاۋشىيەنزۇ، ئېۋىنكى، ئورونچون، خېجى—شەرقى شىمال رايۇنى
مۇڭغۇل---شىمالى رايۇن
ساۋاقداشلار ۋەتىنىمىزنىڭ غەربى شىمالىدىكى شىنجاڭدا، ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلار كازىرنى كەشىپ قىلىپ، ئېتىزلارنى سۇغارغان، كازىرنىڭ قانداق ئۆزگىچە تەرەپلىرى بارلىقىنى بىلەمسىلەر؟ مەن سۆزلەپ بىرەي ھە؟
كارىز- بىر خىل ئالاھىدە سۇغۇرۇش سېستىمىسى، ئۇ سەددىچىن سېپىلى، بېيجىڭ- خاڭجۇ قانىلى بىلەن بىر قاتاردا جۇڭگۇنىڭ قەدىمقى زاماندىكى ئۈچ چوڭ قۇرلىشى دەپ ئاتىلىدۇ. شىنجاڭدىكى تۇرپان داڭلىق «ئوت يۇرتى» بولۇپ، بۇ جاينىڭ يەر يۈزى تىمپىراتۇرىسى ئىنتايىن يۇقىرى، سۇ بايلىقى بىر قەدەر قىممەتلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاسانلا پارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ئەجداتلىرى تەڭرىتېغىنىڭ ئىتىكىنى كولاپ، ھەر بىر بۈلەك ئارلىقتا بىردىن تىك قۇدۇق قازغان ۋە بۇ قۇدۇقلارنىڭ تۈۋىنى تۇتاشتۇرۇپ، يەر ئاستى ئېرىقىنى شكىللەندۈرۈپ، تاغدىكى ئېرىگەن قار- مۇز سۈيى ۋە يەر ئاستى سۈيىنى ئېتىزلارغا باشلاپ كەلگەن، كېيىنچە بۇ ئۇسۇل داۋاملىشىپ كېلىۋەرگەن، ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد كارىز كولاش نەتىجىسىدە، كارىزلار مۇئەييەن كۈلەم شەكىللەندۈرگەن. تۇرپاندىكى كارىزلارنىڭ ئومۇمىي سانى مىڭغا يېقىنلىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 5000 كىلومىتىر كېلىدۇ، يەر ئاستىدىكى بۇ «سەددىچىن سېپىلى» شىنجاڭلىقلارنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە ئىشچانلىقىنىڭ مەسھۇلى، شۇنداقلا جۇڭگۇدىكى بىر چوڭ مۆجىزە
دوسكا لاھىيەسى        دەرىس تىمىسى 10- دەرس ئىشچان ۋە باتۇر ھەر مىللەت خەلقى
ئوقۇش ۋو ئويلىنىش
تاپشۇرۇق         خەلقىمىزنىڭ قەھرىمانلىق توغرىسىدىكى ھېكايىلىرىدىن توپلاپ كېلىڭلار.
دەرسىتىن كىيىنكى ئويلىنىش        
تەستىق پىكىرى         



















سائەتلىك ئوقۇتۇش پىلانى                11- ھەپتە
دەرس تىمىسى        10- دەرس ئىشچان ۋە باتۇر ھەر مىللەت خەلقى
ئوقۇتۇش نىشانى        بىلىم، ھىسيات، پۇزۇتسىيە، قىممەت قاراش نوقتىلىرى        ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ  ئۇلۇغ ۋەتەن تۇپرىقىدا ئىتتىپاقلىشىپ، مۆرىنى- مۆرىگە تىرەپ تىرىشىپ كۈرۈش قىلىپ، جاپالىق ئىزدىنىپ ۋە تىرىشىپ ئىشلەپ بگۈنكىدەك بەختيار تۇرمۇشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى چڭقۇر تۇنۇپ يىتىش ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل كەلگۈسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىش توغرىسىدا تەربىيىگە ئىگە قىلىش  
مۇھىم نوقتا         ۋەتىنىمىزنىڭ بۈگۈنىنىڭ ھەر قايسى مىللىلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدىن كەلگەنلىكىنى تۇنۇپ يىتىش
قىيىن نوقتا         بۈگۈنكى گۈزەل تۇرمۇشنى قولغا كەلوتۈرۈشكە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلارنى ھىس قىلىش، چۈشۈنۈش
قىيىن نوقتىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى        ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدىنىشكە، مۇلاھىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۈگۈنۈش شەكلى        ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىپ سۆزلەش، ئوقۇغۇچىلارنى تەپەككۇر قىلىش، مۇلاھىزىگە يىتەكلەش
ئوقۇتۇش ۋاستىسى        
ئوقۇتۇش جەريانى
ساۋاقداشلار  ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تەخمىنەن 9 مىليۇن 600 مىڭ كۋادىرات كىلومىتىرلىق كىڭ زىمىنى، تەخمىنەن 3 مىليۇن كۋادىرات كىلومىتىرلىق پايانسىز دېىزى بار. يىراق قەدىمقى زاماندىن بۇيان، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەجدادلىرى مۇشۇ مۇنبەت زىمىندا ھايات كەچۈرگەن ۋە كۆپەيگەن. ۋەتىنىمىزنىڭ چىگرا رايۇنىنى ئېچىش ئۇزاق مۇساپىسىدە، ھەر مىلللەت خەلقى دۆلىتىمىزنى ئورتاق قوغدىدى ۋە گۈللەندۈردى. ئۇلار ئىشچانلىقى، باتۇرلىقى ۋە سەمىمىيلىكى بىلەن مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىش تارىخىنى ئورتاق يېزىپ چىقتى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ شانلىق مەدەنىيىتىنى ياراتتى.
بۇ دەرسىمىز2 سائەتكە پىلانلانغان.
1- سائەتتە: ئوقۇش ۋە ئويلىنىش قىسمىدىكى مەزمۇنلاردىن ئىلىمىزنىڭ ھەر قاييسى قىسىملىرىدىكى مىللەتلەرنىڭ باتۇر، ئىشچانلىقى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز.
2- سائەتتە: ئىزدىنىش ۋە ھىس قىلىش قىسمى، شۇنداقلا يېقىنقى زامان تارىخىغا ئائىت مەزمۇنلار بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز. ئەمەلىيەت باغچىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىش بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىش توغرىسىدا تېخىمۇ ئەتراپلىق تەربىيە ئىشلەيمەن.   
2-        سائەت
ئوقۇش ۋە ئويلىنىش
ساۋاقداشلار ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدىكىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى بولغان ياشاش سارائىتىنى ھازىرلاش بىلەن بىرگە ئىلىمىزنىڭ بۈگۈنى ئۆچمەس ئىزلارنى يارىتىش بىلەن بىرگە ئىلىمىزنىڭ بىر پۈتۈنلىكى ئۈچۈن قانلىق جەڭلەرنى قىلىپ، ئورتاق كۈرەش تارىخنى بىرلىكتە يېزىپ چىققان.
17- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا، تەيۋەندىكى گاۋشەن خەلقى بىلەن خەنزۇ خەلقى چېڭ چىڭگۇڭنىڭ تەيۋەننى قايتۇرۋېلىش كۈرۈشىگە پائال قاتنىشىپ، گوللاندىيە مۇستەملىكچىلىرىنى قوغلاپ چىقارغان.
يېقىنقى زاماندا، غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر جۇڭگۇغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى، ئېلىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقى تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تىز پۈكمەي كۈرەش قىلدى. ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن كېيىن، چار روسىيە چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىنى بىر قاتار تەڭ ھوقۇقسىز شەرتنامىلەرنى ئىمزالاشقا مەجبۇرلاپ، ئېلىمىزنىڭ زىمىننى بېسىۋېلىشقا ئورۇندى. ئورونچۈن، خېجى، ئېۋىنكى، خەنزۇ، شۇنىڭدەك شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلق ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، قۇراللىق قۇشۇن تەشكىللەپ، تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تۇردى. 1888- يىلى شىزاڭدىكى ھەربىيلەر ۋە خەلق لۇڭتۇشەن قېڭىدە ئەنگىليە تاجاۋۇزچى قۇشۇنىغا قارشى نەچچە ئون كۈن شىددەت بىلەن جەڭ قىلىپ، تاجاۋۇچىلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى.
ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسى «ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ياپۇن قاراقچىلىرىغا ئورتاق تاقابىل تۇرايلى» دېگەن چاقىرىقىنى ئوتىرغا قويدى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى شەرقى شىمالدىكى چەكسىز ئورمانلىقتىن خەينەن ئارىلىدىكى تىروپىك بەلباغ (ئىسسىق بەلباغ9 يامغۇرلۇق ئورمىنىغىچە، شەرقى دېڭىز ساھىلىدىن يەنشۈي دەرياسى قىرغىقىغىچە بولغان جايلارنىڭ ھەممىلا يىرىدە ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا باتۇرلۇق بىلەن قارشى تۇرۇپ، ھەر مىللەت جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتەك سەلتەنەتلىك تارىخىنى يېزىپ چىقتى.
جۇڭخۇا مىللەتلىرى ۋەتىنىمىزنىڭ چىگرا رايۇنلىرىنى ئورتاق ئاچتى، تاجاۋۇزچىلارغا ئورتاق قارشى تۇردى، ۋەتىنىمىزنىڭ زېمىنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى بىرلىكتە قوغدىدى. ۋەتىنىمىزنىڭ ھەر بىر غىرىچ يېرىگە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قان تەرى سىڭىپ كەتتى.
ساۋاقداشلار نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ھەر مىللەت خەلقى ۋەتىنىممىزنىڭ زىمىننى بىرلىكتە ئاچتى، ھەمدە چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا كۆپ قېتىم تاقابىل تۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقىنى تۇلۇق نامايەن قىلدى. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدىكى ۋەتىنىمىز تارىخىنىڭ ھەر بىر بېتىدە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇانى قوغدىغانلىق ئىش- ئىزلىرى خاتىرلەنگەن: ۋەتىنىمىز زىمىنىنىڭ ھەر بىر غىرىچ يېرىگە ھەر مىللەت خەلقىنىڭجاپالىق ئىگىلىك تىكلەش، تېرىشچانلىق بىلەن ئەمگەك قىلىش جەريانىدىكى قان- تەرى سىڭگەن.
ساۋاقلداشلار بىز كىنولاردىن يۇقارقىلارغا ئائىت ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىش- ئىزلىر تەسۋىلەنگەن فىلىملەرنى كۆرۈمىز ، «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»، «قىزل جىلغا» «جەننەتتەك ماكان» دېگەنگە ئوخشاش ئەمدى بىز ئكزىمىز بىلىدىغان قەھرىمانلىق ھېكايىلىرى سۆزلەپ باقايلى دەپ ئوقۇغۇچىلارنى ھېكايە ئېيتىشقا، كۆرگەن كىنولاردىكى قەھرىمانلارنى دوراپ رول ئېلىپ بېقىشقا تەشكىللەش ئارقىلىق دەرس مەزمۇنىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆزلەشتۈرىمەن.  
دوسكا لاھىيەسى        دەرىس تىمىسى 10- دەرس ئىشچان ۋە باتۇر ھەر مىللەت خەلقى
ئىزدىنىش ۋە ھىس قىلىش، ئەمەلىيەت باغچىسى.  
تاپشۇرۇق         خەلقىمىزنىڭ قەھرىمانلىق توغرىسىدىكى ھېكايىلىرىدىن توپلاپ كېلىڭلار.
دەرسىتىن كىيىنكى ئويلىنىش        
تەستىق پىكىرى         
























سائەتلىك ئوقۇتۇش پىلانى                12- ھەپتە تەكرار، 13- ھەپتە
دەرس تىمىسى        11- دەرس ئاز سانلىق مىللەتلەردىن چىققان مەشھۇر شەخىسلەر  
ئوقۇتۇش نىشانى        بىلىم، ھىسيات، پۇزۇتسىيە، قىممەت قاراش نوقتىلىرى        ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ  ئۇلۇغ ۋەتەن تۇپرىقىدا ئىتتىپاقلىشىپ، مۆرىنى- مۆرىگە تىرەپ تىرىشىپ كۈرۈش قىلىپ، جاپالىق ئىزدىنىپ ۋە تىرىشىپ ئىشلەپ بۈگۈنكىدەك بەختيار تۇرمۇشنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدا بارلىققا كەلگەن مىللىي قەھرىمان ۋە مەشھۇر شەخىسلەر بىلەن  تۇنۇپ چىقىش ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل كەلگۈسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىش توغرىسىدا تەربىيىگە ئىگە قىلىش  
مۇھىم نوقتا         ۋەتىنىمىزنىڭ بۈگۈنىنىڭ ھەر قايسى مىللىلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدىن كەلگەنلىكىنى تۇنۇپ يىتىش
قىيىن نوقتا         مىللىي قەھرىمان ۋە مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ بۈگۈنكى گۈزەل تۇرمۇشنى قولغا كەلوتۈرۈشكە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلارنى ھىس قىلىش، چۈشۈنۈش
قىيىن نوقتىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى        ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدىنىشكە، مۇلاھىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۈگۈنۈش شەكلى        ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىپ سۆزلەش، ئوقۇغۇچىلارنى تەپەككۇر قىلىش، مۇلاھىزىگە يىتەكلەش
ئوقۇتۇش ۋاستىسى        
ئوقۇتۇش جەريانى
ساۋاقداشلار  ئىشچان ۋە باتۇر ھەر مىللەت جۇڭخۇا خەلقى ۋەتىنىمىز زىمىننى بىرلىكتە ئېچىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، ئۇزاق مۇساپىلىق تارىخ ۋە شانلىق مىللىي مەدەنىيەتنى ياراتتى. بۇ جەرياندا كۆپلىگەن مىللىي قەھرىمانلار بارلىققا كەلدى. ئۇلار خۇددى پايانسىز ئالەم بوشلىقىدىكى يۇلتۇزلاردەك جۇلالىنىپ، كېيىنكىلەرنىڭ ھۆرمەتلىشىگە سازاۋەر بولدى. بىز ھەر قايسى مىللەتلەردىن چىققان مەشھۇر شەخىسلەرنى بىرلىكتە چۈشۈنۈپ باقايلى.
بۇ دەرسىمىز2 سائەتكە پىلانلانغان.
1- سائەتتە: ئوقۇش ۋە ئويلىنىش قىسمىدىكى مەزمۇنلاردىن ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ باتۇر، ئىشچان مىللىي قەھرىمانلىرى  بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز.
2- سائەتتە: ئىزدىنىش ۋە ھىس قىلىش قىسمى، شۇنداقلا يېقىنقى زامان تارىخىغا ئائىت مەزمۇنلار بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز. ئەمەلىيەت باغچىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىش بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىش توغرىسىدا تېخىمۇ ئەتراپلىق تەربىيە ئىشلەيمەن.   
1-        سائەت
ئوقۇش ۋە ئويلىنىش
ساۋاقداشلار ئالدى بىلەن مەن سىلەرگە مەڭگۈلۈك قەھرىمان گادامېرىن توغرىسىدا ھېكايە سۆزلەپ بېرەي.
جەنۇپتىن كەلگەن ياۋا غاز، چاڭجىياڭغا قونماي ئۇچمايدۇ.
گادامېرىننى مۇڭغۇلنىڭ، زېمىنچۈن قوزغالغان دەيدۇ.
ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ گۈزەل ۋە بىپايان قىرچىن يايلىقىدىكى ئات باشلىق غېجەك چالىدىغان نەغمىچىلەر سۇزۇلما مىلودىيەگە تەڭكەش قىلپ ئىيتىلىدىغان قەھرىمانلىق داستانى ئارقىلىق، مەڭگۈلۈك قەھرىمانى گادامېرننى يات ئېتىدۇ.
70 نەچچە يىل بۇرۇن، سۇ ۋە ئوت- چۆپى مول گۈزەل يايلاقتا مۇڭغۇل، خەنزۇ خەلقلىرى لەرزان يايلاق ناخشىسى ساداسى ئىچىدە ئىناق تۇرمۇش كەچۈرەتتى. لېكىن ئىچكى مۇڭغۇل دارخان خۇشۇنىنىڭ بېگى بىلەن مىلىتارىست ھۆكۈمەت ئېغىز بۇرۇن يالىشىپ، مۇڭغۇل، خەنزۇ خەلقلىرىنىڭ ھاياتلىق ماكانى بولغان يايلاقتا مەجبۇرى بوز يەر ئاچتى. ئەسلىدىكى مۇنبەت يايلاق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، تەدىرجى قۇملىشىپ كەتتى. كۆپلىگەن چارۋېچى يۇرت- ماكانىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرى بولدى.   
يايلاق خەلقىنىڭ ئازاپ ئوقۇبەت ئىچىدە قالغانلىقىنى، چارۋىچىلارنىڭ خانىۋەيران بولغانلىقىنى كۆرگەن مۇڭغۇل قەھرىمانى گادامېرىن ئاممىنى باشلاپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، بەگدىن يايلاققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توختىتىپ، زورلۇق بىلەن ئىگەللىۋالغان يەرلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. يايلاقنىڭ تەڭدىن تۇلىسىنى ئوت- يانغىن قاپلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئالاقەزادە بولغان بەگ چارۋىچىلارنىڭ تەلىپىگە يالغاندىن قۇشۇلغان بولۇپ، گادامېرىننى سۆھبەتلىشىشكە تەكلىپ قىلدى. بۇ ھالدىن خەۋەرسىز گادامېرىن مىلىتارىستلارنىڭ پىستىرمىسىغا چۈشۈپ قالد. قوزغىلاڭچى قۇشۇن ئېغىر تالاپەت تارتتى، گادامېرىن مەردانىلەرچە قۇربان بولدى.
بۇ قوزغىلاڭ مەغلوبىيەت بىلەن ئاياغلاشقان بولسىمۇ، لېكىن پۈتكۈل قىرچىن يايلىقىنى زىل- زېلىگە سېلىپ يايلاق ئىكىلوگىيەسىنى بۇزۇش قىلمىشىنى ئۈنۈملۈك چەكلەپ، يايلاق خەلقىنىڭ فىئودال مۇڭغۇل بەگلىرى ۋە مىلىتارىستلارغا قارشى كۈرەش جاسارىتىنى ئويغاتتى. گادامېرىننىڭ قەھرىمانلىق ئىش- ئىزلىرى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىزچىل رىغبەتلەندۈرۈپ كەلمەكتە.
تۈۋەندە بىز ئۇنىڭدىن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن چىققان مەشھۇر تارىخى شەخىسلەر بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى.
سىياسىيۇنلار
تارىختىن بۇيان، ئىلىمىزنىڭ سىياسى سەھنىسىدە ئاز سانلىق مىللەتلەردىن كۆپلىگەن مەشھۇر شەخىسلەر يىتىشىپ چىقتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە زىمىن ئىگەللەپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرگەن پادىشاھلارمۇ، پاك- دىيانەتلىك بولۇپ، خەلققە نىجاتلىق تىلىگەن مەنسەپدارلارمۇ، ئىزىشكە قارشى تۇرۇپ، تىز پۈكمىگەن مىللىي قەھرىمانلارمۇ بار.
700نەچچە يىل بۇرۇن، مۇڭغۇللارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئاتامانى چىڭگىزخان ھەر قايسى قەبىلىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قۇدرەتلىك مۇڭغۇل ھاكىميىتىنى تىكلەپ، «تەڭرىنىڭ ئەركىسى» دەپ تەرىپلىنىپ، ئەينى ۋاقىتتا شان- شەرىپى، نام- ئابېويى پۈتۈن دۇنياغا تارالغان شەخىسكە ئايلاندى. ئۇنىڭ نەۋرىسى قۇبلاي ئەڭ ئاخىرى جۇڭگۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۈەن سۇلالىسىنى قۇردى، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىلىمىزنىڭ ئۇزاق مەزگىل پارچىلىنىپ تۇرۇش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بىرىلدى.
چىڭ سۇلالىسىنىڭ مانجۇلاردىن چىققان خانى كاڭشى بىلەن چىيەنلۇڭ تەخىتتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، كۆپ قېتىم قۇشۇن چىقىرىپ، ئىلىمىزنىڭ چىگىرا رايۇنىغا تاجاۋۇز قىلغان تاجاۋۇزچىلارنى چىكىندۈردى ھەمدە ۋەتەننى پارچىلاشقا ئورۇنغان بۆلگۈنچىلەرنى قەتئىي باستۇرۇپ، بىرلىككە كەلگەن ككپ مىللەتلىك دۆلەتنى مۇستەھكەملىدى.
مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن خۇيزۇ ئەمەلدارى خەي رۈي ئۆمۈر بۇيى پاك ياشاپ قەيسەر ۋە تۈز خارەكتىرىنى ساقلىغاچقا، خەلق ئۇنى (خەي چىڭتيەن»(كۆك ئاسماندك ئچۇق- يۇرۇق خەي رۈي دېگەن مەنىدە)  دەپ ئاتىغانىدى. كىشىلەر ئۇنى ھېلىھەم خاتىرلەۋاتىدۇ. جۇڭگۇ ۋە چەتئەلنى لەرزىگە سالغان تەيپىڭ تىيەنگۇ  قوزغىلاڭچى قۇشۇنىدىكى مېڭ دېئېىن، ۋېي چاڭخۇي، شىياۋ چاۋگۇي قاتارلىق كۆپلىگەن داڭلىق سەركەردىلەرمۇ جۇاڭزۇ ئىدى.
تارىختا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن چىققان سىياسىيۇنلار ئىنتايىن ككپ، ئۇلارنىڭ تارىخ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشقا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانىدى.
پەن- تېخىنىكا ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخىسلەر
يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن خۇيزۇ ئالىم جامالىدىن «تۈمەن يىللىق كالىندار» نى تۈزدى. بۇ كالىندار ئىلان قىلىنغاندىن كېيىن پۈتۈن مەملىكەتتە قوللىنىلدى. جۇڭگۇ ۋە چەتئەللەرگە داڭلىق «يۈننەن بەيچاۋ» (يۈننەن دورىلىرى) نى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن يىزۇ تىۋىپ چۈي خۇەنجاڭ ئەل ئىچىدىكى رىتسىپلارغا ئاساسەن تەتقىق قىلىپ چىققانىدى. زاڭزۇ تېۋىپ تىما دەنزىنپېسو يازغان «ئۈنچە- مەرۋايىت دورا- ئۈسۈملۈكلىرى»نىڭ قىممىتى «دۇرا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى»دىن قېلىشمايدۇ. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن زاڭزۇ قۇرلۇش ئىنژىنىرى سۇلاڭ رېدىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە قۇرۇلغان ھەيۋەتلىك پوتالا سارىيى يۇقىرى قۇرلۇش سەنئىتى ۋە روشەن مىللىي تۈسكە ئىگە.
ئىرادىلك دېمكىراتىك ئىنقىلاپچىلار
جۇڭگۇنىڭ دېمكېراتىك ئىنقىلاپ مەزگىلىدە، كۆپلىگەن ئاز سانلىق مىللەت زاتلىرى كوممۇنىستىك پارتىيەگە قاتنىشىپ ئەركىن، دىمكىراتىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلدى، شۇيزۇ مىللىتىدىن بولغان دېڭ ئېنمىڭ ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ ئىنقىلابى كۈرەشكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىرلىكى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلدى، كېيىن شەندۇڭ ئۆلكىسىدە ئىنقىلاپ ھەقىقىتىنى تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن ئۆلكىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن چىڭداۋ- جىنەن تۈمۈر يۇلى ۋە چىڭداۋ ئىشچىلىرىنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، شەندۇڭ ئىشچىلار ھەركىتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، ئاخىردا خائىننىڭ ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن، ئەكسىيەتچىلەر تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى.
ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ- دەريالىرى ياپۇن تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنغاندا، خۇيزۇلارنىڭ ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى قەھرىمانى ما بىنجەي ئوتتۇرا خېبىي خۇيزۇ تارماق ئەترىتىنى قۇرۇپ، جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ياپۇن ئارمىيىسى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىپ، دۈشمەننى شەپىسىنى ئاڭلىسىلا جان- پېتى چىقىپ كىتىدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى، ئۇنىڭ قۇشۇنى يىمىرىلمەس پۇلات قۇشۇن دەپ تەرىپلەندى.
جۇاڭزۇ مىللىتىدىن كىلىپ چىققان ۋېي باچۈن 20- ئەسىرنىڭ 20-، 30- يىللىرىدا گۇاڭشىدا ئىنقىلابى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلدى. 8- ئارمىيە 120- دېۋىزىيىسىنىڭ سىياسى كوممۇسارى گۇۋەن شىياڭيىڭ مانجۇ مىللىتىدىن چىققان مەشھۇر ئىنقىلاپچى ۋە ھەربىي ئالىم. باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدىمۇ يېڭى جۇڭگۇنىڭ قۇرلىشى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان نۇرغۇن مۇنەۋەر ئىرادىلىك زاتلار بار.
ساۋاقداشلار يۇقاردا بىز بىرقاتار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن چىققان سىياسىيۇنلار، پەن- تېخىنىكا ساھەسىىدكى مەشھۇر شەخىسلەر، دىمگىراتىك ئىنقىلاپ مەزگىلىدىكى قەھرىمانلار بىلەن تۇنۇشۇپ چىقتۇق. ئەمدى تۈۋەندىكى سۇئاللار ئاساسىدا دەرس مەزمۇننى يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ ئۆتىمىز.
چىڭگىزخاننىڭ قانداق تۆھپىسى بار؟
ئاز سانلىق مىللەتتىن كىلىپ چىققان، پەن- تېخىنىكا ۋە مەدەنىيەت ساھەسىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان مەشھۇر شەخىسلەر قايسىلار؟
دىموكىراتىك .ىنقىلاپو مەزگىلىدە، ئىلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن كىلىپ چىققان ئىرادىلىك ئىنقىلابى زاتلار كىملەر؟
ئاز سانلىق مىللەتتىن كىلىپ چىققان مەشھۇر تارىخى شەخىسلەرنى چۈشەنگەندىن كېيىن قانداق تەسىراتقا كەلدىڭلار؟
ئوقۇغۇچىلار مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ ئىش- ئىزلىرىدىن ئۆلگە ئېلىپ، تېرىشىپ ئۈگۈنۈپ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېرىشش توغرىسىدا تەربىيە ئىشلەيمەن.
تاپشۇرۇق: مەشھۇر شەخىسلەر توغرىسىدىكى ھېكايىلىرىدىن توپلاپ كېلىڭلار.
سائەتلىك ئوقۇتۇش پىلانى               14- ھەپتە
دەرس تىمىسى        11- دەرس ئاز سانلىق مىللەتلەردىن چىققان مەشھۇر شەخىسلەر  
ئوقۇتۇش نىشانى        بىلىم، ھىسيات، پۇزۇتسىيە، قىممەت قاراش نوقتىلىرى        ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ  ئۇلۇغ ۋەتەن تۇپرىقىدا ئىتتىپاقلىشىپ، مۆرىنى- مۆرىگە تىرەپ تىرىشىپ كۈرۈش قىلىپ، جاپالىق ئىزدىنىپ ۋە تىرىشىپ ئىشلەپ بۈگۈنكىدەك بەختيار تۇرمۇشنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدا بارلىققا كەلگەن مىللىي قەھرىمان ۋە مەشھۇر شەخىسلەر بىلەن  تۇنۇپ چىقىش ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل كەلگۈسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىش توغرىسىدا تەربىيىگە ئىگە قىلىش  
مۇھىم نوقتا         ۋەتىنىمىزنىڭ بۈگۈنىنىڭ ھەر قايسى مىللىلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدىن كەلگەنلىكىنى تۇنۇپ يىتىش
قىيىن نوقتا         مىللىي قەھرىمان ۋە مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ بۈگۈنكى گۈزەل تۇرمۇشنى قولغا كەلوتۈرۈشكە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلارنى ھىس قىلىش، چۈشۈنۈش
قىيىن نوقتىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى        ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدىنىشكە، مۇلاھىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۈگۈنۈش شەكلى        ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىپ سۆزلەش، ئوقۇغۇچىلارنى تەپەككۇر قىلىش، مۇلاھىزىگە يىتەكلەش
ئوقۇتۇش ۋاستىسى        
ئوقۇتۇش جەريانى
ساۋاقداشلار  ئىشچان ۋە باتۇر ھەر مىللەت جۇڭخۇا خەلقى ۋەتىنىمىز زىمىننى بىرلىكتە ئېچىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، ئۇزاق مۇساپىلىق تارىخ ۋە شانلىق مىللىي مەدەنىيەتنى ياراتتى. بۇ جەرياندا كۆپلىگەن مىللىي قەھرىمانلار بارلىققا كەلدى. ئۇلار خۇددى پايانسىز ئالەم بوشلىقىدىكى يۇلتۇزلاردەك جۇلالىنىپ، كېيىنكىلەرنىڭ ھۆرمەتلىشىگە سازاۋەر بولدى. بىز ھەر قايسى مىللەتلەردىن چىققان مەشھۇر شەخىسلەرنى بىرلىكتە چۈشۈنۈپ باقايلى.
بۇ دەرسىمىز2 سائەتكە پىلانلانغان.
1- سائەتتە: ئوقۇش ۋە ئويلىنىش قىسمىدىكى مەزمۇنلاردىن ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ باتۇر، ئىشچان مىللىي قەھرىمانلىرى  بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز.
2- سائەتتە: ئىزدىنىش ۋە ھىس قىلىش قىسمى، شۇنداقلا يېقىنقى زامان تارىخىغا ئائىت مەزمۇنلار بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز. ئەمەلىيەت باغچىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىش بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىش توغرىسىدا تېخىمۇ ئەتراپلىق تەربىيە ئىشلەيمەن.   
2-        سائەت
ئوقۇش ۋە ئويلىنىش
ساۋاقداشلار بىز ئالدىنقى سائەتتە بىرقاتار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن چىققان سىياسىيۇنلار، پەن- تېخىنىكا ساھەسىىدكى مەشھۇر شەخىسلەر، دىمگىراتىك ئىنقىلاپ مەزگىلىدىكى قەھرىمانلار بىلەن تۇنۇشۇپ چىقتۇق. ئەمدى تۈۋەندىكى سۇئاللار ئاساسىدا دەرس مەزمۇننى يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ ئۆتىمىز.
چىڭگىزخاننىڭ قانداق تۆھپىسى بار؟
ئاز سانلىق مىللەتتىن كىلىپ چىققان، پەن- تېخىنىكا ۋە مەدەنىيەت ساھەسىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان مەشھۇر شەخىسلەر قايسىلار؟
دىموكىراتىك .ىنقىلاپو مەزگىلىدە، ئىلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن كىلىپ چىققان ئىرادىلىك ئىنقىلابى زاتلار كىملەر؟
ئاز سانلىق مىللەتتىن كىلىپ چىققان مەشھۇر تارىخى شەخىسلەرنى چۈشەنگەندىن كېيىن قانداق تەسىراتقا كەلدىڭلار؟
يۇقاردا سۆزلەنگەن بىلىمىڭلارغا ئاساسەن تۈۋەندىكى مەشھۇر شەخىسلەرنى ئۇلارنىڭ تۆھپىسى ۋە مىللىتى بىلەن تۇتاشتۇرۇڭلار.
ما بىنجەي ----خۇيزۇ----خۇيزۇ تارماق ئەترىتىنى قۇرۇپ، ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا زەربە بەردى.
كاڭشى خان--- مانجۇ--- بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنى مۇستەھكەملىدى.  
ۋېي چاڭخۈي --- جۇاڭزۇ--- تەيپىڭ تىيەنگونىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
سۇڭزەنگەنبۇ--- زاڭزۇ--- چىڭخەي- شىزاڭ ئىگىزلىكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تاڭ سۇلالىسى بىلەن تۈبۈتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى قۇيۇقلاشتۇردى.
ساۋشۆچىن--- مانجۇ--- كاتتا، شانلىق ئەدەبىي ئەسەر «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»نى يېزىپ چىقتى.
چۈي خۇەنجاڭ--- يىزۇ--- جۇڭگۇ ۋە چەتئەللەرگە داڭلىق «يۈننەن بەيياۋ» نى تەتقىق قىلىپ ياسىدى.
دېڭ ئېنمىڭ--- شۈيزۇ--- شەندۇڭ ئىشچىلار ھەركىتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.
ساۋاقداشلار تۈۋەندە مەن سىلەرگە«قەھرىمان ئانا» دېگەن ھېكايىنى ئېيتىپ بېرەي. ئاڭلاپ بولغادىن كېيىن تەسىراتىڭلارنى سۆزلەپ بېقىڭلار.  
ما بىنجەي ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى باتۇرلارچە جەڭ قىلدى. ياپۇنلار خۇيزۇ تارماق ئەترىتىنى يۇقۇتۇش ئۈچۈن، مابېنجەينىڭ ئانىسىنى تۇتۇپ كەتتى. مابېنجەي ۋاپادارلىقتا نام چىقارغان ئوغۇل ئىدى، ئۇ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئىچىگە ئوت كەتكەندەك قاتتىق ئازاپلاندى، لېكىن ئۇ بۇنىڭ دۈشمەننىڭ ئۆزىنى يىنىكلىك بىلەن قۇشۇن چىقىرىشقا كۈشكۈرتۈش ئۈچۈن قورغان قىلتىقى ئىكەنلىكىنى تىزلا بىلىۋالدى. جەڭچىلەر بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ما بېنجەيدىن دەرھال جەڭگە ئاتلىنىپ، ئۇنىڭ ئانىسىنى قۇتقۇزۇپ كېلىشكە رۇخسەت قىلىشىنى ئۆتۈندى. ما بېنجەي كۆپچىلىككە قەتئىيلىك ۋە تەمكىنلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «ئوبدان قېرىنداشلىرىم! ئالۋاستىلار ئانامنى تۇتۇۋالدى، شۇ تاپتا يۈرۈگۈم پىچاقتا تىلغاندەك ئېچىشۋاتىدۇ. لېكىن، مىللەتنىڭ ھايات- ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق پەيتتە، ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئىشىدىنمۇ مۇھىم نېمە ئىش بار؟ ئالۋاستىلار ئانامنى ئۆلتۈرۋەتكەن تەقدىردىمۇ ئانام مىللەت ئۈچۈن جان بەرگەن بولىدۇ، شۇڭا ئانامنىڭ ئۆلگىنى بىكار كەتمەستىن، تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك بولىدۇ!» مابىنجەي ۋە ئۇنىڭ تارماق ئەترىتىدىكىلەر باشتىن- ئاخىر سالماق بولدى.
ياپۇن ئارمىيىسى قورقىتىش ۋە ئالداش ۋاستىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ما بىنجەينىڭ ئانىسىنى ئوغلىغا خەت يېزىپ، ئۇنى تەسلىم بولۇشقا كۆندۈرۈشكە قىستىغان بولسىمۇ، ما بېنجەينىڭ ئانىسى دۈشمەنگە قەتئىي تىز پۈكمىدى ھەمدە ئاچلىق ئېلان قىلىش ئارقىلىق قارىشلىق كۆرسىتىپ ئاخىردا شەرەپ بىلەن قۇربان بولدى. ئۇ جان ئۈزۈش ئالدىدا مۇنداق خىتاپ قىلدى. «ئوغلۇ، ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى غال- غال تىتىرەت: ئاناڭ مەردلىك بىلەن ئۆلۈشنى نامەردلىك بىلەن ياشاشتىن ئەۋزەل بېلىدۇ.»
ساۋاقداشلار قانداق تەسىرلىك ئىكەنمۇ؟ تەسىراتىڭلارنى بىر- بىرىڭلارغا سۆزلەپ بېرىڭلار.
ساۋاقداشلار يۇقاردا بىر قاتار مزمۇنلارنى ئۈگۈنۈپ ئۆتتۈڭلار، ئەمدى پارتىدېشىڭلار ياكى گۇرۇپپىداشلىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە مۇنۇ سۇئالنى مۇھاكىمە قىلىڭلار: سىلەر ئاز سانلىق مىللەتتىن كىلىپ چىققان قايسى مەشھۇر شەخىسكە چۇقۇنىسىلەر؟ ئۇنىڭ قايسى تەرەپلىرىدىن ئۈگەنمەكچى بولىۋاتىسىلەر؟ ئاز سانلىق مىللەتتىن كېلىپ چىققان مەشھۇر شەخىسلەردىن دەرىسلىكتە تۇنۇشتۇرۇلغانلىرىدىن باشقا يەنە قايسى مىللىي قەھرىمانلىرىنى بىلىسىلەر؟
دېگەن سۇئاللار ئاساسىدا دەرس مەزمۇننى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيمەن ھەمدە ئوقۇغۇچىلار مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ ئىش- ئىزلىرىدىن ئۆلگە ئېلىپ، تېرىشىپ ئۈگۈنۈپ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېرىشش توغرىسىدا تەربىيە ئىشلەيمەن.
دوسكا لاھىيەسى        دەرىس تىمىسى 11- دەرس ئاز سانلىق مىللەتلەردىن چىققان ،مەشھۇر شەخىسلەر
ئىزدىنىش ۋە ھىس قىلىش، ئەمەلىيەت باغچىسى.  
تاپشۇرۇق         مەشھۇر شەخىسلەر توغرىسىدىكى ھېكايىلىرىدىن توپلاپ كېلىڭلار.
دەرسىتىن كىيىنكى ئويلىنىش        
تەستىق پىكىرى         


سائەتلىك ئوقۇتۇش پىلانى               15- ھەپتە تەكرار، 16- ھەپتە
دەرس تىمىسى        12- دەرس ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايلى
ئوقۇتۇش نىشانى        بىلىم، ھىسيات، پۇزۇتسىيە، قىممەت قاراش نوقتىلىرى        ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ  ئۇلۇغ ۋەتەن تۇپرىقىدا ئىتتىپاقلىشىپ، مۆرىنى- مۆرىگە تىرەپ تىرىشىپ كۈرۈش قىلىپ، جاپالىق ئىزدىنىپ ۋە تىرىشىپ ئىشلەپ بۈگۈنكىدەك بەختيار تۇرمۇشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى چوڭقۇر   تۇنۇپ چىقىش ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل كەلگۈسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىش توغرىسىدا تەربىيىگە ئىگە قىلىش  
مۇھىم نوقتا          مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئىش- ئىزلىرىنى چۈشۈنۈش
قىيىن نوقتا         مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتىكى ئۆز رۇلىنى تۇنۇپ يىتىش
قىيىن نوقتىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى        ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدىنىشكە، مۇلاھىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۈگۈنۈش شەكلى        ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىپ سۆزلەش، ئوقۇغۇچىلارنى تەپەككۇر قىلىش، مۇلاھىزىگە يىتەكلەش
ئوقۇتۇش ۋاستىسى        

ئوقۇتۇش جەريانى
ساۋاقداشلار   نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللەتلىرى قېرىنداشلارچە مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، ئىناق ئۆتۈپ، ئەقىل- پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق ۋەتىنىمىز زىمىنىنى ئېچىپ ۋە گۈللەندۈرۈپ، ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ياراتتى ھەمدە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈزەل يۇرت- ماكانىنى بىرلىكتە قۇردى.
بۇ دەرسىمىز2 سائەتكە پىلانلانغان.
1- سائەتتە: ئوقۇش ۋە ئويلىنىش قىسمىدىكى مەزمۇنلاردىن ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش جەريانىدىكى ئىش- ئىزلىرى  بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز.
2- سائەتتە: ئىزدىنىش ۋە ھىس قىلىش قىسمى، شۇنداقلا يېقىنقىدىن بۇيانقى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۈتۈرۈشكە ئائىت دۆلىتىمىزنىڭ قوللانغان سىياسەتلىرىگە ئائىت مەزمۇنلار بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز. ئەمەلىيەت باغچىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىش بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىش توغرىسىدا تېخىمۇ ئەتراپلىق تەربىيە ئىشلەيمەن.   
1-        سائەت
ئوقۇش ۋە ئويلىنىش
ساۋاقداشلارئالدى بىلەن مەن سىلەرگە شىزاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ گۈللىرىنى ئېچىلدۇرغان خەلقنىڭ ياخشى كادىرى –كۇڭ فەنسېننىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرەي.
ئىككى قېتىم شىزاڭغا بېرىپ خىزمەت قىلىپ، زاڭزۇ قېرىنداشلارنىڭ يۇرت- ماكانىنى قۇرۇشقا ياردەم بەرگەن بىر خەنزۇ كادىر بار. لېكىن ئۇ بەخىتكە قارشى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولۇپ، ئۆزى چوڭقۇر رىشتە باغلىغان قارلىق ئىگىزلىكتە مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى. بۇ قاباھەتلىك خەۋەرنى ئاڭلىغان تۈمەنلىگەن زاڭزۇ قېرىنداش يىغا- زارە قىلىشىپ ئۇنىڭغا ھازا ئاچتى، ئۇنىڭ روھىغا خادا تۇتۇپ ئىھتىرام بىلدۈردى، خەنزۇ ئامما ئاق گۈل تاقاپ ماتەم بىلدۈردى، كىشىلەر قايغۇلۇق ھىسياتنى تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق چوڭقۇر ئىپادىلىدى. پۇقرالار ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ تۇتقان خادىلار ئۇنىڭ قەبرىسى ئەتراپىغا كىچىك قارلىق تاغدەك دۈۋېلىنىپ كەتتى.
ئۇ كىم؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن زاڭزۇ خەلقىنىڭ شۇ قەدەر قەدىرلىشى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋار بولىدۇ؟
ئۇ- جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسى شىزاڭ ئاپتۇنۇم رايۇنى ئالى ۋىلايەتلىك كوممۇتىتنىڭ شۇجىسى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇنەۋەر ئوغلى –كۇڭ فەنسېن. ئۇ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لياۋچىڭ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، ئانىسى ياشىنىپ قالغان، ئۈچ بالىسى تېخى قۇرامىغا يەتمىگەن، ئايالى ئاجىز، كىسەلچان ئەھۋالدا دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قۇشۇپ، ئىككى قېتىم شىزاڭغا بېرىپ ئىشلەشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلدى. ئۇ زاڭزۇ خەلقىگە پارتىيەنىڭ غەمخورلىقى ۋە ئىچكى رايۇن خەلقىنىڭ دوستلىقىنى يەتكۈزۈپلا قالماي يەنە زاڭزۇ قېرىنداشلارنى ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا يىتەكلىدى، زاڭزۇ خەلقىنى قېرىندېشى قاتارىدا كۆردى. ئۇ زاڭزۇ خەلقىنىڭ دەرت- ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلدى، يېزىغا چۈشكەندە دورا سومكىسىنى ئېسىۋېلىپ، زاڭزۇ چارۋېچىلارنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ دورا بەردى، مائاشىنى خەجلەپ، قېيىنچىلىقى بار زاڭزۇ ئائىلىلەرگە ئاشلىق، كېيىم- كىچەك ئېلىپ بەردى، يەنە ئىككى يىتىم زاڭزۇ بالىنى بېقىۋالدى. شۇ يەردىكى كىشىلەر ئۇنى رەھبەر ئورنىدا كۆرۈپلا قالماي، مۇھىمى قېرىندىشى ئورنىدا كۆردى.
ئۇ ھايات ۋاقتىدا:
«قۇياش بىلەن ئاي بىر ئانىنىڭ بالىلىرى، نۇردۇر بۇ ئانىنىڭ ئىسمى:
زاڭزۇ بىلەن خەنزۇلارنىڭ ئانىسى بىر، جۇڭگۇدۇر ئۇنىڭ نامى.»
دېگەن ناخشىنى ئېيتىشنى ياخشى كۆرەتتى. كىشىلەر بۇ ناخشىنى ھەر قېتىم ئېيقاندا، خەلقنىڭ ياخشى كادىرى كۇڭ فەنسېننى ئەسكە ئالدۇ.
ساۋاقداشلار سىلەرمۇ بەلكىم بۇنىڭغا ئوخشاش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنكۈچەيتىش يۇلىدا جاپالىق ئىشلەپ، ئەجىر قىلغان نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنى بىلىسىلەرغۇ دەيمەن. دېمىسۇ دۆلىتىمىزگە  ئوخشاش ككپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلارغا نىسپەتەن مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى قوغداش، كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ مىللەت بولسا ئىناق، دۆلەت تاپقۇسى روناق دېگەن ماقاللار بار.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش
مىللىي ھىسياتقا تۇيۇنغان تارىخ
جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇزاققا سۇزۇلغان نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدا، ھەرمىللەت خەلقى چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى، ئۇلار ئۆز ئارا ئۈگۈنۈپ، تەرەققيات ئۈستىدە  بىرلىكتە ئىزدەندى. ئاز سانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ كۆپلىگەن دېھقانچىلىق مەسھۇلاتلىرى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىغا تارقىلىپ، خەنزۇلار رايۇنىنىڭ دېھقانچىلىق تەرەققياتىنى ئىلگىرى سۈردى. جاڭچىيەن غەربى يۇرتقا ئەلچىلىككە بارغاندىن كېيىن، يىپەك يولى ئېچىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۈزۈم، ياڭاق، ئانار، سەۋزە قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ۋە مىۋىلىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىغا تارقالدى، خەنزۇلارنىڭ تۈمۈر تاۋلاش، ئېرىق ئۆستەڭ چېپىش، قۇدۇق قېزىش قاتارلىق تېخىنىكىلىرى بىلەن يىپەك تۇقۇلمىلىرىمۇ غەربى يۇرتقا تارقىلىپ، ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. يۈە سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن داڭلىق خەنزۇ تۇقۇمىچىلىق ئۇستىسى خۇاڭ داۋپو لىزۇ قېرىنداشلاردىن تۇقۇمىچىلىق تېخىنىكىسىنى كەمتەرلىك بىلەن ئۈگۈنۈپ، لىزۇ خەلقى بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. ئۇ لىزۇلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ تۇقۇمىچىلىق تېخىنىكىسى جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، تەدىرجخ ھالدا كۆزگە كۆرۈنگەن تۇقۇمىچىلىق ماھىرىغا ئايلاندى ھەمدە تۇقۇمىچىلىق تېخىنىكىسىنى تارقىتىپ، شۇ يەرنىڭ پاختا يۇقۇمىچىلىق ئىشلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرققى قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.
مىللەتلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى باراۋەرلىكى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەر مىللەت خەلقى يەنىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق كۈرەش قىلىپ، ئارقا- ئارقىدىن ئۇچقاندەك ئىلگىرلىدى ۋە شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
ئىلىمىزدە، ھەر مىللەت خەلقى باببارەۋەر، ھەر مىللەت خەلقى دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ئورتاق قاتنىشىدۇ. ھەر يىلى باھار پەسلىدە، 56 مىللەت ۋەكىللىرى بېيجىڭغا جەم بولۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسى كېڭەشنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلىدۇ.
بەزى ئاز سانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت قېرنداشلارنى ئورتاق بېيىتىش ئۈچۈن، دۆلىتىمىز غەربىي رايۇندىكى ئاز سانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ مول بايلىقى بىلەن شەرقى رايۇنلارنىڭ مەبلەغ، تېخىنىكا ۋە ئىقتىساسلىقلار ئەۋزەللىكىنى بىرلەشتۈرۈپ، غەربى رايۇننى كەڭ ئېچىش پىلانىنى يولغا قويدى. چىڭخەي- شىزاڭ تۈمۈر يۇلى، «غەربنىڭ تۇكىنى شەرققە يەتكۈزۈش» قاتارلىق چوڭ قۇرۇلۇشلار ئۇمۇميۈزلۈك ئېلىپ بېلىردى، غەربى رايۇندا ھەقسىز مەجبۇريەت مائارىپى ئۇمۇميۈزلۈك يولغا قۇيۇلۇپ، غەربى رايۇنلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت- مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئىناق تەرەققىياتى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى.
دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ، خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ. ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ.. ھەر قايسى مىللەتلەر قان بىلەن گۆشتەك زىچ بىرىككەن بولۇپ، ئورتاق گۈللىنىش، مەدەنىي، باياشات، زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىستىك جۇڭگۇ قۇرۇش ئۈچۈن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلماقتا.
دەپ ئوقۇغۇچىلارغا نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قېرىنداشلارچە مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، ئىناق ئۆتۈپ، ئەقىل- پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق ۋەتىنىمىز زىمىنىنى ئېچىپ ۋە گۈللەندۈرۈپ، ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ياراتقانلىقى ھەمدە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈزەل يۇرت- ماكانىنى بىرلىكتە قۇرغانلىقى توغرىسىدا تەربىيە ئىشلەيمەن.
دوسكا لاھىيەسى        دەرىس تىمىسى 12- دەرس ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىن قوغدايلى
مىللەتلەر گۈلزارى، ئوقۇش ۋە ئويلىنىش   
تاپشۇرۇق         مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش جەھەتكە تۆھپە قوشقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ نەمۇنچىلىرىدىن بولغان مەشھۇر شەخىسلەر توغرىسىدىكى ھېكايىلىرىدىن توپلاپ كېلىڭلار.
دەرسىتىن كىيىنكى ئويلىنىش        
تەستىق پىكىرى         


سائەتلىك ئوقۇتۇش پىلانى               17- ھەپتە  
دەرس تىمىسى        12- دەرس ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايلى
ئوقۇتۇش نىشانى        بىلىم، ھىسيات، پۇزۇتسىيە، قىممەت قاراش نوقتىلىرى        ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ  ئۇلۇغ ۋەتەن تۇپرىقىدا ئىتتىپاقلىشىپ، مۆرىنى- مۆرىگە تىرەپ تىرىشىپ كۈرۈش قىلىپ، جاپالىق ئىزدىنىپ ۋە تىرىشىپ ئىشلەپ بۈگۈنكىدەك بەختيار تۇرمۇشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى چوڭقۇر   تۇنۇپ چىقىش ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل كەلگۈسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىش توغرىسىدا تەربىيىگە ئىگە قىلىش  
مۇھىم نوقتا          مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئىش- ئىزلىرىنى چۈشۈنۈش
قىيىن نوقتا         مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتىكى ئۆز رۇلىنى تۇنۇپ يىتىش
قىيىن نوقتىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى        ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدىنىشكە، مۇلاھىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۈگۈنۈش شەكلى        ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىك قىلىپ سۆزلەش، ئوقۇغۇچىلارنى تەپەككۇر قىلىش، مۇلاھىزىگە يىتەكلەش
ئوقۇتۇش ۋاستىسى        

ئوقۇتۇش جەريانى
ساۋاقداشلار   نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللەتلىرى قېرىنداشلارچە مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، ئىناق ئۆتۈپ، ئەقىل- پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق ۋەتىنىمىز زىمىنىنى ئېچىپ ۋە گۈللەندۈرۈپ، ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ياراتتى ھەمدە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈزەل يۇرت- ماكانىنى بىرلىكتە قۇردى.
بۇ دەرسىمىز2 سائەتكە پىلانلانغان.
1- سائەتتە: ئوقۇش ۋە ئويلىنىش قىسمىدىكى مەزمۇنلاردىن ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش جەريانىدىكى ئىش- ئىزلىرى  بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز.
2- سائەتتە: ئىزدىنىش ۋە ھىس قىلىش قىسمى، شۇنداقلا يېقىنقىدىن بۇيانقى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۈتۈرۈشكە ئائىت دۆلىتىمىزنىڭ قوللانغان سىياسەتلىرىگە ئائىت مەزمۇنلار بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز. ئەمەلىيەت باغچىسىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىش بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىش توغرىسىدا تېخىمۇ ئەتراپلىق تەربىيە ئىشلەيمەن.   
2-        سائەت
ساۋاقداشلار بىز ئالدىنقى سائەتتىكى ئۈگۈنۈپ ئۆتكەن مەزمۇنلارغا ئاساسەن تۈۋەندىكىلەرنى مۇلاھىزە قىلىڭلار.
كۇڭ فەنسېن نېمە ئۈچۈن زاڭزۇ خەلقىنىڭ شۇ قەدەر قەدىرلىشى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ؟
خۇاڭداپو قايسى مىللەتتىن؟ ئۇ خەنزۇلار بىلەن لىزۇ قېرىنداشلارنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى قانداق ئىلگىرى سۈرگەن؟
غەربى رايۇننى كەڭ ئرچىش پىلانى قايسى قۇرلۇش تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن «ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ، خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ بىر- بىردىن ئايرىلالمايدۇ» دەيمىز؟
تۈۋەندە مەن سىلەرگە بىر نەچچە قىسقا ماتىرياللنى ئوقۇپ بېرەي، تەسىراتىڭللارنى سۆزلەپ بېقىڭلار.
غەرپنىڭ گازىنى شەرىققە يەتكۈزۈش
شىنجاڭنىڭ تارىم ئويمانلىقىدىكى تەبئىي گاز چوڭ تۇربا ئارقىلىق خېنەن، ئەنخۈي، جىياڭسۇ، جېجىياڭ، شاڭخەي قاتارلىق ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان شەرقى رايۇنغا يەتكۈزۈلۈپ، شەرقى رايۇننىڭ ئېنىرگىيە قىس بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ، بۇ غەربى رايۇننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
غەرپنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش
غەربى جەنۇپ، غەربى شىمالدىكى مول سۇ ئېنىرگىيىسى بايلىقى ۋە كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىش، سىغىمچانلىقى يۇقىرى، لىنيىسى ئۇزۇن بولغان ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى تارتىش ئارقىلىق، شەرقتىكى دېڭىز بۇيى رايۇنلىرىغا توك يەتكۈزۈش قۇرلىشى شەرقى رايۇننىڭ ئېنىرگىيە قىس بولۇش زېدىيىتىنى پەسەيتىدۇ، غەربى رايۇننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
چىڭخەي شىزاڭ تۈمۈر يۇلى
چىڭخەي- شىزاڭ تۈمۈر يولى دۇنيادىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز، لىنيىسى ئەڭ ئۇزۇن ئېگىزلىك تۈمۈر يولى بولۇپ، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شىنىڭ شەھرىدىن باشلىنىپ، شىزاڭ ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ لاسا شەھرىدە ئاياغلىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 1956 كىلومېتىر. چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكىدە غايەت زور پۇلات ئەجدىھاغا ئوخشاش ئادىمىزاتسىز رايۇننى كېسىپ ئۆتۈپ قاقاس كوئىنلۇن تېغى ۋە چوڭقۇر جىلغىلاردىن ھالقىپ، ئەگرى- بۈگىرى يوللاردا ئىلگىرلەيدۇ.
چىڭخەي- شىزاڭ تۈمۈر يولى چىڭخەي- شىزاڭ ئىگىزلىكىدە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن زاڭزۇ ئاممىسىنى تاشقى دۇنيا بىلەن يېقىنلاشتۇردى. چىڭخەي- شىزاڭ تۈمۈر يولىنىڭ ياسىلىشى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تىزلىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
يۇقارقى قىسقا ماتېرىيالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن قانداق تەسىراتقا كەلدىڭلار؟ تەسىراتىڭلارنى ساۋاقدېشىڭلار ياكى ئوقۇتقۇچىڭلارغا سۆزلەپ بېرىڭلار.
ساۋاقداشلار دۆلىتىمىز 2010- يىلى مەزكەز شىنجاڭ ىىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچقاندىن كېيىن ئاز سانلىق مىللەت رايۇنلىرىغا قىلغان ياردەملىرىنى سۆزلەپ بېرىمەن.
مەركەز ؤە ظاپتذنذم رايذن- خذتەن ؤئلايئتئ جإملئدئن لوپ ناەئيمئزدئكئ كەڭ ەەرمئللەت خەلق ظاممئسئنئڭ سئياسئ، ظئقتئسادئي، ظئجتئماظئ تذرمذشئغا كأڭإل بألإپ، ناەايئتئ زور كألەمدئكئ يإلەش، ياردەم بىرئش سئياسئتئنئ يولغا قويدئ. بذ زئمئندا ياشاؤاتقان ەەربئرئمئز بذ ظەؤزەل سئياسەت ؤە بذ ياردەملەردئن بەرلئققا كئلئؤاتقان ظأزگإرإشلەرنئڭ گذؤاەچئلئرئدذرمئز.مەسئلەن: دئەقان- چارؤئچئلارنئڭ تذرالغذ ظأي تذلذقلئما پذلئ ەەريئلئ ظاشذرلذپ، 2011-يئلئ ەەربئر ظاظئلئگە 24 مئڭ يإەن تذلذقلئما ياردەم پذلئ بىرئلدئ، بذنئڭ بئلەن دئەقان- چارؤئچئلار كونا كئسەك ظأيلەردئن قذتذلذپ، شەەەرلئكلەردەك ظازادە، يذرذق، خئش قذرذلمئلئق، يەرتەؤرەشكە چئداملئق، ظون- يئگئرمە يئلدئمذ كەينئدە قالمايدئغان داچا سإپەت ظالئي ظأيلەرگە ظارقا- ظارقئدئن كأچإپ كئردئ.  يىزا ەەمكالئنئپ داؤالئنئشقا قاتناشقانلار ەەربئر ظادەم يئلدا 294يإەن تذلذقلئمئدئن بەەرئمان بولئدذ. يىزئلارنئڭ يىڭئچە كإتإنإش سذغذرتئسئغا قاتناشقانلار يىشئ 60قا توشقاندئن باشلاپ، ەەر ظايدا كإتإنإش سذغذرتا پذلئ ظالسا بولئدذ. خذتەن ؤئلايەتلئك مەمذرئ مەەكئمە ظئشخانئسئنئڭ (2012) 2- نذمذرلذق ەأججئتئنئڭ بەلگئلئمئسئگە ظاساسەن 1- دەرئجئلئك دذختذرخانئلاردا يىتپ داؤالانغانلارغا (يىزا- بازارلئق دذختذرخانلار ؤە دەرئجئسئ بئكئتئلمئگەن دذختذرخانئلار) %85 ظاتچوت قئلئنئدذ. 2- دەرئجئلئك دذختذرخانئلار (ناەئيە شەەەرلئك مەسئلەن لوپ ناەئيلئك خەلق دذختذرخانئسئ، لوپ ناەئيلئك ظذيغذر تئبابەت دذختذرخانئسئ) يىتئپ داؤالانغانلارنئڭ %75 ظاتچوت قئلئنئدذ. 2- دەرئجئلئك دذخذرخانئدا ( مەسئلەن ؤئلايەتلئك خەلق دذختذرخانئسئ) يىتئپ داؤالانغانلارغا %70 ظاتچوت قئلئنئدذ. 3- دەرئجئلئك دذختذرخانئلاردا يەنئ ظاپتذنذم رايذ، ظاپتذنذم رايذ ظئچئدئكئ باشقا ؤئلايەت، ظوبلاسئت ؤە ظاپتذنذم رايذن سئرتئدئكئ باشقا شەەەرلەردئكئ دذختذرخانئلاردا %50 ظاتچوت قئلئنئدذ. يىزا تإؤەن تذرمذش كاپالئتئدئن بەەرئمان بولئدئغانلارنئڭ تذلذق سوممئلئق تذلذقلئما ياردەم پذلئ ەەر بئر ظادەمنئڭ ەەر ظايلئقئ 123.33يإەن، پەرق سذممئلئق ياردەم پذلئ ەەربئر ظاسەمنئڭ ەەر بئر ظايلئقئ 65يإەن، ظايلئق ظوتئرچە تذلذقلئما ياردەم پذلئ 87.5يإەن بولئدذ. يىزا مەجبذريەت ماظارئپ باسقذچئدئكئ ەەربئر ظوقذغذچئنئڭ ەەريئللئق ظذمذمئي راسخذتئ: باشلانغذچ مەكتەپ ظوقذغذچئئلئرئنئڭ 500يإەن، تذلذقسئز ظوتتذرا مەكتەپ ظوقذغذچئلئرئنئڭ 700يإەن بولئدذ. ظوقذغذچئلارنئڭ ظوقذش ماتئرياللئرئنئڭ يئللئق تذلذقلئما ظألچئمئ: باشلانغذچ مەكتەپ ظوقذغذچئلئرئغا 90يإەن، تذلذقسئز ظوتتذرا مەكتەپنئڭ ەەر بئر ظوغذچئغا 180يإەن بولئدذ.ظاز سانلئق مئللەت ظوذشتئن ظئلگئركئ قوش تئللئق ظوقذتذش ظذمذمئي راسخوتئ ظألچئمئ: بئر يئللئقئ ەەر بئر ظوقذغذچئنئڭ 300يإەن بولئدذ. ظوقذشقا كئرئش ظالدئدئكئ ظوقذشتئن ظئلگقركئ قوش تئللئق يەسلئسئدئكئ ەەر بئر ظوقذغذچئنئڭ ەەر بئر كإنلئكئگە 4.5يإەن، ەەر بئر ظوقذغذچئنئڭ يئللئقئغا 1000يإەن بولئدذ. ظوتتذرا- باشلانغذچ مەكتەپ ظوقذغذچئلئرئنئڭ ەەر بئرئئنئڭ ەەربئر يئللئقئغا 70يإەندئن ظئسئنئش ياردئمئ بئرئدذ. بذ يئل 3- ظايدئن باشلاپ يىزا مەجبذريەت ماظارئپ باسقذچئدئكئ ەەربئر ظوقذغذچئنئڭ ەەر بئرئگە كإنلئكئگە 3يإەندئن ظذزذقلئنئش ياردەم پذلئ تارقئتئپ بئرئلئدذ. ظەيدئز كئسئلئ، تئبئركئلئيوز كئسئلئ ەەقسئز تەكشإرلإپ، ەەقسئز مذلازئمەت قئلئنئدذ، ەەقسئز داؤالئنئدذ. 15 ياشتئن تإؤەن ظأسمإرلەرنئ كإچەيتئپ ظئمئنذتلاش، 7 ياشتئن تإؤەنلەرنئ ظاساسئي ظئمذنئت ؤاكسئنئسئ ەەقسئز ظەملئنئدذ. ظەر- ظايال دئەقان بولذپ، يىشئ 60قا تذشذپ، يالغذز پەرزەنئتلئك ياكئ 2 قئز پەرزەنئتلئك بولغان بولسا ەەر بئر ظادەم ظأمرئنئڭ ظاخئرغئچە ەەر ظايدا 60 يإەن بئلەن مذكاپاتلئنئدذ. جەنذبئ شئنجاڭدئكئ ظإچ ؤئلايەت، بئر ظوبلاست يىزئلئرئدئكئ پئلانلئق تذغذتنئ يولغا قويغان ظاظئلئلەردئن ظالاەئدە مذكاپاتلئنئش سئياسئتئگە ظذيغذن بولغان ظەر- ظايالغا شذ يئلدئن باشلاپ ەەر بئر ظادەمگە يئلدا ظأمرئنئڭ ظاخئرغئچە 1200يإەندئن پذل بىرئلئدذ. دئەقانلار دألەتكە بذغداي سىتئپ بەرسە، ەەر بئر كئلو بذغداي ظإچإن 0.2يإەن تذلذقلئما بئرئلئدذ. دئەقانلارغا ەەر بئر مو يەرگە 88يإەن ماددئي ظەشيا تذلذقلئمئسئ بئرئلئدذ. ظذرذقلذق بذغداينئڭ ەەر موسئ ظإچإن 15يإەن تذلذقلئما بىرئلئدذ. قذناقنئڭ ەەر موسئغا 10يإەن تذلذقلئما بىرئدذ. كىؤەزنئڭ ەەر موسئغا 15 يإەن تذلذقلئما بىلئرئلئدذ. دألەت يىزا ظئگئلئك ماشئنئلئرئ سىتئؤالغانلارغا %30 لئك نئسپەت بذيئچە تذلذقلئما بىرئلئدذ. ەەر بئر يإرإش ظوت توغراش ماشئنئسئ سىتئؤالسا %60 تذلذقلئمئدئن بەەرئمان بولئدذ. ظئقتئسادئي ظورمانلارغا 5يئل، ظئكئلوگئيەلئك ظورمانلارغا 8 يئل ەىساپلئنئپ، تذلذقلئما ظألچئمئ ەەر يئلئ مو بىشئغا 160 يإەن بولئدذ. شذنئڭ بئلەن بئر ؤاقئتتا ظورمان بئنا قئلئشقا شذ يئلئ بئر قىتئمدا كإچەت تذلذقلئمئسئ ظإچإن مو بىشئغا 50يإەن بىرئلئدذ. ظذنئڭدئن باشقا يەنە رادئظو- تىلئؤئزئيەنئ ەەممە ظاظئلئلەرگە كئرگإزإش، ظاظئلە ظئكتئر سايمانلئرئنئ سىتئؤالسا %13 لئك تذلذقلئما بىرئش، يىزا كەنت يوللئرئنئ ظاسفالئتلاشتذرذش قاتارلئق ظەل رايئ قذرلئشئنئ يولغا قذيذش بئلەن بئرگە ظەمەلئي ظئش- ياردەملەر ظارقئلئق ناەئيمئز ظئقتئسادئ تەرەققئياتئنئ، دئەقان- چارؤئچئلار ظاممئسئنئڭ بىيئپ ەاللئق سەؤئيەگە يئتئشنئ سئياسەت ؤە ماددئي جەەەتتئن زور كإچ بئلەن قوللئدئ. بولذپمذ مەركەزنئڭ شئنجاڭ خئزمئتئ سأەبەت يئغئنئ ظىچئلغاندئن كىيئن ؤئلايئتئمئز جإملئدئن لوپ ناەئمئز يىڭئ بئر قىتئملئق چوڭ قذرلذش، چوڭ ظىچئؤىتئش، چوڭ تەرققئيات پذرسئتئگە ظىرئشئپ، ناەئيمئزنئڭ تارئخئدا ظئلگئرئ كأرإلمئگەن گإللەپ ياشناش ؤەزئيئتئ بارلئققا كەلدئ
دەپ ئوقۇغۇچىلارغا نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قېرىنداشلارچە مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، ئىناق ئۆتۈپ، ئەقىل- پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق ۋەتىنىمىز زىمىنىنى ئېچىپ ۋە گۈللەندۈرۈپ، ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ياراتقانلىقى ھەمدە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈزەل يۇرت- ماكانىنى بىرلىكتە قۇرغانلىقى توغرىسىدا تەربىيە ئىشلەيمەن.
دوسكا لاھىيەسى        دەرىس تىمىسى 12- دەرس ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايلى
ئىزدىنىش ۋە ھىس قىلىش، ئەمەلىيەت باغچىسى.  
تاپشۇرۇق        مەزكەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيانقى بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى، ئاز سانلىق مىللەت رايۇنلىرىغا قاراتقان سىياسەتلەرنى توپلاپ كېلىڭلار

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش